باش بەت / ساقلايمەن

(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-8 06:30 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مەن خەتنى ئوقۇپ ھاياجان ئىلكىدە تورۇسقا قاراپ، خىيالغا پاتقان لالەنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك يۈزىگە، يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان بوتا كۆزلىرىگە قاراپ:
-لالە، سەن نىمانچە بەخىتلىك! ئۇ ئاخىر راست گېپىنى قىپتۇ، مەن ساڭا شۇ چاغدىلا دېگەنغۇ، ئۇ سېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ...-دېدىم.
-كەۋسەر! بىلەمسەن، مەن مۇشۇ خەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا قانداق ھاياجانلاندىم؟ خەتنى ئىش ئۈستىدىلا تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنى تۇتالماي ئېسەدەپ يىغلاپ كېتىپتىمەن. خىزمەتداشلىرىم يىغامغا قاراپ، يۇرتىدىن بىرەر قايغۇلۇق خەۋەر كەلگەن چېغى دەپ ئەنسىرەپ جىم ئولتۇرسا، خەتنى ئوقۇپ بولۇپلا ئۆزۈمچە ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كىتىپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئىسمېنىدىكىلەر سېنى يىغلىتىپ ھەم كۈلدۈرگەن خەتنى بىزمۇ كۆرۈپ باقىمىز دەپ تالىشىپ، خەتنىڭ بۇرجەكلىرى يىرتىلىپ كەتتى. بىراق نېمىشقىكىن جاۋاپ خەت يازالمىدىم. نېمە دەپ يېزىشنى ئويلاپ بولغۇچە ئىككىنچى خەت كەلدى. قىشلىق تەتىلدە كېلىدۇ دەپ يازمىسام، ئەمدى رەنادىن خەت كەپتۇ، ئۇلارنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقتى بەك ئاز ئىكەن، شۇڭا ئۆيگە كەلمەيدىغان بولۇپتۇ، ئەمدى يازمىسام بولمىغۇدەك، ئاداش، نېمە دەپ يازارمەن؟
-نېمە دەپ يازاتتىڭ، كۆڭلۈڭدىكى گەپلىرىڭنى يازىسەن شۇ.
-بولىدۇ ، مەن ئاۋال يازاي، سەن كۆرۈپ باقارسەن.
تەتىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى، ئاپام بىلەن پېچىنە پىشۇرىۋاتاتتۇق، لالە ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئاپام قولۇمدىكى خېمىرنى ئېلىپ:
-ئايرىلىدىغان كۈنلىرىڭلار كەلدى، ئوبدانراق پاراڭلىشىۋېلىڭلار،-دەپ بىزنى يالغۇز قالدۇرۇپ ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى.
-بۇ تەتىلمۇ بىردەمدىلا تۈگەپ كەتتى. ئىشلەيمەن دەپ سېنى كۆپ ئىزدىيەلمىدىم،-دېدى ئۇ پەلتوسىنى سالغاچ.
-نەدىكىنى ، ھېلىمۇ ئىسمىنىدىن چۈشسەڭلا مەن بىلەن بىللە بولدۇڭ، ئۇيقۇڭغىمۇ قانمىدىڭ، ئەمدى مەن كەتكەندە تازا بىر قېنىپ ئۇخلىۋال .
-شۇ، سەن كەتسەڭ ئىشلەپ، ئۇخلاپ ئۆتمىسەم كىم بار دەيسەن مۇڭدىشىدىغان!
-سەنمۇ يالغۇز ئەمەس، ھېلىقى خەتلەر بارغۇ!
-ھە راست، مەن ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يازغان ئىدىم، كۆرۈپ باق، قاملاشتىمۇ؟ بولىدۇ دېسەڭ ئەۋەتىمەن.
-پاھ ، نېمە دىگەن ياخشى، مەن ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ خەتلىرىنى ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىمەن.
مەن لالەنىڭ قولىدىكى خەتنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.
‹‹ سالام قۇدرەت، ياخشىمۇ سەن؟ ئارقا-ئارقىدىن يېزىلغان ئىككى پارچە خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئالەمچە شادلانغان بولساممۇ، ۋاقتىدا خەت يازالماي قالدىم، ئەپۇ قىل!
