سەھىھ ھەدىسلەر
تەۋە تۈر: تەرمە گۈللەر | يوللانغان ۋاقتى: 2013/04/16 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 898 قېتىم

سەھىھ ھەدىسلەر

1.نەۋۋاسىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، رەسۇلۇللا مۇنداق دېگەن:
ئاللاغا ئاسىي بولىدىغان ئىشتا ھېچ كىشىگە بويسۇنۇشقا بولمايدۇ.

2. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە رەسۇلۇللا مۇنداق دېگەن:
ئون ئادەمگە باشلىق بولغان ئادەمنىمۇ قىيامەت كۈنى (مەھشەردىن ئىبارەت ئوچۇق سوت مەيدانىغا) پۇت – قولى بوغۇشلانغان ھالدا ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئادىللىق بىلەن ئىش قىلغان بولسا باغلاقتىن قۇتۇلىدۇ. ئادالەتسىزلىك قىلغان بولسا دوزاختا تۈگىشىدۇ.

3. ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنىڭ ئېيتىشىچە رەسۇلۇللا مۇنداق دېگەن:
«ھۆكۈمدار ھۆكۈم قىلىدىغان ۋاقىتتا (توغرا، ئادىل) ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن (ھەر تەرەپلىمە) ئىزدىنىپ توغرا ھۆكۈم قىلغان بولسا ئۇ ئىككى ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئۇ ( توغرا، ئادىل) ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن بولسىمۇ يەنىلا خاتا ھۆكۈم قىلغان بولسا بىر ساۋاپقا ئېرىشىدۇ».

4. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللا مۇنداق دېگەن:
«كىمكى مەھبۇبىنىڭ (قۇلىقى ياكى بۇرنىغا) ئوتتىن ھالقا سېلىنىشىنى (بوينىغا) ئوتتىن زەنجىر سېلىنىشىنى، بىلىكىگە ئوتتىن بىلەيزۈك سېلىنىشىنى ياخشى كۆرسە مەھبۇبىنىڭ قۇلىقى ياكى بۇرنىغا ئالتۇندىن ھالقا، بوينىغا ئالتۇندىن زەنجىر، بىلىكىگە ئالتۇندىن بىلەيزۈك سېلىپ قويسۇن». رەسۇلۇللا يۇقۇرقى سۆزنى دېيىش ئارقىلىق زىبۇ زىننەتلەرنى ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىلىرىغا چىرايلىق كۆرۈنۈش، ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى تارتىش ئۈچۈن سالماي ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئالاچەكمەن چىقىرىش، كىشىلەرگە كۆز – كۆز قىلىش، باشقا ئاياللار بىلەن بەسلىشىش نامەھرەم ئەرلەرنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ۋە ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قوزغاش ئۈچۈن سالغان زىبۇ زىننەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىنى كۆرسىتپ بەرگەن.

5.ئۆمەر، ئەنەس، ئىبىنى زۇبەيىر،ئەبى ئۇرەزىيەللاھۇ ئەنھۇملەرنىڭ ئېيتىشىچە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:
مامە «بۇ دۇنيادا يىپەكرەخىتتىن كىيىم كىيگەن ئادەم (ئەر كىشى) ئاخىرەتتە (جەننەتنىڭ) يىپەك رەختلىرىىدىن كىيىم كىيەلمەيدۇ».

6. زەيىد بىن خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دېيىشىچە:رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن:
«خورازنى تىللىماڭلار چۈنكى ئۇ نامازغا ئويغىتىدۇ».

7.ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەيەيىھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى مال ئىتى، ئوۋ ئىتى، زىرائەت باقتۇرىدىغان ئىتىدىن باشقا ئىتنى باقسا ئۇ ئادەمنىڭ كۈندىلىك ساۋابىدىن بىرا قىرات (يەنى ئوھۇد تېغىدەك چوڭلۇقتىكى نەرسە) كەملەپ كېتىدۇ». ئىمام بۇخارى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

8.جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئۇزۇن سەپەردىن قايتىپ كەلگەن ۋاقتىڭدا ئائىلەڭ تۇرۇشلۇق شەھەرگە كېچىدە يېقىنلاپ كەلگەن بولساڭ، ئۇزۇن مۇددەت سېنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرغان ئايالىڭنىڭ سۈننەت قىلىۋىلىش، باش كۆزىنى تارىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىدە ئۆيۈڭگە كىرمە».

9. ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى مۇنچىغا ئىشتانسىز كىرمىسۇن، ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ئۆزىنىڭ پاك ئايالىنى ئاممىۋى مۇنچىغا كىرگۈزمىسۇن .ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ئۇنىڭ ئۈستىدە ھاراق ئايلاندۇرىلىدىغان دەستىخاندا ئولتۇرمىسۇن ،

10. ئەبۇ تەلھەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :
«پەرىشتىلەر ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدۇ».
11. ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ:

<< ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا قالىدىغانلار جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىملىرىنى سىزغۇچىلاردۇر>>

12.ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام مۇنداق دىگەن :
<<چاچ ئۇلىغۇچى، چاچ ئۇلاتقۇچى، مەڭ قويغۇچى ، مەڭ قويدۇرغۇچىغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ.>>

13.سەمۇرەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسساام مۇنداق دىگەن:
<<كىيىملەرنىڭ پاك ۋە ئەڭ ياخشىسى بولغان ئاق كىيىمنى كىيىڭلار ۋە ئۈلۈكلەرگە ئۇنىڭدىن كىپەن قىلىڭلار>>

14.ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:
<<شەك-شۇبىھسىزكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئەڭ يېقىن كىشى ئالدىدا سالام قىلغان كىشىدۇر>>

15.ئەمىر بىننى شۇئەيپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاتىسىدىن ئۇ چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:
<<يەھۇدىيلار بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىپ سالاملىشىدۇ، ناسارالار ئالىقان بىلەن ئىشارەت قىلىپ سالاملىشىدۇ. يەھۇدىي-ناسارالارغا ئوخشاش ئىش قىلماڭلار. غەيرىي دىندىكىلەرگە ئوخشاش ئىش قىلغانلار مۇسۇلمان ئەمەس.(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
يۇقىرقى ھەدىستىن شۇ مەلۇم بولدىكى، سالام – سائەت، يېمەك – ئىچمەك، كىيىنىش، يۈرۈش – تۇرۇش، ھېيىت – بايرام ۋە باشقا پائالىيەتلەردە غەيرىي دىندىكىلەرگە ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۋىلىش ئىنساننى ئۆز دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئاستا – ئاستا دىنىدىن ئايرىيدۇ.

16.قەدقادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
« بىرەر ئۆيگە كىرسەڭلار، ئائىلىدىكىلەرگە سالام قىلىڭلار، ئۆيدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا ئائىلىدىكىلەرگە تىنىچلىق – خاتىرجەملىك تىلەپ دۇئا قىلىڭلار».

17. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«شەك – شۈبھىسىزكى ئاللاتائالا چۈشكۈرگەننى ياخشى كۆرىدۇ. ئەسنىگەننى يامان كۆرىدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشكۈرۈپ <ئەلھەمدۇلىللا>(بارلىق مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر) دېسە ئۇنى ئاڭلىغان ھەربىر مۇسۇلمانغا چۈشكۈرۈپ <ئەلھەمدۇلىللا> دېگەن كىشى ئۈچۈن <يەرھەكەمۇللاھ>(ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن) دەپ جاۋاب قايتۇرۇش ۋاجىپتۇر. ئەسنەش شەيتاننى خۇشال قىلىدىغان ئىش، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەسنىسە قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ئەسنەشنى قايتۇرسۇن (ئاغزىنى يۇمىۋالسۇن) سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەسنىگەندە شەيتان ئۇ كىشىدىن (خۇشال بولۇپ) كۈلىدۇ.»

18. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:
مەن رەسۇلۇللانىڭ ئېزىق چىشلىرى كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ كۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىدىم. رەسۇلۇللا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تەبەسسۇم قىلاتتى.

19.سەھىل ئىبىن سەئىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى مەن ئۈچۈن ئىككى ئىڭەكنىڭ ئارىسىغا (ئېغىزىنى يامان سۆزنى قىلىشتىن، ھارام يېيىشتىن مۇھاپىزەت قىلىشقا) كېپىل بولسا، ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا (زىنادىن يىراق بولۇشقا) كېپىل بولسا، ئۇئادەمنىڭ جەننەتكە (ھەممە كىشىدىن بۇرۇن) كىرىشىگە مەن كېپىل بولىمەن».

20.ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ:
شەخىس بىلەن شەخسنىڭ، شەخس بىلەن تەشكىلنىڭ، تەشكىل بىلەن تەشكىلنىڭ ئارىسىغا ئارازچىلىق سېلىش ئۈچۈن گەپ توشۇيدىغان سۇخەنچى جەننەتكە كىرمەيدۇ.
21. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :

(ئەتراپىدىكى كىشىلەر)دىن غەيۋەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىلەر دەپ سۇرىغاندا ئۇلار بىز بىلمەيمىز، ئاللاھ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئوبدان بىلىدۇ دەپ جاۋاپ بەردى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: (مۇسۇلمان) بۇرادىرىڭ (ئالدىدا) دىسەڭ خاپا بۇلىدىغان ئىشلىرىنى بۇرادىرىڭ يوق يەردە دىيىشىڭ غەيۋەت بۇلىدۇ دېدى. شۇ ھامان مۇسۇلمان بۇرادىرىمنىڭ ۋۇجۇدىدىن سادىر بولغان ئىشلارنى دىسەممۇ غەيۋەت بۇلامدۇ دەپ سۇرالغاندا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بۇرادىرىڭ قىلغان ئىشىنى دىسەڭ غەيۋىتىنى قىلغان بۇلىسەن .ئەگەر بۇرادىرىڭ قىلمىغان ئىشلارنى دىسەڭ ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلغان بولىسەن دېدى .

22.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :

بارلىق ئۈممىتىم قىلغان گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلنىپ قاتتىق جازاغا تارتىلمايدۇ لېكىن مۇجاھىرلار مەخپىي گۇناھ قىلىپ،قىلغان گۇناھلىرىنى كىشىلەرگە ئاشكارلاپ سۆزلەيدىغان كىشىلەر قاتتىق ئازاپ قىلنىدۇ .بىر ئادەمنىڭ كېچىدە گۇناھ قىلىپ ئەتىگەندە چىقىپ،ئاللاھ كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن يوشۇرغان گۇناھلىرىنى ھەي پالانى مەن مۇنداق ،مۇنداق گۇناھلارنى قىلدىم دەپ سۆزلەپ يۈرۈشى ھەقىقەتەن بىر پەرۋاسىزلىق ۋە ھاماقەتلىكتۇر.

23. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :

كىمكى دەۋالاشقاندا ئۆزىنىڭ ناھەق تۇرۇپ يالغان گەپ قىلمىسا ئۇ ئادەمگە جەننەتتە بىر ساراي سېلىپ قويۇلىدۇ. كىمكى دەۋالاشقاندا ئۆزى راستچىل،ھەق گەپ قىلغۇچى تۇرۇقلۇق دەۋالىشىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالسا ئۇ ئادەمگە جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ساراي سېلىنىپ قويۇلىدۇ.كىمكى ئەخلاقنى گۇزەللەشتۈرسە ئۇ ئادەم ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئۈستۈن تەرىپى تۆرىگە بىر ساراي سېلىنىپ قويۇلىدۇ.

24. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :

<<كىشىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ئەڭ كۆپ سەۋەپ بۇلىدىغان نەرسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ بولسىمۇ( ئاللاھدىن ھەقىقىي قورقۇپ) تىقۋا بۇلۇش ۋە گۈھەل ئەخلاق. كىشىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈشكە ئەڭ كۆپ سەۋەپ بۇلىدىغان نەرسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ بولسىمۇ ئېغىز بىلەن جىنسىي ئەزادىن ئىبارەت ئىككى كاۋاك (بوشلۇق) نەرسە.>>

25.بەھزىبنى ھەكىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاتىسىدىن- ئۇ چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:

<<كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدىغان ئادەملەرگە ۋەيلۇن دىگەن دوزاخ، ئۇنىڭغا ۋەيلۇن دىگەن دوزاخ يىتەرلىك.>>

26.ۋاسىلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:

<<…(بىر مۇسۇلمان بۇرادىرىنىڭ دىنىي جەھەتتە ياكى دۇنيالىق جەھەتتە، جىسمانىي ياكى ئىقتىسادىي كىلىشمەسلىككە يۇلۇقسا) ئۇنىڭ مۇسبىتى ئۈچۈن خۇشاللىق ئىزھار قىلما. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ ( ئۇنى مۇسبەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ) سىنى (ئاشۇ خىل مۇسبەتكە) مۇپتىلا قىلىپ قۇيىدۇ.>>

27.سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:

<<تەقدىرنى پەقەت دۇئا قايتۇرالايدۇ. ئۈمۈرنى پەقەت ياخشىلىق ئۇزارتالايدۇ. ئادەم قىلغان گۇناھى سەۋەپلىك رىزقىدىن مەھرۇم قالىدۇ.>>
(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)

28.ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:

<<ئاتا-ئانىنى رازى قىلغان كىشىدىن ئاللاھمۇ رازى بۇلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى خاپا قىلغان كىشىگە ئاللاھ غەزەپ قىلىدۇ.>>

29.ئۇبادەتەبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:

