باش بەت / ساقلايمەن

(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-8 06:10 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    لالە ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىر مەھەللىدە چوڭ بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداش ھەم ئەڭ يېقىن سىرداش دوستلاردىن ئىدۇق. مەن ئالىي مەكتەپكە ماڭغاندا ئۇنىڭ نومۇرى ئازراق كەملەپ قېلىپ، نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئىشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلەيدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەنلەرمۇ بەك ۋايىم يەپ كەتمەي تېزلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كېتەلەيتتى. ئوقۇشقا كەتكەن ساۋاقداشلار 1-قېتىملىق تەتىلگە كەلگەندە، ئوقۇشقا بارالماي قالغان ساۋاقداشلار بىزنى ئۆيلىرىگە چاقىراتتى-دە، ئولتۇرۇش باشلىنىپ كېتەتتى. شۇ ئولتۇرۇشلاردا ساۋاقداشلارنىڭ بىر نەچچىسى لالەگە تەڭلا مۇھەببەت تەكلىپى قويدى. بىراق لالە ھەممىسىنى رەت قىلدى. قىزلار ئىچىدە بىرەر ئولتۇرۇشلاردا بىرسى ئارتۇقراق تانسىغا تارتىپ، يېقىنچىلىق قىلىپ قويسا ياكى سىرتقا چاقىرىپ مۇھەببەت ئىزھار قىلسا، ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي ھاياجانلىنىپ كېتىدىغانلار، ئەگەر كۆڭلى خالىمىغان بىرسى تانسىغا تارتسا ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كۆزلىرىنى ئالايتىپ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بىراق بىزنىڭ لالە بۇنداق قىلىقلاردىن مۇستەسنا ئىدى. تۈز كۆڭۈل، خۇشخۇي بولغاچقىمۇ ھەر قانداق مۇناسىۋەتنى ئاشۇ يېقىملىق كۈلكىسى، بىرەر ئېغىز چاقچىقى ئارقىلىق ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن توغرا بىر تەرەپ قىلالايتتى. بەزىلەر يېنىدا ئۆزىنى گەپتە چېقىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ پەرۋايى -پەلەك ھالدا زىلۋا بويلىرىغا ياراشقان ئۇزۇن قارا ئۆرۈمە چاچلىرىنى لەپىلدىتىپ، ئاپئاق نازۇك بارماقلىرىدا قاس چىقىرىپ، قۇيۇق قارا كىرپىكلىرى قورشاۋىدىكى چىرايلىق قارا كۆزلىرىدىن سازغا ماس ھېسىياتنى ئىپادىلەپ، لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ چۆرگىلەپ كىلىپ، ئاشۇ ئۆزىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋاتقان دوستلىرىدىن بىرسىنى <<قوپۇشە پاتەمخانلار>> دەپ ئۇسسۇلغا تارتىپ قوياتتى. كۆپچىلىك پاراققىدە كۈلۈشەتتى. بۈگۈنمۇ رۇستەمنىڭ ئۆيىدىكى ئولتۇرۇشتا لالە رۇستەمنىڭ ئاپىسىغا ياردەملىشىپ، قورۇمىلارنى قورۇشۇپ بەردى. چۈنكى لالە رۇستەم بىلەن قوشنا ھەم بىر سېختا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭسىزمۇ لالەنىڭ چاققانلىقى، قولىنىڭ تەملىكلىكى بىلەن كۆپىنچە ئولتۇرۇشلىرىمىزدا ئۇنى ساھىبخان قازان بېشىغا چاقىرىۋالاتتى. بۈگۈنمۇ رۇستەمنىڭ ئاپىسى لالەنىڭ چاققان، چېۋەرلىكىنى تىلغا ئېلىپ <<خەپ، كېلىن قىلىۋالمايدىغان بولسام>> دەپ چاقچاق قىلغان بولدى.
    شۇنىڭ بىلەن رۇستەم بىلەن ئەمدىلا ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرگەن نۇراينىڭ ئەرۋايى ئۇچتى. نۇراينىڭ چىرايىغا قاراپ سەزگۈر لالە ھەممىنى سېزىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر يىڭى قورۇما كەلگەندە بىر تەخسىنى نۇراينىڭ ئالدىغا قويۇپ <<كىلىنچەككە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرمىسەك بولماس>> دەپ چاخچاق قىلىپ قويدى. چايدىن كېيىن تاماق پىشقىچە بولغان ئارلىقتا ئۈستەللەرنى يىغىشتۇرۇپ ، ئۇسسۇل-تانسا ئوينىغىلى باشلىغاندا، رۇستەم لالەنى تانسىغا تارتىپ ئالدىغا كەلگەندە لالە ناھايىتى چاققانلىق بىلەن :
    -ساۋاقداشلار، بۈگۈنكى بۇ ساۋاقداشلار يىغىلىشى رۇستەمنىڭ ئۆيىدە بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن رۇستەم ئاۋال نۇراي بىلەن بىر پەدە ۋالىسقا چۈشسە قانداق؟-دېدى.
