باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-12 21:06 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

شۇنداق قىلىپ بىز ئاجرىشىپ كەتتۇق. ئۆيدىكى لازىمەتلىكلەرنى تەڭ بۆلۈشتۇق. سەن كۈدە-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئىدارەڭدىن بەرگەن ئۆيگە كەتتىڭ. ئىككى بالا ماڭا قالدى. مەن ئەسلىدە پەرۋەر قىز بالا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بولغاندىكىن سېنى ئالارمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. سېنىڭ بۇ دەرىجىدە ئىنساپسىزلىقىڭنى نەدىن بىلەي. سېنىڭ كاللاڭغا نېمىنىڭ شۇ دەرىجىدە تەسىر قىلغانلىقىنى ئويلاپمۇ يېتەلمىدىم. ئائىلە، ئەر، پەرزەنت ساڭا دوزاخ تۇيۇلغان بولسا كېرەك. ئاتا-ئانىنىڭ، ئائىلىنىڭ تەربىيىسىدىن، مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان بالىنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالىدىن يۈرەكلىك سۆز ئېچىش ئەقىلغە ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. خۇدا ئۆمرۈمنى بەرسىلا بالىلارنى پاكىز ھالدا قاتارغا قوشىمەن. بۇ مەن ئۈچۈن بەخت! جاھاندا ساڭا ئوخشاش ئانىلىق مەجبۇرىيەتتىن ئۆزىنى تارتىدىغان ئاياللارنىڭ قانچىسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن سېنىڭ ھامان ئۆز پەرزەنتلىرىڭنى ئىزدەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. بىراق، مەن يەنىلا دادىلىق مەجبۇرىيەتنى بەخت تۇيغۇسى ئىچىدە ئادا قىلىۋېرىمەن. جاھاندا نامەرد، مۇناپىق دادىلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۆتكەندە مەن گېزىتتىن بىر دادىنىڭ پۇل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سەبىي ئىككى بالىسىغا زەھەر ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يۈرىكىم شۇنداق ئېچىشتى. شۇڭلاشقا بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن.
ئەلپەر ئىككىمىزنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ قالغان بولسىمۇ، ھېچنەرسىنى ئۇقماسقا سېلىپ يۈردى. بىراق، پەرۋەر پات-پات سېنىڭ غەلۋەڭنى قىلىدۇ. ئۇ بىر كۈنى مەندىن:
— دادا، ئانام نېمىشقا ئۆيگە قايتىپ كەلمەيدۇ؟— دەپ سوراپ قالدى.
— ئۆگىنىشكە كەتتى. خىزمىتىمۇ ئالدىراش.
— يالغان!— دېدى ئۇ دومسىيىپ.
— نېمىسى يالغانكەن؟
— سىلەر ئاجرىشىپ كېتىپسىلەرغۇ؟
— بۇ گەپنى ساڭا كىم دېدى؟
— ئاكام.
— شۇنداق، بىز ئاجرىشىپ كەتتۇق، قىزىم.
— ئاجراشسا قانداق بولىدۇ؟
— ئاناڭ بىلەن بىز ئايرىم ئۆيدە تۇرىمىز.
— ئانام ياندىكى ئۆيدە تۇرسا بولمامدۇ؟
— شۇنداق بولسىغۇ تازا ياخشى بولاتتى. بىراق، بىز سوقۇشۇپ قالىدىكەنمىز.
— سوقۇشمىساڭلار بولمامدۇ؟
— خاپا بولماڭ قىزىم، بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق قىلايلى. ئەتە مەن سىلەرنى چوڭ داداڭلارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارىمەن.
مەن دەرھال گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىدىم. مەندە بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. بىراق، پەرۋەر يەنە:
— ئاناممۇ بىرگە بارسۇن،— دەپ تۇرۇۋالدى.
— بولىدۇ، ئەتە بىز ئۇنى چاقىرىۋالايلى.
