باش بەت / ساقلايمەن

(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-8 06:36 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مەن خەتتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قارىدىم. مەن بۇ خەتتە ئۇنىڭ ئازراق بولسىمۇ نازلىنىشىنى خالايتتىم. مېنىڭچە، يولىدا ئىپادىلەنگەن نېزىقاش قىزلارغا يەنە بىر خىل گۈزەللىك ئاتا قىلاتتى. لېكىن سۆيگۈ ھەممىدىن غالىپ كەپتۇ. ئۇنىڭغا ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا گويا ئاشىقلاردەك قاراپ قاپتىمەن.
-ئادەمنى خىجىل قىلىپ نېمانچە قارايسەن؟ بولماپتىمۇ؟
-ياق ئاداش، خېتىڭ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، شۇنچە سەمىمىي. مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى نېمە دىگەن ئۇلۇغ ، قەلبىڭدىكى بەخت كۆزلىرىڭدىن ئۇچقۇنداپ سېنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىۋېتىپتۇ، شۇڭا قاراپ قاپتىمەن،-دېدىم لالەنىڭ سۇئالىغا جاۋابەن.
-يائاللا، ئەدەبىياتچى دېگەن ئاجايىپ مۇبالىغلەشتۈرىۋېتىدۇ.
-شۇنداقمۇ؟!-بىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
شۇنداق قىلىپ لالەنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى پاك، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن باشلاندى. شۇ يىلى يازلىق تەتىلدە قۇدرەت كەلگەندە نۇراي، رۇستەم، رەنا، گۈلگىنە، ئالىم، لالە، قۇدرەت قاتارلىق كۆڭلىمىز يېقىن قىز-ئوغۇل ساۋاقداشلار بىرلىكتە كېسەك شەكىللىك ئۈنئالغۇدىن بىرنى ئېلىۋېلىپ تاغلارغا چىقىپ، يېزىلارغا بېرىپ ، شاد كۈلكىلەرگە كۆمۈلۈپ ئوينىدۇق. لالە بىلەن قۇدرەتنىڭ شادلىقى چەكسىز ئىدى. بىز كوللىكتىپ بىرگە ئويناۋاتقان بولساقمۇ، ئۇ ئىككىسى تۇرۇپلا تاغنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ، ئورمانلىققا كىرىپ كېتىپ يوقاپ كېتەتتى. بىر چاغلاردا قوللىرىنى تۇتۇشۇپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ ئالدىمىزدا پەيدا بولغان بۇ ئاشىق-مەشۇقنى كۆرگىنىمىزدە مەستلىكىمىز كېلەتتى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. قۇدرەتمۇ ئوقۇشىنى تاماملاپ مايتاغقا قايتىپ كېلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ خۇشال ھەم بەخىتلىك ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن سىرتتا ئوقۇۋاتقانلىقىم ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولالمايتتىم. تەتىلدە، بايرامدا كەلگەندە بىرگە ئوينايتتۇق. لالە قۇدرەتنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. مەن بەكمۇ مۇلايىم، سەۋرچان سۆھبەتداش ئىدىم. لالە مېنى كۆرۈش بىلەنلا ‹‹ قۇدرەت ئانداق قىلدى، قۇدرەت مۇنداق دېدى، قۇدرەت ئانى ياخشى كۆرىدۇ، قۇدرەتنىڭ بۇنىڭ بىلەن خۇشى يوق...›› دەپ سۆزلەيدىغان بولسا، ئاڭلىغاچ باشقا خىياللارغا كىتىپ قالاتتىم. بىر ئىش زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مەن بىر قىشلىق تەتىلدە لالە ئىككىمىزگە بىر جۈپ شارپا بىلەن پوسما توقۇتقاچ كەلدىم. شۇ يىلى مەكتەپتە شۇنداق شارپا ئوراپ، پوسما كىيىش مودا بوپكەتكەن ئىدى. لالە ئۆيگە مەن بىلەن كۆۈشكىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلسام ئۇ خوش بولۇپ يۈزلىرىمگە سۆيۈپ كەتكەن ئىدى. ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۆزۈمدىن ئېشىنىپ ئۇنىڭغىمۇ توقۇتقاچ كېلىش ئاسانغا توختىمىغان ئىدى. نەچچە قېتىم بىر يەرلەرگە بارغاندا لالە ئۇنى كىيمىدى. قىزلار مېنىڭ شارپام بىلەن پوسمامنى ياخشى كۆرۈشەتتى. مەن بىر كۈنى لالەدىن:
-ھەي ھېلىقى پوسماڭ بىلەن شارپاڭنى كىيگىنىڭنى كۆرمىدىمغۇ؟ بىللە كىيىپ يۈرەرمىز دېسەم ، ياكى ياخشى كۆرمىدىڭمۇ؟-دەپ سورىسام؛
-مەنغۇ بەك ياخشى كۆرگەن ئىدىم. بىراق قۇدرەت...-دەپ دۇدۇقلىدى ئۇ.