قۇدرەت، ھەيرانمەن، ئادەمنىڭ شېرىن خىياللىرى، گۈزەل ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلىنىدىغان كۈنلەرمۇ بولىدىكەن. خۇشتار قولۇمغا ھېلىقى خەتنى بەرگەندە خەتنى ئېچىپ، سېنىڭ قوليازماڭنى كۆرۈپ، قەلبىمدە تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز شېرىن تۇيغۇ قانداق تېز پەيدا بولغان بولسا، دەقىقە ئىچىدە خەتنى ئوقۇپ ئاخىرىدىكى خۇشتار دېگەن ئىمزانى كۆرۈپ، شۇنداق تېز غايىپ بولدى. شۇ كۈنى كېچە ئازابلىق تۇيغۇلار ئىچىدە ئۇخلىيالمىدىم، ئەتىسى كەچلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن ساڭا خەتنى تاشلاپ بېرىپ چىقىۋاتسام كەۋسەر ئۇچراپ قالدى. كۆزلىرىمدىكى ياشنى كۆرۈپ، نېمە بولغانلىقىمنى سورىغاندا، مەن كەۋسەرگە ئېسىلىپلا يىغلاپ سالدىم، شۇندىن بۇيان قەلبىمدىكى بۇ غۇبارسىز تۇنجى مۇھەببىتىمنى پاختا ئىچىدە ئوت ساقلىغاندەك يوشۇرۇپ، سەن بىلەن خىيالەن مۇڭدىشىپ كەلدىم. ئىچىمگە پەقەت سىغمىغان چاغلاردا كەۋسەرگە ھالىمنى تۆكىمەن. ئۇ ناھايىتى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن مېنى ئۈمىدلەندۈرەتتى. سىلەر ئوقۇشقا ماڭغاندا، مەن بىر نەرسەمنى يوقىتىپ قويغاندەك نەچچە كۈن يىغلىدىم.
قۇدرەت، ئادەم بەك خۇشال بولۇپ كەتسىمۇ، تىلى گەپكە كەلمەيدىكەن . شۇ تاپتا قەلىمىممۇ قەغەز ئۈستىدە راۋان ماڭمايۋاتىدۇ. سەندىن خەت كەلمەستە مەن سەن بىلەن خىيالەن مۇڭدىشىپ ئۆزۈمنى بەزلىگەن بولسام، ئەمدى سەن بىلەن كۆرۈشىدىغان مىنۇتلارغا تەقەززار بولىۋاتىمەن. توۋا ! مەن نىېمىلەرنى دەپ كىتىۋاتىمەن؟ بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ بىرگە ئويناپ چوڭ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئالدىڭدا ياسالمىلىق قىلىپ نازلانمىدىم. بەلكىم سەنمۇ بۇنداق رەڭۋازلىقنى ياقتۇرمايسەن، راست گەپنى دېسەم سىنىپتىكى ھېلىقى <خەت خۇشتارنىڭ بولغىنى بىلەن سۆزلەر مىنىڭ يۈرىكىمدىن چىققان>دېگەن سۆزۈڭلا مۇشۇ كەمگىچە ساڭا بولغان ئۈمىدىمنى يوقاتماسلىقىمغا سەۋەب بولدى. سېنى ئەڭ سېغىنغان ۋاقىتلاردا خۇدا بۇيرىغان بىر كۈنى قۇدرەت يۈرىكىدىكى سۆزىنى ماڭا دەيدۇ دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم. قۇدرەت، قەلبىمدىكى تۇنجى مۇھەببىتىمنى ساڭا قوش قوللاپ سۇنسام، سەن ھاياتنىڭ ئۇزۇن يوللىرىدا ماڭا بىر ئۆمۈر ۋاپادار ئاشىق بولالارسەنمۇ؟ ئەگەر ئۆزۈڭگە چوقۇم ئىشەنچىڭ بولسا، مەن سېنىڭ لالەڭ، ئۆمۈرلۈك مەشۇقۇڭ، سېنىڭ يۈرىكىڭدىن، سېنىڭ سۆيگۈڭدىن سۇ ئىچىپ ئەبەدىي سولمايدىغان لالەڭ! 
                                                                                                                 خەير-خوش، ئاللا ئامان قىلغاي، دەپ لالەڭ ››


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)