چوڭ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئالدىنىشقا رازى ئىكەنمىز. بىراق، كىچىك بالىلار ئالدىراپ بولدى قىلىۋەتمەيدىكەن. مەن ئانامنىڭ نەزىرىسىنى ئۆتكۈزۈشكە باردىم. بالىلار سەھراغا بېرىشقا شۇنداق ئامراق، ئۇلار شەھەردە بېلەت ئېلىپ كىرىپ كۆرىدىغان ھايۋانلارنى سەھرادا ھەقسىز كۆرەلەيدۇ. كۆرۈش بىلەنلا قالماي ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشالايدۇ. ھارۋا ھەيدەشكە تېخىمۇ ئامراق. قۇمدا خالىغانچە ئېغىنىيالايدۇ. سەھرالىق بالىلار بىلەن بەزىدە پادا بېقىشقىمۇ چىقىپ قالىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن سەھرا بىر جەننەت! شۇ نۆۋەت پەرۋەر نەۋرە ئاكامنىڭ بالىلىرى بىلەن قۇمدا ئۆي ياساپ ئويناپتۇ. مەن ئۆيدە چوڭلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام پەرۋەر ئالايىتەن مېنى ئۆزى ياسىغان «ئۆيىگە» تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. بىردەمدىن كېيىن چىقاي دېسەممۇ ئۇنىمىدى. چىقىپ قارىسام، پەرۋەر قۇمدىن ياسىغان ئۆيگە كرېسلو، تاماق شىرەسى، ئۈستىگە ھەر خىل ئوت-چۆپ ۋە يوپۇرماقلاردىن قىلىنغان «قورۇمىلار»نى تىزىۋاپتۇ. تېخى يەنە بىر «ئۆي»نى ئۇيغۇرچە نۇسخىدا ياساپ، سۇپا ئۈستىگە بىر پارچە كونا قىزىل رەختنى «گىلەم» قىلىپ سېلىۋاپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ مېھمان بولدۇم. ھەتتا پەرۋەر مەندىن:
— دادا، قورۇمىلار ئوخشاپتىمۇ؟— دەپ سورىدى.
— بەك ئوخشاپتۇ قىزىم، شۇنداق مەززىلىك ھەم تەملىك بوپتۇ،— دېدىم ئۇنىڭغا ئىچىم كۆيۈپ.
بالىلار بەزىدە ئادەمنىڭ دوستىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن. چۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئەڭ سەمىمىي كىشىلىرىمىز ئىكەن. سەن سەمىمىي كىشىلىرىڭگە سەمىمىيلىك قىلالمىساڭ، ئۆزۈڭگىمۇ سەمىمىيلىك قىلالمايدىكەنسەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چەت ئەللەردە خىل نەسىل قالدۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى قۇرۇپ، «تۇغۇت چەكلەش قانۇنى»نى يولغا قويغانىكەن. گېرمانىيە، نورۋىگىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە ساراڭ، زېھنىي كۈچى ئاجىز، تۇتقاقلىق كېسىلى بار، تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ۋە ئەخلاقى ناچار ئادەملەرگە قارىتا تۇغۇت چەكلەشنى يولغا قويغانىكەن. چۈنكى يۇقىرىقىدەك كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشى بىر پۈتۈن توپ ئىرسىيىتىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىلىدىكەن. پەرىخە، بىزنىڭ گەرچە تۇتقاقلىق، دېۋەڭلىك، ساراڭلىق، نېرۋىسى ئاجىزلىق كېسىلىمىز بولمىسىمۇ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ نەسلى خىل بولسىمۇ، بىراق پەرزەنتلىرىمىز تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تەربىيە ناچار بولسا، سۈپەتتىن چاتاق چىقىپ، خىل نەسىل يوقىلىپ، بىر توپ ساراڭ-دەلدۈشلەر، ئەخلاق سۈپىتى بۇزۇلغان ناباب ئەۋلاد پەيدا بولىۋېرىدۇ. بىز ئۇلاردىن قاقشاپلا قالىمىز. مەن باشتا ساڭا دېدىم، ئاتا-ئانا ئۈچۈن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىدىغان، روھى ساغلام، ئىرادىلىك پەرزەنت تەربىيىلەپ چىقىشمۇ بىر خىل ئىجادىيەت! جەمئىيەت ۋە مىللەت، ھەتتا ئۆزىمىز ئۈچۈن زور تۆھپە! سەن بۇنىڭ كۈچىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراپ قالما!
پەرىخە، تاللا، توختىماي تاللا! سەن قىممەت ياراتماقچى، ھاياتتا باشقا بىر مەنىگە ئېرىشمەكچى! راست، ئارىلىقتا بىرنەچچەيلەن ماڭا ئىككىمىزنى ئىككى بالىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ ئەپلىشىپ قېلىشىمىزنى ئېيتىۋىدى، مەن ئىككىلەنمەي ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالىدىم. سەن بىلەن بولغان ھاياتنى شۇنچىلىك ياشىسام بولار، ئۆتكەندە بىر يەكشەنبە كۈنلىكى بالىلارنى كوچا ئايلاندۇرۇۋېتىپ تۇيۇقسىزلا شاراپەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ:
— قانداق، ئايالىڭىز بىلەن ئەپلىشىپ قالغانسىز؟— دەپ سوراپ قالدى.
