28-مارت چۈشتىن كېيىن مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى تۇنجى مىكروبىلوگ سۇپىسى ھېسابلانغان تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىنى ئومۇملاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ ئاخبارات سارىيىدا ئېچىلدى . تەڭرىتاغ مىكروبىلوگى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر ئەمەلىي كۈچى زور، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، ئۇزۇن مەزگىل پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان نوپۇزلۇق مىكروبىلوگ بولۇپ، تورداشلارنىڭ خاتىرجەم ، كۆڭۈللۈك بىلوگ يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇش ئىستىكىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ تەڭرىتاغ مىكروبىلوگىنى تورداشلارغا ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئامما بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان تور سەھنىسى قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئومۇمەن، ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزدىمۇ نوپۇزلۇق مىكروبىلوگ بارلىققا كەلدى، ئانا تىلىمىزنىڭ يېڭى تېخنىكا ۋاستىلىرىدە قوللىنىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شىنلاڭ ، تېڭشۈن مىكروبىلوگلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بارچە تورداشلارنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى تەڭرىتاغ مىكروبىلوگىغىمۇ ئەزا بولۇپ، دىيارىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلەر بىلەن بولغان ئۇچۇر- ئالاقە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز ھەمدە QQ دىكى دوستلىرىغىمۇ بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەڭرىتاغ مىكروبىلوگىنىڭ ئادرېسى : www.barmu.cn
بىلوگقا تىزىملىتىش ئادرېسى : http://barmu.cn/index.php?m=reg&code=8465tp2d
بۇ قىتىمقى پائالىيەتتىن ئاساسى كۆرۈنۈشلەر:


