باش بەت / ساقلايمەن

يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 09:40 | ئاپتور: گۈلباھار سىدىق | مەنبە: تارىم ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

« دوستۇم لالە، ياخشىمۇسەن؟
سېنىڭ خېتىڭدىن ئارزۇ، ئۈمىد، ئىستەك ۋە ئازاب بىلەن تولغان بىر دۇنيانى كۆرگەندەك بولدۇم، كۆڭلۈم يېرىم بولدى. لالە، دوستۇم بولساڭمۇ،كۆڭلۈڭ ئاغرىسىمۇ راست گەپنى قىلاي. بۇ ئىشتا سېنىڭمۇ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىڭ بار، بىز قىزلار ياخشى نام-ئابروينىڭ ھەر قانداق گۈزەللىك، ھەر قانداق زىبۇ-زىننەتتىنمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خۇددى باھاردا ئېچىلغان گۈلدەك، بىرلا شامال چىقسا توزۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك ئىدى. سەن ئۆزۈڭنى قەدىرلىشىڭ، گۆھەردىن قىممەتلىك بولغان قىزلىق نام - شەۋكىتىڭنى جېنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا ئاسرىشىڭ كېرەك ئىدى.
بىراق سەن قۇدرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆزۈڭدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدۇڭ. ئاداش، شېكىسپىرنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: «ئايال ئەگەر ئازراقمۇ قارشىلىق كۆرسىتىشنى بىلمىسە، باشقىلار ئۇنى ئۆمۈرۋايەت ئەخمەق قىلىدۇ» راست ئەمەسمۇ؟ سەن ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا يول قويىۋەتكەن ئىدىڭ. ئاخىر قانداق بولدى؟ ئېسىڭدىمۇ؟ مەن بىر قېتىم ساڭا «بالدۇر ئېچىلغان گۈل بالدۇر توزۇيدۇ، دېگەن گەپ بار، سەن ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭگە ئازراق ئارىلىق قالدۇرۇپ قويغان بولساڭ بولارمىكىن؟» دېسەم، سەل خاپا بولغاندەك قىلىپ «سەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىڭ ئۈچۈن كىتابىي سۆزلەرنى تولا قىلىسەن. مۇھەببەتنى ئانچە چۈشەنمەيسەن، سەنمۇ بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەتلەشكىنىڭدە ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلمايتتىڭ» دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ قويغان ئىدىڭ. بولغۇلۇق بولدى، ئەمدى ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەندەك ئۆتكەن ئىشلارنى تەگىگەننىڭ پايدىسى يوق. مەن بىر كىتاپتا ئوقۇغان «ئەرلەر ئاياللار ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتسا ياكى بۇيرۇقۋازلىق قىلسا، ئاياللار باش ئەگمەسلىكى، ئەرلەر قاپىقىنى تۈرسە، ئاياللار كۈلۈمسىرىمەسلىكى، ئەرلەر تىكىلىپ قارىسا، ئاياللار يەرگە قارىۋالماسلىقى كېرەك، چۈنكى بۇ خىل ئىتائەت قىلىش ھەرىكەتلىرى ئەرلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويىدۇ»دېگەن سۆزنى تۇرمۇشۇڭدا پايدىلىنىشقا سۇندۇم. قايغۇرمىغىن، ئاللاھ بۇيرىسا، ھامان بىر كۈنى بەخت، خۇشاللىق ساڭا كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.
خەير-خوش
كەۋسەر»

ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي لالەدىن يەنە خەت كەلدى. بۇ قېتىمقى خەت خېلى ئۇزۇن يېزىلغان ئىدى. مەن تەشۋىش بىلەن كونۋېرتنى ئاچتىم.

