باش بەت / ساقلايمەن

يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 09:49 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ھاياتتا شۇنداق بىر كىشىلەر باركى، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىنىڭ ناھايىتى قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە،بۇ مۇشەققەتنى تارتقاندىن كۆرە باشقىلار ئۈستىدىن خالىغانچە يەكۈن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىش، ئىشلىرىنى بۇزۇش، سۆز-چۆچەك قىلىش ئارقىلىق ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئېشىغا توپا چاچىدۇ. كۈلكىسىنى يىغىغا، غەلبىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمايدۇ. لالەنىڭ بۇ قېتىمقى خۇشاللىقىمۇ ئەنە شۇنداق كىشىلەر تەرىپىدىن بىر يىلغا بارا-بارماي كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرد-ئەلەمگە ئايلاندى. گۈلگىنەمۇ قانداقلا سورۇندا ئولتۇرساق لالەنى سۆكۈپ تىللايدىغان بولدى. ئادەملەرنىڭ نادانلىقىغا ھەيرانمەن، لالەنىڭ شىرئەلىگە بولغان مۇھەببىتىنى گۈلگىنەدىن ئۆچ ئېلىش دەپ يەكۈن چىقارغان ئاشۇ دۆت ئادەملەرگە بىردە ئاچچىقىم كەلسە، بىردە ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇھەببەتنىڭ پۈتۈن روھى بىلەن، بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن ھەممە نەرسىسى بىلەن خالاش، قارشىلىق قىلغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئىستەكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، شۇنى چۈشەنگۈدەك ئەقلى بولغان بولسا، نۇرغۇن بەخىتسىزلەرنىڭ بەختى ئېچىلماسمىدى؟مېنىڭ ئاشۇ مۇھەببەتنى چەكسىز قەدىرلىگەن ۋاپادار دوستۇم بۇنچە ئاسان توزۇپ كەتمەي پورەكلەپ ئېچىلماسمىدى؟
مەن ئاڭلىغان بىر شۇم خەۋەردىن مەشئۇن قىسمەتنىڭ كۆيدۈرگۈچ چاقمىقى بېشىم ئۈستىدىلا قاراسلاپ يانغاندەك بولدى. لالەنىڭ ئۆيىگە يىقىلىپ-قوپۇپ دېگەندەك بارسام ئۆيى قۇلۇپلاقلىق تۇرۇپتۇ. قوشنىسى نىساخان ھەدە مېنى كۆرۈپلا ئالدىمغا ئالمان-تالمان يۈگۈرۈپ كەلدى.
-سىزمۇ ئاڭلاپسىز دە،-دېدى چىرايىمنىڭ ئوسال ، ھالىمنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆرۈپ ،-بىچارە لالەگە بەك تەس بولدى، بەك سەت بولدى،-ئادەتتە ئۆپچۆرىسىگە قارىمايلا ئاغزىنى قويىۋېتىدىغان بۇ ئايال نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىمىساممۇ، مەن ئاڭلىغان ئەھۋالنى خۇددى قاپتىن ياڭاق تۆكۈلگەندەك سۆزلەپلا كەتتى،-توۋا خۇدايىم، شىرئەلىنىڭ ئۆيىدىكىلەر نېمانچە ئەسكى خەق،-دېدى نىساخان ھەدە باشقىلارنىمۇ ئاڭلىسۇن دېگەندەك يۇقىرى ئاۋازدا،-بىچارە لالە ئەتىگەن كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشۈپ مەھەللىگە كېلىشىگە شىرئەلىنىڭ ئانىسى بىلەن ھاممىسى قاياقتىن پەيدا بولدى، بىلمەي قالدۇق، لالەنى باسماقداپلا چاچلىرىنى يۇلۇپ بەك ئۇرىۋەتتى. ئەگەر قوشنىلار ئارىغا كىرىپ ئاجرىتىۋالمىغان بولساق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويامتىكى ئۇ ھازازۇللار، ئۇرغاننى ئاز دەپ، ئاغزىنىڭ بېزەپلىكىچۇ، مەن ئۆمرۈمدە ئۇنداق يامان خوتۇنلارنى ئاڭلاپمۇ، كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. شىرئەلىنىڭ ئاپىسى نېمە دەيدۇ دېمەمسىز؟ «ھەي! بۆشۈكىدە بۇزۇلغان قېرى جالاپ! تېخى مۇشتتەك ئوغلۇمنى ئازدۇرۇپ ئۆزۈڭگە ئەر قىلامتىڭ؟ بالا قىلامتىڭ؟ شىرئەلىچۇ، مەن راۋرۇس شۈمەك سېلىپ چوڭ قىلغان يىگىت. ساڭا ئوخشاش كېتىۋېتىپ كۈندە بىرنى تۇغىدىغان بۇزۇق مېكيانغا چۈشۈپ قالغان ئوغلۇم يوق. ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن غىت قىسمايدىغان بولساڭ سېنى تىنجىتمايۋاتقان ھېلىقى بىر نېمەڭگە دەزمال يېقىپ پۈتەي قىلىۋېتىمەن...»
