باش بەت / ساقلايمەن

(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-8 05:20 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    تاڭ سەھەردە جىرىڭلىغان تېلفون ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندىم. پۇتۇمغا ساپما كەشىمنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىن تېلفون تۇرۇپكىسىنى قولۇمغا ئالدىم:

    - ئەسسالامۇئەلەيكۇم!-دېدىم ھاسىراپ تۇرۇپ .

    - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاداش، مەن نۇراي، تېخى ئورنۇڭدىن تۇرمىغانمىدىڭ؟

   - ياق، بۈگۈن شەنبە بولغاندىكىن قانغۇدەك ئۇخلاي دەپ....

    - سەھەردىلا ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى يەتكۈزىدىغان بولدۇم.

    - نېمە شۇم خەۋەر؟- سورىدىم ئەنسىزلىك بىلەن. 

    - ئاخشام لالە تۈگەپ كېتىپتۇ!

    - نېمە؟ نېمە دېدىڭ؟!

    - كەۋسەر، تېزراق بولغىن، مەن باشقا قىزلارغا خەۋەر قىلاي، سەن تېزدىن لالەنىڭ ئۆيىگە بارغىن، -دېدى ئۇ ئۆكسۈپ تۇرۇپ.

    لالەنىڭ مەھەللىسىنى ئۇنىڭ دادىسى باراتكام بىلەن ئانىسى لەيلىخان ئاچامنىڭ يۈرەكنى ئېزىدىغان پىغانلىق يىغا-زارى قاپلىغان ئىدى. تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن قىز-ئوغۇل ساۋاقداشلار بىر- بىرىمىز بىلەن نەملەنگەن كۆزلىرىمىز ئارقىلىق سالاملىشىپ لالەنىڭ ھويلىسىغا كىردۇق. باراتكام كۆزۈمگە بىر كۈندىلا ئون ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈندى. بېشىغا ئاق رومال سالغان لەيلىخان ئاچام قوشاق توقۇپ يىغلاۋاتاتتى.<<جاھانغا پاتمىغان بالام، ئاق لالەم، قىزىل لالەم، ئېچىلماي توزۇغان لالەم، سېنى ۋاقىتسىز توزۇتقانلار مۇرادىغا يەتكەنمىدۇ، لالەم، مېنى كۆتۈرۈشلۈك دەپ قالدىڭمۇ، لالەم؟ سەن كۆتۈرۈپ بولالمىغان دەردلەرنى مەن قانداق كۆتۈرۈپ بولاي، لالەم؟>> يۈرەكنى ئېزىدىغان بۇ ئازابلىق غەليان ئالدىدا ياش تۆكمىگەن كۆز قالمىدى. بىز لەيلىخان ئاچام بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىپ ، لالەنىڭ مېيىتى قېشىغا كىردۇق. لالەنى قۇمنىڭ ئۈستىگە ياتقۇزۇپ ئۈستىگە ئاق داكا يېپىپ قويۇپتۇ. قورساق تەرىپى كۆپۈپ كەتكەچكىمۇ قورسىقىنىڭ ئۈستىگە پىششىق كېسەكتىن بىرنى قويۇپ قويۇپتۇ. ھېلىغىچە ئانا دېيىشكە نائىل بولالمىغان يەتتە ياشلىق زىلالە بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىۋالغان ھالدا ئانىسىنىڭ مېيىتى يېنىدا يىغلامسىراپ ئولتۇرۇپتۇ. بىچارە قىز بىزنى كۆرۈپلا بىزگە ئېسىلىپ يىغلىدى؛ <<كەۋسەر ئاچا، قاراڭ ئاچام كۆزىنى ئاچمايۋاتىدۇ....>> ئۇنىڭ يىغىسى بىلەن تەڭ ئۇنى تۇشمۇ- تۇشتىن قۇچاقلاپ يىغلاشتۇق. مەن ئەڭ ئاۋۋال لالەنىڭ باش تەرىپىدىكى داكىنى ئاچتىم. ئاھ! چىرايلىق لالەم، قارلىغاچنىڭ قانىتىدەك ئۇزۇن ئەگمە قاپقارا قاشلار تېخىمۇ قارىداپ، تېخىمۇ ئۇزىراپ كەتكەندەك كۆرۈندى. تال-تال كىرپىكلىرى گىرەلەشمىگەن بولۇپ، كۆزلىرى ھاياتقا قىيالمايۋاتقاندەك يېرىم ئوچۇق ئىدى. ئېقىپ چۈشكەندەكلا كۆرۈنىدىغان قىرلىق بۇرنى ئاستىدىكى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئۈچۈنلا يارالغان نىپىز لەۋلىرى تۇيۇقسىز مىدىرلاپ نېمىلەرنىدۇ دەپ سالىدىغاندەك تۇراتتى. ئىككى تامچە ياش ئىككى مەڭزىدە خرۇستالدەك يالتىراپ تۇراتتى. ئەسلىدىنلا ئاق سۈزۈك تېرىسى بۈگۈن تېخىمۇ سۈزۈكلىشىپ لىمون ئالمىدەك رەڭلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئەسنادا بەش-ئالتە بۈۋى ئايال كىرىپ كەلدى. ئۇلارمۇ بىزگە قاراپ كۆز- ياش قىلىشقان ھالدا لالەنىڭ يېنىغا كەلدى. ئوتتۇرا ياشلىق بۈۋىم لالەنىڭ باش تەرىپىگە كېلىپ، ئايەت ئوقۇپ بولۇپ <<چىرايلىق قىزىم، ئېچىلماي توزۇغان گۈلۈم، بۇ بىۋاپا دۇنيادىن رازى بولۇڭ. ئاللا ئۇ دۇنيالىقىڭىزنى بەرگەي...>>دېگىنىچە، لالەنىڭ يېرىم يۇمۇلغان كۆزلىرىنى ئالقانلىرى بىلەن تۆۋەنگە قارىتىپ، سىپاپ يۇمدۇردى. شۇ تاپتا ئەرلەر، ئاياللار، بوۋاي-مومايلار، ھەتتا كىچىك بالىلارنىڭمۇ يىغىسىدىن مەھەللە گۈرۈلدەپ، خۇددى پۈتۈن ئالەم- ئاسمان، يەر، تاغۇ - دەريالار لالە ئۈچۈن ھازا ئېچىۋاتقاندەك قىلاتتى.

