باش بەت / ساقلايمەن

يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 09:52 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

خاتىمە


لالە ئۆزىگە بىر قېتىممۇ كۈلۈپ قارىمىغان بۇ دۇنيا بىلەن ئەبەدىي خوشلاشقان بولسىمۇ، شۇم قىسمەتلەر خۇددى ئەجەل قۇشىدەك ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈستىدىن يەنە ئەگىپ كېتەلمىدى.
زىلالە توققۇز ياشقا كىرگەن يىلى ئىدى. بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ سىنىپتىن چىقىۋاتاتتىم، پەرھاد مۇئەللىم ئالدىمغا ئالدىراش كېلىپلا:
-كەۋسەر، سىزگە دوختۇرخانىدىن تېلفون كەپتۇ!-دېدى ھاسىراپ تۇرۇپ.
-نېمە؟ نېمە ئىشكەن؟-دېدىم پەرھاد مۇئەللىمنىڭ چىرايىدىكى جىددىيلىكنى كۆرۈپ ئەنسىز ھالدا.
-زىلالە ھادىسىگە ئۇچراپتۇ.
-قانداق ھادىسىگە؟
-قۇدرەتنىڭ دەرسىكەنتۇق، بالىلارنى كوچا ئايلاندۇرۇپ يۈگۈرتكىلى سىرتقا ئېلىپ چىقىپتىكەن، يولدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان ئوخشايدۇ.
مەن بۆلۈمگە ماتىرياللىرىمنى ئەكىرىپ قويۇپ، دوختۇرخانىغا يۈگۈردۈم. زىلالە جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە باش-كۆزى قاتمۇ-قات داكا بىلەن ئورالغان ھالدا يېتىپتۇ. مەن كىرىشىمگە قۇدرەت چىرايلىرى تاتارغان ھالدا ئالدىمغا كېلىپ:
-كۆرمەمسەن، كەۋسەر، بۇ كېلىشمەسلىكنىڭ دەل مېنىڭ دەرس ۋاقتىمدا يۈز بەرگىنىنى،-دېدى ئەيىبكارلارچە.
-كىمنىڭ دەرسىدە بولسۇن بولغۇلۇق بوپتۇ، بالىنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
-ئەنە ھوشسىز ياتىدۇ.
-ۋەقە قانداق يۈز بەردى؟
-تاكسى شوپۇرى ماشىنىنى خاتا ھەيدەپ بىر چوڭ يۈك ماشىنىسىدىن قاچۇرىمەن دەپ زىلالەنى سوقۇپ يولنىڭ چېتىگە قاڭقىتىۋەتتى.
ئاڭغىچە كامال زىلالەنىڭ يېنىدىن چىقىپ قېشىمىزغا كەلدى.
-تېلفوننى سىز قىلغانمۇ؟
-ھەئە.
-بالىنىڭ ئەھۋالىچۇ؟
-سۇنغان يەرلىرى يوق، بېشى يېرىلىپ قان كۆپ چىقىپ كېتىپتۇ، قان بەرمىسەك بولمايدۇ.
-ئۇنداق بولسا، قان بېرەيلى!-دېدىم مەن كامالغا جىددىي قاراپ.
-ھېلىلا جىدىي ئوپىراتسىيە بولۇپ قىلىپ، زىلالەگە توغرا كېلىدىغان قاننى شۇ بىمارغا بېرىۋەتكەن ئىدۇق.
-ئاپلا ئىسكىلاتتا قان يوقمىكەن، ئەمدى قانداق قىلارمىز، كامال؟!-دېدى قۇدرەت ئەنسىز ھالدا كامالغا قاراپ.
-ئىسكىلاتتا قان يوق دېسە ھەجەپ چۆچۈپ كەتتىڭغۇ؟-ئۇنىڭ كۆزلىرىگە مىقتەك قادالدىم،-ئىسكىلاتتا بولمىسا سېنىڭ تومۇرۇڭدىچۇ؟ سېنىڭ تومۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى قان بولماي ئېرىقنىڭ سۈيىمۇ؟ ئاپىسىنىغۇ تۈگەتتۇق، ئەمدى شۇ مەرھۇمنىڭ يالدامىسى بولغان بۇ بالىنىمۇ قۇتقۇزالمامسەن؟!
-مەن...مەن... مېنىڭ قېنىم توغرا كېلەمدۇ؟ ئاۋال تەكشۈرۈپ بېقىڭلار.
-نېمە دېدىڭ؟!
شۇ چاغدا ئەلەمدىن بوغۇلۇپ چىرايىم لاۋۇلداپ ياندىغۇ دەيمەن. قۇدرەتكە قوللىرىمنى شىلتىپ ۋارقىراپ كەتتىم:
-سەن تولا خۇپسەنلىك قىلما، قۇدرەت! ھېلىغىچە ئۆزۈڭنى زىلالەنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دەپ يۈرەمسەن؟ بىلىپ قوي! كارىۋاتتىكى سەكراتتا ياتقان بالا سېنىڭ قېنىڭ، سېنىڭ ھالال پەرزەنتىڭ . ئۇنىڭغا سېنىڭ قېنىڭ توغرا كەلمىسە، جاھاندا يەنە كىمنىڭ قېنى توغرا كېلىدۇ؟ بۇتتەك تۇرماي تېز بول، قان بەر!