« سالام دوستۇم، كەۋسەر ! سەندىن باشقا ھەممىسى مەندىن، ھەتتا ئۆزۈممۇ -ئۆزۈمدىن زېرىكتىم. بىزار بولدۇم . ئاداش، دۇنيادا ئۆزى ياخشى كۆرگەن، ئەڭ ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ ئۆزىدىن زېرىكىشىدىن، يۈز ئۆرۈشىدىن، تاشلاپ كېتىشىدىن ئارتۇق ئازاب ھەم ئاھانەت يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن. شۇنداق ئېغىر ئازابلارغا دۇچار بولىۋاتقاندا، ھەممە ئادەم ماڭا مەسخىرىلىك كۈلۈۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. مۇشۇ كۈنلەر سەن يېنىمدا يوق، بەك غېرىبسىنىپ كەتتىم. ئەگەر قۇچىقىمدا ئېمىتىۋاتقان قىزىم بولمىغان بولسا، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ساڭا بارلىق دەردلىرىمنى تۆكۈپ يىغلاپ ئىچىمنى بوشىتىۋالاتتىم. مەن شور-پېشانىنىڭ تەلىيىگە بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىمۇ قايتىپ كەلمىدىڭ. ئاداش، مېنىڭ بېشىمغا كېلىۋاتقان بۇ كۈلپەتلەرنىڭ قايسى بىرىنى دەپ بېرىپ بولاي. ئاھ خۇدا، مېنىڭ كۆز ياشلىرىمنى، ئاھۇ- پەريادلىرىمنى كۆرۈۋاتامسەن!ساڭا ئۆتكەنكى خېتىمدە دېگەندەك نەچچە كۈندىن كېيىن قۇدرەتنىڭ دادىسى بىر موللامنى باشلاپ كېلىپ، قۇدرەت، خۇشتار، رەنا قاتارلىق بىر نەچچەيلەننىڭ قاتنىشىشى بىلەن نىكاھىمىزنى ئوقۇپ، بىزنى ئاددىغىنا ياسىغان ئۆيگە ئېلىپ باردى.
بىراق بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى قۇدرەتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى تەشكىلنىڭ ئارلىشىشى بىلەن بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن بولغاچقا، مەن ئانچە خۇشال بولۇپمۇ كەتمىدىم. كۆڭلۈمدە قۇدرەتنىڭ ئاپىسى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ مېنى شۇنچە يامان كۆرۈپ ئەخلاقىمدىن قۇسۇر تاپقىنىغا، خۇدايىم بۇيرىسا، قۇدرەت بىلەن ئىناق-ئىجىل ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كېلىنلىك بۇرچۇمنى ياخشى ئورۇنداپ، كېيىن قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلدۇرمايدىغان بولسام، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇس، ئۇلار ماڭا ئازراق پۇرسەتمۇ بەرمىدى. ھە دېسىلا قۇدرەتنى چاقىرتىپ ئەكىتىپ، مېنى بالام بىلەن يالغۇز قالدۇرۇپ قويدى. مەن نەچچە قېتىم قۇدرەتكە:
-چوڭ ئۆيگە بىزمۇ بارايلى، ئاپاڭ قانداق ئەيىبلىسىمۇ چىدايمەن. شۇ باھانىدا قىزىمىزنى كۆرسە، قىزىمىزغا مېھرى چۈشۈپ قالسا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ ياخشى بولۇپ قالار،-دېسەم، قۇدرەت:
-نېمانچە قىزىق گەپ قىلىسەن، ئاپام سېنى ئېتراپ قىلمايۋاتسا، بالاڭغا قانداق مېھرى چۈشەر؟-دەپ چىقىپ كەتتى. قىزىمنى باغرىمغا بېسىپ يىغلاپ قالدىم. سەۋرى قاچام توشقان بىر كۈنى مەنمۇ ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ:
-ھە بوپتۇ، ئاپاڭغۇ مېنى، بالىنى ئېتراپ قىلمايدىكەن. بۇنىڭغا مەيلى، چۈنكى تونۇشقان جايدا ئۇ يوق! ئەمما سەنچۇ؟ سەنمۇ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بالاڭنى ئېتراپ قىلمامسەن؟-دېدىم ئالدىغا دېۋەيلەپ كېلىپ.
