
ئەنگلىيە كۈندىلىك تېلېگرامما خەۋىرى گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،بىر 1923-يىلى ياسالغان لەيكا ماركىلىق فوتو ئاپپارات دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەتلىك فوتو ئاپپاراتقا ئايلىنىپ،كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىش باھاسى بىر مىليون700 مىڭ فوندستېرلىڭغا يەتكەن.
بۇ لەيكا ماركىلىق فوتو ئاپپارات بولسا ۋيېنانىڭ ۋېستبۇرىلىگېتى سۈرەتكە تارتىش سايمانلىرىنى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش سودا ئورنىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان بولۇپ،ئەڭ دەسلەپكى تەخمىنىي باھاسى 250 مىڭدىن 640 مىڭغىچە بولغان.بىراق تېلېفۇن،تور شۇنداقلا باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئارقىلىق كەسكىن رىقابەتلىشىپ،ئەڭ ئاخىرىدا بىر مىليون 700 مىڭ فوندستېرلىڭ باھا بويىچە سېتىلغان.
ئىگىلىنىشىچە،بۇ فوتو ئاپپارات لەيكا 0تۈرىگە تەۋە بولۇپ، 1923 يىلى 25 دانە ئوخشاش يۈرۈشتىكى فوتو ئاپپارات ياسىلىپ،ھازىر پەقەت 12 سىلا ساقلىنىپ قالغان.
بۇ قېتىمقى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان ۋيېنانىڭ ۋېستبۇرىلىگېتىكىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودا ئورنى بايانات ئېلان قىلىپ بىر فوتو ئاپپاراتنى بىر مىليون ياۋرۇدىن يۇقىرى باھادا سېتىشنى ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق، دېدى.