    رەھىمسىز تەقدىر، ۋاپاسىز دۇنيا ئاتا-ئانىسى ئالدىدا بەخت يىغىسىنى يىغلىتىپ ، ئاپئاق توي كۆڭلىكىگە ئوراپ، يىڭى تۇرمۇش قوينىغا ئۇزىتىش ئورنىغا، يۈرىكىنى لەختە-لەختە خۇن قىلىپ، ئاپئاق كېپەنگە ئوراپ، تاۋۇتقا سالدى... شۇ تاپتا تاۋۇتقا يېپىلغان ئوتقاشتەك رەڭدار ئەتلەس نالە-پەرياد دەستىدىن گويا قاندەك كۆرۈندى .

    تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا دوختۇرخانىدا لالەنىڭ قېشىغا بارسام لەيلىخان ئاچام: 

    -كەۋسەر قاراڭ، بۇ ئەتلەس چىرايلىقمىكەن؟ لالە تۇغۇلغان كۈنىدە يۇمشاق كىيىپ ياتسۇن دەپ ئالدىم،- دەپ لالەنىڭ ياستۇقى ئاستىدىن مۇشۇ چىرايلىق ئەتلەسنى ئېلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.

    -ئەجەپ رەڭلىك، چىرايلىق ئەتلەسكەنغۇ؟ لالە، ئۆيدە چىرايلىق چىمەن دوپپا بار ئىدى، ئالغاچ كېلەي، تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كىيدۈرۈپ ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزى قىلىپ ياساپ قويايلى،- دېيىشىمگە ، لالە بوشقىنا كۈلۈپ:

    -ئەڭ ئاخىرقى تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆيدە ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى، - دېدى.

