باش بەت / ساقلايمەن

يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 09:48 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپلا گۈلگىنەنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. يولدا كېتىۋېتىپ گۈلگىنەنىڭ باشقا بىر قۇدرەت ئىسىملىك بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىنى تىلىدىم. ئىككىمىز چاي ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ-بۇنىڭ پاراڭلىرىنى قىلغاندىن كېيىن، گەپنى مەن تەشتىم:
-گۈلگىنە يېڭى گەپلەرنى ئاڭلايمەنغۇ؟
شۇئان ئۇنىڭ يۈزىگە قىزىللىق يۈگۈردى.
-ساڭا بۇ ئىشلارنى نېمىدەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەيۋاتىمەن،-دېدى گۈلگىنە كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ پىيالەمگە چاي قۇيغاچ،-ئۆزۈمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيۋاتىدۇ.
-ئۇ ساڭا ئوچۇقلا توي قىلايلى دېدىمۇ؟
-ياق، بۇ ئىشنى دەسلەپتە ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلار تاپتى. بۇگەپ باشتا ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى. لېكىن ۋاقىت ھەممىنى يېڭىدىكەن. ئىككىمىز بىر ئىشخانىدا ئىشلەپ يۈرۈپ مىجەزىمىز كېلىشىپ قالدىمۇ ياكى تەقدىر دېگەن شۇنداقمۇ، بىلمىدىم، يېقىنلىشىپ قالدۇق. شۇنداقتىمۇ باشقىلارنىڭ ئۇششاق سۆزلىرىدىن، دوستلارنىڭ تاپا-تەنىلىرىدىن ئەنسىرىدىم. ئەڭ مۇھىمى گۈللالەنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن دەپ ئازابلاندىم. ئۇلار ئاجراشقىلىمۇ ئۈچ يىل بوپتۇ، ياراشقان بولسا شۇنىڭغىچە يارىشىۋالاتتى. قۇدرەتنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ لالە بىلەن يارىشىۋېلىشىغا پەقەت قوشۇلمايدىكەن. ئويلاپ باقسام باشتىلا ئۆيدىكىلەرنىڭ رەنجىپ قېلىشىدىن قورقماي ئۈرۈمچىدە قېلىپ، دىلزات بىلەن توي قىلسام بوپتىكەن. ئەمدى ئەتراپىمغا قارىسام ھېچ ماڭا ماس كەلگۈدەك بىرەرى يوق. قىز بالا بەك جىق ئوقۇپ كەتسە، نەزىرى ئۈستۈنلىشىپ قالامدۇ ياكى ھازىرقى ئوغۇللار ئوقۇغان قىزلار بىلەن ياشاشنى خالىمامدۇ بىلمىدىم. ئويلاپ باقسام قۇدرەت قانداقلا بولمىسۇن ساۋاقدىشىم ھەم كەسىپداش بولغاچقا، چۈشىنىشىمىز يەنىلا چوڭقۇر ئىكەن. كۆڭۈل دېگەن ئاجايىپ نەرسىكەن، راست گېپىمنى قىلسام ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.
-مۇنداق دېگىن،-دېدىم ئىختىيارسىز ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ،-قۇدرەتنىڭ نېمە خىسلىتى باردۇ؟ قىزلار ھەجەپ ئاسان ياخشى كۆرۈپ قالىدىكىنە؟ «ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق» دېگەندەك ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا يەنە سەندەك بىر ياخشى قىزنى ئۇچراشتۇرغىنىنى دەيمىنا؟-دېدىم مەن ئازاب بىلەن.
-سەن خاتالىقنى بىر تەرەپكىلا قويىۋالما، لالەنىڭمۇ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرى باردۇ؟
-توغرا دېدىڭ، دوستەك . ئۇنىڭ خاتالىقى قۇدرەتنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكى، ئۇنى ئۆزىدىنمۇ ئارتۇق كۆرۈپ ئۇنىڭغا بارلىقىنى بېغىشلىۋەتكەنلىكى، شۇڭا قۇدرەتنىڭ ئالدىدا قەدىرلەنمىدى. ئاداش سەن ئۇنى ھەر قانچە ياخشى كۆرسەڭمۇ، ئۆزۈڭدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىۋەتمە، سەن ئۆزۈڭنى قانچە قەدىرلىسەڭ باشقىلارنىڭمۇ قەدىرلىشىگە ئېرىشەلەيسەن،-دېدىم.
-بەلكىم دېگەنلىرىڭ توغرىدۇ،-دېدى گۈلگىنە كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ كەسكىن بىر تەلەپپۇزدا،-ھەممە ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆزىگە يورۇيدىكەن. ئەمدى باشقا تاللىشىم، باشقا ئىلاجىم يوق.
-بوپتۇ، ئاداش. بۇمۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇ؟ سەن بولساڭمۇ بەختلىك بول،-دېدىم ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىۋېتىپ.