-ھە، قەدىرلىك قۇدرىتىڭ نېمە دېدى؟-دېدىم ئاچچىقىم بىلەن.
-‹‹ نېمە ئۇ، كىچىك بالىدەك›› دەپ كىيگۈزمىدى.
بۇ گەپ بىلەن تەڭ مېڭەمدىن كىرگەن تۈتۈن تاپىنىمدىن چىققاندەك بولۇپ كەتتى.
-سەن ھېلىتىنلا قۇدرەتنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ كەتتىڭ! ئۇ ئەمدى سېنىڭ مېڭىش-تۇرۇشۇڭ، گەپ-سۆزلىرىڭدىن ئۆتۈپ كىيىنىشىڭنىمۇ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزىۋالدى دېگىن، سەن كىم؟ ئادەممۇ ياكى بوينىدىن باغلىسا ماڭىدىغان كالىمۇ؟ بىرەر ئىشنىمۇ ئۆز خاھىشىڭ بويىچە قىلالمامسەن؟-دېدىم جىلە بولۇپ.
-ياق ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئەمدى شۇ ‹‹ قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ›› دەپ بىكار خاپىلىق بولمىسۇن دەيمەنغۇ؟!
ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى تېخىمۇ جىلە قىلىۋەتتى.
-لالە، مېنى تولا تېرىكتۈرمەي زۇۋانىڭنى يىغ! سەن ئەمدى قۇدرەت ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرىدىغان، ياقتۇرمىغاننى تەڭ ياقتۇرمايدىغان كۆندۈرۈلگەن مالغىلا ئوخشاپ قاپسەن! سەن 10يىل تەربىيە كۆرگەن ئادەمدەك ياشىمامسەن؟-ئاچچىقىم چىرايىمغا چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك.
-كەۋسەر، بۇنچىلا ئاچچىقلاپ كەتكۈدەك ئىش بولمىدىغۇ؟ مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىۋاتىمەن،-ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش ھەم يېقىملىق چىقتى. چىرايلىق كۆزلىرى بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ماڭا كۆز-كۆز قىلغاندەك بولۇپ كۆرۈنۈپ كەتتى. شۇندىلا مەن ئۆزۈمنى كايىدىم. ھاياجانلانماي ئۆزۈمنى بىلەي، بەلكىم مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىم ھەم ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان نازۇك پەن بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق ھاياجانلىنىۋاتقاندىمەن. بەلكىم لالەمۇ خاتا قىلمىغاندۇر، ئۇ ئۇيغۇر ئانىلىرىمىزنىڭ ئەلمىساقتىن تارتىپ، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەرلەرگە ئۈن-تىنسىز ئىتائەت قىلىشىنى داۋاملاشتۇرماقچىدۇ، مەنچۇ؟ مەن بۇ ئەنئەنىلەرگە قارشىمۇ؟ ياق! توۋا مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم؟ ئۇلار تېخى تۇرمۇش بوسۇغۇسىدىن ئاتلىمىغان تۇرسا.... مەيلى نېمىلا بولسۇن ئۆز خاھىشىمنى دوستۇمغا مەجبۇرىي تاڭماسلىقىم كېرەك. شۇنىڭدىن كېيىن مەن لالەنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماس بولدۇم. لالەمۇ مەن بار جايلاردا قۇدرەتنىڭ تەرىپىنى كۆپ قىلماس بولدى.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى. يەنە بىر قېتىملىق قىشلىق تەتىلدە كەلگەندە، لالەنى باشقىچە بىر روھى ھالەتتە كۆردۈم. ئۇنىڭ بۇرۇنقى سورۇننى بىر ئالىدىغان كۈلكىلىرى ئازلاپ، ئولتۇرسا خىيالغا پېتىپ قالىدىغان بوپقاپتۇ. چىرايىمۇ باشقىچىرەك، ئورۇقلاپ كۆزلىرىنىڭ نۇرى خىرەلىشىپ ، مەڭزىدىكى قىزىللىقلار ئۆچۈپتۇ.