<<ئۆز مەنپەئىتىڭلار ئغچغن ماڭا ئالتە تۈرلۈك ئىشقا كىپىل بۇلۇڭلار، سىلەرنىڭ نىجات تاپقانلار بىلەن بىللە جەننەتكە كىرىشىڭلارغا مەن كىپىل بۇلاي. گەپ قىلساڭلار راسىت سۆزلەڭلار.( راستچىل بۇلۇشقا كىپىل بۇلۇڭلار) ۋەدە قىلساڭلار ۋەدىگە ۋاپا قىلىڭلار. ئامانەت قۇيۇلغان ۋاقتىڭلاردا ئامانەتنى ئادا قىلىڭلار.جىنسىي ئەزايىڭلارنى( زىنادىن ) مۇھاپىزەت قىلىڭلار. كۆزۈڭلارنى نا مەھرەمدىن يۇمۇڭلار. (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلىشتىن قۇلۇڭلارنى تارتىڭلار.>>

30. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ:

<<كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھەجگە بېرىپ ، ھەج قىلىش جەريانىدا ھەجدە چەكلەنگەن ئىشلارنى ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلماي ھەجنى تاماملاپ قايتىپ كەلسە ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك پاك بۇلىدۇ.>>
31. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ.

بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ ھەقلىق ئادىمىم كىم؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاناڭ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم ئۇنىڭدىن كېيىن كىم ئەڭ ھەقلىق؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاناڭ دېدى. ئۇ ئادەم: ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاناڭدىن كېيىن سېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىڭغا ئەڭ ھەقلىق ئادىمىڭ ئاتاڭ دەپ جاۋاب بەردى.

32. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللا پەقەت ھالالنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن شۇ خورما چاغلىق نەرسىنى خۇددى سىلەرنىڭ يېرىڭلار ئۆزىنىڭ تايچىقىنى ئوبدان بېقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك چوڭايتىپ بېرىدۇ. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

33. ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

قايسىبىر مۇسۇلمان بىر يالىڭاچ قالغان مۇسۇلمانغا كىيىم كىيدۈرۈپ قويسا ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يېشىل ( ئېسىل) كىيىملىرىدىن كىيدۈرىدۇ. قايسىبىر مۇسۇلمان بىر ئاچ قالغان مۇسۇلمانغا تاماق بېرىپ (تويغۇزۇپ قويسا)، ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتنىڭ مىۋىلىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدۇ. قايسىبىر مۇسۇلمان ئۇسساپ كەتكەن بىر مۇسۇلمانغا ئۇسسۇزلۇق بەرسە ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتنىڭ پىچىتى ئېچىلمىغان شارابلىرى بىلەن سۇغىرىدۇ. (بۇنى ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان)

34. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

(كىشىلەرنى) بىرەر ياخشى ئىشقا يېتەكلىگەن ئادەمگە ئۇ ياخشى ئىشنى قىلغان ئادەمگە بېرىلگەن ساۋاپقا ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ. (بۇنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

35. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:

يالغان قەسەم مالنىڭ بازىرىنى چىقىرىدۇ (سودىنى راۋاجلاندۇرىدۇ) بەرىكىتىنى كەتكۈزىدۇ. (بۇنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

36. ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

سىلەر بىرە كېسەلنىڭ قېشىغا كىرسەڭلار (ئەھۋالىڭىز ئوبدان ئىكەن، ياخشى بولۇپ قېلىپسىز دېگەندەك سۆزلەر بىلەن) ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقى بىلەن تەسەللى بېرىڭلار، ئۇنداق تەسەللى گەرچە ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ھېچنەرسىنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ لېكىن كېسەلنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىدۇ. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

37.سەھل بىننى سەئدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

سالماقلىق، سەۋرچانلىق ئاللاھ تائالادىندۇر. ئالدىراڭغۇلۇق، چىدامسىزلىق شەيتاندىندۇر. (بۇنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

38.ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

كىمكى بىراۋنىڭ (ئابرۇيىنى تۆكۈش، غەيۋىتىنى قىلىش، تۆھمەت قىلىش، خىيانەت، ئوغىرلىق قىلىشقا ئوخشاش) ماددىي ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىپ ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولسا، زۇلۇم قىلىنغۇچىنى قىيامەت كۈنىگە قالدۇرماي مۇشۇ دۇنيادا رازى قىلىۋەتمەي ئاخىرەتكە كۆتۈرۈپ بارسا زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن ھەق ئىگىسىنىڭ قانچىلىك ھەققى بولسا شۇنچىلىك ساۋاپنى ئېلىپ بېرىلىدۇ، زۇلۇم قىلغۇچى (ياخشى ئەمەل قىلمىغان پاسىق) بولۇپ، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا (ياكى قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ ھەققىگە چىقىشمىسا)، زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ئۈسىتگە ئارتىلىدۇ. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

39.ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

ئۆلگەن ئادەم قەبرىسىدە ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ئۈن سېلىپ يىغلىغانلىق سەۋەبلىك ئازاب قىلىنىدۇ. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

40. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

ھەق ئىگىسىنىڭ گەپ قىلىش ھۇقۇقى بار. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (قەرزنى ئىگىسىگە ۋاقتىدا، تولۇق) ئادا قىلىدىغان قايتۇرىدىغان ئادەم ئەڭ ئوبداق ئادەمدۇر. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبىركاتۇھۇ
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان« ئاللاھ » نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

41. ئەبۇ سەلىمەنىڭ قىزى زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ:
جەھىشنىڭ قىزى زەينەپنىڭ قېرىندىشى ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭ قېشىغا كىرگەنىدىم، زەينەپ ئەتتىر، يۈز مېيىغا ئوخشاش خۇش پۇراقىلىق نەرسىنى ئەكەلدۈرۈپ ئىشلەتتى، ئاندىن مۇنداق دىدى: ئاگاھ بۇلۇڭلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى مىنىڭ خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرگە ھاجىتىم يوق لېكىن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، ئاللاغا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيىتقان ئايالنىڭ ئۆلۈككە ئۈچ كىچە-كۈندۈزدىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشى ھارامدۇر . ئەمما ئېرى ئۆلۇپ كەتكەن ئايال ئېرىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتسا بۇلىدۇ (بۇنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

42. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:
ئاچچىق بولغان تەقدىردىمۇ ھەقىقەتنى سۆزلىگىن، (بۇنى ھەببان رىۋايەت قىلغان )

43. ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن:
ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت بار، كىمكى بۇ خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۋالسا ئىماننى مۇكەممەللەشتۈرگەن بۇلىدۇ، بۇ خىسلەتلەر: ئۆزىگە قارىتا ھەققانىي ئىنساپلىق بۇلۇش،(تونۇغان،تونىمىغان) ھەر بىر كىشىگە سالام قىلىش ، يوقسۇل تۇرۇقلۇق كەڭ قول بۇلۇش،
(بۇنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان )

44. ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :
مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلى ۋە قولىدىن سالامەت قالغان كىشى ھەقىقى مۇسۇلماندۇر.ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشنى قىلمىغان كىشى ھەقىقى مۇھاجىردۇر …پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرقى ھەدىس ئارقىلىق دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخىتلىك بۇلۇپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان ھەقىقى كامىل مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بۇرادەرلىرىنى ھەقىقى ھۆرمەت قىلىدىغان ، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ھۇقۇقىنى قوغداپ ئۆزىنىڭ تىلى ۋە قولى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا قىلچىلىك زىيان سالمايدىغان ھەتتا قەلبىدىمۇ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت، ھەسەت كۆرەلمەسلىك قىلمايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمان بۇلۇشنىڭ ئۆلچىمىنى كۆرسىتىپ بەردى.تىل بىلەن زىيان يەتكۈزۈش : غەيۋەت-شىكايەت،چېقىمچىلىق،يالغانچىلىق يالغان گۇۋاھلىق بېرش ،مەسخىرە قىلىش، مازاق قىلىش، ھاقارەتلەش، تىللاش ، دەشنام قىلىش تۆھمەت قارغاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . قول بىلەن زىيان يەتكۈزۈش : .ئوغۇرلۇق ،خىيانەت ، بۇلاڭچىلىق ، يالغانچىلىق ئۇرۇش ،يارلاندۇرۇش ،ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەپلەش يۈزىسىدىن ئاتىنىڭ بالىسىنى ئۇستازنىڭ شاگىرتىنى ئۇرۇشى ئىمامنىڭ جازاغا لايىق كىشىلەرنى جازالىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. دىلى بىلەن زىيان يەتكۈزۈش دىگىنىمىز: كۆرەلمەسلىك ، ھەسەت ، يامان غەرەز – نىيەتلەردە بۇلۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . يۇقۇرقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشى ۋاجىپ بولغان يامان خىسلەتلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلايھىسسالام مۇھاجىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھىجرىتىگە تايىنىۋېلىپ ، ئۇنىڭدىن مەغرۇرلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ، نەپسى، شەيتان ئۇنى قىلىشقا چاقىرغان ئىشنى تەرك ئېتىش بىلەن بىرگە بولمىغان ھىجرەتنىڭ ھىچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقىى توغۇرلۇق خەۋەر بەردى .شۇنىڭ .ئۈچۈن ھەقىقى ھىجرەت ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك ئېتىپ ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر -پەرمانىغا بويسۇنۇپ ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بۇلۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھېرىس بۇلۇشتۇر .

45. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :
سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا نىسبەتەن مەن ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى، بالا -چاقىسى ۋە بارلىق ئىنسانىيەتتىنمۇ مەجبۇبراق بولمىغۇچىلىك ئۇ كىشى ھەرگىزمۇ كامىل سادىق مۇسۇلمان بۇلالمايدۇ ھەر بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ھەر قانداق ئەزىز ،سۆيۈملۈك كىشىدىنمۇ مەجبۇبراق بولمىغۇچىلىك ئۇ كىشى ھەرگىزمۇ سەمىمىي ،ساداقەتمەن ،ھەقىقىي، كامىل مۇسۇلمان بۇلالمايدۇ .چۈنكى ئىنسان ئۇ ئارقىلىق مۇستەھكەم ئەقىدىگە ئېرىشىپ ،ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىگە سازاۋەر بۇلۇپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ھەقىقىي ئىمان ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئاكا -ئىنىسى ئاچا- سىڭلىسى ،خوتۇن ،بالا -چاقىلىرىدەك ئەڭ ئەزىز كىشىلەرنىڭ ھەققىدىن ھەتتا ئۆز جېنىدىنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىنىڭ ئارتۇق ھەم كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىشىگە تۈرۈتكە بولۇشى كېرەك .
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى كۇپرى قاراڭغۇلۇقىدىن ئىمان نۇرىغا چىقىرىپ، ئازغۇنلۇقتىن توغرا يولغا يېتەكلەپ بىزنى دوزاختىن قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇ ئارقىلىق بىزگە چوڭ پايدا يەتكۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېرىشتۈرگەن بۇ مەنپەئەت دۇنيادىكى ھەر قانداق مەنپەئەتتىن ئۈستۈن شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاغا بولغان مۇھەببەت ھەر قانداق كىشىنىڭ مۇھەببىتىدىن ئۈستۈن بولۇشى كېرەك. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مۇھەببەت ھەرگىز تەبىئىي مۇھەببەت ئەمەس بەلكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ ئەمىر – پەرمانىغا بويسۇنۇپ، ئۇ چەكلىگەن نەھىي – مۇنكەر ئىشلاردن يىراق بولۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان ھەقىقىي ئىمانىي مۇھەببەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببەت ئۇنىڭ پاك سۈننەتلىرىنى ئىجرا قىلىش، ئۇ سۈننەتنى نەشىر قىلىش، ئۇنىڭ ئۇلۇغ شەرئىتىنى قوغداش. سېخىيلىق، شەخسىيەتسىزلىك، كەمتەرلىك، سالماقلىق، ئېغىر بېسىقلىق، چىداملىق بولۇش قاتارلىق گۈزەل خىسلەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

46. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«شەك – شۈبھىسىزكى ھەربىر كىشىگە ئۇنىڭ نىيەت قىلغىنى بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى دەپ ھىجرەت قىلسا ئۇنىڭ قىلغان ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولىدۇ . كىمكى دۇنياغا ئېرىشىش مەقسىتىدە ھىجرەت قىلغان بولسا ئۇنىڭ ھىجرىتى ھىجرەت قىلغان نەرسىسىگە بولىدۇ. شەرىئەتتە ئىبادەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان مۆئمىن – مۇسۇلمانلاردىن سادىر بولغان بارلىق ئەمەللەر نىيەت بىلەن بىرگە بولسىلا ئىبادەت دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ ھەم ئۇ ئىبادەت دۇرۇس ئىبادەت بولىدۇ. ئەگەر نىيەتسىز قىلىنغان ئىبادەت بولسا ئۇنى ئىبادەت دەپمۇ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ ھەم دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى نىيەتسىز قىلىنغان ئىبادەت ئىبادەت ئەمەس. مەسىلەن، بىر ئادەم ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان بولسا خۇددى ئۇ ناماز ئوقۇمىغاندەكلا، ناماز ئوقۇغان ھېسابلانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر مۇسۇلمان بىرەر تائەت – ئىبادەت قىلماقچى بولسا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن ھالدا نىيەت قىلىشى كېرەك. نىيەت دېگەن ھەر قانداق ئەمەلى – ئىبادەتنىڭ بېشى. نىيەت دېگەن ئۇل، بىنا ئۇل ئۈستىگە سېلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇسۇلمان بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىشنى نىيەت قىلسا گەرچە ئۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىسىمۇ، ساۋاب بېرىلىدۇ ئەگەر يامان ئىشنى نىيەت قىلسا شۇ يامان ئىشقا قارىتا جازاغا تارتىلىدۇ. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ساۋاب ياكى جازا ھەربىر كىشىنىڭ نىيىتى بويىچە بولىدۇ، ياخشى ئىشنى نىيەت قىلسا ساۋاب بېرىلىدۇ، يامان ئىشنى نىيەت قىلسا جازالىنىدۇ» دېدى.
ئەمەللىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولۇشى شۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب، كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن، ئىشلىرىمىزدا خالىس ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە ئەمەللىرىمىزدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىمەي بەلكى يوقىلاڭ، چاكىنا دۇنياۋى غەرەزلەردە بولساق قىلغان ئىشلىرىمىز تولىمۇ قەبىھ، سەت ئىش بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭغا ساۋاب بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى مەخپىي شېرىك كەلتۈرگەن بولۇپ قاتتىق گۇناھكار بولىمىز.
شۇنى بىلىش كېرەككى، يۇقىرىقىدىنمۇ چوڭ ھىجرەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ئىشلاردىن قول ئۈزۈش.