بومبىدەك پارتلىغان بۇ كەسكىن خىتابتىن دوختۇرلارمۇ ھەيران قېلىشتى. كامال ماڭا ئۆزۈمنى بېسىۋېلىشقا كۆز ئىشارىتى قىلىپ قويۇپ، قۇدرەتنى قان ئېلىش ئۈچۈن باشلاپ كىرىپ كەتتى. بالىنىڭ بېشىدا پەرۋانىدەك پىرقىراپ تۇرغىنىمدا سېستىرالار ھايال ئۆتمەي يېرىم بوتۇلكا ئىسسىق قاننى كۆتۈرۈپ كىرىپ زىلالەنىڭ تومۇرىغا سالدى. سول بىلىكىنى جەينىكىگىچە تۈرىۋالغان قۇدرەتمۇ بىر ئىشتىن كۆڭلى تەسكىن تاپقاندەك ھاياجانلانغان ھالدا كىرىپ كەلدى. ئۇ زىلالەنىڭ بېشىغا كېلىپ بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزىدە شۇم دەم زىلالەگە نىسبەتەن ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل مۇھەببەت، بىر خىل شەپقەت پارلاپ تۇراتتى. دوختۇرلار قۇدرەتنى ياندىكى بىر بوش كارىۋاتتا ياتقۇزۇشۇپ قويدى. شۇ چاغدا بىر ئىشنى ئېسىمگە ئېلىپ، بايا ئىش ئۈستىلىمنىڭ تارتمىسىدىن ئېھتىماللىق ئۈچۈن ئېلىۋالغان مەرھۇم دوستۇم لالەنىڭ ئامانىتى ھېلىقى خەتنى قۇدرەتكە سۇندۇم.
-بۇ خەتنى ئوقۇغاچ ياتقىن.
-نېمە خەت بۇ؟
-ئوقۇساڭ بىلىسەن.
قۇدرەت بىر خەتكە، بىر ماڭا سىرلىق گۇمان بىلەن دەممۇ دەم قاراپ قويۇپ خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى. مەن كۆز قۇيرۇقۇمدا پات-پات قۇدرەتكە قاراپ قويغاچ زىلالەنىڭ بېشىدا تۇردۇم. خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
«قۇدرەت، سەن بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىڭدا مەن بەلكىم ئاللىقاچان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىپ بولارمەن. ئۇ چاغدا ئازابلانساڭمۇ، پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكسەڭمۇ، ئورنىغا كەلمەيدۇ. مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلىرىمدە بولسىمۇ، سەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ بىر مۇڭدىشىۋالغۇم، ھەتتا سېنىڭ قۇچىقىڭدا كۆزلىرىڭگە قاراپ تۇرۇپ جان بەرگۈم بارلىقىنى بىلسەڭتىڭ... ئەپسۇس، بۇ مۇمكىن ئەمەس، پەقەت مۇمكىنچىلىكى يوق ئارمانلار... بىر شور پېشانە بەخىتسىز ئايالنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەشنالىقىنىمۇ بۇ رېئاللىق ئېتراپ قىلمىسا ...
قۇدرەت! ئادەمنىڭ ئۆز قەلبىنى، ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تىڭشاشقا مۇھتاج بولىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدىكەن. بۇنداق چاغدا ھېچكىم ۋە ھېچنىمە خىيالىڭنى بۇزالمايدىكەن، قەلبىمدە كۆمۈلۈپ قالغان خاتىرىلەرنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنىم شۇنداق چارچىغان ئىدىكى، ئۇ ھارغىنلىقنى پەقەت مۇشۇنداق يالغۇزلۇق ۋە جىمجىتلىق ئىچىدىلا ھېس قىلدىم. بىر چاغلاردا چىن قەلبىمدىن سۆيگەن ھەم سۆيۈلگەن، سۆيۈملۈك ھەم نەپرەتلىك ئادىمىمنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە چىن قەلبىم بىلەن ئەسلەش، سېغىنىش، ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى بارلىق ھەسرەتلىرىمنى تۆكۈپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاشلارمۇ مەندەك بىر نەچچە كۈنلۈكى قالغان بىر بەخىتسىز ئايالغا ئاچچىق بىر لەززەت، تاتلىق بىر ئازاب بېغىشلاۋاتىدۇ. كېسەل كارىۋىتىدا ئوڭدامغا يېتىپ سەن بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى بىرمۇ-بىر ئەسلەپ چىقتىم.
