باش بەت / ساقلايمەن
ئۇقتۇرۇش مەزمۇنى

     

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! تور دۇنياسىدىكى بارلىق تورداشلار ، ياخشىمۇسىلەر ؟
    ئالدى بىلەن بارلىق تورداشلارنىڭ ئىشلىرىگە ئوڭۇشلۇق ، كۈنلىرىگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز !
    كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تىرىشىشىمىز نەتىجىسىدە ، ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى ھېكايە – پوۋېست بېتى « خۇشدىل » تور بېكىتى بۈگۈندىن باشلاپ تورداشلارغا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى !
    تورداشلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا زىيارەت قىلىشىنى ۋە تېما - ئىنكاس يوللىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
    بىر مەزگىلگىچە تېما ۋە ئىنكاسلار بىردەك باشقۇرغۇچىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى، تورداشلارنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىگە قاراپ يەنە قايتا تەڭشىلىشى مۇمكىن.
    شۇڭا ۋاقتىنچە توغرا چۈشەنگەيسىلەر ...
    تورداشلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى يوللاپ ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز !
     
    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بېكىتىمىز مەخسۇس ھېكايە - پوۋېست بېتى بولغاچقا، بەت ئۈستىدىكى تۆت سەھىپىدىن باشقا ژانىردىكى ھەرقانداق ئەسەر تەستىقلانمايدۇ. پوۋېستتىن باشقا ئۈچ سەھىپىگە تەۋە ئەسەرلەرنى "بۆلەكسىز ئەسەر" ئىچىدىن يوللىغايسىلەر ...
     
    خۇشدىل تور گۇرۇپپىسى
    2011.06.05