    كېسەلخانىنى جىمجىتلىق قاپلىۋالدى. لەيلىخان ئاچام لالەنىڭ چاچلىرىنى سىيلاپ تۇرۇپ تەسلىكتە:

    -قىزىم، ئۇنداق يوقىلاڭ گەپنى قىلمىغىنا، ئازراق كىسەلگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دىگىنىڭ نېمىسى؟ سەن ئەمدى 30ياشقا كىردىڭ، خۇدا ئۆمرۈڭنى بەرسە يەنە 40-50 يىل ياشارسەن، بۇ خۇدانىڭ ئىلكىدىكى ئىش.....- دېدى.

    -ئاداش، ئەگەر ئۆگۈنلۈككە سەل ياخشى بولساڭ، قىزلار بىلەن كېلىپ سېنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ ، تۇغۇلغان كۈنۈڭنى ئۆيۈڭدە ئۆتكۈزەرمىز، قانداق؟- دېدىم گەپنى باشقا ياققا بۇراپ. لالە جاۋابەن بېشىنى بوش لىڭشىتىپ، كۆزلىرىنى يۇمغانىدى، كۆزلىرىدىن ياش سىرغىدى. لەيلىخان ئاچام سىرتقا چىقىپ كەتتى.

    -جېنىم لالە،- دېدىم ئۇنىڭ ئالمىدەك چىرايلىق يۈزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ، - ئۇنداق ئۈمىدسىزلەنمە، ئاناڭنىڭمۇ يۈرىكىنى ئېزىدىغان سۆزلەرنى قىلما، ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ!

    -مەخسىدىڭنى بىلىۋاتىمەن كەۋسەر. بىراق مەن كۆز يۇمسام، ئانامغا بەك تۇيۇقسىز بىلىنىپ، تېخىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاخىرقى كۈنلەردە بولسىمۇ كۆڭلى تۇيۇپ قالسۇن دەيمەن....ئاداش، مېنى ھازىر ئەڭ ئازابلاۋاتقىنى كېسەل ئەمەس، ئازابلىق كەچۈرمۈشلىرىم، بىلەمسەن، ئازابلىق كەچۈرمۈشلىرىم....- لالەنىڭ قاپقارا بوتا كۆزلىرىدىن، تال-تال كىرپىكلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان مەرۋايىتتەك ياشلارنى سۈرتكەچ مەنمۇ ئۈنسىز ياش تۆكتۈم. ئۇ راست دەيتتى، ئۇنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانمۇ ئازابلىق كەچۈرمىشلەر ئىدى.

    مەن ھازىدارلار كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ئەتلەس يېپىقلىق تاۋۇتقا قاراپ <<خوش لالە! ئاخىرقى تۇغۇلغان كۈنۈڭنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن يىغلاپ ئۆتكۈزدۇق>>دېدىم نالە قىلىپ .

    -راست، بۈگۈن لالەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى-ھە؟-دېدى رەنامۇ يىغلاپ تۇرۇپ.

    بىز باشقىلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئون نەچچە قىز دوست چىرايلىق گۈلدەستىلەرنى ئېلىپ يول بويى يىغلاپ قەبرە بېشىغا چىققاندا، جامائەت لالەنى يەرلىكىدە قويۇپ بولۇپ، خەتمە قۇرئان قىلىۋاتقان ئىكەن. لالەنىڭ دادىسى قولىمىزدىكى ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەرگە قاراپ ، ئۆزىنى تۇتالماي:

    -ئاھ! لالەم، مېنىڭ مۇشۇ گۈلدەك قىزىمتىڭغۇ، ئەجەپ ۋاقىتسىز توزۇپ كەتتىڭغۇ؟! سېنى توزۇتقان كىم، قىزىم؟...ئاھ خۇدا، مەن بۇنى كىمدىن كۆرسەم بولىدۇ؟ بېتەلەي، شور پىشانە قىزىم ... -دەپ ھۆركىرەپ يىغلاپ ،لالەنىڭ يىڭىلا قوپۇرۇلغان قەبرىسىنىڭ توپىلىرىنى تاتىلاپ پەرياد چەكتى. باراتكامنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى .

    -لالە ، -دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ ،-تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!ئۆزۈڭگە ئوخشاش چىرايلىق گۈللەردىن گۈلدەستە تىزىپ كەلسەك، قولىمىزدىن ئالالمىدىڭغۇ، دوستۇم! يۈرىكىڭنىڭ پارىسى زىلالەگە قانداق چىدىغانسەن، لالە؟! 

    شۇ تاپتا ئون نەچچە دوست بىر-بىرىمىزگە تەسەللىي بەرگۈدەك ھالىمىز يوق ھالدا، ئۆزىمىزنى قەبرىگە ئېتىپ، كۆڭلىمىزدە بار گەپلىرىمىزنى دەپ يىغلاۋاتاتتۇق. چوڭلار ھاي دەپمۇ ھاي بىرەلمەي، ئاخىرى خەتمە قۇرئاننى باشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئامالسىز يىغىمىزنى توختاتتۇق. خەتمە قۇرئان ئوقۇلۇپ، دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، بىز ئەكەلگەن گۈلدەستىمىزنى لالەنىڭ قەبرىسىگە تەكشى سانجىپ، ئېشىپ قالغان بىر دەستىنى ئالدىغا قويدۇق، قەبرىنىڭ باش تەرىپىگە بىر تال ياغاچ سانجىپ، ياغاچقا لالە دوختۇرخانىدا چىگىپ ياتقان قىزىل ھېلىلە ياغلىقنى لېنتا قىلىپ چىگىپ قويۇپ، ئېغىر سۈكۈتتە تۇرۇشتۇق . شۇ تاپتا مىنىڭ يۈرۈكۈممۇ ئازابلىق پىچىرلاۋاتاتتى <<جېنىم لالە، ئۆزۈڭ ئېيتقان ئازابلىق كەچۈرمۈشلەرگە سۆرەپ كىرگەن شېرىن سۆز، ئالدامچى ئەرلەرنىڭ، سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرغان ئۇلارنىڭ باغرى تاش ئانىلىرىنىڭ، پاك ۋە گۈزەل ئارمانلىرىڭنى بەرباد قىلغان ئاغزى سېسىق غەيۋەتخور، ئىغۋاگەرلەرنىڭ يۈرىكى ئورنىغا چۈشۈپ، مۇرادى ھاسىل بولۇپ، ئېغىزلىرى يۇمۇلغاندۇ؟! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەندەك بىر ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىنى دەسسەپ-چەيلەپ توزۇتقان قاتىل ئىكەنلىكىنى بىلەمدىغاندۇ؟ بىلسىمۇ بەزىلىرى ئىچىدە كۈلىۋاتقاندۇ؟ بەزىلىرىنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ، قويغان-تۇتقانلىرىنى بىلمەي قېلىۋاتقاندۇ؟بۇ رەزىل مەخلۇقلار ھازىر قانداق ھېسىياتتا بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ھەممىسى قولى قان قاتىللار! ئۇلار قانۇننىڭ ئالدىدا جازالانمىغىنى بىلەن، ۋىجدان ئالدىدا چوقۇم جازاغا تارتىلىدۇ. قۇدرەتلىك ئاللاھمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارغا كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەن سىنىڭ ئاشۇ ئازابلىق كەچمىشلىرىڭنىڭ گۇۋاھچىسى، سىرداش دوستۇڭ بولغىنىم بىلەن، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى ساڭا كۆپ ياردەم قىلالمىدىم ، بۇنى سەنمۇ بىلىسەن. ھەتتا بەزىدە ئەڭ يېقىن دوستۇڭغا ياردەم قىلاي دەپمۇ قىلالمايدىكەنسەن، لالە، كېسىلىڭنى بىلگىنىم بىلەن بۇنداق تېز كىتىشىڭنى بىلمەپتىكەنمەن، بىلسەم تۈنۈگۈن يېنىڭغا بارغاندا، نەچچە يىل يېنىڭدا ساقلىغان خەت-چەكلەرنى ماڭا بەرگەچ<ئاداش بۈگۈن يېنىمدا قونۇپ قالە> دېسەڭ ، مەن غەپلەتتە قالغاندەك <ئاداش بۈگۈن بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئەتە قوناي> دەپ كىتىپ قالماسكەنمەن. سەن بۈگۈن قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كىتىشىڭنى بىلگەنمىدىڭ؟ لالە، مەن سەن ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بىرەلمەپتىمەن. شۇ تاپتا چىدىغۇسىز ئازاب تىرناقلىرى يۈرىكىمنى قاناتماقتا. ئەمدى سەن بىلەن مۇڭدىشىپ ماڭغان كوچىلاردا يالغۇز مېڭىش، سەن بىلەن بىرگە كۈلگەن كۈلكىلەرنى يالغۇز كۈلۈش، يىغىلارنى يالغۇز يىغلاش، مەن ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر، مەن نەقەدەر غېرىپ.... شۇ تاپتا مەن بۇ دۇنيادا يەككە يىگانە قالغاندەك بولۇپ قېلىۋاتىمەن. لالە، يەرلىكىڭدە خاتىرجەم يات، قىزىڭ زىلالەدىن ئەندىشە قىلما. ئىشەنگىنكى، مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا قىزىڭنىڭ ئانىسى بولىمەن. خەير، ئاللا ساڭا بۇ دۇنيادا بەرمىگەنلىرىنى ئۇ دۇنيادا بەرگەي....>>

