باش بەت / ساقلايمەن

يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 09:31 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بۇ مەۋسۈملۈك ئوقۇشىمىز بەك ئالدىراش ئۆتتى. 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جەنۇپقا پراكتىكىغا كەتتۇق. لالەنى ئويلاپ يۈرگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ نىمە بولىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر ئالالمىدىم.7-ئايدا پراكتىكامنى تۈگىتىپ مايتاغقا قايتىپ كېلىپلا ئاپامدىن:
-ھە راست، لالەنى كۆردۈڭمۇ؟-دەپ سورىدىم.
-كۆردۈم بالام، گۈلدەك چىرايى سارغىيىپ كېتىپتۇ. نېمە بولدىكىن ئۇ قىزغا....-دېدى ئاپام .
مەن ئەتىسى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. ئۇمۇ مېنىڭ كەلگىنىمنى ئاڭلاپ ئالدىراپلا بىزنىڭ ئۆيگە مېڭىپتىكەن. بىز يولدىلا ئۇچراشتۇق. ئۇ ئالدىمغا كېلىپلا ۋېلىسپىتتىن چۈشتى. ئۇچىسىغا قىزىل يوللۇق شىپىڭ تاۋاردىن تىزىنى بېسىپ تۇرغىدەك ئۇزۇنلۇقتا خالتا كۆڭلەك كىيىۋاپتۇ، ئۆزى ئورۇقلاپ كېتىپتۇ، ئىككى تال ئۆرۈم چېچى تېقىمىدا سويلاپ تۇرۇپتۇ. ئورۇقلۇقىدىن كۆزلىرى ئىچكىرىلەپ، قىرلىق بۇرنى تېخىمۇ ئېگىزلەپ كەتكەندەك كۆرۈندى. كۈن بەك ئىسسىق ھەم ۋېلىسپىت مىنىۋالغاچقا پېشانە-بۇرۇنلىرى ئۈستىدە تەر تامچىلىرى يالتىراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپلا يۈزۈمنى يۈزىگە ياقتىم.
-جېنىم لالە، تىنچلىقمۇ؟؟
-......
ئۇ ھاسىراپ جاۋاب بېرەلمىدىمىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياش مېنىڭ يۈزلىرىمنى نەمدىدى.
-ھەي يىغلاڭغۇ، ئەمدى ئانا بولۇپ قالدىڭ، يىغلىساڭ ئۇيات بولىدۇ.
مەن ئۇنى مېنى كۆرۈپ خۇشاللىقتا يىغلاۋاتىدۇ دەپ شۇنداق چاقچاق قىلغان ئىدىم. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ كوچىدا تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇغاندەك ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى.
-ھەي، نېمە بولدۇڭ؟ خەقلەر قاراۋاتىدۇ، جۈر بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى،-دېدىم ئۇنىڭ قولىدىكى ۋەلىسپىتنى ئېلىپ.
ئۆيگە كىرگەندىن كېيىنمۇ ئۇ بىر ھازاغىچە ئۆزىنى باسالماي يىغلىدى.
-جېنىم ئاداش، يىغلاۋەرمەي گەپ قىلساڭچۇ؟-دېدىم جىددىيلىشىپ.
-ئۇ... ئۇ توي خېتىنى قايتۇرىمىز دەۋاتىدۇ، ئەمدى مەن قانداق قىلارمەن؟ ئاداش ئۆلىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ...-ئۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، چىشلىرىم كىرىشىپ كەتتى.
-لالە، گەپنى ئوچۇقراق دېگىنە، زادى نېمىشقا توي خېتىنى قايتۇرىمىز دەيدۇ؟
-ئۇنىڭ ئاپىسى قوشۇلماپتۇ، ئاپىسىنىڭ دېيىشىچە، قورساقتىكى بالا قۇدرەتنىڭ ئەمەسمىش. شۇڭا قۇدرەتمۇ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈيدۇ.
-مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرۈشۈپ باقاي، نېمە دەيدىكىن ؟ بولغۇلۇق بوپتۇ، ئەمدى باشقا كەلگەننى كۆرمەكتىن باشقا ئامال يوق، چىداملىقراق بول، يىغلاش بىلەن ھېچقانداق ئىش ھاسىل بولمايدۇ،-دېدىم ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ.
