باش بەت / ساقلايمەن

(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-8 06:25 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    ‹‹ سالام لالە!
    بىرىنچى قېتىملىق خېتىمگە جاۋاپ خەت يازمىغان بولساڭمۇ، مەن يەنىلا زور تاقەت بىلەن ئىككىنچى پارچە خېتىمنى يېزىۋاتىمەن. بۈگۈن قەشقەرنىڭ ئاسمىنىدا قىش ئەلچىسى بولغان تۇنجى قار ياغدى. بۈگۈنكى بۇ قار مېنى خىلمۇ-خىل ئويلارغا سالماقتا. تەبىئەت مەۋجۇداتى ئىچىدە مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسە قىشنىڭ ئەلچىسى ئاپئاق قار ئىدى. مەن ئۇنى گۈزەل باھاردىكى رەڭدار گۈللەردىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىمەن. بۇنىڭ سەۋەبى قار- ئانام بەرگەن ئوغۇز سۈتىدەك ئاق، يىڭى دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقتەك پاك ئىدى. مەن ھازىر بۇ ئاقلىقنى ھەم پاكلىقنى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىن بايقىيالىغىنىم ئۈچۈن شۇنچە بەختىيارمەن. مېنىڭ غۇبارسىز ئاق لالەم ئاڭلاۋاتامسەن؟ قارنىڭ ئاقلىقىنى سېنىڭ قۇربان ھېيتتا كىيگەن ئاق گىرىپ كۆڭلىكىڭگە، قارنىڭ پاكلىقىنى بىرمۇ قارا چېكىت ئۇرۇلمىغان غۇبارسىز قەلبىڭگە، جىسمىڭغا ئوخشىتىۋاتىمەن. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىلقى قارنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. چۈنكى ئاق قار خىيالىمدا سەن ئاق لالەم ئىدىڭ... قارلارنى ئىككى قوللاپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئۇزاققىچە قاراپ، ئاق كۈمۈش ئۇۋۇندىللىرى ئارىسىدىن سېنىڭ يۈرىكىڭنى ۋە شۇ يۈرىكىڭدە كىم ۋە نېمە بارلىقىنى بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ.
    ياغقىن، ئاپئاق قارلار، ياغقىن! بۇ كۈزنىڭ كۆڭۈلسىز بورانلىرىدا توپا-چاڭ ۋە ئىس-تۈتەك بىلەن بۇلغانغان تەبىئەتنى ئۆزۈڭنىڭ ئاپئاق جىسمىڭ بىلەن پاكلىغىن. دائىم قارا ئىس-تۈتەكلەرنى كۆرۈپ زىرىككەن كۆزلەرنى ئۆزۈڭنىڭ ئاقلىقىڭ بىلەن قاماشتۇرغىن.
    بېشىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم، ئاسماندىن چۈشىۋاتقان كۈمۈش ئۇۋۇندىللىرى يۈزلىرىمگە،كۆزلىرىمگە سۆيۈشكە باشلىدى. مەن مەست بولۇپ كۆزلىرىمنى يۇمدۇم... لالەم، سەنچۇ؟ سەنمۇ ئاپئاق قارنى ياخشى كۆرەمسەن؟ بۈگۈن مايتاغدىمۇ قار يېغىۋاتامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا سەنمۇ بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۆزلىرىڭنى يۇمغىن، ئاپئاق قارلار سېنىڭ ئاپئاق يۈزلىرىڭگە، جىنەستىدەك لەۋلىرىڭگە سۆيۈپ قويسۇن ...
