
5-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 7 دىن ئۆتكەندە، ۋاڭ شىياۋ پېڭ ئورنىدىن تۇرۇشنى خالىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى ئايىغىنى كىريگۈزۈپ، ئۇنى تازىلىق ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، چىش چوتكىلاتتى. ئۇلار دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرتمەكچى ئىدى.







نىڭشىيالىق «ئاۋتېمەن بالا» دېگەن بۇ ھالقىلىق سۆز نۇرغۇنلىغان ئاخبارات تور بېكەتلىرىدە ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن سۆزنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ 2010-يىلى 11-ئايدا كۆممۈقوناق شېخى دۆۋىسىدە ئوت ئويناپ، ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ كېتىپ، چىرايىنى تونۇغىلى بولمىغان، ئىككى قولىمۇ ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن. مانا شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۇ تەڭ-تۇشلىرى قاتارىدىن قىلىپ، مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىدىن مەھرۇم قالدى. ئۈچ ئايلىق داۋالاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتى ساقلاپ قىلىندى، ئەمما ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆسىن تۈزەش ئوپىراتسىيەسى ۋە ئىككى قولىنى نۇرمال ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ بىچارە ئاتا-ئانا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل غەملىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇنداق تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە كىشىلىرى يېمەي-ئىچمەي بىر ئۆمۈر يىغسىمۇ بۇ پۇلنى ھەرگىز تەق قىلىپ بولالمايىتتى.
كونىلاردا «ئاپەت رەھىمسىز، ئادەم رەھىمدىل» دېگەن بار. شۇنىڭدىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان ساخاۋەت ئىگىلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ بالىنىڭ تېزرەك ساقىيىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاتىدى.


ئۇنىڭ سالامەتلىكى كۈنسېرى ياخشىلاندى. ئۇ ھازىر ئورنىدىن تۇرۇپ، نورمال ماڭالايدۇ، نورمال كۆرەلەيدۇ، قولىمۇ كۆيۈپ كەتكەنلىكتىن، قولىدا قىلىدىغان ئىشلارنى ئۆزى مۇستەقىل قىلالمايدۇ. بىز بۇ بىر قېتىملىق ئاپەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن بالىنىڭ تېزرەك، دوستلىرى قاتارىغا كېلىشىنى، خۇددى ئۇلاردەك خۇشال-خۇرام ھالدا مەكتەپتە ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.