    -بۇ ئاجايىپ ئورۇنلۇق تەكلىپ بولدى،-دېدۇق بىز. شۇنىڭ بىلەن رۇستەم نۇراينىڭ ئالدىغا باردى، نۇراي نازلانغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى. نۇراينىڭ ئورنىغا كىلىپ ئولتۇرغان لالە قۇلىقىمغا ئاستا:
    -ئاداش ئورۇنلاشتۇرۇشۇم جايىدا بولغاندۇ؟-دېدى. مەن رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويدۇم. شۇ كۈنى مەن ئالدىنئالا قىلىشىۋالغان مەسلىھەتىمىز بويىچە، لالەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم. بىز ئورۇنلارنى سېلىپ ئۈنئالغۇنى بوش قويۇپ، ئىچ كىيىملىرىمىز بىلەنلا يوتقاننىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ كەتتۇق. پاراڭ تىمىسى لالەنىڭ ئۆزىگە كەلگەندە مەن ئۇنىڭغا:
    -سەن ھازىر تاللىق باغقا كىرىپ قالدىڭ، قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قېلىۋاتىسەن، ئاخىرى قول يەتمىگەن ئاچچىق شاپتۇل بولۇپ قالما جۇمۇ،-دېدىم.
    -ياق كەۋسەر، چوقۇم شىرنىلىك تاتلىق شاپتۇل بولىمەن،-دېدى ئۇ پىخىلداپ كۈلۈپ.
    -نېمە دېدىڭ، قايسى ئامەتلىك يىگىتكە رىشتىڭ باغلىنىپ، تاتلىق شاپتۇل بولۇپ قالدىڭ؟-دېدىم ئۇنىڭ بەخت جىلۋە قىلىپ تۇرغان بوتا كۆزلىرىگە قاراپ.
    -يائاللا، سېنىڭ شۇ ئۆتكۈر كۆزلىرىڭدىن ھېچقانداق سىر يوشۇرالمايمەن، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىكىمنىمۇ ئەڭ ئاۋال سەن كىتاپ خالتىسى بىلىۋالىدىغان بولدۇڭ،-دېدى ئالدىغا تاشلانغان ئۆرۈمە چاچلىرىنى بوش ئۆرۈگەچ.
    -دوستەك، بۈگۈن شۇ سىرلىرىمىزنى تۆكۈشكىلى تاتلىق ئۇيقۇمىزدىن كىچىپ ئولتۇرغاندۇق؟-دېدىم ئۇنىڭ بېقىنىنى چىمدىپ. ئۇ ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ھەمدە چامادانىنى ئېچىپ بىر كونۋىرتنى ئېلىپ ، ئىچىدىن چىرايلىق قاتلانغان ئىككى پارچە خەتنى ماڭا ئۇزاتتى.
    -ئاۋۋال ئۇنىڭ خېتىنى كۆرۈپ چىق،-دېدى ئۇ .مەن خەتنى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇشقا باشلىدىم : 
    ‹‹ سالام لالە! ياخشىمۇسەن؟ ياخشى كۆرۈشنىڭ قانچىلىك ئازابلىق ھەم شېرىنلىكىنى سېنى ياخشى كۆرگەندىن كېيىن سېزىۋاتىمەن. بىلەمسەن، ئۆمرۈمدە پەقەت سېنىلا تۇنجى قېتىم شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران. يۈرىكىمنى ئۆرتەۋاتقان تۇنجى سۆيگۈنىڭ تۈگىمەس مۇڭلىرىنى ساڭا ئېغىزدا ئىزھار قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قەغەزگە تۆكۈشكە مەجبۇر بولدۇم. لالە، سەن مىنىڭ تەسەۋۇرۇمدىكى بەخت، خۇشاللىق ۋە بەخت ئىلاھىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىڭنى بىلەمدىغانسەن؟ بۇنى بىلگىن ياكى بىلمىگىن، سەن ھامان مېنىڭ پاك قەلبىمدە، گۈزەل تەسەۋۇرۇمدا مەن بىلەن مەڭگۈ بىللە! ئەپسۇس، رېئاللىقتىچۇ؟ مەن بۇ توغرىلىق سۆزلەشتىن قورقىمەن، سېنىڭ ماڭا پەرۋامۇ قىلىپ قويماسلىقىڭ مېنى تېخىمۇ قورقۇتىۋاتىدۇ. مەيلى ماڭا قانداق مۇئامىلىدە بولىشىڭدىن قەتئىينەزەر، سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنى چەكسىز بەخىتلىك ھېسابلايمەن. مېنىڭچە، ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت. بۇ كىمنى ياخشى كۆرۈشنى بىلەلمەي ھېس-تۇيغۇسىز ، يەپ-ئىچىپلا ئىشىقسىز ياشىغاندىن كۆپ ياخشىغۇ؟ 
    لالە، سېنىڭدىكى قايسى كۈچ مېنى ساڭا شۇنچە مەھكەم باغلىۋالغاندۇ؟ مەن ھازىر سېنى ئويلاشتىن باشقىنى بىلمەيمەن. پەقەت سەنلا مەن ئۈچۈن يارالغاندەك، خىيالىمدا سەنلا، كۆڭۈل ئېكرانىمدا سەنلا ئەڭ يارقىن سىزىلغان سۈرەت ....
سېنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىڭنى چەكسىز سېغىنىپ: 
                                                                                                                                  قۇدرەت ››


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)