    لالە، شۇ تاپتا بالىلىق چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ، بىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىزغىچە بىر سىنىپتا شۇنچە ئىجىل، ئىناق ئۆتكەن ئىدۇق. سەبىي چاغلار ئىكەندۇق. بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ، بىر يولدا مېڭىپمۇ، ھەتتا مەكتەپ سەھنىلىرىدە بىرگە ئويۇن قويۇپمۇ ھېچقانداق غەيرى خىياللاردا بولماي خۇشال ياشاۋاتاتتۇق. شۇ بىر قېتىملىق تەڭ كېچىكىپ قېلىشىمىز ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇ بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلىرىمىز ئىدى. چۈشتىن كېيىنكى بىرىنچى سائەتلىك دەرس تۈگىگەنىدى. كۈن بەك ئىسسىق ئىدى. ئوغۇللار سۇخانىغا سوغۇق سۇدا بېشىمىزنى يۇيۇشقا باردۇق. مەن بېشىمنى يۇيۇپ ئەڭ ئارقىدا قاپتىمەن. بالىلار سىنىپقا كىرىپ ئولتۇرۇپ بوپتۇ. يۈگۈرۈپ سىنىپ ئالدىغا كەلگىنىمدە سەن قارشى تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كەلدىڭ. بىز سىنىپقا كىردۇق. ئەدەبىيات دەرسى ئىدى، گەپنى ئايىماي قىلىدىغان تۇرداخۇن مۇئەللىم مۇنبەردە گىدىيىپ ئولتۇرۇپتىكەن. بىزگە بىر ھازا قارىغاندىن كېيىن:
    -ئىككىللىرى نەگە بېرىشتىلا؟-دەپ سورىدى ئاۋازىنى سوزۇپ. 
    سەن جاۋاپ بەرگىچە مەن ئالدىراپلا :
    -سۇخانىغا، -دەپ جاۋاپ بەردىم.
    -يۈرەككە ئوت كېتىپ، مەيدەڭلەرگە سۇ چاچقىلى بارغانمۇ؟-دېدى مۇئەللىم چىرايىنى ئۆزگەرتمەي.
    تۆۋەندە ئولتۇرغان ساۋاقداشلار پاراققىدە كۈلۈشتى.
    -مۇئەللىم مەن سۇخانىغا بالىلار بىلەن بارغان ئىدىم،-دېدىم سۆزۈمگە تۈزىتىش بىرىپ، بالىلار يەنە كۈلۈشتى. ساڭا قارىسام يۈزلىرىڭ كىيىۋالغان قىزىل گىرىپ كۆڭلىكىڭ بىلەن رەڭ تالىشىپ قىزىرىپ كېتىپتۇ. بوتا كۆزلىرىڭ نارازىلىق يامغۇرى تۆكەيلا دەپ قاپتۇ. مۇئەللىممۇ سېنىڭ ئەلپازىڭدىن ئەنسىرىدىمۇ، ئاغزىنى ئۆمەللەپ بولۇپ دېمەكچى بولغان سۆزىنى يۇتىۋېتىپ:
    -ئولتۇرۇشسىلا،-دەپ ئىجازەت بەردى. 
    شۇ ئىشتىن كېيىن ساۋاقداشلار<يۈرىكىگە ئوت كېتىپ سۇخانىغا بارغانلار>دېگەن گەپنى پۇرسىتى كەلسىلا گەپكە قوشىۋېلىپ، بىزنى تېرىكتۈرىدىغان بولىۋالدى. سەنمۇ شۇ ئىشتىن كىيىن ماڭا تەبىئىي مۇئامىلە قىلمايدىغان بولۇپ قالدىڭ. ئۇنى ئاز دەپ بىر كۈنى ئەتىگەندە سىنىپقا كىرسەم سەن يېنىمدىكى ئورنۇڭنى ئالدىڭدا ئولتۇرىدىغان گۈلگىنە بىلەن ئالماشتۇرىۋاپسەن، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى يېقىنچىلىق بارغانسېرى سۇسلاشتى. سەن بىلەن بىر پارتىدا يېقىن ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىغان كۈنلەر ئاخىرلاشتى. سېنىڭ شىتىلىلىك قىلىپ كۈلۈشلىرىڭ، مېنىڭ پو ئېتىپ سېنى كۈلدۈرۈشلىرىم، تۈگىمەس غەمسىز پاراڭلىرىمىزنىڭمۇ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى بىلگەن بولسام، شۇ كۈنى سېنىڭ گۈلگىنە بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىۋېلىشىڭغا ھەرگىزمۇ يول قويماس ئىكەنمەن. باھار غۇنچىللىرىغا ئوخشاش كۈندىن-كۈنگە چىرايلىقلىشىۋاتقان گۈزەل رۇخسارىڭ مېنىڭ قەلبىمدە تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ئاشىقلىق تۇيغۇسىنى قوزغىغاندا، بىز تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتۇق. قېرىشقاندەك سىلەر بىزنىڭ مەھەللىدىن بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كەتتىڭلار. ئەمدى مەكتەپكە بېرىپ كېلىشتە ماڭىدىغان يولىمىزمۇ بۆلۈنۈپ كەتتى. ساڭا تەلپۈنۈشتىن پەيدا بولغان ئىچكى ھېسياتىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەي يۈرگەن كۈنلەردە تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىمىز خۇشتار مىنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇ ماڭا ناھايىتى تەسلىكتە:
    -ئاداش، ساۋاقداشلىق ھەم دوستلۇقىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر ئىشتا ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭ،-دېدى.