بىر شائىرنىڭ «كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ» دېگىنىدەك، ئادەم ئۆمرىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ رەڭداشلىقىغا، خىلمۇ-خىللىقىغا ئۆزىمۇ ئىشەنمەي ھەيران قالىدىكەن. بىردە يىغلىتىپ، بىردە كۈلدۈرىدىغان ھايات قىسمەتلىرى ھادىسىلەرگە نېمە دېگەن باي-ھە!
توۋا، ئادەم دوزاخقىمۇ كۆنۈپ قالارمىش. لالەمۇ بەزىدە يىغلاپ، بەزىدە كۈلۈپ دېگەندەك ئۇ بەخىتسىزلىكلەرگىمۇ كۆنۈپ قالغاندەك قىلاتتى. مېنىڭمۇ بىر ئۆي بېشىمغا كىيىلىپ، بالىلىق بولغاندىن كېيىن، لالەنى بۇرۇنقىدەك كۈن ئارىلاپ ئىزدىيەلمەيدىغان بولدۇم، كوچا-كويلاردا ئۇچرىشىپ قالساقمۇ، ئانچە ئۇزۇن مۇڭدىشالمايتتۇق. ئۇ قۇدرەت بىلەن گۈلگىنە توي قىلغاندىن كېيىن، دوستلارنىڭ يىغىلىش جايلىرىغا بارماس بولىۋالدى. مەنمۇ ئۇنى زورلىيالمىدىم. كېيىنكى چاغلاردا ئۇنى سېخىدىكى ئۆزىدىن كىچىكرەك بىر بالا بىلەن مۇھەببەتلىشىۋېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم. شۇ گەپنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلىش ئىستىكىدە ھەم ئۇنى ئوتتەك سېغىنىپ يۈرگەن بىر كۈنى، لالە خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئۆيگە ئۆزى كىرىپ كەلدى.
-كەۋسەر، تېز بولۇڭ، لالەنىڭ بېشىدىن ياغاچ ئۇشتۇۋېتىڭ،-دېدى كامالمۇ خۇشاللىقىدا.
بىز كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، كامال لالە ئىككىمىزگە پۇرسەت بېرىش ئۈچۈن بالىلارنى ئويناتقىلى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئىككى دوست ئۆيدە يالغۇز قالدۇق، مەن لالەنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ چىرايىغا ئۇزاق تىكىلدىم. ئۇ تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتكەن ئىدى.
-ساراڭ، مېنى تونۇمايۋاتامسەن؟ نېمانچە قارايسەن ماڭا؟-دېدى ئۇ شادلىقتىن كۆزلىرىنى چاقنىتىپ.
-خانىم، يىڭى گەپلەرنى ئاڭلايمەنغۇ؟
-راست خانىم، لېكىن بەك كېچىكىپ ئاڭلاپ قالدىلا.
-كىمۇ ئۇ، مەن تونامدىمەن؟-جىددى سورىدىم.
-تونۇيسەن،-دېدى لالەمۇ بەختلىك كۈلۈمسىرەپ.
-زادى كىم؟ تېزراق دېگىنە.
-شىرئەلى.
-قايسى شىرئەلى؟
-گۈلگىنەنىڭ ئىنىسىچۇ؟!
-نېمە؟ نېمە دېدىڭ؟!-بېشىمنى ئارقامغا تاشلاپ شۇنداق كۈلدۈمكى، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. لالەمۇ مەندىن ئاشۇرۇپراق ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ كۈلىۋاتاتتى.
-توۋا، توۋا، نېمە دەۋاتىسەن، لالە؟-دېدىم كۈلكىدىن توختاپ ياشلىرىمنى سۈرتۈپ،-ئۇ ماڭقا تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيىپ يۈرەتتىغۇ؟
لالە شۇنداق كۈلدىكى، ئۇنىڭ ئىچ-ئىچىدىن پارتلاپ چىققان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم.
-ماڭ... ماڭقا ئەمەس ، ئاداش،-دېدى لالە ئۆزىنى كۈلكىدىن توختىتالماي،-ئۇ دىگەن ھازىر راۋرۇس يىگىت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە ئوت!
-ماقۇل، شۇنداقمۇ دەيلى. ئۇ سېنىڭدىن جىقلا كىچىكقۇ؟
-جىق ئەمەس، پەقەت بەش ياشلا كىچىك.
-كۆزۈڭگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي قاپتۇ، ساراڭ!-دېدىم لالەنىڭ مەڭزىگە نوقۇپ،-سەن تۇرمۇشنىڭ خاپىلىقىنى ئاز تارتتىڭمۇ؟ ئەمدى بولسىمۇ بېشىدىن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەن، يېشى چوڭراق، ھالىڭغا يېتىدىغان بىرسىنى تاپساڭ بولمامدۇ؟ بۇ كىچىك ماڭقاڭ سېنىڭ دەردىڭنى تارتارمۇ، سەن ئۇنىڭ دەردىنى تارتارسەنمۇ؟
-بىللە تارتىمىز،-دېدى ئۇ تېخىچە قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ،-«كۆيۈشكەندە تەڭ كۆيگەن، بىللە تارتىلى دەردنى» گەپ شۇ خانىم!
