باش بەت / ساقلايمەن

يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 09:44 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

لالەنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بولۇپ گېلىمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بىئارام بولدۇم. كۆرۈۋاتقان كىتابىمنى قولۇمغا ئالساممۇ زادى زېھنىمگە چۈشمىدى. توۋا، ئادەملەر نېمانچە ۋاپاسىز، نېمانچە رەھىمسىزلىشىپ كەتتى؟ مۇھەببەت شۇنداق قەدىرسىز نېمىگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلىغان بىر ۋاپادار قىز ئاخىرى شۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىۋاتسا نېمە بولغىنى؟!خىيالىمدا قۇدرەتكە نەپرەت ياغدۇرۇپ، لالەگە ئىچ ئاغرىتتىم. سەن ئەخمەق، سەن ساددا، شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسەڭنى قۇربان قىلىپ ئاخىر يوپۇرماقسىز دەرەخكە ئايلاندىڭ ... مەن ئاخىر قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئېغىر ئازابلارغا قالغان دوستۇمغا خەت ئارقىلىق بولسىمۇ تەسەللىي بېرىش قارارىغا كەلدىم. مەن خەتنى يېزىپ ، پوچتىدىن سېلىۋېتىپ، سەل يەڭگىللىگەندەك بولۇپ كۈتۇپخانىغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم.
-كەۋسەر، -دەپ چاقىردى بىرسى تونۇش ئاۋازدا. ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قارىسام گۈلگىنە ماتېماتىكا فاكۇلتېتى تەرەپتىن كېلىۋېتىپتۇ.
-نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟-سورىدى مەندىن.
-پوچتىخانىغا، لالەگە خەت سېلىۋېتىپ كەلدىم .
-ئۇنىڭ ئىشلىرى قانداق بوپتۇ؟
مەن گۈلگىنەگە لالەنىڭ بەخىتسىزلىكىنى سۆزلەپ بەرگەچ يىغلاپ سالدىم، گۈلگىنەنىڭمۇ ناھايىتى ئاچچىغى كەلدى.
-مۇشۇنداق ۋاپاسىز ئۇغۇللارنى ئويلىسام، مەڭگۈ توي قىلغۇم يوق! بىچارە لالە قۇدرەتنى بەك ياخشى كۆرەتتى، قۇدرەتتىن ئايرىلىش ئۇنىڭغا تازا ئېغىر كەلگەندۇ-ھە!-دېدى گۈلگىنە قاپقارا بۈدرە چاچلىرىنى قوللىرى بىلەن تارىغاچ. ئۇ يەنە-كەچلىك تاماق يېدىڭمۇ؟-دەپ سورىدى.
-ياق، لالەنىڭ خېتى بىلەن گېلىمدىن تاماق ئۆتىدىغاندەك ئەمەس، شۇڭا كۈتۈپخانىغا ماڭغان ئىدىم،-دېدىممەن.
-مەنمۇ كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپ كەچلىك تاماق ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ، شۇڭا سىرتتىن تاماق يەپ كىرەي دەپ ماڭغانتىم، بىرگە پاراڭلاشقاچ تاماق يەپ كىرەيلى،-دېدى گۈلگىنە.
بىز پاراڭلاشقاچ ئۇنۋىرستېتنىڭ ئالدىدىكى بىر ئاشخانىغا كىردۇق.
-ھە، ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى، ئوقۇش پۈتتۈرسەڭ كېتىدىغىنىڭ ئېنىق بولدىمۇ؟-دەپ سورىدى گۈلگىنە تاماق يېگەچ.
-ھەئە، كېتىمەن.
-كامالچۇ؟
-بىلمەيمەن،-دېدىم خىيال بىلەن.
