5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ۋۇخەن شەھىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋۇخەن گۈەنشەنگە يېقىن بولغان قورۇلۇش بانكىسى پارتلاش دېلوسىغا قارىتا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقارغان: ۋاڭخەيجيەن (سول تەرەپتىكى) پارتىلتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ھەمدە سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت ئېلىپ تاشلانغان.

4-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 9 لەر ئەتراپىدا، ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ، «12.1» كۈنىدىكى پارتىلىتىش دېلوسىنى سوتلىغان، ئۈچ نەپەر جاۋابكار سوتقا چىقىپ سوراق قىلىنغان. ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋۇخەندىكى بىر قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلۈپ، 10 نەچچە ئادەم يارىلىنىش كېلىپ چىققان. رەسىمدىكى ۋاڭخەيجىيەن (سول تەرەپ بىرىنچىسى) قاتارلىق ئۈچ نەپەر جاۋابكار سوتقا چىققان سىنئالغۇ رەسىمى.
