باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 17:33 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

— ئاخشام نەگە كەتكەنتىڭىز؟
— نېمە بولدى؟
— تېلېفون بەرسەم سىزنى يوق دەيدىغۇ؟
— كۇتۇپخانىغا چىقىپ كەتكەن.
— مەن ئۇنداق ئاڭلىمىدىم. ئادىل دېگەن بىرسى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىپ كەتتى دەيدىغۇ. مەن باجىلىق بولۇپ قالماي، پەرىخە.
— ۋاي ئانام، سىز نېمىلەرنى دەپ يۈرىسىز. بىزنىڭ ياتىقىمىزغا يېڭىدىن ئۈرۈمچىلىك پەرىخە ئىسىملىك يەنە بىر قىز كىردى. ئادىل دېگىنى ئۇنىڭ ئاكىسى. سىز چوڭ پەرىخەنى ئىزدەيمەن دېسىڭىز بولمامتى.
— مەن ياتىقىڭىزدا ئىككى پەرىخەنىڭ بارلىقىنى نەدىن بىلەي، نېمىلا بولسۇن ياتاقتا ئولتۇرۇشنى ئۆگىنەرسىز.
— مەن ياتاقتا بولمىسام كۇتۇپخانىدا.
— سىز نەدىلا بولۇڭ، مەن كەچلىرى قەرەلسىز ھالدا تېلېفون بېرىپ، سىزنى يوقلىما قىلىپ تۇرىمەن.
— سىز ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسىز-دە؟ مەن ياتاقتا بولمىسام كۇتۇپخانىدا دېدىمغۇ.
— ئىشەنگەچكە خەقنىڭ شەھىرىگە ئەۋەتكەندىمەن.
— ئەمدى دەيمىنا.
سېنىڭ ياتىقىڭدا راستتىنلا يەنە بىر پەرىخە ئىسىملىك قىزنىڭ بار-يوقلۇقى ماڭا نامەلۇم بولسىمۇ، مەن سۆزۈڭگە ئىشەندىم. ئادەمنىڭ شۇنداق بىر ئاجىزلىقى باركى، ئۇ بولسىمۇ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشقا قارىتا بۇنداق ئىشنى يۈز بەرمىدى دەۋېلىش. بۇ بىزنىڭ رېئاللىققا كۆز يۇمۇۋالىدىغان ئەڭ چوڭ بىچارىلىكىمىز! ئۆزىمىزنى قەستەن بەزلىشىمىز! ئەلۋەتتە ياتىقىڭدا يەنە بىر پەرىخەنىڭ بارلىقىنى ياتاقداشلىرىڭدىن سورىسام مەن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەمچى، گۇمانخور ئەرگە ئايلىنىپ قالىمەن. بۇنداق ئاھانەتكە قېلىش مېنى تېخىمۇ ئاجىز، تېخىمۇ بىچارە، قەدىرسىز ئەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان. بۇ مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ئازابلىق! مەن سەندىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشكەنىكەنمەن، كۆڭلۈمدىكى گۇماننى ئەسكى چاپاننى چۆرۈۋەتكەندەك يىراققا تاشلىشىم كېرەك. مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئارتۇق يۈك، گۇمان، ئازاب يۈكلىۋېلىشتىن ئەنسىرىدىممۇ قانداق، ئارىلىقتا ئاخشاملىرى ساڭا تېلېفون بېرىپ قېلىشتىن ئۆزۈمنى تارتتىم. توۋا،بۇ ئىشنى ھازىر ئويلىسام، مەن تولىمۇ خەتەرلىك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغىلى تاسلا قاپتىكەنمەن دەپ قالىمەن. چۈنكى، سەن كۈندىلا «كۇتۇپخانىغا چىقىپ كەتكەن» بولۇپ قالساڭ، مەن زەردىگۆش بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ گۆشىنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ كەتمەمدىم. قارىغاندا، شۇ مەزگىللەردە سېنى بەكلا ياخشى كۆرسەم كېرەك. مەن كېيىنچە بىرنەچچە قېتىم ئىككى بالامنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى سۈپىتىدە ساڭا تېلېفون بەردىم. سەن بەزىدە ياتاقتا بار بولۇپ چىقتىڭ، بەزىدە «كۇتۇپخانىغا چىقىپ كەتكەن» بولدۇڭ. بىراق، مەن شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىنى كەچتە قانچىدە تاقايدىغانلىقىنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن. راست، سەن تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندە، سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈدەك سەن بىلەن قانچىلىك مۇڭدىشالىدىم، قانچىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولالىدىم؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قېشىڭدا بولمىغاندىكىن، كەچتە ياتاقنى تاقايدىغانغا ئۈلگۈرۈپ ياتاققا قايتىپ، ماڭا «كۇتۇپخانىغا چىقىپ كەتكەن» دەپ قويساڭ ئىش تۈگىمەمدۇ؟ ئىشقىلىپ، شۇ چاغدا مېنىڭ كاللامدىن ئىككى پەرىخە توغرىسىدا نۇرغۇن خىياللار كەچتى. ھەتتا ياتىقىڭدىكىلەرنى شەيتان ئويۇنى ئويناۋاتامدۇ نېمە؟ دەپمۇ قالدىم. ئىككىمىز خالاپ ئېلىپ-تېگىشكەن. ھەرگىزمۇ بىر-بىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ، يېلىنىپ تېگىشكەن ئەمەس. بىراق، ۋاقىت، مۇھىت، يېڭىچە «ساختا مەدەنىيەت» ئامىللىرى نۇرغۇن-نۇرغۇن ئەقىدە، ھۆرمەت، مېھرىبانلىق، ياخشى كۆرۈش، مۇھەببەت شۇنداقلا كۆنۈپ كەتكەن ياخشى ئادەت قاتارلىقلارنى ئارقىغا تاشلاپ كېتىۋېرىدىكەن. سەن ئۇنى توسۇپ قالالمايدىكەنسەن. توسۇپ قالماقچى بولۇپ تىركەشسەڭ، ئىشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويىدىكەنسەن-دە، ئۆزۈڭنىڭ ئەرزىمەس، چاغلىق، كىچىككىنە بىر ئىشقا تىركەشكەنلىكىڭنى كېيىن پۇشايمان ئىچىدە ئېتىراپ قىلىدىكەنسەن. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىپەرۋالىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇش رىتىمىدىن تەۋرەنمەي، ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك مېڭىش ئىكەن. تۇرمۇشتا تاشلاپ كېتىشكە تېگىشلىك نەرسىنى تاشلىۋېتەلمىسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ يولىغا ئورا قازغان، تىكەن تاشلىغان بولۇپ قالىدىكەنسەن. پەرىخە، بۇلار پەقەت مېنىڭلا ھازىرقى تۇرمۇش تەجرىبەم، ئۆزۈمگە خاس ھالەتتە جۇغلىغان ھاسىلاتىم. بۇ خىل ھاسىلاتنىڭ كىملەرگە ماس كېلىدىغانلىقىغا مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.