-نېمىشقا بىلمەيسەن؟
-ئاداش، مەن كەتسەم ئۇمۇ مايتاغقا كېتىمەن دەيدۇ. بىراق ئۇنىڭ نەتىجىسى ياخشى. مەكتىپىدە ياكى دۇوختۇرخانىلاردا قالسا ئۇنىڭ ئىستىقبالى بولاتتى. شۇڭا ئۇنى كېتىڭ دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ. شۇڭا بىلمىدىم، بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولاركىن؟
-مايتاغنىڭ دوختۇرخانىسىمۇ خېلى چوڭ، كامالغا ئوخشاش ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇھتاج تۇرسا ھەم مائاشىمۇ يۇقىرى، كامال مايتاغقا كەتسە ھەرگىز زىيان تارتمايدۇ.
-بۇ سېنىڭ قارىشىڭ، مەن ھەرگىز ئۇنداق دېيەلمەيمەن،-دېدىم مەن.
-ھە، ئۆزەڭچۇ؟ قانداق قىلاي دەيسەن؟
-مەن ئالدى-ئارقامغا قارىماي كېتىمەن.
-دىلزاتچۇ؟
-گۈزەل يۇرتى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغۇسى يوقكەن.
-ئاخىر قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسەن؟
-كېيىن يا ئۇ، يا مەن ئاتا-ئانىمىز قوشۇلغاندا يۆتكىلىدىغان بولىۋاتىمىز،-دېدى گۈلگىنە غەمكىن ھالدا،-بۇ يەرگە بەش يىلنىڭ ئالدىدا شۇنداق غەمسىز، خۇشال كەلگەن ئىدۇق. مانا ئەمدى دۈمبىمىزگە ئېغىر يۈكنى ئارتىۋېلىپ قايتىدىغان بولدۇق، ئادەم چوڭ بولمىسا ياخشى ئىكەن.
-ئويلاپ باقسام، ھەممىدىن بەك لالەگە ئۇۋال بولدى، بىز ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ئۇ بىر بالىنى قۇچاقلاپ، ئېرىدىن ئاجراشقان تۇل ئايال بولۇپ قالدى،-دېدىم ھەسرەت بىلەن ئۇھسىنىپ.
-توۋا، گۈللالە دېسە قايسى يىگىتنىڭ قولى يېتەر دەيدىغان، ئېگىز شاختىكى گۈلىمىزنىڭ شۇ قۇدرەتنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ۋاقىتسىز ئېچىلىپ .... -گۈلگىنە گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدى.
ئوقۇشىمىز پۈتۈپ، مايتاغقا كېلىپ خىزمەتكىمۇ چۈشۈپ بولدۇق. مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. گۈلگىنە باشلانغۇچ مەكتەپكە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولدى. گۈلگىنەنىڭ يۈرگەن يىگىتى ئۈرۈمچىدە قالدى. كامال بولسا، دوختۇرخانىغا ئىشقا چۈشتى. تۇرمۇش ئۆز رېتىمى بويىچە داۋاملاشماقتا ئىدى. بىزنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان ساۋاقداشلىرىمىز ئىچىدە، نۇراي بىلەن رۇستەملا توي قىلىپ بولغان ئىدى. لالە بولسا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. قۇدرەت ئوغۇل ساۋاقداشلار بىلەن ئارلاشقان بىلەن قىزلار بار يەرگە كەلمەس بولدى. قۇدرەت بىلەن تۇنجى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تانسا كېچىلىكىدە ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇ بۇرۇنقىدەك بەك ئوڭايسىزلىنىپ كەتمىدى. مەن سالام قىلغاندىن كېيىن:
-مەن تېخى سېنى دوستىغا قارىلىق تۇتۇپ، ماڭا گەپ قىلماسمىكىن دېگەنتىم، -دېدى مەن بىلەن تانسا ئويناۋېتىپ.
-قىلغان ئىشلىرىڭنى ۋىجدانىڭ كۆتۈرگەن بولسا بىزدە نېمە ئامال؟ ھەر ھالدا ساڭا قارىغاندا قىزىڭنىڭ بەختى بار ئىكەن،-دېدىم .