47.ئۈممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ئۈممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «شەك – شۈبھىسىزكى ئاللاھ تائالا ھەقنى بايان قىلىشتىن ھايا قىلمايدىكەن (مەنمۇ ھەقنى سوراشتىن تارتىنىپ ئولتۇرماي) ئايال كىشى ئېھتىلام بولۇپ قالسا غۇسىل ۋاجىپ بولامدۇ ؟» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «(ئۇيقۇدىن ئويغانغان ۋاقىتتا) سۇنى (مەنىنى) كۆرسە (غۇسلى ۋاجىپ بولىدۇ)». شۇ ۋاقىتتا ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (خىجىللىقتىن) يۈزىنى ئېتىۋېلىپ مۇنداق دېدى: ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئايال كىشىمۇ ئېھتىلام بولامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ھەئە، (ئايال كىشىمۇ ئېھتىلام بولىدۇ)، ئوڭ قولىڭىز توپا بولۇپ كەتسۇن (ئايال كىشى ئېھتىلام بولمىسا، ئايال كىشىدىن مەنى – سىپىرما كەلمىسە) ئايال كىشىگە بالىسى قانداق ئوخشايدۇ؟»
ھايا قىلىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ھايالىق بولۇشقا چاقىرىدۇ. چۈنكى ھايا كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، يامان ئىشلاردىن يېنىشقا ئۈندەيدۇ. مەدىنىلىك ئەنسارىلارنىڭ ئاياللىرى ھايالىق ئاياللار دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ ھايا ئۇلارنى دىنىي ئەھكاملارنى سوراشتىن توسۇپ قالالمىدى. بۇ ئاياللار ھەققىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئەنسارىلارنىڭ ئاياللىرى نېمىدېگەن ياخشى ئاياللار- ھە! ھايا ئۇلارنى دىندا ئالىم بولۇشتىن توسۇپ قالالمىدى» كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ بەزى ھوقۇق – مەنپەئەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۈندەيدىغان ياكى ئۆزىنى تۇتۇشقا، ئىلىم ئۆگىنىش، ئىلىمنى كۆپەيتىشتىن نۇمۇس قىلىشقا چاقىرىدىغان ياكى دىنىي – شەرئى ئىشلارنى تەرك ئىتىشكە سەۋەپ بولىدىغان ھايا ھەقىقىي ھايا ئەمەس بەلكى ئۇ شەرىئەتتە چەكلىنىدىغان تارتىنچاقلىق، يارامسىزلىق.
يۇقىرىقى ھەدىستىن شۇ مەلۇم بولدىكى ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ دىنىي ئەھكاملىرىنى ھەتتاكى ئەرلەر بار جايدا دېيىش ئەپسىز بولغان ئەرلەرنىڭ ھوزۇرىدا دىيىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان ئۆزلىرىگە خاس بولغان دىنىي مەسىلىلەرنىمۇ ئۇنى بىلىدىغان ئالىملاردىن سوراپ بىلىۋىلىشى زۆرۈر. چۈنكى ئايال كىشى سوراش ئارقىلىق ئۆز دىنىنىڭ ھۆكىمىنى بىلىۋالىدۇ. بىلگىنىنى ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاپ ئىبادەتلەرنى دۇرۇس رەۋىشتە قىلالايدۇ.

48.ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىسلام دىنى بەش دانە تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان. (ئۇ بەش تۈۋرۈكنىڭ بىرىنچىسى) بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق بولغان ئىلاھىي مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىش؛ ئىككىنچى، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش؛ ئۈچىنچى، بايلار مېلىنىڭ مەلۇم قىسمىنى يوقسۇل، پېقىرلارغا زاكات قىلىپ بېرىش؛ تۆتىنچى، ھەج قىلىش؛ بەشىنچى، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش»

49.ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى تىللىماڭلار (ئەيىب – نۇقسانلىرىنى تىلغا ئالماڭلار) چۈنكى ئۇلار قىلغان قىلمىشىنىڭ (جازاسى ياكى مۇكاپاتىغا) ئېرىشىپ بولدى».
ھەربىر ئىنساننىڭ دۇنيادا قىلغان ئەتكەن ئىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئاخىرەتكە سەپەر قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دۇنيادا سادىر قىلغان گۇناھ – مەسىيەتلىرى، ناچار ئەخلاقلىرى، بۇزغۇنچىلىقلىرىنى سۆزلەپ يۈرمەسلىك كېرەك. چۈنكى ئۇ ئىنسان ياخشى ئىش قىلغان بولسا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى، دۆلىتىنى كۆرىدۇ. يامان ئىشلارنى قىلىغان بولسا تېگىشلىك جازاسىغا ئۇچراپ قىلمىشىنىڭ دەردىنى تارتىدۇ. ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

50.ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«شەك – شۈبھىسىزكى ئەڭ چوڭ گۇناھ بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئاتا – ئانىسىنى تىللاپ – قارغىشىدۇر. ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئادەم قانداقمۇ ئاتا – ئانىسىنى تىللايدۇ دەپ سورالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ ئاتىسىنى ھاقارەتلەپ تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەممۇ ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللايدۇ. (ئاتا – ئانىسىنىڭ تىللىنىشىغا سەۋەپچى بولۇش ئاتا – ئانىسىنى تىللىغان بىلەن باراۋەر) دەپ جاۋاپ بەردى».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز – ھەرىكەت، ئىدىيە جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن. دوستلۇق – ئىناقلىق ئومۇملاشقان، دوستلۇق – ئىتتىپاقلىق بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان، كۆپلىگەن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئۈلگىلىك جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆز ئۈممىتىنى گۈزەل ئەخلاققا يېتەكلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئاتا – ئانىسىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا يامانلىق قىلماسلىققا چاقىرىدۇ. بۇ چاقىراققا ئەمەل قىلىش ئاتا – ئانىسىغا ئازار بولىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق بىلەن بولىدۇ. باشقىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى تىللاپ، ھاقارەتلەش ئارقىلىق ئاتا – ئانىمىزنىڭ ھاقارەتلىنىشىگە سەۋەپ بولۇپ ئاتا – ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيلى، چۈنكى ئاتا – ئانىنى رەنجىتىش ئەڭ چوڭ گۇناھ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ
«بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم»
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان «ئاللاھ» نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

