باش بەت / ساقلايمەن

يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 09:46 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

شۇ چاغدا ئىشىك يەڭگىل چېكىلدى. ھالسىزلانغان لالە بېشىنى شۇنچىلىك تېز كۆتۈردىكى، ئۆزىمۇ قاڭقىغاندەك تۇرۇپ كەتتى. ساھىبخان بولغاچقا ئەلۋەتتە ئىشىكنى رەنا ئاچتى. ئىشىك تۈۋىدە قۇدرەت گويا كامىرغا يالاپ كېلىنگەن مەھبۇستەك جۈرئەتسىز ھالدا يەرگە قاراپ تۇراتتى. شۇئان لالەگە قارىدىم. ئۇنىڭ چىرايى لاۋۇلداپ يانغان ئىدى، چاقنىغان كۆزلىرىدىن ئۆي باشقىچە يورۇپ كەتكەندەك تۇيۇلدى.
قۇدرەت دىلزات، رۇستەم، ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈپ، قىزلار بىلەن تىلى كالۋالىشىپ، گەپلىرى قولاشمىغان ھالدا ئېسەنلىك سوراپ سالاملاشتى. نۆۋەت لالەگە كەلگەندە ئۇ شۇنچىلىك ھودۇقتىكى، لالەگە قارىغاندەك قىلسىمۇ نۇرسىز، ئپادىسىز كۆزلىرىدە ئۇ چوقۇم لالەنى كۆرمىدى.
كامالمۇ ئۇزاققا قالماي كەلدى. ئاق، قىزىل دېگەندەك ھاراقمۇ ئىچىشىپ باقتۇق. ئۈنئالغۇ قويۇشتۇق، تانسىمۇ تانسىغا، ئۇسسۇلمۇ ئۇسسۇلغا ئوخشىمىدى. ئۆينى كۆتۈرۋەتكۈدەك ياڭرايدىغان بۇرۇنقى كۈلكە -چاقچاقلىرىمىز بۈگۈن نەگە كەتتىكىن؟ پاراڭلىرىمىزمۇ پەقەت قولاشمىدى. لالەنىڭ سۆيگۈ ئازابى ھەممىمىزنىڭ ۋۇجۇدىغا تاراپ كەتتىمۇ، سورۇندىن ئەنە شۇنداق كۆڭۈلسىز قايتتۇق.
بىر چاغلاردا سورۇندىن قايتقىنىمىزدا قۇدرەت لالەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن قەستەن يولنى ئۇزارتقىلى ئۇنى قولتۇقلىغان ھالدا باشقا مەھەللە، باشقا تەرەپلەرگە ئېلىپ كېتەتتى. بىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن زوقلىنىپ، ھەۋەسلىنىپ قاراپ قېلىشاتتۇق. ئۇلار شۇ چاغدا كۆزىمىزگە خۇددى ئاي دالادىكى خىيالىي سۈرەتتەك شۇنچىلىك گۈزەل ۋە شۇنچىلىك بەختىيار كۆرۈنەتتى.
بۈگۈنچۇ؟ رەنالارنىڭ ئۆيىدىن چوڭ يولغا چىقىشىمىزغا قۇدرەت دۇدۇقلاپ، چۈشىنىكسىز بىر نېمىلەرنى دەپ يوقىلاڭ بىر باھانە تاپتى-دە، بىز بىلەن تۈزۈكرەكمۇ خوشلاشمايلا ئۆيى تەرەپكە كېتىپ قالدى. لالە شۇئان مۈرەمگە بېشىنى قويۇپ مېنى قولتۇقلىۋالدى، ئۇ شۇ تاپتا مېنى قولتۇقلىۋالدى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۈمىدسىزلىكتىن ھالسىزلانغان ۋۇجۇدىنى كۆتۈرەلمەي ماڭا يۆلىنىۋالغان ئىدى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. ساۋاقداشلار كەينى-كەينىدىن توي قىلىشقا باشلىدى. نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى قار لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان بىر كۈنى لالە ئىككىمىز يەنە بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ تويىدىن بىللە قايتتۇق. ئۇ بۈگۈن تويدىمۇ بەكلا غەمكىن ئولتۇردى. مەن بىلەن يانمۇ-يان كېلىۋېتىپ ئىچ-ئىچىدىن ئۇلۇغ-كىچىك تىناتتى. ئۇنى قولتۇقلىۋالغان ئىدىم. ئۇ شۇنداقتىمۇ نېمىگىدۇر پۇتلىشىپ مۈدۈرەتتى. كۆزلىرىدىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر مۇڭ-ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
-ئاداش قارىغىنا، نېمانچە چىرايلىق قارلىق كېچە بۇ؟-دېدىم ئۇنىڭ چىرايىغا قارىماي تۇرۇپ،-سەيلە قىلغاچ بىردەم ئايلىنامدۇق؟
-ئايلانساق ئايلىنايلى، لېكىن ماڭا سەيلە ياراشمايدۇ،-دېدى ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ.
-ھەممە كىشىگە يارىشىدىغان سەيلە ساڭا نېمىشقا ياراشمىغۇدەك؟
ئۇ شۇنداق تېز بىر قەدەم ئېلىپ ئالدىمنى توستى. كۆزلىرىدىن ئادەمنى تىترەتكۈدەك بىر چاقناش پارلىدى.
-سەن دوستۇمتىڭغۇ، ئىككى دۇنيالىق دوستۇمتىڭغۇ، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭا نېمىشقا دېمەيسەن؟
لالەنىڭ بۇ قەھىرلىك سۆزلىرىدىن چۆچۈپ كەتتىم.
