باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 17:22 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بىز سېنى يەنە خېلى بىر ۋاقىتقىچە ساقلىدۇق. سەندىن ھېچقانداق بىر ئىنكاس، سادا يوق، ئۇخلاپ قالغاندەك ياتاتتىڭ. ئۇخلىدىڭمۇ، ئۇخلىمىدىڭمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئاخىر بولماي مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ:
— پەرىخە، ھاجەتكە چىقىپ كىرىپ ئۇخلىمامسىز؟— دەپ چاقىرىشقا مەجبۇر بولدۇم.
— ئىت پوق يېمەستە، ئادەمگە نېمە سېسىق گەپ قىلىسىز؟— دېدىڭ بىردىنلا ئۆرۈلۈپ،— سىلەر يېگەچ تۇرساڭلار بولمامدۇ!
— سىز يوق چاغدىمۇ گېلىمىزدىن تاماق ئۆتكەن، مەن تېخى بىر ئائىلىدىكىلەر جەم بولغاندا بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەيمىزمىكىن دەپتىمەن. قوپۇڭ، بالىلارمۇ ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. ناشتىدىن كېيىن بالىلارنى بازار ئايلاندۇرۇپ كېلەيلى.
سەن مېنىڭ سەل ئاچچىقىم كەلگەنلىكىنى بىلىپ قالدىڭ بولغاي:
— مانا ھازىر، سىلەر ناشتا قىلغاچ تۇرۇڭلار،— دېدىڭ. مەن بالىلارغا ئاپاڭلار قايتىپ كەلگەندە بازار ئايلىنىمىز دەپ ۋەدە بېرىپ قويغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىز ناشتىغا تۇتۇش قىلىۋەردۇق. سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ھاجەتكە چىقىپ كىرىپ ئالاھەزەل بىرەر سائەتچە پەرداز قىلدىڭ بولغاي، مەن سېنى ساقلاۋېرىپ ئاخىر ئۆيدىن چىقىپ، سىرتتا ساقلاپ تۇردۇم. مەقسىتىم سەن بىلەن بىرنەرسە دېيىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئىدى. سەن بىرھازا ياسىنىپ، جابدۇنۇپ چىقتىڭ. پەردازنى شۇنداقمۇ قېنىق قىلىۋالغان بارمۇ؟ خۇددى چاڭچىلە ئارتىسلىرىغا ئوخشاپ قالغانىدىڭ. بۈدۈر قىلدۇرۇۋالغانلىقىڭدىن بېشىڭغا پاتماي قالغان چاچلىرىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن سېۋەتتەك بولۇپ قالغانىدى. توۋا دەيمەن، مەن بىردىنلا خوتۇنۇم بىلىم ئاشۇرغىلى بېرىپ كاللىسىدىن كەتتىمۇ نېمە دەپ ئويلىدىم. سېنىڭ شۇ تۇرقۇڭ بىلەن مەن كوچىدا بىللە مېڭىشتىنمۇ خىجىل بولدۇم. قانداق قىلىمەن، سەن يەنىلا مېنىڭ خوتۇنۇم، سۆيۈملۈك بالىلىرىمنىڭ ئانىسى ئەمەسمۇ! قانداق بىر ساراڭ ساڭا بۇنداق قېنىق گىرىم قىلىشنى ئۆگىتىپ قويغاندۇ دەيمەن. سەن توم-توم قاشلىرىڭنى تېرىپ ئىنچىكە ياسىتىپ، يۈزۈڭگە ماينى بىكارغا ئالغاندەك بولۇشىچە سۈرتۈپ، لەۋلىرىڭنى پارقىرايدىغان بىر خىل لەۋسۇرۇقى بىلەن بوياپ، ئەتراپىغا قارا قەلەمدە سىزىق سىزىۋالغانىدىڭ. سېنىڭ بۇ چىرايىڭنى ئويلىسام دوختۇرخانىلاردا پراكتىكا ۋە مەشىققە ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي رىزىنكە ئادەم ئېسىمگە كېلىۋالىدۇ. ئادەمنىڭ چىرايىدا ئاز-تولا نۇر، ئىمان بولمىسا باشقىلارغا كېسەلمەن ئادەمدەك زەئىپ، خۇنۈك كۆرۈنۈپ، ئۆلۈكنىڭ چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. سېنىڭ بۇ تۇرقۇڭ «خەلپەم كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ»، «بوياقچىنى بوياقچى دەپ قويسا، ساقىلىنى بويىۋاپتۇ» دېگەندەكلا ئىش بولغانىدى. سىرتقا چىققاندا ساڭا، سەن بۇنداق پەرداز قىلساڭ بولمايتتى دېگىلى بولاتتىمۇ، مەيلىلا، ئاياللارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ نېمە كەپتىكەن، قىلغان پەردىزىغا ئارىلىشىۋالسام