ئۇنىڭ چىرايىغا باشقىدىن قاراپ چىقتىم. خۇشاللىقنىڭ ئادەمنىڭ چىرايىغا بۇنداق تېز تېپىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە سەزمەپتىكەنمەن. ئېقى ئاق، قىزىلى قىزىل بۇ دوستۇمنىڭ چىرايىغا بۇرۇن قايسى كۆزۈم، قايسى نەزىرىم بىلەن تىكىلگەن بولغىيتتىم؟ يائاللا! نېمانداق چىرايلىق نەرسە بۇ؟!
-ساڭا ھازىر نېمە دىسەم بولار ، لالە؟-دېدىم ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنراق سىلجىپ،-سەن دېگەن بالىسى بار چوكان، ئۇ ئەمدى خىزمەتكە چىققان تېخى توي قىلمىغان بىر بالا، بۇ تەرەپلىرىنى ئويلاپ كۆردۈڭمۇ؟
-ئويلاپ كۆردۈم،-دېدى ئۇ بىر ھازا جىم ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن،-ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ ئېيتتىم، بىراق ئۇنىڭ ئىرادىسى بەك چىڭ، بولمىسا نەچچە قېتىم رەت قىلدىم. بىچارە بالا پۇتلىرىمغا ئېسىلىپ تاشنى ئېرىتكۈدەك دەرىجىدە يىغلاپ-يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى. ئۇۋالىغا قالماي دېدىم. ھەتتا شىرئەلى «بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر توي قىلىشىمىزغا قوشۇلمىسا ئۆيدىن يېنىپ چىقىپ سىز بىلەن بىرگە ياشايمەن»دەيدۇ. ئويلاپ باقسام قۇدرەتتىن ئايرىلىپ بەش يىلغىچە ئارقامغا كىرگەن، توي قىلىش تەكلىپىنى قويغانلارنىڭ ھېچقايسىسى قۇدرەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغاندەك نەزىرىمگە سىغمىغان ئىدى. شىرئەلى بىزنىڭ سېخقا كېلىپ، ماڭا شاگىرىتلىققا بېرىلگەندىن كېيىن تۇرمۇشۇمغا يېڭى بىر مەنا قوشۇلۇپ ھايات باشقىچە گۈزەللىشىپ، كەيپىياتىمدا ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. ھەممە نەرسە ماڭا كۈلۈپ قاراۋاتقاندەك تۇيۇلدى. خۇدا ھەققى ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشى ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى. كېچىلىك ئىسمېنىغا چىققاندا بىز ئۇزاقتىن-ئۇزاق مۇڭدىشىدىغان بولۇپ كەتتۇق. ئۇ «لالە ھەدە» دەيدۇ. مەن «ئۇكام» دەيمەن. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن شۇنى بىلدىمكى، ئارىمىزدا تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمىغان بىر يېقىنچىلىق پەيدا بولۇپ قالدى. دەسلەپ سەزمەپتىمەن. ئۇنى بىردەم كۆرمىسەم سېغىنىدىغان، قويغان-تۇتقىنىمنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئەسلى مۇھەببەت دېگەن شۇ ئىكەن. مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزمۇ ئۆزىدىن 15 ياش چوڭ خەدىچە ئانىمىزنى نىكاھىغا ئاپتىكەنغۇ؟ قىسمەت شۇنداق ئوخشايدۇ. دوستۇم، ياخشى كۆرگەن يىگىتىمنىڭ ئاخىرى گۈلگىنەنىڭ ئىنىسى بولۇپ چىققىنى يامان بولدى. گۈلگىنە مېنىڭ ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ توي قىلدى. مەن ئۇنىڭ ئىنىسىنى ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام نېمىسى خاتا؟ جېنىم دوستۇم، سەن ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇغان ئايال. بۇ ئىشتا مېنى سەن بولساڭمۇ قوللا، بۇ ماڭا تۇرمۇشتا، ھاياتتا قىلغان ئۇنتۇلماس ياردىمىڭ بوپقالسۇن ...
دوستۇمنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك، ئېقىن سۇدەك راۋان، ھەق سۆزلىرى ئالدىدا يەنە نېمە دېيەلەيتتىم. ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق مەڭدەپ قاپتىمەن. خۇشال بولۇشۇمنى ياكى خاپا بولۇشۇمنى بىلەلمەي، ئۇنى گاراڭ ھالەتتە ئۇزىتىپ قالدىم.


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)