    -قولۇمدىن كەلسىلا، سەندىن ياردىمىمنى ئايىمايمەن،-دېدىم جاۋابەن. خۇشتارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
    -مەن لالەگە مۇھەببەت تەكلىپى قوياي دېگەن ئىدىم.
    -قايسى لالەگە؟!-بۇ سۇئالنى سوراۋېتىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم شامال سوققان ياپراقتەك تىترەپ كەتتى.
    -سىلەرنىڭ سىنىپتىكى لالەچۇ، سەن ئۇنىڭ بىلەن خېلى يېقىنغۇ؟
    خۇشتارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇددى يۈرىكىمنى بىرسى سۇغۇرۇپ ئېلىۋالغاندەك ئازابتىن تولغۇنۇپ كەتتىم. شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: 
    -مېنى قايسى جەھەتتىن ياردەم قىل دېمەكچى؟-دېدىم. شۇ چاغدا ئاۋازىم شۇنچە ھەسرەتلىك چىقىپ كەتتى. بىراق خۇشتار بۇنى سەزمىدى. ئۇ بىر خىل ئوڭايسىز ھالەتتە:
    -ئۆزۈڭ بىلىسەن، مېنىڭ پوچۇركام سەت ھەم سەنچىلىك قاملاشتۇرۇپ خەت يازالمايمەن، شۇڭا قاتۇرۇپ بىر خەت يېزىپ بەرگەن بولساڭ،-دېدى يېلىنغان تەلەپپۇزدا.
    ئاھ، لالە! بۇ تەقدىرنىڭ مەسخىرىسىمۇ ياكى جازاسىمۇ؟ شۇ چاغدا چىرايىمنى تۈرۈپلا، خۇشتارغا لايىقىدا جاۋاپ بېرىپ، ئۇنى ئارقىغا قايتۇرۋېتەلەيتتىم، بىراق بۇ مەردنىڭ ئىشى ئەمەس، يەنە كىلىپ خۇشتارنىڭ ساڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى ھەقلىق ئىدى. چۈنكى مەن بۇ ھەقتە ساڭا ھېچنەرسە دېمىگەن ئىدىم. پۈتۈن زېھنىمنى يىغىپ ئولتۇرۇپ ساڭا خۇشتار نامىدىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ تەلەپ خېتى يازدىم. توۋا دەيمەن، لالە، ئۇ خەتنى خۇشتارغا يېزىپ بىرىۋاتامدىم ياكى ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ؟ بىلمەي قالدىم. ‹‹قەلبىڭدە نىمە بولسا، قەلىمىڭدىن شۇ تامىدۇ> دېگەندەك، خەتنى يېزىپ بولۇپ خەتنىڭ خۇشتارغا مەنسۇپلۇقىنى ئىسىمگە ئېلىپ، ئازابتىن ئوتتا كۆيگەن قىلدەك تولغىنىپ كەتتىم. خۇشتار ماڭا تەشەككۈر ئېيتقىنىچە خەتنى ئېلىپ كەتتى. مەن شۇ چاغدا خۇشتار ئۆزىگە مەنسۇپ خەتنى ئەمەس، مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ساقلاۋاتقان ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنى ئېلىپ كەتكەندەك بىر خىل ئازاپتا پۇچىلاندىم... شۇ كۈنى دەرسلەردىمۇ زېھنىمنى يىغالماي گاراڭ يۈردۈم. ئەتىسى كەچلىك مۇزاكىرىگە بالدۇر كېلىپ سىنىپتا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز پارتامغا پاققىدە قىلىپ تەگكەن نەرسىنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ قارىسام، سەن قاتلانغان قەغەزنى پارتامغا زەردە بىلەن ئۇرۇپ، كۆزلىرىڭدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپسەن.