51.ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى مۇسۇلمان بۇرادىرىگە ياخشى كۆرمىگۈچىلىك كامىل مۆمىن بولالمايدۇ».
ئىنسان بۇ ئارقىلىق مۇكەممەللىشىدىغان، دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخىتلىك بولىدىغان، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئالىي مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغان كامىل ئىمان مۆمىننى ئۆزىنىڭ مۆمىن بۇرادىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۈندەيدىغان ئىماندۇر. شۇ ئىمان ئارقىلىق مۆمىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى مۆمىن بۇرادىرىگە ياخشى كۆرىدۇ. ئۆزى يامان كۆرىدىغان نەرسىنى مۆمىن بۇرادىرىگە يامان كۆرىدۇ.
مۆمىن كۆڭلىنىڭ خاتىرجەم، ھال – ئەھۋالىنىڭ ياخشى رىزقى كەڭ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەخلاقلىق، ۋاپادار بولۇشىنى، مال – دۇنياسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىنى، يۈز – ئابرۇيىنىڭ ساقلىنىشى قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەندەك مۆمىن قېرىندىشىغىمۇ يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بولۇشىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك.
كىمكى ئۆزى ئۈچۈن بىرەر ياخشىلىقنىڭ بولۇشىنى ياقتۇرۇپ مۇسۇلمان بۇرادىرى ئۈچۈن ئۇ ياخشىلىقنىڭ بولۇشىنى ياقتۇرمايدىكەن بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ كەمچەل ئىكەنلىكىنىڭ دەلىل – ئىسپاتىدۇر. ئۇنداق ئادەم ئاللاھنىڭ غەزىپىگە، كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.
شەك – شۈبھىسىزكى، بۇ قىسقىغىنە ھەدىس مۇسۇلمانلار ئۈچۈن توغرا كۆرسەتمە. ھەربىر مۆمىن بۇ ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ئىش قىلسا كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق مۇھەببەت ئومۇملىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا كۆرەلمەسلىك، جېدەلخورلۇق، ئۇرۇش – تالاش قاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلارنى تاشلاپ كۆيۈمچان دوستلارغا ئايلانغانلىقىنى ياخشى ئىش، تەقۋادارلىقتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئىناق – ئىجىل بولۇپ گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئۆز ئارا بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن.

52. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بىر مۇسۇلمان ئادەم ھېچ ئويلانماستىن پەرۋاسىز ھالدا ئاللاھ رازى بولىدىغان بىر ئېغىز سۆز قىلىدۇ. ئۇ سۆزنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بىر مۇسۇلمان ئادەم ھېچ ئويلانماستىن پەرۋاسىز ھالدا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بىر ئېغىز سۆزنى قىلىدۇ. شۇ سۆزنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشى دوزاخقا چۈشىدۇ».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئاخىرەتكە سەپەر قىلغانغا قەدەر ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كىشلەرنى ئازغۇنلۇق، زالالەت قاراڭغۇلۇقىدىن ھەقىقەت، ھىدايەت نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى سەرىپ قىلغان، كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن، سەمىمى نىيەتلىك، توغرا تەبىئەتلىك، راستچىل پايدىلىق گەپ قىلغان، ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا ياخشى مۇكاپاتلار بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش، بەت نىيەت، كاج تەبىئەت ناتوغرا گەپ قىلغان، يامان ئىشلارنى قىلغانلارنى قاتتىق ئازاپ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىسى ئارقىلىق ئىنسان قىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزى ئۈچۈن ھېساب بېرىدىغانلىقىنى، ياخشى سۆزنى قىلغان بولسا ئۇنىڭ دۆلىتىنى كۆرىدىغانلىقىنى، يامان سۆزنى قىلغان بولسا تېگىشلىك دەردىنى تارتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇسۇلمان ئادەم ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا گەپ قىلغاندا ئويلىنىپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى يامان گەپ قىلىشتىن ھەر ۋاقىت ھەزەر قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

53.ئەبۇ مۇسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«مۆمىن مۆمىنگە نىسبەتەن خۇددى بەزىسى بەزىسىنى چىڭىتىپ كۈچلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىناغا ئوخشاش» دەپ بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈردى.
مۆمىن ئۆزىنىڭ مۆمىن بۇرادىرىگە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدا قېرىنداشلىق مېھىر – شەپقىتىنى يەتكۈزۈش. پايدا – مەنپەئەت، ياخشىلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈش، يامانلىقلارنى قايتۇرۇشتا، كۆڭۈللۈك، ياخشى تۇرمۇشنى بەرپا قىلىشتا ئۆز ئارا بىر بىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى، ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ مۆمىن بۇرادىرىنى بەخىتكە ئېرىشتۈرۈشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئىككىسىنىڭ بىرىگە بىرەر دۈشمەن تاجاۋۇز قىلسا يەنە بىرى ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە ئالدىرىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ مۇسۇلمان بۇرادىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۆزىنىڭ تىنىچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ دەپ بىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىسىدە مۆمىنلەر ئۈچۈن بىرلىك، ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ۋە ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنى مۇستەھكەم سېلىنغان بىناغا ئوخشاتتى. بىنا پەقەت كېسەك، خىشلارنىڭ ئۆزئارا بىر – بىرىگە يېپىشىشى، جىپسىلىشىشى بىلەنلا مۇستەھكەم، مەزمۇت بولالايدۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مۆمىنلەرمۇ ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا يار – يۆلەكتە بولۇش بىلەنلا كۈچلۈك. مۇشۇ نۇقتىنى كۆڭلىمىزدە كۈچلەندۈرۈش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارماقلىرىنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈردى. چۈنكى يالغۇز بارماق مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاجىزلىق قىلىدۇ. بارماقلار ئۆزئارا قوشۇلۇپ جۇغلانسا ئىنسان ئىرادە قىلغان غەرەزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلار يۇقىرقى ھېكمەتنى ئوبدان تەپەككۇر قىلىپ، «ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق غەلبە» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى، «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ مەنىسىنى ئوبدان بىلىۋىلىشى كېرەك. بۇ قىسقىغىنە ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار ئايرىلماڭلار(يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك ئىختىلاپ قىلىشماڭلار) ،«(پۈتۈن سۆز ھەركىتىڭلاردا) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ – قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، شەك – شۈبھىسىزكى ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دېگەن ئايەتلەرنىڭ روھىنى ناھايىتى روشەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

54. ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(بالا – قازا، مۇسىبەت يەتكەندە) يۈزلىرىگە كاچاتلاپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، جاھىلىيەت ئەھلى (كۇپپارلار دەيدىغان) سۆزلەرنى دەپ يىغلايدىغان ئادەم بىزدىن ئەمەس (كامىل مۇسۇلمان ئەمەس).
كىشىلەر بالا – قازا، مۇسىبەت، كېلىشمەسلىكلەرگە يولۇققاندا ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ ئاجىز، كۈچلۈكلىكىگە بېقىپ شۇ قازايى قەدىرگە مۇئامىلە قىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئىمانى كۈچلۈك ئادەم مۇسىبەتنى سەۋر قىلىش، بويۇن سۇنۇش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكىمى ۋە تەقدىرىگە رازى بولۇش بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ غەم – قايغۇسى، دەرت – ئەلىمى، ئۇ كىشىنى يىغلاش ئارقىلىق ئالاھنىڭ ھۆكىمىگە قارشىلىشىپ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا ئېلىپ بارمايدۇ. بەلكى ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرزەنتى ئىبراھىم ۋاپات بولغان ۋاقىتتا قانداق قىلغان بولسا شۇنداق قىلىدۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىسى ئىبراھىم ۋاپات بولغان ۋاقىتتا كۆڭلىدە قايغۇرۇپ، ئىككى كۆزى ياش تۆككەن، ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلىمىغان. رەسۇلۇللانىڭ كۆزىدىن ياش ئاققان ۋاقىتتا ئابدۇراھمان بىننى ئەۋىپ:«يا رەسۇلۇللا، سەنمۇ يىغلاۋاتامسەن؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەي ئابدۇراھمان، كۆزدىن ئاققان ياش رەھمەت» دەپ جاۋاب بېرىپ ئاندىن يەنە بىر تامچە ياش ئاققۇزدى. ئاندىن يەنە :«كۆز ياش تۆكىدۇ. كۆڭۈل پەرىشان بولىدۇ. بىز پەقەت ئاللاھ رازى بولىدىغان سۆزنى دەيمىز. ئەي ئىبراھىم، بىز سەندىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزغا ناھايىتى بەك غەمكىن» دېدى.
ئاللاھ تائالا مۇسىبەت يەتكەندە ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغانلارغا چوڭ ئەجىر، ئالاھىدە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېدى: « يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغانلارنىڭ ئەجرى كامىل بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ساۋابى ھېسابسىز بولىدۇ ».
ئەمما ئىمانى ئاجىز ئادەم مۇسىبەتكە ئاللا – توۋا كۆتۈرۈش، ۋايساش خاپا بولۇش بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خاپىلىقى ۋايساشلىرى ئەۋجىگە چىقىپ يۈزلىرىگە كاچاتلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان، جاھىلىيەت ئەھلى دەيدىغان سۆزلەرنى دەپ يۇقىرى ئاۋازدا يىغلايدۇ. شۇ ۋەجىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقارقىدەك ئىشلارنى قىلغان ئادەمدىن چەك چېگىرىنى ئايرىپ، ئۇ كىشى بىزدىن ئەمەس (كامىل مۇئمىن ئەمەس) دېگەنىدى. ھەربىر مۇسۇلمان مۇسىبەتكە يولۇققاندا چىداملىق سەۋىرچان بولۇشى ھەرگىزمۇ يۈزلىرىگە ئۇرۇپ، يۈزلىرىنى تاتىلاپ، كىيىم – كېچەكلىرىنى يىرتىپ ئاۋازلىق يىغلاپ ساۋاپتىن مەھرۇم قالماسلىقى كېرەك.

55.مەقدام ئىبنى مەئدىكەرىبە رەزىيەللەھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ يېگەن تامىقىدىنمۇ ھالال تاماق يوقتۇر. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشايتتى».
بۇ دۇنيادىن ئىبارەت ھاياتلىق سەھنىسىدە ھەربىر ئىنسان نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە ۋە ئۆزى ئۇنىڭ يېمەك – ئىچكمىكى، كىيىم – كېچىكى، تۇرالغۇسى قاتارلىقلارغا كېپىل بولغان كىشىلەرگە (ئاتا – ئانىسى، ئايالى – پەرزەنتى قاتارلىقلار) خىراجەت قىلىدىغان ھالال رىزىق تېپىشى كېرەك. ھالال رىزىقنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ شۇ ھالال رىزقىلارنىڭ قاتارىدىن مىراس، ھەدىيە، سەدىقىگە ئوخشاش جاپا – مۇشەققەتسىز كېلىپ قالىدىغان رىزىقلارمۇ بار. ئۇ ھالال رىزىقلار ئىچىدىن تىجارەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھۈنەر – كەسىپكە ئوخشاش جاپا – مۇشەققەت بىلەن قولغا كېلىدىغان رىزىقلارمۇ بار.
يۇقىرقى ھەدىس ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئەڭ ئەۋزەل ۋە ھالال رىزقى ئۆز ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن رىزقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ، بەدىنى ئارقىلىق جاپا تارتىپ، پېشانىسىدىن ئاققان تەر بەدىلىگە رىزقى تېپىپ يېگەن ئادەم ئاتا – ئانىسىدىن قالغان مىراسنى، بىكارغا بېرىلگەن ھەدىيە – سەدىقىلەرنى يېگەن ئادەمدىن ياخشى چۈنكى ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىنساننى روھلۇق، كۆتۈرەڭگۈ بولۇشقا ۋە تىرىشچان قاۋۇل – كۈچلۈك بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ۋەتەن بەخىتلىك بولۇپ روناق تاپىدۇ. بۇ سۈپەتلەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياخشى كۆرىدىغان سۈپەتتۇر.
جاپا – مۇشەققەتسىز قولغا كېلىدىغان مىراس، ھەدىيىلەرگە ئوخشاش رىزىقلار بولسا ئىنساننى بوشاڭلىق، ھورۇنلۇققا، ئاجىزلىق خارلىققا چاقىرىدۇ. بۇ خىل سۈپەتلەرنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يامان كۆرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ۋەتەن ۋە جەمئىيەت بەخىتسىزلىككە ئۇچرايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەردى: داۋۇت ئەلەيھىسسالامغا ئاللا تائالا پادىشاھلىقىنى بېرىپ، زېمىنغا ۋاكالەتچى خەلىپە قىلدى. تاغلارنى، ئۇچار قۇشلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۇنداق تۇرۇقلۇق داۋات ئەلەيھىسسالام ئۇرۇشتا كىيىدىغان تۆمۇر كىيىم ياساش ۋە ئۇنى ئۆز قەۋمىگە سېتىش ئىشلىرىدا قىلچە نومۇس قىلمىدى.