— ئاجرىشىپ بولدۇم.
— نېمانچە تېز؟
— پىشقان قوغۇن ھەرقانچە قىلسىمۇ ساپىقىدا تۇرمايدۇ-دە. مەن سىزگە بۇزۇلايمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم.
— توۋا دەڭا.
— ماڭا تېگەمسىز؟
— ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، مېنىڭ قايتا توي قىلغۇم يوق.
— زىيان تارتىپ قالارسىزمىكىن، ئويلىنىپراق گەپ قىلىڭ.
— ھا، ھا، ھا! قىزىق گەپ بولدىغۇ بۇ. بولدىلا، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى باقايلى. ئالىمەن دەپ تۇرۇۋالسىڭىز سىز بىلەن كېلىشىپ بولالمايمەن، ئارىلىشىمىز دېسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا.
— قېنى، سىناپ باقمامدۇق.
بىز شۇنىڭ بىلەن خوشلاشتۇق. كېيىن ئىزدىشىدىغان پۇرسەتمۇ بولمىدى. ئۇنى شۇنىڭدىن كېيىن كوچا-كويلاردىمۇ ئۇچرىتىپ قالمىدىم. مەن سەن بىلەن بالدۇرراق ئاجرىشىپ كەتمىگىنىمگە ئۆكۈنىمەن. چۈنكى، مەن ئويلاپ باقسام ياخشى بىر قىزنى قولدىن بېرىپ قويۇپتىمەن. ئۇ قىز شاراپەت ئەمەس، بەلكى ئېرى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇ ماڭا بەك يېقىنچىلىق قىلاتتى. بىراق، مەن ئۇنىڭ يېقىنچىلىقىنى دوستانىلىق دەپ قاراپتىمەن. ئايالىم بولغاندىكىن باشقا ئويلاردا بولمايدۇ دەپ خاتا پەرەز قىلىۋاپتىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن شەھىرىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈزلۈكسىز مائارىپ تەربىيىسى كۇرسىدا بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ تونۇشۇپ قالغان. بۇمۇ ئېھتىمال تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كېرەك. ئىككىمىز بىرىنچى كۈنى گەپ قىلىشماي ئولتۇردۇق. كېيىن قەيەردە ئىشلەيدىغانلىقىمىز، ئىسمىمىز، ئائىلە ئەھۋالىمىز توغرىسىدا سۆزلىشىدىغان، مۇڭدىشىدىغان بولدۇق. مەن ئۇنى دەسلەپتە كۆرگەندىلا دىلى سۇنۇق كۆرگەنىدىم، ئىش مەن ئويلىغاندەك چىقىپ قالدى. ئۇ بىر قېتىم مەندىن تۇيۇقسىزلا:
— سىز بەختلىكمۇ؟— دەپ سوراپ قالدى.
— ھەرھالدا بولىدۇ.
— بىر ئوغۇل، بىر قىزىڭىز، ئايالىڭىز بار ئىكەن. يەنە نېمىگە بەختلىك بولمايسىز؟
مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي قالدىم. شۇ مەزگىللەردە سەن تازا ياشاۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. مەن بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
— ئادەم دېگەن قىزىق نەرسىكەن. ھاياتتا سىز بىر ئىشنى ئورۇنلاپ بولۇپ، ئەمدى ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېسابلاي دەپ تۇرسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدا يەنە بىر بوشلۇق، يەنە بىر كەملىك بايقىلىپ قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن سىز يەنە ئالدىراش بولۇپ كېتىدىكەنسىز.
— بۇ دېگىنىڭىزغۇ توغرا. بىراق، كىشىلىك تۇرمۇشتا سىزچىلىك بەختكە ئېرىشەلمەي زار-زار يىغلاپ يۈرىدىغانلار ئاز ئەمەسقۇ.
— ئادەملەرنىڭ بەخت قارىشى، نىشانى، بەخت ئىزدەش مۇددىئاسى، ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. سىز بەختلىكمۇ؟
مېنىڭ بۇ سوئالىمغا ئۇ خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
— بەختلىك،— دەپ جاۋاب بەردى ئۇ ئېغىر تىنىپ تۇرۇپ.
— قارىغاندا سىزنىڭ دەردىڭىزمۇ يېتىپ ئاشقۇچە بار ئوخشايدۇ.