    -قۇدرەت، مەن سەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇپ تۇرۇپ، سېنىڭ قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. بۇ سېنىڭ پوچۇركاڭ! ئېيتىپ قوي ئۇنىڭغا! تېخى ئالدىمدا ئوقۇيدىغان ئالىي مەكتەپ بار. باشقا ئىشلارغا ۋاقتىم يوق!-دېدىڭ. 
    شۇ چاغدا ئاۋازىڭ تىترەپ كەتتى. مەن تەييارلىقسىز بولغاچقا گەپ قىلالماي قالدىم، سەن ئارقاڭغا بۇرۇلۇپ سىنىپنىڭ ئىشىكى يېنىغا بارغاندىلا ئېسىمگە كېلىپ:
    -لالە، ئۇ خەت خۇشتارنىڭ بولغان بىلەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يۈرىكىمدىن چىققان،-دېدىم. سەن شاققىدە توختاپ ماڭا قايرىلىپ قاراپ:
    -سەن سۆزلىرىڭنى ئەمەس، يۈرىكىڭنىمۇ خۇشتارغا بېرىۋەتتىڭمۇ؟-دېدىڭ.
    بۇلاقتەك كۆزلىرىڭدىن ئىككى تامچە ياش مەڭزىڭگە دومىلاپ چۈشتى، كۆز يېشىڭنى كۆرسەتكۈڭ كەلمىدىمۇ، قانداق قايرىلغان بولساڭ شۇنچە تېز بۇرۇلۇپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتىڭ.
    لالە، مەن ئازاپ بىلەن خۇشاللىق ئارلىشىپ كەتكەن بىر خىل ھېسياتتا ئارقاڭدىن قاراپ قالدىم. سەن شۇندىن باشلاپ ماڭا پەقەتلا گەپ قىلماس بولىۋالدىڭ. بىراق مەن قەلبىمدىكى ئاجايىپ ساپ ۋە ئاجايىپ شېرىن مۇھەببىتىمنى خۇددى قۇياش ئۆز جىسمىدا مۇقەددەس ئوتنى ساقلاپ لاۋۇلداپ تۇرغانغا ئوخشاش قەلبىمنىڭ پىنھان جايلىرىدا ساقلاپ بۈگۈنگىچە كەلدىم. كۆڭلۈمدە ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقىساق دىگەن ئارزۇيۇم بولسىمۇ، تەقدىرنىڭ كاجلىقىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ، ئىككى پەن قالغاندا سەن تۇيۇقسىز سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيسى قىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىڭ. شۇنىڭ بىلەن نۇمۇرۇڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىپ، ئالىي مەكتەپكە بارالماي قالدىڭ. مەكتەپ بېغىدا دەرس تەييارلاۋېتىپ، ئاشخانا-ياتاق بىناسى ئارلىقىدا ئالدىراش كېتىۋېتىپمۇ، خىيالىمدا سەن. ھامان سېنى سېغىنىمەن. سېغىنىش ئىستەكلىرى قىينىغان چاغلاردا، شېرىن ئارمانلار بىلەن ئۆزۈمنى بەزلەيمەن. لالە، خېتىم بەك ئۇزىراپ كەتتى. ئادەتتە باشقىلارغا خەت يازسام گەپ تاپالماي قالىمەن. لېكىن ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. نىمىشقا خەت يازمايسەن؟ لالە، خەتتىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ماڭا بىر قارىغىنا؟ سەن يوشۇرغاننى كۆزلىرىڭ يوشۇرالمايتتى. ئەپسۇس، خەت يەنىلا يېرىم دىدارلىقىنى قىلدى. سېنىڭ ئاشۇ ئاپەت تېرىغۇچى چىرايلىق كۆزلىرىڭنى چەكسىز سېغىنىپ: 
                                                                                  قۇدرەت››


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)