-ۋۇي، نېمانچە ۋارقىرايسەن، ئەمدى ھۈنىرىڭ چىقىۋاتامدۇ؟خۇددى «سۈتتىن ئاق، سېغىزخاندىن ساق» تەكلا گەپ قىلىسەنغۇ؟-دېدى قۇدرەتمۇ ھۈرپىيىپ.
-مېنىڭ ئاقلىقىمنى، ساقلىقىمنى بىلمەمتىڭ؟ نېمە بولسام سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بولدۇم،-دېدىم مەنمۇ.
-ھىم، مەن بىلەنلا بولغان بولساڭ مەيلىتىغۇ؟
قۇدرەتنىڭ بۇ گېپى بىلەن تەڭ مېڭەم زىڭىلداپ كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. ئاچچىقىمدا كېكەچلەپ كەتتىم:
-سەن نېمە دەپ جۆيلىۋاتىسەن؟-دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ.
-سېنىڭ كەچلىك ئىسمېنىدىن قايتقاندا خۇشتارنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرغىنىڭنى كۆرگەنلەر باركەنغۇ؟
-خۇشتار دېگەن ساۋاقدىشىمىز تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ماشىنىسىدا مەن يالغۇز ئەمەس، بىزنىڭ ئىسمېنىدىكى خۇشتارنىڭ يۈرگەن قىزىنىڭ دوستلىرى بىلەن بىرگە چىقىۋالغانغۇ؟
-خۇشتار دېگەن ساۋاقدىشىڭ بولسا، كېيىن ساڭا ئاشىق بولغانلارنىڭ بىرسىتىغۇ؟
-بۇرۇن ماڭا تەلەپ قويغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئاشىقلىرىم بولۇپ قالدىمۇ ئەمدى؟-دېدىم تېرىكىپ.
-مەن بىر ئەركەك، بىلىپ قوي! سەن ئۇنداق بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا باشقىلار بىلەن يۈرسەڭ مېنىڭ كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدۇ! بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ سېنى شۇڭا كېلىن قىلغۇسى يوق!-دېدى ئۇ قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ.
-سېنىڭمۇ مېنى ئايال قىلغۇڭ يوقمۇ؟
-يوق!
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن. دوستۇم كەۋسەر، مۇھەببەت شۇنداق سىرلىق مۆجىزىمۇ؟ ئۇ باشقىلارنىمۇ مەندەك ئەقلىدىن ئازدۇرامدىغاندۇ؟ بىراۋنى ياخشى كۆرۈش بەدىلىگە ئۆز قەدىر-قىممىتىنى، كىشىلىك ئىززەت-غورۇرىنى يەرگە ئۇرغۇزامدىغاندۇ؟ مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم تونۇيالماي قالدىم. مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا مۇھەببەتتىن باشقا نەرسە يوقمىدۇ؟ مۇھەببەت سىغقان يۈرەكتە ئەلۋەتتە تېگىشلىك نەپرەتمۇ بولىشى كېرەكتىغۇ؟ ئۇمۇ قولۇمدىن كەلمىدى. ھېچبولمىغاندا جان -جېنىدىن ئۆتكۈدەك بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىۋېلىشقىمۇ قۇربىم يەتمەي، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ مەڭدەپ قاپتىمەن. بىر چاغدا ئېسىمنى يىغىپ قارىسام ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتا ئاياغ باسمىدى. مەن يەنە ئاچچىقى يېنىپ قالسا كىرىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە ھېچكىمگە تىنماي نەچچە كۈننى قىزىم بىلەن يالغۇز ئۆتكۈزدۈم.
بىر كۈنى قىزىمنى ئېمىتىپ ئولتۇراتتىم، ئۇنىڭ ئاپىسى ئىشىكنى چەكمەستىنلا ئۆيگە كىرىپ كەلدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ:
-يۇقىرى ئۆتسىلە ئاپا،-دەپ دىۋانغا باشلىدىم.
-ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم يوق،-دېدى ئۇ قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ،-ساڭا ئېيتىپ قوياي، مەن ئوغلۇمنى ئارزۇلاپ بېقىپ، ئاخىر سەندەك بۇزۇق جالاپقا تاشلاپ بېرىدىغان ئەخمەق خوتۇن ئەمەس. مەنچۇ ئوغلۇمغا ئەركەك چىۋىن قونمىغان، «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» قۇيغاندەك قىز ئېلىپ بېرىمەن، سەن بۇ ھارامدىن بولغان بالاڭنىڭ دادىسىنى تېپىۋال! بالامغا دانىكادەك چاپلىشىۋالما، ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتا ...
جېنىم كەۋسەر، ئۇ يەنە نېمىلەرنى دېدىكىن ..... ئۇنىڭ ئاغزى ئىككى كېسەك قويسا خالا بولغىدەكلا بىر ئېغىزكەنكى، ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەپ، ۋارقىراپ-جاقىراپلا كەتتى. قولۇم-قوشنىلار كىرىپ ئۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەپتىمەن. بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام، دوختۇرخانىنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا ئاسما ئوكۇل ئېسىقلىق ھالەتتە يېتىپتىمەن. بېشىمدا ئاپام بىلەن دادام يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ.
-ماڭا نېمە بولدى؟-دېدىم ئۇلارغا قاراپ.
-ھېچ ئىش يوق، قىزىم، سېنى ئاللا يەنە بىر قېتىم بىزگە قايتۇرۇپ بەردى. خۇدايىم بىلىپ ئۇ باغرى تاش خوتۇنغا بالا يۈزى كۆرسەتمەپتىكەن، بىزنى يىغلىتىۋالدىم دېگەن بىلەن خۇدا بىر كۈنى ئۇنىڭغىمۇ كۆرسىتىدۇ ....-دېدى ئاپام يىغلاپ تۇرۇپ، دادام چاچلىرىمنى سىيلاپ گەپ-سۆز قىلماي ئولتۇرۇپ كەتتى. بىر ھەپتە كارۋاتتىن چۈشمەي ياتتىم. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، يۈرەكتە چاتاق باركەن، دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. شۇ كۈنلەردە ئاساسەن تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كېلىپ يوقلاشتى. ئىشىككە شۇنداق تەلمۈرىمەن، ئۇنى كىرىپ قالامدىكىن دەپ، يىراقتىن كەلگەن ئاياغ تىۋىشلىرىنى تىڭشاپ ئىشىككە بويۇنداپ قارىغان ۋ اقتىمدا ئۇ كىرىپ قالغان بولسا مەن ساقىيىپ كېتەرمىدىمكىن دەپ ئويلايمەن. شۇ كۈنلەردە ماڭا دوختۇرنىڭ دورا-ئوكۇللىرىدىنمۇ ئۇنىڭ ساپ مۇھەببىتى ئەڭ ياخشى داۋا بولالايتتى .... بۇنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن، ساڭىلا دېيەلەيمەن. ئەپسۇس ئۇ كەلمىدى، كېلەلمىسىمۇ ھېچ بولمىغاندا بىرەرسىدىن مېنى سوراپمۇ قويماپتۇ. بىر ئاي بولغاندا دوختۇر بالنىستتىن چىقىشىمغا رۇخسەت قىلدى. دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن دوختۇر ماڭا خۇشال-خۇرام يۈرۈشۈمنى، ئارتۇق خاپا بولماسلىقىمنى، بولمىسا يۈرەك كېسىلىمگە دورا-ئوكۇلنىڭمۇ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى تاپىلىدى. ئاداش، مۇشۇ مىنۇتتا مەن قىزىم زىلالەنى ئويلىدىم. ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، زىلالە كىملەرنىڭمۇ قولىغا قالار؟ مەن شۇ شور پېشانە قىزىم ئۈچۈن بولسىمۇ ياشىشىم، ئۇزۇنراق ياشىشىم كېرەك. ئاھ قۇدرەت، سەن مېنىڭ يۈرىكىمگە ئاشۇ ۋاپاسىزلىق خەنجىرىنى سانجىمىغان بولساڭ، مەن بۇنداق ئاقىۋەتلەرگە قالماس ئىدىم ... مەن شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەچ ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلىدىم.