پەرىخە، پەرىخە، يەنە پەرىخە! سېنىڭ ئۈرۈمچىدە قانداق ئويۇن ئوينىغانلىقىڭنى مەن بىلمىسەممۇ، بىراق سەندىكى ئۆزگىرىش مەندە بىرسىگە دېگىلى بولمايدىغان تولىمۇ مەۋھۇم، ئېنىقسىز گۇماننى قوزغاپ قويدى. ئادەمدىكى دېلىغۇلچىلىق، خۇدۈكسىرەش، ئەندىشە تەبىئىي ھالدىلا ئادەمنىڭ روھىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۈمىد، ئىشەنچسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئادەمنى چۈشكۈنلۈك، بەرباتلىق ئېقىنىغا سۆرەپ، ھەممە نەرسىدىن ئايرىپ تاشلىماقچى بولىدىكەن. بۇ سېنىڭ ئىرادەڭنى، ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭنى، ئەقلىڭنى سىنايدىغان، ھەر بىر ئادەم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئەڭ نازۇك بىر جەريان ئىكەن. مەن بۇ جەرياندىن ئۆزۈم يالغۇز، ساق-سالامەت، بىمالال ئۆتۈپ كەتتىم. دېمەك، بىز ئاخىر ئاجرىشىپ كەتتۇق. بۇ ئىش كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ. بۇ خۇددى قورسىقى ئاغرىپ قالغان ئادەم دوختۇر ئىزدىگەندەك ياكى ھاجەتخانىغا بارغاندەكلا بىر ئىش، خالاس! نىكاھتا ئۇتۇۋېلىش، ئۇتتۇرۇۋېتىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى خالاش-خالىماسلىق، رازى بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسىلا مەۋجۇت! مۇھەببەت مۇناسىۋىتىدە پايدا ئېلىش-پايدا ئالماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈپ، ئورتاق بەدەل تۆلەش، قۇربان بېرىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان تەسەللى، خۇشاللىق تۇيغۇسىلا مەۋجۇت!

-سەن مېنىڭ ئاخشاملىرى ياتىقىڭغا تېلېفون بېرىپ تاپالماي قېلىشىمنى باھانە-سەۋەب قىلىپ، يېڭىدىن پەيدا بولغان ئالاقىلىشىش قورالى — چاقىرغۇ سېتىۋالماقچى بولدۇڭ. مەن قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق دېسەممۇ، سەن يەنىلا ئىككى مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ سېتىۋالدىڭ.
— چاقىرغۇ سېتىۋېلىپ نېمە قىلىسىز؟
— سىلەر ئىزدەپ قالساڭلار سىرتتا بولۇپ قالسام، سىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا قۇلايلىق بولارمىكىن دېگەنىدىم.
— سىز يا بىر ئالدىراش ئادەم بولمىسىڭىز، ئۇنىڭ نېمە كېرىكى؟
— ئۈرۈمچىدە ھەممە ئادەم ئېسىپ يۈرىدىكەن.
— سىزنىڭ ئۈرۈمچىلىك بولغۇڭىز كېلىپ قاپتۇ-دە.
سېنىڭ ئەركىلىشىڭگە قارىتا مەن ساڭا ئازراق دەرس ئۆتۈشنى ئويلىدىم يۇ، بوپتۇ، خەقنىڭ شەھىرىدە بوينى قىسىلىپ قالمىسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەماللىققا ئىش چىقىپ قالسا ئىزدەپ تېپىشقا ئاسان بولىدۇ، دەپ ئويلاپ تەلىپىڭگە قوشۇلدۇم.
— قانچە پۇل ئىكەن؟
— ياخشىراقىنى ئىككى مىڭ يۈەن دەيدۇ.
— پاھ! ئالتۇندىنمۇ قىممەت نەرسىكەنغۇ.
— مېنىڭ خەجلىمەي يىغىپ قويغان ئازراق پۇلۇم بار، قالغىنىغا سىز ياردەم قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
— سىز تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەۋېتىپسىز-دە، بولىدۇ، كېمىنى ئەۋەتىپ بېرەي.