-لالە، مىجەزىڭ يوقمۇ؟ ئەجەپ ئورۇقلاپ كېتىپسەنغۇ؟
-شۇ تاماق سىڭمەي قىينىلىۋاتىمەن.
-دوختۇرغا كۆرۈندۇڭمۇ؟
-كۆرۈندۈم.
-نېمە دەپ دىئاگنوز قويدى؟
لالە جاۋاپ بېرىش ئورنىغا ئاپئاق ئالقانلىرى بىلەن يۈزىنى توسۇپ ئېسەدەشكە باشلىدى. شۇ تاپتا كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى.
-نېمە بولدۇڭ، كېسەل دىگەن ساقىيىدۇ، شۇنىڭغىمۇ يىغلامسەن؟
مەن ئۇنىڭ ئالقانلىرىنى يۈزىدىن ئاجراتماقچى بولۇپ قولىنى تۇتتۇم.
--ياق ئاداش، مەن بەك نومۇس قىلىۋاتىمەن... ئەل-يۇرتنىڭ ئالدىدا ئاتا-ئانامنى مەندەك بىر قىزنى باققانغا تويغۇزىدىغان بولدۇم!
مەن شۇندىلا لاسسىدە بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭغا شۇ تاپتا نىمە دەپ تەسەللىي بىرىشنى بىلەلمەي قالدىم ھەم تەسەللىي بەرگۈممۇ كەلمىدى.
-كەۋسەر، سەن كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستۇم بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلامدىكىن دەپ ئالدىڭغا كېلىشىم،-ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشقا قاراپ يۈرىكىم ئېچىشتى، كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى.
-جېنىم دوستۇم، مەن...مەن ساڭا نېمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟-مەن ئېچىنغان ھالدا ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى ئالقانلىرىم بىلەن سۈرتتۈم.
-مەن كۈيتۈنگە بېرىپ بالىنى ئالدۇرىۋېتەي دىگەنتىم، سەن يېنىمدا بىرگە تۇرۇشۇپ بەرگەن بولساڭ، قورقىۋاتىمەن، -دېدى ئۇ بىچارىلەرچە قىياپەتتە.
شۇ كۈنى لالە، قۇدرەت، رۇستەم تۆتىمىز كۈيتۈنگە كىرىپ باشقىلاردىن سوراپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ كۆزدىن يىراقراق بىر دوختۇرخانىنى تاپتۇق. دوختۇر لالەنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا:
-قان بېسىمىڭىز تۆۋەنكەن، بالىنى قىرىپ ئېلىش خەتەرلىك، مۇبادا بىرەر كېلىشمەسلىك كېلىپ چىقسا ئاقىۋىتىگە ئىگە بولالمايمىز،-دېدى.
مەن شۇ يەردىلا ‹‹دوختۇر، سىز بۇ گەپنى بالىنىڭ دادىسىغا دەڭ›› دەپلا توغۇت بۆلۈمىدىن چىقىپ كارىدوردا بىزنى ساقلاپ تۇرغان قۇدرەتنى دوختۇرنىڭ يېنىغا كىرگۈزدۈم. ئارىدىن 15مىنۇت ئۆتكەندە ئۇلار قايتىپ چىقىشتى.
قۇدرەتنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. لالەنىڭ چىرايىدىكى قورقۇمسىراشتىن ئەمدىلىكتە ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. قۇدرەت بىزنى ئاشخانىغا باشلىدى. تاماق شىرەگە كەلتۈرۈلگەندە قۇدرەت لالەگە:
-ھە، دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىڭغۇ، بالىنىڭ ساق-سالامەت تۇغۇلىشى ئۈچۈن تۈزۈكرەك ئوزۇقلانغىن-دېدى.
-ۋۇي، بۇ يېڭىلىققۇ؟بالىنى ئالىدىغان بولدۇڭلارمۇ؟-دەپ سورىدى رۇستەم ھەيران بولۇپ.