بۈگۈن كېچە خۇددى كۈندۈزدەك ئايدىڭ ئىدى. ياتاقنىڭ دېرىزىسىدىن چۈشكەن ئاي شولىسى ياتاقنى نۇرغا چۆمدۈرگەن ئىدى. قەلبىمدە ئاجايىپ تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قوزغاتقان بۇ ئاي بىز ئىككىمىزگە تالاي قېتىم مۇشۇنداق كۈلۈپ قارىغان ئىدى. بۈگۈن ئاخشام غېرىپسىنغان ھالدا ئايغا قاراپ ئولتۇرۇپ سېنى شۇنچىلىك سېغىندىمكى ...
قۇدرەت، ئېسىڭدىمۇ؟ سەن مېنى ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم قۇچاقلىرىڭدا ئەركىلىتىپ مەست قىلغاندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا يۈرىكىمگە ئىنتايىن ئۆتكۈر بىر زەھەرلىك خەنجەرنى قاداپ قويۇپ كەتتىڭ. بۇ خەنجەرنى يۇلۇپ ئېلىشقا ئۆزەمنىڭ قۇربى يەتمىدى. سەن بولساڭ ئۇنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىشنىڭ ئورنىغا مېنىڭ شۇ خەنجەر زەربىسىدىن ئازابلىق تولغىنىشلىرىمنى تاماشا قىلدىڭ. جاھاندا تۇغۇلۇپ ئۆلمەيدىغان كىم بار؟ مەن شۇ خەنجەر زەربىسىدىن ئاخىرەتكە كېتىۋاتىمەن. خەيرىيەت، ئۆلسەممۇ سېنىڭ قولۇڭدا، سېنىڭ خەنجىرىڭدە ئۆلىدىغان بولدۇم. مەن بەخىتلىكمەن. لېكىن قۇدرەت، قانداقلا بولسۇن مۇشۇ دۇنيادا بىر مەسۇمە ئوماق قىز ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈمىزدىن نىشانە بولۇپ قالدى. شۇ بىچارە قىز مېنىڭدىن ئەۋۋەلى ئاللاغا، ئاندىن ساڭا ۋە سېنىڭ ۋىجدانىڭغا ئامانەت!
قۇدرەت! بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم بوپقالسۇن. باياتىن بېرى ياتاقنىڭ دېرىزىسى ئالدىدا تۇرۇپ ئايغا، ياق ئايغا ئەمەس، ساڭا قاراپ چارچاپ كەتتىم. پۈتۈن بەدىنىم ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، كارىۋىتىمغا بېرىۋالغۇدەك ماجالىم يوق. مېنى كۆتۈرۈپ كارۋىتىمغا ئۆز قولۇڭ بىلەن ياتقۇزۇپ قويغىنا.... تېز كەل، سېنى بەك ساقلاپ كەتتىم... ئەلۋىدا.
سېنى سۆيگەن ھەم سۆيەلمىگەن بەخىتسىز لالەڭ.»
مەن ھېلىغىچە خەت ئوقۇۋاتقان قۇدرەتتىن كۆزۈمنى ئۈزمىدىم، ئۇنىڭ چىرايى دەممۇ-دەم ئۆزگىرىپ نەچچە قېتىم قول ياغلىقى بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتتى. ئاخىر كارۋاتتىن شۇنداق شىددەت بىلەن قاڭقىپ تۇردىكى، كۆز يېشىدا پارىلداپ كەتكەن كۆزلىرىنى چاقنىتىپ ئالدىمغا كەلدى:
-كەۋسەر، بۇ خەتنى نېمىشقا ھېلىغىچە ماڭا بەرمىدىڭ؟-دېدى ئاغرىنغان تەلەپپۇزدا.
-ھېلىمۇ كېچىكمىدۇق، قۇدرەت.
قۇدرەت شۇ ھامان زىلالەگە ئۆزىنى تاشلىدى.
-خان قىزىم، جېنىم قىزىم، مېنى كەچۈر... مەندەك بىر پۇشتىدىن تانغان ۋاپاسىز داداڭنى كەچۈر!!

تامام!!


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)