بىز شۇنداق پۈتۈشتۇق. دېمىسىمۇ بىزنىڭ ئىزدەشكەندە دەماللىققا تېپىشىشىمىز ئاسانغا توختىدى. بىراق، چاقىرغۇ دېگەن گۇيغا مەندىن باشقىمۇ ئادەملەرنىڭ تېلېفون قىلىدىغانلىقىنى مەن كالۋا ئويلىماپتىمەن. سەن ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چاقىرغۇ دېگەن بۇ «خاشو دەللال» بېشىمغا بالا بولدى. ئۇ كۈندۈزلىرى سايرىغاننى ئاز دەپ، ئاخشاملىرىمۇ، ھەتتا يېرىم كېچىدىمۇ تاتلىق ئۇيقۇمىزنى بۇزۇپ، يۈزسىزلىك بىلەن سايرايتتى. سەن يېرىم كېچە دېمەي ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىراش تېلېفون قايتۇراتتىڭ. سېنىڭ نېمىگە شۇنچىلىك ئالدىراشلىقىڭنى مەن زادىلا چۈشىنەلمىدىم. تېلېفون قايتۇرۇپ بەزىدە غۇدۇۋاپ قوياتتىڭ. بەزىدە ئۆيدە سەندىن باشقا ئادەم يوقتەك، بىرسى ساڭا نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ يۇمۇرلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتىڭ. مەن كىملىكىنى سوراپ بېقىشنى ئويلىساممۇ، سەن زۇۋان سۈرمىگەندىكىن، بىرنەرسە دېيەلمەيتتىم. پەرىخە، مەن ئەنە شۇنداق دېلىغۇلچىلىق ئىچىدە ياشىدىم. مانا ئەمدى بالىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت، رازىلىق تۈسىنى ئالغان شەرەپ تۇيغۇسى مېنى ئازادىلىككە، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈردى. مەن پەرۋەرنى يەسلىدىن ئېلىپ ماڭغان، ئۇنىڭ ئالدىمدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىنى، توختىماي سوئال سوراشلىرىنى، مېنى ئات قىلىپ ئۈستۈمگە مىنىۋېلىشلىرىنى، ئەلپەرنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرگەنلىكلىرىمنى، ئۇلار بىلەن باغچىدا كۈلۈشۈپ ئوينىغانلىقلىرىمىزنى ئويلىسام، ئۆزۈمنىڭ ئەڭ بەختلىك ئادەم ئىكەنلىكىمدىن سۆيۈنىمەن. بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلىمەن! ئۆزۈمدىن رازى بولىمەن. ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭگە رازى بولۇپ تۆلىگەن بەدەل ھامان ئادەمنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ!

ھاياتتا گەرچە تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتسىمۇ، سەن ئايرىلىپ قالغىنىڭنى ئەمەس، بەلكى ئېرىشكىنىڭنى ئويلىساڭ ئۆزۈڭنى ھۇزۇرلۇق ھېس قىلىدىكەنسەن! بۇلارنى ئەسلەپ قالىدىكەنسەن! مانا بۇنداق سۆيۈنۈش تۇيغۇسى شاھلارمۇ، پېقىر، غېرىب-مىسكىنلەرمۇ ئوخشاشلا بەھرىمەن بولالايدىغان ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە تۇيغۇ ئىكەن. مەن ساڭا باشتىلا دېگەن، ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغىنىدىن، ئايرىلىپ قالىدىغىنى كۆپ بولىدۇ. بىراق، سەن ئېرىشكەنلىرىڭنى ئويلىساڭ، ئۆزۈڭنىڭمۇ بەختلىك كۈنلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنمەي قالمايسەن! بىز ھەممىگە ئېرىشكۈچى ئەمەس، شۇنداقلا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىگۈچىمۇ ئەمەس! كىشىلىك تۇرمۇشتا بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە تۇشلۇق نېسىۋىمىز، ئېرىشىدىغىنىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ خۇشاللىق. ئۇ بولسىمۇ بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان بىرەر قېتىملىق بەختلىك مىنۇتلار! بۇ خىل خۇشاللىقنىڭ ئىچىدە مۇھەببەتمۇ، مەئىشەتمۇ، كىيىشمۇ، ئائىلىمۇ، پەرزەنتمۇ، دوستمۇ، خىزمەتمۇ بار! سەن ئۇ مېنى بەختلىك قىلالمىدى دەپ ئويلىما! قەدىمكى يۇنانلىق پەيلاسوپ پروكلوس «ئادەمنىڭ رھى پەقەت تەننىڭ كىشىنىدىن قۇتۇلغاندىلا ئاندىن ھەقىقەتنى كۆرەلەيدۇ» دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇ ئۆلۈم يولىنى ئۆزلىرى خالاپ، بۇرۇنلا تاللاپ ماڭغانلار ئۈچۈن ئاقىلانىلىق بولسا، ئۆلۈمنى خالىمايدىغانلار ئۈچۈن ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ھېسابلىنىدۇ. تارىختا روھنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىمەن دەپ ئۆزىنى قۇربان قىلغانلار زادى قانچىلىك؟ ئېھتىمال تايىنلىقتۇر. چۈنكى، سەن قانداق ھەقىقەتكە يېتىشنى ئۆزۈڭ بەلگىلەيسەن. ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىتىگە تايىنىپ ياشايسەن! ھەربىر شەخسنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئۆزى بىر ھەقىقەت! سەن ئۆز ھاياتلىق ئېقىنىڭنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىدىكى ھالىتىگە دىققەت قىلساڭ، بەزىدە كۆۋەرەپ سۈر-ھەيۋە بىلەن ئاقىدۇ. بەزىدە شىلدىرلاپ ئاقىدۇ؛ بەزىدە تىۋىشسىز ئاقىدۇ. بەزىدە بۇ ئېقىنغا ئەخلەت-چاۋارلارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى، سۇنىڭ ئۆز رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، لاي-لاتقا بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. سېنىڭ ھاياتىڭ ئاشۇ خىل ئېقىندەك ئۆتىدۇ. بىراق، ساڭا ھاياتلىقنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى كوچىدا قالغان يېتىم بالا كۆزىنى پارقىرىتىپ، ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغاندەك قاراپ تۇرۇشتىن، ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن باشقا ئامالىڭ يوق! سەن ھەممىنى سېزىپ تۇرىسەن، كۆرۈپ تۇرىسەن، ئاڭلاپ تۇرىسەن! ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتلىق ئېقىنىغا نەزەر سېلىپ باق، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا!

پەرىخە، سەن مەڭگۈلۈك بەخت دېگەن سۆزگە ئىشەنمە، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ئازابقىمۇ ئىشەنمە! دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئەزەلدىن ئۆزگىرىشچان ھالەتتە داۋاملىشىدۇ. سەن بۈگۈن خۇشال-خۇرام، بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ سەن كۆرگەن ۋاقىتتىكى بەختلىك ھالىتىنىلا ئويلاپ، ئۇنىڭغا كۆزۈڭنى قىزارتما، ئۆزۈڭنى بەختسىز ھېسابلىما. ئەتە ئۇنىڭمۇ بەختسىز كۈنلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ياكى بۇرۇن بولغانلىقىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلىۋەتمە. بەخت، نېسىۋە، خۇشالىق بىرنەچچە ئادەمگىلا باقىمەندە نەرسە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بۇ سېنىڭ قانائەت قىلىش-قىلماسلىقىڭغا باغلىق! ئاچ كۆزلۈك سېنى ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى، سەن مەلۇم نەرسىگە ئاچ كۆزلەرچە يېپىشقانىكەنسەن، ئۇنىڭغا تۆلەيدىغان بەدىلىڭمۇ ئاز بولمايدۇ. ئاچ كۆزلۈك بىلەن تۆلەنگەن بەدەل سېنى ھەقىقىي رازى قىلالىشى ناتايىن. ئۇنىڭغا ئاچچىق ھەسرەت، كۆز يېشى، ئۆچمەنلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ. سەن بۇنىڭدىن قانچىلىك خۇشاللىق ھېس قىلالايسەن؟ زورلاپ ئېرىشىدىغان خۇشاللىق بىردەملىك ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سەن زورلاپ ئېرىشكەن بىردەملىك خۇشاللىققا قانائەت قىلامسەن، ئۇنىڭدىن رازى بولامسەن؟ ناتايىن. سەن «زۇلۇم بىلەن ئېلىپ يېگەن نەرسە گەرچە تاتلىق بولسىمۇ، ئاخىر غايەت زور ئاچچىققا ئايلىنىدۇ» دېگەن ھېكمەتنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)