    بىز ماشىنىغا چىقىپ زاراتگاھلىقتىن چوڭ يولغا چىققاندا، لالەنىڭ گۈلگە ئورالغان قەبرىسىگە قارىسام، ئۆزى گۈللۈك ئىچىدە تۇرۇپ بىزگە خوش دەپ قول پۇلاڭلىتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

    شۇنداق قىلىپ لالەنىڭ ئۈچ، يەتتە نەزىرلىرىمۇ يىغا-زارە ئىچىدە بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردىكى كوت-كوت غەيۋەتلەر بىلەن ئارلىشىپ ئاخىرى تۈگىدى. <<ئۆلۈمدىن كېيىن ئۈچ كۈن سۆز، تويدىن كىيىن ئۈچ كۈن سۆز>> دېگەندەك غەيۋەتخورلارنىڭ ئاغزىمۇ بېسىقتى . ياق! بېسىقتى دىگەندىن كۆرە يەنە قايسى بىر شور پىشانە، بەخىتسىز ئۈچۈن پىتنە-پاسات تارقاتقىلى كەتتى، دېسەم توغرا بولغۇدەك. لالەنىڭ يەتتە نەزىرىسى تۈگىگىچە بېشىمغا ئاق ئارتىپ ھازىدار بولۇش جەريانىدا، كەلگەن پەتىچىلەردىن بولسۇن، قۇلۇم-قوشنىلاردىن بولسۇن، تەڭتۇش ساۋاقداشلاردىن بولسۇن، لالە توغرىسىدا لىللا گەپ قىلغانلىرى ئاز بولدى. مەن ئۇلارنى بىر-ئىككى ئېغىز لىللا سۆزلىرىم بىلەن مەرھۇمنىڭ رەھىمسىز تەقدىر، رەزىل ئادەملەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار ئىنسان ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ بولالماي ، مەرھۇمنىڭ روھىنى قورۇندۇرۇپ قويىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ئازابتىن قۇتۇلالمىدىم. 

 


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)