چاكىنىلىق بولۇپ قالمىسۇن، دېدىم ئىچىمدە. ئەمەلىيەتتە بىزمۇ ئاشۇ گۈزەللىكتىن بەھرىمەن بولغۇچىلار بولغاندىكىن، ھېچبولمىسا ئۆزىمىزنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى بويىچە باھا بېرەلەيمىزغۇ! شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يۈرگەن، توي قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە كېسىلمەي كەلگەن توم چاچلىرىڭ، قويۇق قاشلىرىڭ، نۇر ۋە ئىمان يېغىپ تۇرىدىغان تەبىئىي چىرايىڭنى ئەسلەپ قالدىم. خۇدا تېخى سېنىڭ چىرايىڭغا قورۇق، چاچلىرىڭغا ئاق ئاتا قىلمىغانىدى. يوغان كۆزلىرىڭنىڭ ئەتراپىغا سۈرۈۋالغان لاك سېنى يالغانچى، جادۇگەر خوتۇنلاردەك قىلىپ قويغان بولۇپ، ماڭا سەن ئۆزۈڭنىڭ يېشىدىن بىرنەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈندۈڭ. سەن ئۆزۈڭنى يوق قىلغانىدىڭ. قارىغاندا، «خۇدا ئۇرسا، ئاۋۋال ئەقلىدىن ئۇرار» دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك. چۈنكى، سەن ساراڭدەكلا، جىن سوقۇۋەتكەندەكلا بولۇپ قالغانىدىڭ. بەزىدە ئەينەككە قاراپ ئۆزۈڭچە كۈلۈپ قويىسەن، تاماق قىلىۋېتىپ ئۆزۈڭچىلا «بەتبۇي، بەتبۇي، بەتبۇي» دەپ ناخشىغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىلەرنى دەپ كېتىسەن. مەن راستتىنلا ھەيران قالدىم.
- زورۇقۇش ئادەمنى قىيناپ قويىدۇ. توغرا، بەزىلەر تېزرەك ماڭىمەن دەپ زورۇقىدۇ، بەزىلەر ئاستىراق ماڭىمەن دەپ زورۇقىدۇ. بىز بۇنداق قىلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچى. ھاياتتا سىز ئالدىرىسىڭىزمۇ، ئالدىرىمىسىڭىزمۇ ئوخشاش بىر مەنزىلگە — ئۆلۈم مەنزىلىگە بارىسىز. ئۇندىن باشقا پانىي ئالەمدە ئادەم ئۈچۈن تەڭپۇڭ ھالەتتە ماڭىسەن دەپ بەلگىلەپ بېرىلگەن پرىنسىپ، مىزان يوق. ھاياتتا ئۆزىگە بېسىم ھېس قىلىۋالماي ئۆزىنى ئازادە تۇتۇپ ياشاش تېخىمۇ مۇھىم. ئازادىلىككە ئېرىشىش — ئەڭ بۈيۈك مەنزىل.
سەن مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەندىڭمۇ، چۈشەنمىدىڭمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئارتۇقچە ئىنكاس قايتۇرماي شۈك ئولتۇردۇڭ. ماڭا جاۋاب قايتۇرمىغىنىڭغا كۆپ رەھمەت! كېيىن سەن ئوقۇپ يۈرىدىغان «بەتبۇي» دېگەن ناخشا بىزنىڭ بۇ قەدىمىي شەھەردىمۇ تارقالدى. قاۋاقخانا، رېستوران، ئاشخانا ھەتتا پارچە-پۇرات دۇكانلاردىمۇ، ھاراق سورۇنلاردىمۇ ياڭرايدىغان بولۇپ كەتتى. مەن بۇ ناخشىنى تولا ئاڭلاۋېرىپ بۇ ناخشا راستتىنلا «بەتبۇي»كەن دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم. مەن تاكى ھازىرغىچە «بەتبۇي» نىڭ مەنىسىنى بىلمەيمەن. بىلىشنىمۇ خالىمايمەن. چۈنكى، سەن «بەتبۇي»نىڭ تەسىرىدە ئاينىپ قالغان. مانا ئەمدى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىن غايىب بولۇۋىدىڭ، «بەتبۇي»نىڭ پۇرىقىمۇ يوقىلىپ، ئەركىن نەپەس ئالىدىغان بولۇپ قالدىم. ئېھتىمال سەن ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن مېنىڭ «بەتبۇي» دېگەن ناخشا توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىمنى ساۋاقداش، تونۇش-بىلىشلىرىڭگە ئېيتىپ يەنە بىر مەيدان ھۇزۇرلىنىپ كۈلىۋالغانسەن. سەن دېگەن تېز تۇرمۇش رېتىمى ئائىلىدىن چەتنەپ چىقىشمۇ؟ كوچىدىكىلەر بىلەن تەڭ يۈگۈرۈشمۇ؟ بۇمۇ مودىمۇ؟ ئاخىرىدا يەنىلا سەن ئۆزۈڭگە ئېشىپ قالىسەن. ھاياتتا ئادەمنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مال-مۈلكى پەقەت ئۆزىلا. سەن بۇ مال-مۈلكۈڭنى ئۆزۈڭ ياخشى كۆرمەيدىغان بىرسىگە قالايمىقان تەقسىم قىلىۋەتسەڭ ئۆزۈڭنى ۋەيران قىلىسەن. سەن مۇشۇ مال-مۈلكۈڭدىن ئازراقىنى بېرىشكە تېگىشلىك — سېنىمۇ، سەنمۇ ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭگە بېرەلىسەڭلا، ئاندىن سەن ئۆز بايلىقىڭدىن، ئۆزۈڭدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقسەن. ئۆز مۈلكۈڭنى تېخىمۇ كۆپەيتەلەيسەن، ئۆزۈڭدىنمۇ ھەقىقىي رازى بولىسەن! تۇرمۇشتا ئادەم قۇربان بېرىش ئارقىلىقلا ئۆز تەسەللىسىنى، ئۆزىنى تاپالايدۇ. مانا بۇ سەن ئېرىشىدىغان بايلىق. مانا بۇ سەن ئېرىشىدىغان خۇشاللىق ھەم بەخت! بەخت زورۇقۇپ ئېرىشىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى چامىسى يەتكەن ھالەتتە ئېرىشىدىغان قانائەت تۇيغۇسى. بەختنى ھېس قىلالمىساڭ ئۇ سېنىڭ تۇرمۇشۇڭدا يوق نەرسە. بەخت سېنىڭ روھىڭدا. بايقاشمۇ سېنىڭ روھىڭدا!
قىسقىغىنە قىشلىق تەتىلىڭ شۇنداق ئالدىراش ئۆتۈپ كەتتى. ئېھتىمال سەن ئۆزۈڭنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانسەن. ئۆيگە، بالىلارغا قارايدىغان ۋاقتىڭ يوق. «ئۇ چاقىرىپتىكەن، بۇ چاقىرىپتىكەن» دەپ پۇت-قوللىرىڭ يەرگە تەگمەي قالدى. ئېھتىمال ئەنگلىيىنىڭ سابىق ئايال ۋەزىرى ساچېر خانىممۇ سەندەك ئالدىراش يۈرمىگەن بولغىيدى. توغرا، سەن چوڭ بولۇپ، ئېغىزىڭغا چىش چىقىپ، تۇنجى قېتىم يۇرت ئاتلاپ ئۈرۈمچىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىپ، تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتۇڭغا — ئۆز شەھىرىڭگە قايتىپ كەلگىنىڭدە سېنى ئىزدەيدىغانلار، سېنىڭدىن ھال-ئەھۋال سورايدىغانلار، سېنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىڭنى ئاڭلاشنى خالايدىغانلار ئاز بولاتتىمۇ؟ تېخى بىزنىڭ نۇرغۇن قائىدىلىرىمىز بۇنىڭ سىرتىدا. سەن يۈگەنسىز ئاتقا ئوخشاپ قالغانىدىڭ. ئائىلە، ئەر، بالا-چاقا سېنىڭ كۆڭلۈڭدە يوقتەكلا. مەن ئۆزۈمچە سەن تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆيدە بالىلار بىلەن كۆپرەك تۇرسا، مەن تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ياكى باشقىلارنىڭ توي فىلىملىرىنى ئىشلەپ، ئازراق بولسىمۇ پۇل تاپساق، ئۆينىڭ قەرزىنى تۆلەشكە پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. سەن ئوقۇشقا كېتىپ مائاشىڭ ئۆزۈڭ بىلەن كەتتى. خەقنىڭ شەھىرىگە بارغاندا يانچۇقتا ئازراق پۇل بولمىسا ئادەمنى غېرىبلىق بېسىپ، بۇ شەھەر ئادەمگە دوزاختەك بىلىنىدۇ. مېنىڭ مائاشىم بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى، ئۆينىڭ خىراجىتى ۋە ئاللىقانداقتۇر ئادەمگەرچىلىكلەر بىلەن تۈگەيدۇ. كېيىنكى ئايغا لېۋىمىزنى چىشلەپ يۈرۈپ، ئاران ئۇلىشىمىز. چۈشلۈكلىرى تاماقنى ئۆيدە يېسەك تازا ياخشى بولاتتى. بىراق، تاماق قىلىمەن دەپ ئىشقا كېچىكىپ قالسام، مۇكاپات پۇلۇم تۇتۇلۇپ بىر قېتىملىق تامىقىم ئەللىك يۈەندىن يۈز يۈەنگىچە توختايدۇ. «ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە» بولۇپ قالىدۇ. بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ئۇنچىلىك يۇقىرىمۇ ئەمەس. ئىقتىساد بۇزۇلۇپ چېچىلىۋەرسە بانكىدىن ئالغان قەرزنى بالىلارنى سېتىپ تۆلىگىلى بولمايدۇ-دە.


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)