-نېمە دېمەكچىسەن؟-دېدى ئۇ ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ.
-ئۆزەڭ ئېيتقاندەك، ئاتا-ئاناڭ سېنى تېپىپ قويۇپ، ئىگە بولماي خەققە بېرىۋېتىپتىكەن. سېنىڭ قىزىڭنىڭ دادىسى ئىگە بولمىغان بىلەن ئاق كۆڭۈل ئانىسى، كۆيۈمچان بوۋىسى بىلەن مومىسى ئىگە بولۇپ بېقىۋاتىدۇ،-دېيىشىم بىلەن تەڭ مۇزىكا تۈگەپ قالدى. قۇدرەتنىڭ چىرايى تامدەك تاتارغان بولسىمۇ، ئامالسىز ئورنىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئوسال ھالىتىنى كۆرۈپ، ئىچىم بوشىغاندەك بولۇپ، سەل يەڭگىللەپ قالدىم. ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇشۇمغا گۈلگىنە قۇلىقىمغا:
-ئاداش، قۇدرەت بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قالدىڭمۇ، ئەجەپ چىرايلىرىڭ تاتىرىپ كەتتىغۇ؟-دېدى پىچىرلاپ. مەن گۈلگىنەگە قۇدرەتكە دېگەنلىرىمنى سۆزلەپ بەرسەم، گۈلگىنە پىخىلداپ كۈلگىنىچە:
-تازا جايىدا ئەدىپىنى بېرىپسەنغۇ؟-دېدى.
لالەگە بۇ گەپلەرنى دېمىگەن ئىدىم. چۈنكى خىيالىمدا ئۇلار ھامان بىر كۈنى ئاچچىقى يانغاندا يارىشىپ قالىدىغاندەكلا بىلىنەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسام ئالدىمغا پىلتىڭلاپ مېڭىپ كەلگەن زىلالەنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئوماق چېھرىگە تويماي قاراپ كېتىمەن. زىلالە قۇدرەت بىلەن لالەنىڭ ئەڭ چىرايلىق جايلىرىنى تارتقان بولۇپ، قالغاچنىڭ قانىتىدەك قاش بىلەن قىرلىق بۇرنى لالەنىڭكىگە، ئويچان كۆزلىرى، يۈز قۇرلۇشى، ئېغىزى قۇدرەتنىڭكىگە ئوخشايتتى. توۋا، مۇشۇنداق ئۆز پۇشتىدىن تانغان نائەھلىگىمۇ خۇدا بالا بېرىدىكەن دەپ ئويلاپ كېتىمەن. شۇنداق قىلىپ زىلالەمۇ مومىسى بىلەن بوۋىسىنىڭ ھىمايىسىدە ئەتىۋارلىق نەۋرە ئەمەس، قىزى ئورنىدا چوڭ بولىۋاتاتتى. لالە بولسا قىزىغا خۇددى سىڭلىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك قارايتتى. زىلالەمۇ ئۇنى ئاچا دەپ تىلى چىققان ئىدى. ئۆز بالىسىنى بالام دېيەلمىگەن ئانا بىلەن ئۆز ئانىسىنى ئاچا دەپ تىلى چىققان قىزىغا قاراپ ئۆپكەم ئۆرۈلدى. توۋا مۇشۇمۇ تەقدىرمۇ؟ ئادەملەر ئېرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىگە ئېرىشەلمىسە تەقدىردىن كۆرىدۇ. ئۆزلىرىگە شۇ «تەقدىر» ئاتالغۇسى ئارقىلىقلا تەسەللىي بېرىدۇ. مەن شۇ خىياللار بىلەن ئولتۇرسام لالە چاي دەملەپ كىردى.
-ئاداش، چېيىڭنى رەنالارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىچەيلى،-دېدىم قولىدىكى چېيىنى ئېلىپ.
-رەنالارنىڭ ئۆيىگە بىرەر ئىش بىلەن بارامدۇق؟-دېدى ئۇ پاقالچىقىغا ئېسىلغان زىلالەنى كۆتۈرگەچ.