56.جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«(بىرەر نەرسە) ساتقان ۋە سېتىۋالغان ۋە قەرز سۈيلىگەن ۋاقىتتا كىشىلەرگە كەڭ قول، سېخىي بولغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە مۇئامىلىدە كەڭ قول سېخىي بولغان ئادەمگە ئالاھنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشى توغۇرلۇق دۇئا قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇ دۇئاسى ئارقىلىق بارلىق كەڭ قول، سېخى ئادەملەرگە خۇش بىشارەت بېرىدۇ ھەمدە بىزلەرنى كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، كەڭ قورساق بولۇشقا تەرغىپ قىلىدۇ.
بۇ ھەدىستە سېتىش، سېتىۋىلىش، قەرز سۈيلەشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇئامىلىنى تىلغا ئالدى يەنە بىر ھەدىستە «قەرزنى ئادا قىلغاندا كەڭ قول بولغان ئادەمگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن» دېگەنىدى. بۇ تۆت تۈرلۈك مۇئامىلە كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ بولىدىغان مۇئامىلىلەردۇر.
سېتىشتىكى كەڭ قوللۇق: ساتقۇچىنىڭ كەڭ قورساق، بەك يۇقىرى باھا قويمايدىغان، مالغا بېخىللىق قىلىپ قىسىۋالمايدىغان، سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قەسەم قىلمايدىغان، سېتىۋالغۇچىنى ئالداپ، گوللىمايدىغان بولۇشىدۇر.
سېتىۋىلىشتىكى كەڭ قوللۇق: سېتىۋالغۇچىنىڭ مال ساتقۇچىغا كەڭ قوللۇق قىلىش، سىپايە بولۇشى، باھانى بەك تۆۋەن سورىماسلىقى، ئەرزان سېتىشقا قىستىماسلىقى، مالغا يوقىلاڭ ئەيىپلەرنى قويماسلىقىدۇر.
قەرز سۈيلەشتىكى كەڭ قوللۇق: قەرز ئىگىسىنىڭ قەرزدارغا قوپاللىق، توڭلۇق قىلماستىن سىلىق – سىپايىلىك بىلەن قەرز سۈيلىشى. ئەگەر قەرزدار ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالغان بولسا ئۇنىڭغا ۋاقىتنى ئۇزارتىپ بېرىشى، قەرز سۈيلەشكە مۇۋاپىق ۋاقىتلارنى تاللاشتۇر.
كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىكى كەڭ قورساقلىق: قەرزدارنىڭ قەرزىنى ئارقىغا سوزۇپ كېچىكتۈرمەستىن دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىش، ئەگەر ئۆزرىسى بولسا قەرز ئىگىسگە سىلىق – سىپايىلىق بىلەن ئۆزىسىنى بايان قىلىشىدۇر.
مۇئامىلىدە يۇقىرىقىدەك كەڭ قورساق بولسا كىشىلەر ئۆزئارا كۆيۈنىدىغان دوست – بۇرادەر بولۇپ ياشايدۇ. ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ. ۋەتىنى گۈللىنىدۇ. دۆلىتى روناق تاپىدۇ.

57. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :
«ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلارغا، قامىتىڭلارغا قارىمايدۇ، ئاللاھ پەقەت سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ».

58.ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى ئايال كىشىنى ئۇنىڭ ئابرۇيىنى دەپ ئالىدىكەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى خار قىلىدۇ. كىمكى ئايال كىشىنى ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ ئالىدىكەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى كەمبەغەل قىلىۋىتىدۇ. كىمكى خوتۇن كىشىنىڭ نەسىبىنى (جەمئىيەتتىكى ئورنىنى) كۆزلەپ ئالىدىكەن ئاللاھ ئۇ كىشىنى پەس قىلىدۇ. كىمكى ئايال كىشىنى كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن ساقلاش، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى ۋە سىلە – رەھىم قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، دىيانەتنى تاللاپ ئالسا ئاللاھ ھەر ئىككىسىگە بەرىكەن ئاتا قىلىدۇ».

59.نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«باللىرىڭلار ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار».

60. ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى پەرزەنتى تۇغۇلغاندا ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئوقۇسا ئۇ بالىغا جىن – شەيتان زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ».

«بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم»
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان «ئاللاھ» نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

61. ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قىيامەت كۈنى ئۆز ئىسمىڭلار ۋە ئاتاڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسمىڭلارنى چىرايلىق قويۇڭلار (بالىلىرىڭلارغا چىرايلىق ئىسىم قويۇڭلار)».

62.ئبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن راىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ ئىسمىڭلار ئىچىدە ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم ئابدۇللا، ئابدۇراھمان دېگەن ئىسىملاردۇر».

63.ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئاتىلىشى ياكى مەنىسى قاملاشمىغان) سەت ئىسىملارنى ئۆزگەرتىۋىتەتتى».

64. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەرنىڭ ئاسىيە (گۇناھكار) دېگەن قىزىنىڭ ئىسمىنى جەمىلە (گۈزەل) گە ئۆزگەرتىۋەتكەن».

65. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«پەرزەنتىڭلارنىڭ تۇنجى سۆزىنى [لا ئىلاھە ئىللەللاھ] بىلەن باشلاڭلار». ( ھاكىم رىۋايەت قىلغان)

66. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئۈچ تۈرلۇك ئادەمگە قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا گەپ قىلمايدۇ. ئۇلارنى گۇناھىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ، ئۇلار قېرى زىناخور، يالغانچى پادىشاھ، تەكەببۇر كەمبەغەل».

67. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بىرەر مىللەت ئىچىدە پاھىشۋازلىق، زىناخورلۇق تەپتارتماستىن ئاشكارا قىلىنىدىغان بولسا ئاللاھ تائالا ئۇ مىللەتنى ئىلگىرىكىلەردە بولۇپ باقمىغان كېسەللەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ». (بۇنى ئىبنى ماجە، بەززار، بەيھەقى رىۋايەت قىلغان)

68. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى دىنىي ئىشلاردا كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزىدىغان بىرەر ئىلىمنى يوشۇرسا ( بىلىپ تۇرۇپ باشقىلار سورىسىمۇ دەپ بەرمىسە) قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئاغزىغا ئوتتىن يۈگەن سالىدۇ». (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)

69. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :
«ھەي ئائىشە، ھايا ئەگەر ئادەم بولۇپ قالغان بولسا، ناھايىتى ياخشى ئېسىل ئادەم بولغان بولاتتى، ھاياسىزلىق ئادەم بولغان بولسا، ناھايىتى يامان ئەسكى ئادەم بولغان بولاتتى».

70. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«شەك شۈبھىسىزكى پەرز ئەمەللەردىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەل بىر مۇسۇلماننى خۇشال قىلىش».

سەھىھ ھەدىسلەردىن ئېلىندى.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)