-نېمە دەيدىغانسەن؟ مەن نېمىنى بىلىپ تۇرۇپ ساڭا دېمەپتىمەن؟ ئۇنداق ئۇۋال قىلما ماڭا!
ئۇ كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە ياش تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن شۇنداق تىكىلدىكى.... ئۇ كۆزلەردىكى ھەممىنى سۆزلەپ تۇرغان ئەلەملىك چاقناشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي كۆزۈمنى قاچۇردۇم.
-ئۇ توي قىلىدىغان بوپتۇ،-دېدى لالە خۇددى يوچۇقتىن ۋىژىلداپ كىرگەن شىۋىرغاندەك بىر ئاچچىق ئاۋازدا.
-كىم؟
-كىم! قۇدرەتچۇ؟
-كىم بىلەن؟
لالە يىغا ئارىلاش كۈلۈمسىرىدى.
-گۈلگىنە بىلەن.
-نېمە؟ نېمە دېدىڭ؟-بېشىم پىژىلداپ، قۇلىقىم ۋاڭشىپ كەتتى. قار لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان ئاسمانغا قارىدىم. مۇزدەك قار ئۇچقۇنلىرى شۇ تاپتا يۈزۈمگە، كۆزلىرىمگە ئەمەس، دەل يۈرىكىمگە چۈشىۋاتقاندەك بىلىندى.
-كەۋسەر، جېنىم دوستۇم، بىلەمسەن؟-دېدى لالە بوينۇمغا ئېسىلىپ ئۆكسۈپ تۇرۇپ،-مەن گەرچە ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتسەممۇ ئۇ ھامان مېنى ئىزلەپ كېلىدىغاندەك. لالە، مېنى كەچۈر، قىزىمىزنى ئۆزىمىز باقايلى، دەپ ئالدىمغا كېلىدىغاندەك بىلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۈمىدىمنى پۈتۈنلەي ئۈزمىگەن ئىدىم. قۇدرەت گۈلگىنە بىلەن توي قىلىدىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، يەر-جاھان چۆرگىلەۋاتقاندەك كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. مەن نەچچە كېچە ئۈنسىز يىغلىدىم. توي قىلسىمۇ مەن تونۇمايدىغان بىرسى بىلەن توي قىلسا بولمامدۇ؟ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ، قېرىشقاندەك كىچىكىمدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇم بىلەن توي قىلىشى مېنى تېخىمۇ ئازابلىدى. بۇ يۇرتتا، بۇ جاھاندا ئۇنىڭغا باشقا قىز تېپىلماسمىدى؟ مەن پەقەت چىدىماي قالدىم. مېنىڭ ئىچىم بەك تارمۇ ياكى ئۇنى تېخىچىلا سۆيەمدىمەن؟ بۇنى بىلمەيمەن. كەۋسەر جېنىم ئاداش، مەن نېمانچە بەخىتسىز، نېمانچە شور پېشانە!
قار لەپىلدەپ چۈشۈۋاتاتتى. بىر كۈنلۈك ھاياتتىن كېيىن ھالسىرىغان بۇ كىچىك شەھەر قاتتىق ئۇيقۇدا ئىدى. دۇنيادا پەقەت لالە ئىككىمىزلا باردەك ئۇزۇن كەتكەن ئاسفالىت يولدا چىراغ نۇرى ئاستىدا ئىككىمىز يالغۇز تۇراتتۇق. ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ ئىچ-ئىچىمدىن يىغا ئۆرلەپ كېلىۋاتاتتى. يىغامنى زورىغا بېسىپ:
-لالە،-دېدىم ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ،-سەن نېمانچە ئەخمەق؟ ئۇ سېنى شۇنچە خارلىغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېلىغىچە ياش تۆكۈۋاتقىنىڭ نېمىسى؟ ئەگەر ئۇ سېنىڭ سۆيۈشۈڭگە ئەرزىگۈدەك ئەر بولسا قانچىلىك ئەقىدە قىلساڭ مەيلىتى. ئۆز سۆيگۈنىدىن، ھەتتا ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىدىن تانغان ۋاپاسىزغا لەنەت ئوقۇ، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق كىشى بىلەن توي قىلماقچى بولغان گۈلگىنەگە كۈل، ئۇنىڭ كېيىنكى يىغىسى ئۆزىنىڭ شورى. يىغلىما دوستۇم، غەيرەتلىك بول، سەنمۇ باشقىلارغا قارىلىق تۇتۇپ يۈرىۋەرمەي كۆڭلۈڭگە يارىغۇدەك بىرەرسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ توي قىلىۋال.
-توي قىلىۋال دېگىن،-دېدى لالە مېيىقىدا ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ،-سۆيگەن يىگىتىمدىن كەلگەن ۋاپا شۇ تۇرسا، باشقىلاردىن نېمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلىگەن بولسام باشقىسى مەيلىتى.
بىز شۇ كۈنى كەچتە ئىككى سائەتتەك قارلىق كوچىلارنى ئايلىنىپ، بىر-بىرىمىزگە قىيالمىغان ھالدا ئۆيلىرىمىزگە قايتىشتۇق.


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)