بۇ گەپلەرنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي سورىدىم:
-شىرئەلىمۇ كەپتىكەنمۇ؟
-كېيىنرەك كەلدى، لېكىن ئاپىسىنى «بولدى قىل» دېيەلمەي بىر چەتتە دومسىيىپ قاراپ تۇرىدىغۇ، ئۇ لامزەللە. ئاڭغىچە لالە ئايلىنىپ قېلىپ لەيلىخانلار چىقىپ ماشىنا بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى،-دېدى نىساخان.
يىغا ئارىلاش ۋارقىراپ كەتتىم.
-لەنەت! مىڭ لەنەت سېنىڭدەك ئەرلەرگە!
-توغرا دەيسىز، ھازىر ئەرلەرنىڭ ئەركىكى قالمىدى،-دېدى نىساخان ئاچاممۇ.
مەن شۇئان تاكسى توسۇپ دوختۇرخانىغا باردىم. پەلەمپەي باسقۇچلىرىنىڭ ئىككى-ئۈچىنى بىر ئاتلاپ بالنىستقا كىرسەم، لالە بۇرنىغا ئوكسىگىن نەيچىسى سېلىنغان ھالدا يېتىپتۇ. ئۇ مېنىڭ ئىشىكتىن كىرگىنىمنى كۆرۈپلا يېرىم ئوچۇق كۆزىنى يۇمىۋالدى، لەيلىخان ئاچام بوينۇمغا ئېسىلىپ ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى.
-بىزگە نېمە كەلگۈلۈك، نېمە تارتقۇلۇق بۇ، قىزىم كەۋسەر! قورسىقىمغا پاتقان بىر تال قىزىم جاھانغا پاتمامدۇ ئەمدى!
دوختۇرلار بىزنى كارىدورغا چىقىرۋېتىشتى، لالە مەن كەتكۈچە بولغان ئارلىقتا كۆزىنى ئاچقىلى ئۇنىمىدى. ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا لالەنى بىر قېتىم يوقلاپ تۇردۇم، ئۇ ھامان خىيالچان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىكىپ جىممدە يېتىۋالاتتى. بۈگۈن ئاخىر زۇۋانغا كەلدى.
-مېنى كەچۈر دوستۇم،-دېدى ئۇ كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقىدىن ياشلىرىنى سىرغىتىپ،-مەن ئۆلدۈم، ئۆلۈپ بولدۇم، كەۋسەر! مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئاتا-ئانام ماڭا، مەن ئاتا-ئانامغا يىغلىماي تۇرۇپ قارىشالمايۋاتىمىز. يۈرىكىممۇ كۈندىن-كۈنگە مۇزلاپ كېتىۋاتىدۇ، مەندىن رازى بول، دوستۇم!
ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ ئىچ-ئىچىمدىن بوغۇلۇپ يىغلاشتىن باشقىسى قولۇمدىن كەلمىدى. قايتىشقا تەمشەلگىنىمدە لالە قولۇمغا ئېسىلىپ تۇرۇپ:
-بۈگۈن قېشىمدا قونۇپ قالغىنا، دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى،-دېدى.
-ئاداش، بۈگۈن مەندىن رەنجىمە، كامال كېچىلىك دىجورنى ئىدى، بالىلارغا قارايدىغان ئادەم يوق، ئەتە كېلىپ قوناي بولامدۇ؟-دېدىم ئۇنىڭ مەڭزىدىكى ياشلىرىنى سۈرتكەچ.
-ئۇنداق بولسا بىردەم ئولتۇرغىن بولامدۇ؟-دېدى ئۇ ماڭا يېلىنغاندەك بىر تەرىزدە قاراپ.
