
جۇڭگو ئاخبارات تورى شىجۇ 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا 5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن 30مىنۇت ئۆتكەندە شەنشى ئۆلكىسى شىجۇ شەھىرىدىكى شىجۇ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچى ياتاق بىناسىنىڭ 4-قەۋەت 16-نومۇرلۇق ياتاقتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 416-ياتاقنىڭ دېرىزىسىدىن قويۇق ئىس چىققان ،مەكتەپتىكى نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا توپلىشىپ تاماشا كۆرگەن.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن 40مىنۇت ئۆتكەندە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىكى خادىملار نەق مەيدانغا كېلىپ قۇتقۇزۇش ،ئوتنى ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكى خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا 10دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە بۇ ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغان.
بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈش ،يارلىنىش ۋەقەلىرى چىقمىغان بولۇپ ئوت كېتىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.