— قانداق دەيسىز؟
— سىز بەختلىكمۇ دەپ سوراشنىڭ ئۆزىدىنلا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ يېرىملىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
— تېپىۋالدىڭىز-ھە،— دېدى ئۇ، بىر خىل مەيۈسلۈك ھەم شۇنداق سۆيۈملۈك ھالەتتە تەبەسسۇم قىلىپ. مەن ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايمەن. ئۇنىڭ تەبەسسۇمدىن سەمىمىيلىك، ئاياللارغا خاس نازاكەت بالقىغانىدى. ئۇ بىر بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىش ئالدىدا سۇسىز قالغان غۇنچىگە ئوخشايتتى. ئۇنىڭغا قانغۇدەك سۇ قۇيالىساڭ ئۇ پورەكلەپ ئېچىلىپ، سېنى مەست قىلغۇچى پۇراق چاچىدىغان قىزىل ئەتىرگۈلگە ئايلىناتتى. بىراق، مەن ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بېرەلمىدىم. ئېھتىمال سېنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭنى دېسەم ئىش باشقىچە بولار ئىدى. مەن سەن توغرىسىدا غەيۋەت قىلسام، ئۆزۈمنى تولىمۇ ناباب ئەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ:
— مېنىڭ ئېرىم ئۆلۈپ كەتكەن،— دېدى ئۇ خېلىدىن كېيىن.
— سىز ئادەملەرنى ئۆلمەي، مەڭگۈ ياشايدۇ دەپ ئويلىغانمۇ؟ ئۆلمەيدىغان كىم بار.
— مەن ئېرىم بىلەن ھايات تۇرۇپ، ئۇنداق-بۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولسامغۇ مەيلىدى. بىراق، ئۇ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ جان ئۈزدى. جۈپتىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا جان ئۈزسە بۇنىڭغا چىدىيالامسىز؟
— قانداق قىلىمىز، ئۆلۈم دېگەننىڭ كۆزى يوق ئىكەن، ياش-قېرى، بالىسى بارتى، ئاجىزتى دېمەيدىكەن. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ خىل رېئاللىقنى قوبۇل قىلماي ئامالىڭىز يوق ئىكەن. شۇڭلاشقا جاھاندارچىلىق ئىشلىرىغا ئۇ بەختلىك، مەن بەختلىك ئەمەس دەپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ. بۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى قانچىلىك دەرىجىدە خۇشال قىلىپ ياشىشىغا باغلىق. دۇنيادا پادىشاھلارلا بەختلىك بولۇپ، پېقىر-مىسكىن، گادايلار بەختسىز بولىدىغان، جورىسى بارلار بەختلىك بولۇپ، جوىسىزلار بەختسىز بولۇپ قالىدىغان ئىش يوق. بەختنى چوڭ-كىچىك، يۇقىرى-تۆۋەن، باي-گاداي، ئاز-كۆپ دەپ ئايرىۋالىدىغانمۇ نەرسە ئەمەس. سىزنىڭ باشقىلارغا قەلب دۇنيارىڭىزنى ئۆزىڭىز خالاپ، يېشىل ۋادىدەك كەڭ ئېچىۋەتكەن ۋاقتىڭىز، سىزنىڭ بەخت نۇرىغا چۆمۈلگەن ۋاقتىڭىز. چۈنكى، سىز ئۇ چاغدا كۆپكۆك سۈزۈك ئاسماننى، قۇياشنى، رەڭگا رەڭ گۈل-گىياھلارغا تولغان چەكسىز دالىنى كۆرەلەيسىز. قېنىپ-قېنىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ ھاياتىڭىزدىكى مەنىنى ھېس قىلالايسىز. لېكىن بۇنى سىز مەڭگۈ داۋاملاشتۇرالىشىڭىز ناتايىن. چۈنكى، ئىشلار داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
— سىز ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە قارىسىڭىز كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ قالىدىكەن.
— بۇ سىزدىكى خاتا تۇيغۇ. كىم بىلىدۇ، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزنى بەختلىك دەپ يۈرەمدۇ، تېخى!
— بۇمۇ راست.