-بولىدۇ، مەن قايتىشقا ئالدىرىمايمەن،-دېدىم ئۇنىڭ ماڭلاي چاچلىرىنى تۈزىگەچ.
-كەۋسەر، تومپوچكىنىڭ تارتمىسىدىكى قول سومكىسىنى ئالغىنا،-دېدى ناھايىتى پەس ئاۋازدا. مەن تارتمىنى ئېچىپ ئۇنىڭدىكى كىچىك قول سومكىسىنى كۆرۈپلا تونۇدۇم، ئۇ قۇدرەتنىڭ قەشقەردە ئوقۇۋاتقاندا لالەگە ئالغاچ كەلگەن تۇنجى سوۋغىتى ئىدى. سومكىنى ئېلىپ لالەگە سۇندۇم. ئۇ سومكىنى مەيدىسىگە قويۇپ بىردەم دېمىنى ئېلىۋالماقچىدەك كۆزلىرىنى يۇمدى. كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرىدىن ياش سىرغىپ قۇلاقلىرىغا ئېقىپ چۈشتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ئازابلىرىغا قاراپ يۈرىكىم ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئاغرىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۈنسىز ياش تۆكتۈم. يىغلاۋاتقان يۈرىكىم «جېنىم لالە !يىغلا، ۋۇجۇدۇڭدىكى سۆيۈملۈك كىشىلىرىڭ سوۋغا قىلغان زەرداپ، قانلار كۆز ياشلىرىڭ بىلەن چىقىپ كېتىپ كېسىلىڭ يېنىكلىشىپ قالار» دەپ نىدا قىلاتتى. ئۇنىڭ يېنىك ئېسەدەشلىرى پەسەيگەندىن كېيىن كۆز ياشلىرىنى سۈرتتۈم.
دۇنيادا دەرد-ئەلەم ئىچىدىكى دوستۇڭنىڭ مەجبۇرىي كۈلۈش ئۈچۈن تىرىشقىنىنى كۆرۈشنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئازابلىقىنى لالەنىڭ سۇلغۇن يۈزى، قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى يىغىدىن قىزىرىپ ئىششىپ خۇمارلىشىپ قالغان چىرايلىق كۆزلىرىگە قاراپ ھېس قىلىۋاتىمەن. ئۇ ماڭا قاراپ شۇنداق بىر كۈلۈمسىرىدىكى، ئۇنىڭ بۇ بىچارە كۈلۈمسىرەشلىرىگە قاراپ يۈرەكلىرىم پارە-پارە بولۇپ كەتتى ....
-كەۋسەر،-دېدى ئۇ قولىدىكى سومكىسىنى ماڭا تەڭلەپ -بۇنى سەن ساقلاپ قوي، ئۇنىڭ ئىچىدە مەن يېزىپ قويغان بىر پارچە خەت بار. كېيىنچە ئۇنىڭغا بېرىشنى توغرا كۆرسەڭ، پۇرسىتى كەلسە بەرگىن، قالغانلىرى زىلالە چوڭ بولغاندا ئاپىسىنى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ياردىمى بولۇپ قالار... ئاداش، شۇ قىزىمغا بەك چىدىمايۋاتىمەن، ئاپام-داداملاردىن كېيىن قالسا، قانداق قىلار...-ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنە ياش سىرغىپ چۈشتى...
-لالە، سەن نېمىلەرنى ئويلاپ كېتىۋاتىسەن؟ نەدىكى خىياللارنى قىلمىغىنا، زىلالەنى ئۆزۈڭ بېقىپ قاتارغا قوشىسەن،-دېدىم يىغلىۋەتمەسلىككە تىرىشىپ.