-شۇنداق، مانا ماۋۇ بىر ئىستاكان پىۋىنى بالىمىزنىڭ ساق-سالامەت تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۆتۈرىۋەتتىم!-دېدى قۇدرەت ۋە بىر ئىستاكان پىۋىنى تىن تارتماي ئىچىۋەتكەندىن كېيىن قولى بىلەن ئىستاكاننى ئايلاندۇرۇپ،-بەلكىم سىلەرمۇ بىلىسىلەر، مەنمۇ نىكاھسىز تۇغۇلۇپ قالغان بالا، ھازىرقى ئاتا-ئانام مېنى بېقىۋاپتىكەن، ئۇلارنى ھەر بىر ئويلىغىنىمدا ئۆز ئاتا-ئانامغا بولغان نەپرىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، ئاشۇنداق ۋاپاسىزلارنىڭ بالىسى بوپقالغىنىمغا بەكمۇ ئېچىنىمەن. بۇ تەقدىر ماڭا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى، بۇمۇ خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، بىراق مەن ئۆز پۇشتۇمدىن بولغان بالامغا ئۆزۈم ئىگە بولىمەن. خەلىقئالەم ئالدىدا لالە بىلەن توي قىلىپ، بالامنى ئۆزۈم بېقىپ تەربىيلەيمەن، بالام قىز بوپقالسا ئۇنى چوقۇم ئوقۇتۇپ دوختۇر قىلىمەن، ئوغۇل بوپقالسا تەنھەركەتچى قىلىپ چىقىمەن!-دېدى.
قۇدرەتنىڭ سۆزلىرى مېنى بەك ھاياجانغا سېلىۋەتتى، ئۇ ئەمدى كۆڭۈل ئېكرانىمدا ۋىجدانلىق، مەرد ئەركەك بولۇپ گەۋدىلەندى.
-سىلەرنىڭ پاك، تۇنجى مۇھەببىتىڭلارنىڭ مېۋىسى بولغان بۇ بالاڭلار گۈلدەك چىرايلىق، قۇدرەتتەك ئەقىللىق بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرالاردىن بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن،-دېدىم پىيالەمدىكى چاينى قۇدرەتنىڭ ئىستاكانى بىلەن پىيالىسىگە سوقۇشتۇرۇپ.
شۇنداق قىلىپ قىشلىق تەتىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى لالە بىلەن قۇدرەتنىڭ توي خېتى ئالغانلىقىنى تەبرىكلەپ ئاددى بىر قەھۋەخانىدا قۇدرەت، لالە، رۇستەم تۆتىمىز سورۇن تۈزۈپ ئولتۇردۇق. شۇ سورۇندا قۇدرەت توي خېتى ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن لالەنىڭ قولىغا بىر ئالتۇن ئۈزۈك سېلىپ قويدى، شۇ مىنۇتتا مەن لالەگە قاراپ قالدىم، ئۇنىڭ چىرايى خۇشاللىقتىن گۈلدەك ئېچىلىپ، چىرايلىق كۆزلىرى بەخىتتىن نۇرلىنىپ كەتتى. ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىدەك ھال رەڭ لەۋلىرى ھاياجاندىن سۇس تىترەيتتى، مەن دوستۇمنى مۇبارەكلەپ يېنىك قۇچاقلاپ سۆيدۈم، ئاپئاق نازۇك بارماقلىرىنى ئالقانلىرىمغا ئالدىم. ئۇنىڭ قوللىرىمۇ يېنىك تىترەيتتى. لالە قۇلىقىمغا ئاستا پىچىرلاپ ‹‹ كەۋسەر، مەن بەك خۇشال بولۇپ كېتىۋاتىمەن. توۋا، ئاخىرى مۇرادىمغا يەتتىم-ھە›› دېدى. شۇ كۈنى كېچىچە لالە توغرىلىق كۆپ ئويلاندىم، ئۇ بىر ئۆمۈر قۇدرەت ئۈچۈنلا ياشارمۇ؟ ئەگەر قۇدرەتتىن ئايرىلىپ قالسىچۇ؟ ياق، خۇدايىم ئۇ كۈنلەرنى كۆرسەتمىگەيسەن. مەن لالەنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئاق كۆڭۈللىكىدىن زىيان تارتىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيتتىم .


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)