ئېھتىمال ئۇ مېنىڭ ئايالىم بارلىقىنى بىلىپ ئارتۇق پاراڭ قىلمىغاندۇ، ياكى بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلغۇسى كەلمىگەندۇ. بىراق، مەن سەندىن تەمە كۈتمەي، ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك ئەھۋاللاشقان بولسام ئۇ ھازىرقىدەك ئۆزىدىن بىرنەچچە ياش چوڭ ئەر بىلەن توي قىلمىغان بولاتتى. تېخىمۇ چاتاق يېرى، مەن ئۇنى ماڭا مەيلى بار دەپ خاتا ئويلىۋالغاندىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنۈش ھاجەتسىز. چۈنكى، مەن يەنىلا قولدىن كەتكەنگە ئەمەس، قولۇمغا كېلىدىغىنى ئۈچۈن قۇربان بەرمىسەم، ۋاقىت بەك كەينىگە سۈرۈلۈپ ئېرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەي قالىدىكەنمەن. ئادەم بىرسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەمەس، ئۇنى ئىچكىرىلەپ سۆيەلىسىلا ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلىدىكەن. چۈنكى، قارشى تەرەپمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئىچكىرىلەپ سۆيگۈسى بار بولسىمۇ ئېھتىياتچان بولۇۋالىدىكەن. چۈنكى، ئارتۇقچە ئېھتىياتچانلىق ھەر ئىككى تەرەپنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك تەسەللىدىن، لەززەتتىن، خۇشاللىقتىن، ئېرىشىشتىن مەھرۇم قالدۇرىدىكەن.
پەرىخە، مەن باشتىلا دېدىم، ئادەم ھامان ياخشى نەرسىسىدىن ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدىكەن، قەدرىگە يېتىدىكەن. بۇ ھەرگىزمۇ پەرىخەنىڭ قەدرى ئۆتۈلدى دېگەنلىك ئەمەس. مەن سەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىنىمگە بەكمۇ خۇشال! مەن بىر جەرياننى تاماملىدىم. سەن قايتىدىن پېچتا تاۋلانغان پولاتتەك تاۋلىنىپ چىقساڭمۇ، سەن باشقا بىرسى ئەمەس، يەنىلا مەن بىلىدىغان پەرىخە، خالاس! راست،ئۇ قىز توي قىلىۋاپتۇ. قارىغاندا «ياخشى نەرسىنىڭ خېرىدارى كۆپ بولىدۇ» دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك. مەن سېنى كوچا-كويلاردا كۆپ قېتىم كۆزۈمگە سىغمايدىغان قىز-چوكانلار بىلەن كۆرۈپ پەرىخەنىڭ ئويۇنى تۈگىمەپتۇ، توختىماي پەرۋاز قىلغۇدەك دەپ قالدىم. ياسىنىشىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ سەر خىل ئىدى. پەرىخە، ئېھتىمال مەن سېنىڭ ئويلىغان يېرىڭدىن چىقالمىغاندىمەن. نۇرغۇن قۇرۇق نەزىرىيىنى ساتقىنىم بىلەن تايىنىم يوق ئەردۇرمەن. ھەتتا ئۆزۈمنى ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغاندىمەن. تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغاندىمەن. سېنى ئەيىبلەشكە ھېچقانداق ھەققىممۇ يوقتۇر ياكى نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا ئويلاپ، سېنىڭدىن ئارتۇقچە گۇمانلانغاندىمەن. شۇنداقتىمۇ بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ئادەم، ئۆزىمىزگە سۆيۈملۈك! مەيلىلا، نېمىلا بولمىسۇن بىز ياشاشنىڭ مەلۇم بىر جەريانىنى تاماملىدۇق. بۇ ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا تەۋەككۈلچىلىك، ئىشەنچ، مۇستەقىل ياشاش روھى، چىداپ تۇرۇپ ۋاز كېچىشتەك غەيرەت كېتىدۇ. بىلەمسەن، بېسىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن جەريانلار بىزنى ساقلاۋاتىدۇ! بىز تېخى ھاياتنىڭ نۇرغۇن-نۇرغۇن دوقمۇشلىرىدا بىلىپ بىلمەي ئۇچرىشىپ قالىمىز. سەن ھەمىشە بۇنداق ياشىيالمايسەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەمىشە بۇنداق ئۆتۈۋەرمەيسەن. سېنىڭ يىقىلىدىغان، پۇشايمان قىلىدىغان، ياش تۆكىدىغان، بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغان مەزگىللىرىڭمۇ بولىدۇ. ئۇ چاغدا سەن ھەممە نەرسەڭدىن ئايرىلىپ قالغان بولىسەن. «موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە». مېنىڭ سېنى ئايلىنىپ كېلىپ ئوقۇرىنى تاپىدىغان ئات قىلىۋالغۇم زادىلا يوق!