-كەۋسەر، شۇ تاپتا ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن سۆزۈم بار ئىدى. بىراق دەپ بولالمىغۇدەكمەن. بەزىدە مەن خاتا قىلدىممۇ؟ دەپمۇ ئويلىدىم، ئەگەر خاتا دېيىلسە مەن ئۇنى ئەقلىم بىلەن ئەمەس، تەلۋىلەرچە سۆيۈپتىمەن، ئۇنىمۇ مېنى شۇنداق سۆيىدىغۇ دەپ بارلىقىمنى بېغىشلىۋېتىپتىمەن. بىراق مەن ئۇنىڭدىن پەقەت سەمىمىي بىر قەلىبتىن ئۇرغۇغان پاك مۇھەببەت كۈتكەن ئىدىمغۇ؟ ئۇ مۇھەببەت ناملىق خەنجىرى بىلەن يۈرىكىمنى يارىلاندۇردى. بىلەمسەن، كەۋسەر، مېنىڭ يۈرىكىمگە ئۇنىڭ شۇ ياۋۇز خەنجىرى تېخى سانجىقلىق.... ئاداش، سەن مەندىن نەپرەتلەنسەڭمۇ مەيلى، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن ئاشۇ كۆڭۈللۈك كۈنلىرىمنىلا ھاياتىمدىكى ئەڭ مەنىلىك، بەخىتلىك چاغلىرىم دەپ ھېساپلايمەن. ئويلاپ باقسام، ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مەن بەكمۇ يالغۇز، مەنىۋى جەھەتتىن چىدىغۇسىز يالغۇزچىلىق تارتتىم. مانا ئەمدى ھەممىنى ئارقامغا تاشلاپ كېتىدىغان بولدۇم. شۇنچە قىسقا ھاياتىمدا سۆيۈپتىمەن، سۆيۈلەلمەپتىمەن. ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ زور ئازاپ بولامدۇ؟ كېيىنكى ئىشلارنى نېمە دەپمۇ چۈشەندۈرەرمەن؟ خۇدايىم بەرمىسە ھەممىنى بەرمەيدىغان ئوخشايدۇ...-ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي ھاسىراپ كۆزلىرىنى يۇمىۋالدى، كۆزلىرىدىن يەنە ياش قۇيۇلدى.
-لالە ، دېمەكچى بولغانلىرىڭنى مەن چۈشىنىمەن. مەن ساڭا شۇنى دەپ قوياي، قۇدرەت سېنى ھېلىمۇ سۆيىدۇ، بىراق ئۇنىڭدا چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمىنى قوغداش، قەدىرلەشتەك جاسارەت يوق! ئۇنىڭدا ئەركەكلىك كەم! قۇدرەتتە كەم نەرسىلەر شىرئەلىدە بولغان بولسىمۇ، سەن...-سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي يىغلاپ سالدىم.
لالەگە قارىسام ئۇنىڭ ھالى سەل پەسلەپ قالغاندەك، نەپەسلىرى تېزلىشىپ، پىشانىسى تەرلەپ قالدى، دوختۇرنى چاقىردىم، كارىدوردا تۇرغان لەيلىخاچاممۇ كىردى. دوختۇر تەكشۈرۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، سېستىرالار ئوكۇللارنى ئالماشتۇرۇپ قويدى. ئۇ ئەمدى ئۇيقۇغا كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئۇيقۇدىكى سۇلغۇن چىرايىغا مېھرىمنى ئۈزەلمەستىن قاراپ تۇرغاندىن كېيىن لالە بەرگەن سومكىنى ئېلىپ ئېغىر قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيگە قايتتىم.
مەن كەم ئەقىل، باغرى تاش خوتۇن ئاخىرقى نەپەسلىرىدە مەن بىلەن ئەنە شۇنداق ۋىدالىشىۋاتقان بەخىتسىز دوستۇمنى تاشلاپ قايتىپ كەپتىمەن.
ئەتىسى سەھەردە يۈرىكىمنى زەھەردەك ئېچىشتۇرۇپ جىرىڭلىغان تېلېفون دوستۇم لالەنىڭ خۇددى لالىدەك نازۇك، لالىدەك گۈزەل، ئەمما دەرد-ئەلەمدىن زەئىپلەشكەن ۋۇجۇدىنىڭ بۇ پۈتمەس-تۈگىمەس ئازابلارنى ئاخىرى كۆتۈرەلمىگىنىنى ماڭا ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق سۆز بىلەن جاكارلىدى.
دوستۇم لالەنىڭ ماتىمىدە ئاق رومالنى بېشىمغا ئەمەس، خۇددى يۈرىكىمگە ئورىغاندەك بولدۇم. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم كۆز يېشىم بىلەن ئېرىپ تۈگەيدىغاندەك ئىدى. بىراق ئادەم دېگەن ھەممىگە چىدايدىكەن، بىر نەچچە يىل ئۆتتى. مەن دوستۇم لالە بىلەن قولتۇقلىشىپ ماڭغان شۇ كوچىلاردا مېڭىپ، دوستۇم بىلەن تەڭ چوڭ بولغان مۇشۇ شەھەردە ئۇنىڭسىز يەنە ياشاۋاتىمەن.


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)