كىشلەرنىڭ بارغانسىرى ئامراق بولىشى بىلەن ھايۋاناتلارنىڭ باھاسى بارغانسىرى ئۆرلەۋاتىدۇ، تاۋار ئىگىلىكى جەمئىيتىدە، ھەرقانداق بىر نەرسە تاۋار بولالايدۇ. قېنى تۆۋەندە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ھايۋاناتلارنى كۆرۈپ باقايلى، بۇنى كۆرگەن بىلەن بىر ۋاقىتتا نامراتلارنى، يوقسۇزلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقەتەن تەڭشەلمىگەن، ھەم رەھىمسىز دۇنيا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز! 
بۇ ئاتنىڭ قىممىتى 16 مىلىيون دوللار
يېشىل مايمۇن ئىسىملىك بۇ ئات 2006-يىلىدىكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا سېتىلىش باھاسى 16 مىلىيون دوللار دېيىلگەن.

ئەڭ قىممەت بېلىق، سېتىلىش باھاسى:396000دوللار
2011-يىلى 1-ئايدا، 745 قاداق كېلىدىغان بۇ كۆك پالاقچىلىق تۇننۇس بېلىقىنىڭ باھاسى 396000دوللار دېيىلگەن، شىياڭگاڭ بىلەن توكيودىكى بىر تۈركۈم شۇسى دۇكانلىرى توكيو سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن بۇ بېلىقنى سېتىۋالغان. بۇ بېلىقنىڭ باھاسى 2011-يىلىدىكى 237067دوللارلىق سېتىۋىلىش باھاسى خاتىرىسىنى بۇزىۋەتكەن.

ئەڭ قىممەت ئىت ، سېتىلىش باھاسى بىر مىلىيون 500مىڭ دوللار
2011-يىلى 2-ئايدا، جۇڭگو كان ئىگىلىكى ماگناتى 1516819دوللار سەرپ قىلىپ بۇ ئوۋ ئىتىنى سېتىۋالغان، بۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بۇ خىل ئوۋ ئىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋىلىش خاتىرىسى يەنە 2009-يىلىدىكى 582000دوللار خاتىرىسىنى بۇزىۋەتكەن.

ئەڭ قىممەت سۈت كالىسى، سېتىلىش باھاسى :بىر مىلىيون 200مىڭ دوللار
2009-يىلى كۈزدە، سۈت كالىسى مىسنىڭ تورۇنتودىكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدىكى سېتىلىش باھاسى بىر مىلىيون 200مىڭ دوللار بولغان، بۇ كالىنىڭ ئالا سورتلۇق كالا بولۇپ، شۇڭا سېتىلىش باھاسى يۇقىرى ئىكەن.

بۇغا مۈڭگۈز قۇرتى، سېتىلىش باھاسى : 89000دوللار
ياپونىيەدىكى باقمىچى سودىگەر بۇغا مۈڭگۈز قۇرتىنى ياپونىيەدىكى قۇرت-قوڭغۇز دۇكىنىغا سېتىپ بەرگەن، بۇغا مۈڭگۈز قۇرتىنىڭ باھاسىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب، يىغىپ ساقلاشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۈچۈن سىرتقى قىياپىتى ناھايىتى نەپىس بولغان قۇرت ھېسابلىنىدىغانلىقىدىنكەن.

ئەڭ قىممەت قوي، سېتىلىش باھاسى: 376691دوللار
2009-يىلى، دىۋروھال ئىسىملىك قوي شوتلاندىيەدە 376691 دوللارلىق ياخشى باھاغا سېتىلغان، بۇ قوينى بىر دېھقان سېتىۋالغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ قوي ناھايىتى كەم-كۈتسىزكەن، شۇڭا ئۇ زور پۇل سەرپ قىلىپ سېتىۋاپتۇ. بۇ قوينىڭ سېتىلىش باھاسى 1989-يىلى ئاۋىستىرالىيەدە 334293دوللارغا سېتىلغان قوينىڭ باھاسىنى بېسىپ چۈشكەن.