-گۈلگىنەنىڭ يىگىتى دىلزات ئۈرۈمچىدىن كەپتىكەن، رەنا بىلەن ئالىم ئۆيىگە چاقىرىۋاپتۇ. رەنا ماڭا، ساڭا ئۇقتۇرالمىغانلىقىنى دەپ بىرگە ئېلىپ كېلىشىمنى تاپىلىغان ئىدى،-دېدىم ئۇنىڭ قولىدىكى زىلالەنى قولۇمغا ئالغاچ.
-ئۇ سورۇندا يەنە كىملەر بار؟
-سەن، مەن، نۇراي بىلەن رۇستەم، گۈلگىنە ، دىلزاتلار بار. باشقا ئادەم يوق!-دېدىم چۈشەندۈرۈپ.
-كامالچۇ؟
-ئۇ بۈگۈن ئوپىراتسىيىگە كىرەتتىكەن، كەچرەك بارماقچى، يەنە بىرسىنى سورىمايسەنغۇ؟-دېدىم ئۇنىڭ كۆزلىرىگە گۇمان بىلەن قاراپ.
-ئۇ بولسا، مەن بارماي، ئاداش،-ئۇ شۇنداق دەپلا قولۇمدىكى قىزىنى قايتا قولىغا ئېلىۋالدى.
-سېنى نېمە دەيدىكىن دەپ شۇنداق دەپ قويدۇم. ئۇ بولغان تەقدىردىمۇ بېرىۋېرىشىڭ كېرەك. ئۇنىڭ ئالدىدا سېنىڭ يۈز كېلەلمىگۈدەك ئىشىڭ يوق! ئۇ ئۆزىدە بولغاچقىلا سەن بار يەردىن قېچىپ يۈرىيدۇ،-دېدىم.
شۇنداق قىلىپ رەنالارنىڭ ئۆيىگە كەتتۇق. ئاددىي، ئەمما رەتلىك سەرەممجانلاشتۇرۇلغان چىرايلىق خانىدا دىلزات، گۈلگىنە، نۇراي، رۇستەم، رەنا، ئالىملار بىزنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن. توۋا، لالەگە ھەيران قالدىم، ئۇنىڭ ئاجايىپ تەشنالىق بىلەن زارىققان كۆزلىرى ئۆي ئىچىدە كىمنىدۇر ئىزدەيتتى. بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا، ھۇجرا، ئاشخانىلارغا تىكىلەتتى. چىرايى دەممۇ-دەم ئۆزگىرەتتى . بىلىنەرلىك تىترەۋاتقان پۇتلىرىغا كۆزۈم چۈشۈپ بىچارىگە ئىچىم ئاغرىدى.
-باشقىلار كەلمىدىمۇ؟!-دېدى ئۇ ئاخىر ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا خۇددى پەرياد قىلغاندەك بىر خىل ئاۋازدا. بىر-بىرىمىزگە تەڭلا قاراشتۇق. بۇ ھالدا ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىشنىڭ ئەلۋەتتە ئورنى قالمىغان ئىدى.
-كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، سەل تەخىر قىلايلى،-دېدى رەنا پىيالىلەرگە چاي قۇيغاچ.
ئۆزىنى يوقاتقان لالە تەكەللۇپسىزلا قىزىق چاينى سۈمۈرىۋېدى، چاي ئۆپكىسىگە كېتىپ، قېقىلىپ كەتتى. بىز ئىختىيارسىز خۇددى يىغلىغاننىڭ ئورنىدا ئايانچلىق بىر ئاۋازدا كۈلۈشۈپ كەتتۇق. لالەگە قارىۋېدىم، ئۇنىڭ ئىككى تامچە يېشى ئېقىپ چۈشۈپ، بېشى تىزلىرى ئۈستىدە ساڭگىلاپ قالدى.


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)