پەرىخە، بىزنى تۈرلۈك-تۈمەن كويلارغا سېلىپ، ئالدىرىتىۋاتقىنى زادى نېمە؟ ئېھتىمال بىزنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن پانىي ئالەمگە قايتىدىن تىرىلىپ كەلمەيدىغانلىقىمىز بولسا كېرەك. بۇ پۇرسەتنى ھېچكىمنىڭ قولدىن بېرىپ قويغۇسى يوق، ئەلۋەتتە. شۇڭلاشقا بىز ئالدىرايمىز. بىر-بىرىمىزنى ئالدايمىز. دۈشمەنلىشىمىز، ئازابلىنىمىز. ياش تۆكىمىز، كىملەردىندۇر قىزغىنىپ، كىملەرنىدۇر كۆرەلمەيمىز. بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتىدىن ھالقىپ، ئەخلاق، قانۇن دېگەنلەرنى چۆرۈۋېتىپ ئۆزىمىزگە نامۇناسىپ ئىشلارنى قىلىۋېرىمىز. مۇناپىقلىق، نومۇسسىزلىق قولىمىزدىن كېلىۋېرىدۇ. گەرچە دۇنيادىكى خىلمۇخىل دىنلار بۇرۇندىن باشلاپلا ئادەم بولۇشنىڭ تۈرلۈك مىزانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمەل قىلىدىغانلىرىمىز تولىمۇ ئاز. بىرنى چەكلەپ تۇرىدىغان تۈزۈم بولمىسا بىز قانداق قىلىشىپ كېتەردۇق. بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز زادى قانچىلىك؟ چاتاق يېرى، تارىختىن بۇيان بىزگە سەن بۇ ئادەمگە ئوخشاش ياشىساڭ، ھەقىقىي ئادەمگە ئوخشاش ياشىغان بولىسەن دەپ، ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدىغان ئۈلگىمۇ كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن. كۆرسىتىپ بېرىلگەنلىرىنىڭ بىر يېرى بىزگە يارىسا، يەنە بىر يېرى بىزگە يارىمايدۇ. شۇڭلاشقا پەرىخە مەنمۇ بىر ئالەم، سەنمۇ بىر ئالەم. ھەر بىر ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭلا دۇنياسى. سەن ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسىدا ئۆزۈڭلا ياشايسەن. سېنىڭ ئالىمىڭدە بەزىدە سانسىزلىغان يۇلتۇزلار جىمىرلىشىپ، سېنى مەھلىيا قىلىپ، سەندە ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىدەك تۇيغۇ پەيدا قىلسا، بەزىدە ئون بەش كۈنلۈك ئاي كۆتۈرۈلۈپ سېنى رومانتىك دۇنياغا باشلاپ، سېنى مەستخۇشلاندۇرىدۇ. بەزىدە تۇيۇقسىزلا قاپقارا، سۈرلۈك بۇلۇتلار پەيدا بولۇپ، سېنىڭ كەيپىياتىڭنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا سەن بىر خىل تۈرگۈن ھالەتتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىسەن. يۇلتۇزلۇق كېچىلەرنى سېغىنىپ قالىسەن. ھاۋاسى ساپ، يىراق سەھراغا بېرىپ، تىپتىنچ ئولتۇرۇپ يۇلتۇز سانىغىڭمۇ، چەكسىز دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئاستا قەدەم بىلەن تەنھا ماڭغىڭمۇ كېلىپ قالىدۇ. شارقىرىتىپ يامغۇرنىڭ قۇيۇۋېتىشى سېنىڭ بېشىڭغا كەلگەن دەرد-ئەلەم ياكى سېنىڭ ھەسرەت يېشىڭ. بەزىدە روھىڭدا قۇياش پارلاپ، ھاياتقا بولغان ئۈمىد، ئىشەنچ، غايە-ئېتىقاد نۇرلىرى سېنى ئورنىڭدىن دەس تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ! سېنىڭ روھىڭدىكى سىم-سىم يامغۇر سېنىڭ مىسكىنلىك، غېرىبلىق ۋە تەنھالىققا چۈشۈپ قالغان ھالىتىڭ. بۇ چاغدا سېنىڭ ھەممىنى تاشلاپ، يىراق-يىراققا كەتكۈڭ كېلىپ قالىدۇ. ئادەمنىڭ ئەسلى ھالىتىمۇ شۇ! سېنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتلىق سەپىرىڭ مۇشۇنداق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بىز بىزگە نېسىپ بولغان جەرياننىڭ ھېچقايسىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. ئاخىر ھەممىدىن ئايرىلىمىز!

تامام !


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)