شۇ كۈنلەردە قۇدرەتنى تاپالماي بەكمۇ تېرىكتىم. تەتىل بولۇپ كەتكەچكە، ئۆيىگە بېرىش ئەپسىز ئىدى. نەچچە كۈنگىچە كوچىلاردىن ئىزدەپ ئاخىر بازارنىڭ ئالدىدىكى بىليارت ئويناۋاتقان يەردە ئۇنى كۆرۈپ قالدىم. يول بويىدا تۇرۇپ بىر كىچىك بالا ئارقىلىق ئۇنى يېنىمغا چاقىرتتىم. ئۇ كەلگۈچە ئۆزۈمگە ‹‹ كەۋسەر، سوغۇق قان بول، ئۆزۈڭنى تۇتىۋال›› دەپ تۇردۇم. قۇدرەتمۇ قولاشمىغان ھالدا ئالدىمغا كەلدى.
-كەۋسەر قاچان كەلگەنتىڭ؟-دەپ سورىدى ئۇ گەدىنىنى قاشلاپ.
-كەلگىلى بىر ھەپتىدەك بولۇپ قالدى.
-ئەجەپ كۆرمەپتىمەنغۇ؟
-لالە دېمىدىمۇ، ئۇ كۆرگەنتىغۇ؟-دېدىم ئۆزۈمنى پەرۋاسىز كۆرسۈتۈش مەقسىتىدە.
-ئۇنى كۆرمىگىلىمۇ خېلى كۈنلەر بوپقاپتۇ.
-نېمىشقا ئەمدى؟
-ھەي، كەۋسەر سەن بەزى ئىشلارنى بىلمەيسەن.
-شۇ مەن بىلمىگەن ئىشلارنى بىلەي دەپ كەلدىم، جۈر، ماڭغاچ پاراڭلىشايلى،-دېدىم. قۇدرەت گەپ قىلماي ماڭا ئەگىشىپ ماڭدى.
-ھە دېگىنە ، نېمە ئىشلار ئۇ ، مەن بىلمىگىدەك؟
-شۇ، چوڭلارنىڭ ئىشى بولمامدۇ، توي قىلىشقا قوشۇلماي....
-ھەي، سەن ئوغۇل بالىمۇ-ئەمەسمۇ؟
-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
-نېمىشقا ئۆزۈڭ قىلغان ئىشقا ئىگە بولالمايسەن؟
-كەۋسەر، بۇ چوڭلارنىڭ ئىشى، ئاپام يىغلاپ سەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ مەن رازى ئەمەس دەپ بەكلا....
-تىلىڭنى چاينىماي دېگىنە، قورساقتىكى بالا كىمنىڭ؟
-مېنىڭ.
-ئۇنداقتا، نېمىشقا ئاپام، دادام دەپ مىچىلدايسەن؟
-ياق سەن خاتا چۈشەنمە، مەن ئاپامنى قايىل قىلىپ ئاندىن توي قىلاي دېگەن. شۇنىڭغىچە لالە ئالدىراپ كېتىۋاتىدۇ.
-ھەي، ئۇنىڭ قورسىقى يوغىناپ كېتىۋاتسا، ھېلىمۇ ئاپاڭ ھەممە خەقكە يايغىلى تۇرۇپتۇ. لالەنىڭ دادىسى ئۇقۇپ قالسا ئۆلۈم جېدىلى چىقىدۇ، توي قىلمىغان قىز ئۈچۈن بۇ سەت ئىش ئەمەسمۇ؟ ئوغۇل بالا بولساڭ تېزرەك بىر ئامال قىلىپ، ئاددىي بولسىمۇ توي قىلىپ ئۇنى ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ كەت!-دېدىم كەسكىنلا.
-بولىدۇ، مەن يەنە بىر تىرىشىپ باقاي،-دېدى ئۇ.
قۇدرەت بىلەن كۆرۈشۈپ ئارىدىن يەنە ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، لالەمۇ ئىشقا بېرىپ-كېلىش جەريانىدا بەزى گەپلەرنى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسلىققا سالدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسام، ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋېلىپ ‹‹ ئۇ مۇنداق دېدى، بۇ مۇنداق دېدى›› دەپ دەرت تۆكۈپ يىغلاپ ئىچىمنى ئېچىشتۇرىۋەتتى. ئۇنداق گەپلەرنى قىلغانلار پاكىز، پەزىلەتلىك ئادەملەر بولماستىن، لالەدەك قىزلارنى دەريا بويىغا ئاپىرىپ سۇغارماي كېلىدىغانلار ئىدى. توۋا، جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.
كېيىن ئۇقسام لالەنىڭ ئېيى توشۇپ، تۇغۇتىغا ئاز قالغاندا دادىسى باراتكام ئەھۋالنى ئۇقۇپ قېلىپ، لالەنى ئاپىسى بىلەن قوشۇپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇلار لالەنىڭ كىچىك ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋېتىپتۇ.


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)