باش بەت / ساقلايمەن

يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 09:38 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

شۇ كۈنى زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ھاۋا ناھايىتى تۇتۇق ھەم تىنجىق بىر كۈن ئىدى. بالكوندا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، رەنا ھاسىراپ -ھۆمۈدەپ كىرىپ كەلدى؛
-ئاداش، لالە يەڭگىۋالدى،-دېدى كارىدوردا تۇرۇپلا.
لالەنى ياتاققا ياندۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ئۇ بەك ھالسىزلىنىپ چارچاپ كەتكەچكە ئېغىر ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بىز يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى خۇددى قەدىمىي ئاسار-ئەتىقىنى كۆتۈرگەندەك ئاۋايلاپ تۇتۇپ سىنچىلاپ كۆرۈشكە باشلىدۇق.
-توۋا ئۆمرۈمدە بۇنداق چىرايلىق بوۋاقنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم جۇمۇ،-
دېدى رەنا.
-راست ماگىزىنلاردىكى تىزىپ قويغان قونچاققىلا ئوخشايدىكەن،-دېدىم مەنمۇ سۆيۈنۈپ.
-لالە، تۇغۇلغاندا بۇ قىزدىنمۇ چىرايلىق تۇغۇلغان،-دېدى لەيلىخان ئاچام ئېغىر خۇرسىنىپ،-چىرايلىق تۇغۇلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ خۇدايىم بەختىنى بەرمىسە بىكاركەن!-لەيلىخان ئاچامنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى قىزىنىڭ چىرايىنى تاماشا قىلىۋاتقان قۇدرەتكە تەگدى بولغاي، ئۇنىڭ چىرايى ھۈپپىدە قىزاردى.
لالە بەشىنچى كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۇنى مايتاغنىڭ خىلۋەترەك جايى ھېسابلىنىدىغان 2-رايوندىكى كونا ئۆيگە ئېلىپ باردۇق . قۇدرەت، خۇشتار، رەنا، تۇراپ قاتارلىق دوستلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدىن بىر نەرسىلەرنى ئەكىلىپ جابدۇشى بىلەن ئۆي ئادەم تۇرغىدەك ھالغا كەلگەن ئىدى. لالە بىلەن بوۋاقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمدى تاماق قىلايلى دېسەك، بۇ ئەمدىلا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆي بولغاچقا ئۇنى تاپساق بۇ يوق، خۇددى‹‹ئالتە ئۆيدىن ئۇن تىلەپ، ئەلگەكنى تاپسام تەڭلە يوق›› دېگەندەك ئىش بولدى. ئاخىر رەنا بىلەن نۇراي ئۆيلىرىدىن بىر نەرسىلەرنى ئەكەلمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا قۇدرەتنىڭ دادىسى بىر قوينىڭ گۆشى بىلەن بىر چېلەكتە تۇخۇم كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى. بىچارە ئادەم ۋېلىسپىت مىنىپ كەلگەچكە تەرلەپ، ھاسىراپ كېتىپتۇ، ئۆيگە كىرىپ لالەنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ ، بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ ئەركىلەتتى.
-قاۋۇلانكا، بوۋاق كىمگە ئوخشاپتۇ؟-دەپ سورىدىم مەن قەستەن.
-قىزىم، بالا دېگەن ئانىسى بىلەن دادىسىغا ئوخشايدۇ. قاش-كۆزلىرى، بۇرنى ، ئاقلىقى ئانىسىغا ، يۈزلىرىنىڭ يۇمىلاقلىقى، ئېڭەك، ئېغىزلىرى دادىسىغا ئوخشاپتۇ. ھە بۇ يىڭى مېھماننىڭ ئىسمى نېمە بولدى؟
-راست، ئالدىراشچىلىقتا ئىسمىنىمۇ ئويلاشماپتۇق،-دېدۇق بىز تەڭلا لالەگە قاراپ.
-سىلەر ئويلاشمىغان بىلەن مەن ئويلاشقان،-دېدى لالە قىزىغا مېھرى بىلەن قاراپ.
-قېنى دەپ باقە، قىزىڭغا نېمە دەپ ئىسىم قويماقچى؟-دەپ سورىدىم مەن قىزىقىپ.
-زىلالە.
-قاۋۇلانكا، بالىنىڭ ئىسمىنى قويۇپ بەرسىلە بوپتىكەن، يەنە قاچان بۇ چوڭلارنى بۇ يەرگە ئەكەپ بولغۇچە، -دېدىم بىر خىل ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا.
-بوپتۇ، ھازىرچە ‹‹قول سۇنساڭ يەڭ ئىچىدە›› تۇرۇپ تۇرسۇن، نەۋرەمنىڭ ئىسمىنى ئۆزۈم قويۇپ بېرەي،-دېدى قاۋۇلانكام.
قاۋۇلانكام بالىنىڭ ئىسمىنى قويۇپ بېرىپ ئۆيدىن ئۇزاپ چىقىش ئالدىدا لەيلىخان ئاچامغا ‹‹تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ، بالىنىڭ قىرىقى توشقاندىن كېيىن، باشقا قائىدىلىرىنى قىلىپ ئالدىڭلارغا بارارمىز›› دەپ ئۆزرە ئېيتىپ قايتتى. بىز دوستلار بىرىمىز ئۇن، بىرىمىز ماي دېگەندەك نەرسىلەرنى ئۆيىمىزدىن ئوغرىلىقچە توشۇپ لالەنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ كەم-كۇتىلىرىنى تولۇقلاپ تۇردۇق. قۇدرەتمۇ تەتىل بولغاچقا، كۈن-تۈن بوۋاقنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايتتى، مەن لالەنىڭ يەڭگىگىنىگە ئون بەش كۈن بولغاندا تەتىلىم توشۇپ ئۈرۈمچىگە ماڭدىم.
ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئاخىرقى يىلىم بولغاچقا دەرسلەر بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى، لالەنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەر تاپالمىدىم، ئۇنىڭ تاغنىڭ كەينىدىكى كونا بىر ئۆيدە قىزىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ قالغان ھالىتىنى ئويلىساملا، ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىدۇ. شۇنداق ئالدىراش كۈنلەرنىڭ بىرىدە لالەدىن خەت كېلىپ قالدى. مەن ناھايىتى ئالدىراش ھالدا خەتنى ئېچىپ ئوقۇدۇم.
« قەدىرلىك دوستۇم ، كەۋسەر، ياخشىمۇسەن؟ بەلكىم ئاخىرقى ئوقۇش يىلى بولغاچقا دەرسلىرىڭ تازا ئالدىراشتۇ-ھە؟ مەندىن ئەھۋال سورىساڭ خۇداغا شۈكرى، يامان ئەمەس كېتىۋاتىمەن، قىزىم زىلالەمۇ خېلى تېمەن چوڭ بولىۋاتىدۇ. كەۋسەر، سەن ئۈرۈمچىگە كېتىپ، ئاز كۈندىن كېيىن دادامنىڭ بىزگە ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ، قوشنىمىزدىن بىرسىنى ئەۋەتىپ، بىزنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدى. بىراق مەن ياتقان ئۆيگە كىرمىدى. پەقەت سىرتتىن يېمەك-ئىچمىكىمنى ئەكىلىپ، ئاپامغا دېگەن بولۇپ ماڭا ئاڭلىتىپ ‹‹قىزىڭغا قۇۋۋەت بولىدىغان تاماقلارنى قىلىپ بەرگىن، سۈت بىلەن تۇخۇمنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچسۇن>دەپ تۇرىدۇ.
ئاداش، مەن ھازىر بىز ئۈچۈن تەمەسىز كۆيۈنىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر يەنىلا شۇ ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلىۋاتىمەن، ئاتا-ئانامنىڭ مۇشۇ كۈنلەردىكى ساماندەك سارغايغان مىسكىن ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى تۈگىمەس ئىزا-ئاھانەتكە قويغانلىقىم ئۈچۈن ئېيتقۇسىز ئازابلىنىمەن. قوشنا-قۇلۇملار يوقلاپ، داستىخان كۆتۈرۈشۈپ كىرسە، نومۇستىن ئۆلەيلا دەپ قالىمەن. ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن كۆزۈمگە قاراپ چوڭ قىلغىنىغا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرغىنىم ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئۆزۈمگە ئۆلۈم تىلەيدىغان بوپقالدىم. ھە راست، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا قۇدرەتنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۆيگە ئەلچى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر توينىڭ گېپىنى قىپتىكەن، دادام «توينى كېيىن بالىلار ئۆزلىرى قىزىنىڭ بۆشۈك تويىغا قوشۇپ قىلىۋالسۇن، قۇدىلار پەقەت ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلماننىڭ قائىدىسى بولغان نىكاھنى قىلىپلا بالىنى يۆتكەپ ئېلىپ چىقىپ كەتسۇن! » دەپ جاۋاپ بەردى. كەۋسەر، دادامنىڭ ئازاب ئارىلاش تىترەڭگۈ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئوتتا كۆيگەندەك تولغاندىم، مەن ئەقىلسىز، مەن ۋاپاسىز، ئۆزۈمنىڭ ئالتۇنغا بەرگۈسىز قىممىتىمنى، ئىپتىخارىمنى قۇدرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئەتىۋارسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدۇم . ئاداش، سېنىڭ «لالە سەن ئۇنى ياخشى كۆردۈم دەپلا نېمە دىسە ھە دەيدىغان ئۇنىڭ كۆندۈرۈلگەن ئىتىمۇ؟ شۇنداق قىلىۋەرسەڭ، ئاخىرى زىيان تارتىپ قالارسەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن» دېگەن سۆزلىرىڭ ئېسىمگە كەلسىلا، يۈرىكىم ئەنسىز تىپىرلايدۇ. مەن شۇنداق ۋاقىتسىز قۇربان بەرگىنىم ئۈچۈن قەدىرسىزلىنىپ، قۇدرەتتىن ئايرىلىپ قالارمەنمىكىن دەپ بەك قورقىمەن. شۇنداق بولسا، مەن قانداق قىلارمەن؟ كەۋسەر، ئوقۇشۇڭ ئالدىراش، ۋاقتىڭ قىس بولسىمۇ، مەندەك كەم ئەقىل دوستۇڭنى ئۇنتۇماي خەت يېزىپ تۇر، مەن ساڭا دېيەلىگەن گەپلەرنى باشقىلارغا دېيەلمەيدىكەنمەن.
ئاداش خوش، كۆرۈشكىچە ئامان بول! »


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)