-قىزىم، يىغلاپ نېمىگە ئېرىشەلەيسەن، كېسىلىڭنى ئېغىرلاشتۇرىۋالىسەن!دوختۇرخانىدىن چىقساڭ قانداق قىلاي دەۋاتىسەن؟-دېدى ئاپام نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرغاچ.
-ئاپا، ئەگەر دادام ماڭا باغرىنى ئاچسىلا، قىزىم بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەتكۈم بار،-دېدىم كەسكىنلا.
دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە كىرسەم، دادام زىلالەنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا چىقتى، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، يىغلىغان پېتىم دادامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئاھ، دادامنىڭ باغرى نېمە دىگەن كەڭ، نېمە دىگەن ئىللىق-ھە؟ دادام قىزىم ئىككىمىزنى باغرىغا مەھكەم باستى.
-دادا، مېنى كەچۈر، مەن ئەقىلسىز، سىلەرنى يەرگە قاراتتىم،-دېدىم ئېسەدەپ تۇرۇپ.
-بالام بۇمۇ ئاللا بىزگە ئاتا قىلغان تەقدىر، مەن ھايات تۇرسام، ھەرگىز بوينۇڭنى قىسماي كۈلۈپ ياشىغىن ...-دېدى دادام بوغۇلۇپ تۇرۇپ، دادامنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلار قىزىم ئىككىمىزنىڭ يۈزلىرىگە تامچىلىدى.
قۇدرەت بىلەن ھېسابتا تۆت ئاي ئۆي تۇتقان بولدۇق. قىزىم ئالتە ئايلىق بولغاندا ئاجراشتۇق. سوت قىزىمغا قۇدرەتنىڭ ئايدا 30 يۈەن بېقىش ھەققى بېرىشىنى بىېكىتتى. كەۋسەر، مەن ساڭا دېمىسەممۇ شۇ تاپتا قانچىلىك دەرىجىدە ئازابلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلدىڭ. پەقەت ئانىلىق مۇھەببەت، پەرزەنتلىك مەجبۇرىيەتلا مېنى ئازابلىرىمغا ھاي بېرىپ، كۈلۈپ ياشاشقا ئۈندەۋاتىدۇ.
ئاداش، ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا خەت يېزىپ ۋاقتىڭنى ئالدىم، مېنىڭ سەندىن باشقا دەردلىرىمنى تۆكىدىغان يېقىن ئادىمىممۇ يوقكەن، دەردلىرىمنى تۆكۈپ سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدۇم. سېنى ئوقۇش پۈتتۈرسە ئۈرۈمچىدە قالىدىكەن دېگەن گەپ بار، راستمۇ؟ كامالنى مايتاغقا كېلىشكە قوشۇلدى دەۋاتاتتىڭغۇ؟ ۋاقىت چىقىرىپ ماڭا خەت ياز، سېنىڭ خەتلىرىڭ ماڭا تەسەللىي بوپقالار.
سېنى سېغىنىپ بەختسىز لالەڭ. »


يۈرەكتە قالغان ئارمان باشقا تېمىلار
(يۈرەكتە قالغان ئارمان(1-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(2-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(3-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(4-بۆلەك(يۈرەكتە قالغان ئارمان(5-بۆلەك
يۈرەكتە قالغان ئارمان(6-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(7-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(8-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(9-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(10-بۆلەك)
يۈرەكتە قالغان ئارمان(11-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(12-بۆلەك)يۈرەكتە قالغان ئارمان(13-بۆلەك)