باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 17:35 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

خۇشاللىق قانچە تەبىئىي بولغانسېرى سېنى شۇنچىلىك ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. كۆڭلۈڭگە ئارامبەخش ئاتا قىلىدۇ. سەن بۇنداق خۇشاللىقنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالماسلىقىڭ مۇمكىن.
پەرىخە، سەن ئوقۇشنى تاماملاپ يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، باشقا بىر يولغا — ئۆزۈڭمۇ باش-ئاخىرىنى بىلمەيدىغان يولغا قەدەم باستىڭ. سېنىڭ بۇ قەدەملىرىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مېڭىش رىتىمىنى بۇزۇپ مېڭىۋاتاتتى. سەن پىيادىلەر يولىدىن ھالقىپ كەتكەنىدىڭ. بۇ شەھەرنىڭ يوللىرى ئۇنچىلىك راۋان ئەمەس. سېنىڭ مېڭىشىڭ ئاسانلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويىدۇ. سېنىڭ بۇ قېتىملىق ياسىنىشىڭ مېنى تېخىمۇ ساراسىمىگە، ئەندىشىگە، ئىزتىراپقا سېلىپ قويدى. سەن چاچلىرىڭنى ئوغۇللارنىڭكىدەك قىسقا كەستۈرگەننى ئاز دەپ، ئالدىنى سېرىتىمۇ ئەمەس، بەلكى «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدىكى جىن-ئالۋاستىلاردەك قىزىلدا بوياپ، ئەسلىدىنلا چوڭ كۆزۈڭنى چوڭايتىمەن دېدىڭمۇ قانداق، قاپاقلىرىڭنى كەستۈرۈپ چىرايىڭدىكى ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان جەزبىلىك تەبىئىي ھالىتىڭ بىلەن پۈتۈنلەي خوشلاشقانىدىڭ. قەرزگە كىيىم ئالغانلىرىڭچۇ؟ قەرز ئېلىپ كىيىم كىيىش بىزگە شۇنچىلىك زۆرۈرمۇ؟ بۇمۇ مەيلى، سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن «مودا» بولسۇن. بىراق، ساغراڭنى ئاران يېپىپ تۇرىدىغان كالتە يوپكاڭ بىلەن كوچىغا چىقىپ، ئاممىۋى سورۇن دېمەي سېغىزنى ئېشەك بوغۇز يېگەندەك پاقىلدىتىپ چايناپ، پۈۋدەپ شار پەيدا قىلىشلىرىڭ، مىلتىق ئاتقاندەك ئاۋاز چىقىرىشلىرىڭ سەن ئۈچۈن ھۇزۇرلۇق تۇيۇلغان بىلەن مەندە سەندىن بىزار بولۇش، نەپرەتلىنىش، يىرگىنىش، سېنىڭدىن ۋاز كېچىش تۇيغۇسىنى قوزغايتتى. «ئاغرىق كىشى ساقايمىغۇچە يېمەكلىكتىن لەززەت تاپالمايدۇ» دېگەندەك، مەنمۇ ئاللىقانداقتۇر بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالغانىدىم. بۇ كېسەلنى ئۆزۈم داۋالىمىسام ھېچكىشى داۋالىيالمايتتى. ئادەم ئۈچۈن روھىي ۋەيرانچىلىقتىنمۇ ئېغىر ئازاب بولمىسا كېرەك. بىر ئىش كاللاڭغا كىرىۋالسا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئاسان ئەمەس ئىكەن. پەرىخە، يېرىم كېچىدە چاقىرغۇ قايتۇرغان ھېلىقى كۈنى ئېسىڭدە باردۇر. سەن مېنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىمنى خىيالىڭغا كەلتۈرمىگەندەك يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلغاننى ئاز دەپ، توختىماي قاقاقلاپ كۈلەتتىڭ. مەن سېنى ھېلى تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويىدۇ دەپ خېلىغىچە ساقلىغان بولساممۇ، سەندە ئۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ ئۇخلىمىغانلىقىنى ساڭا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن زورلاپ ھاجەتخانىغا چىققان بولدۇم. بىراق، سېنىڭ گەپلىرىڭ، كۈلۈشلىرىڭ توختايدىغاندەك ئەمەس. مەن ئاخىر بولماي:
— پەرىخە، ئەتە دېيىشسە بولمايدىغان قانداق مۇھىم ئىش ئىكەن ئۇ؟— دېدىم. سەن تېلېفون تۇرۇپكىسىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ تۇرۇپ:
— مانا ھازىر،— دېدىڭ-دە، يەنە بىردەم سۆزلىشىپ ئاخىر قارشى تەرەپ بىلەن خوشلاشتىڭ.
— يېرىم كېچىدە چاقىرغۇ قىلغان كىم ئىكەن ئۇ؟
— ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىم ئىكەن.
— ئېلىشىپ قالغان بىرنېمىلەرمۇ نېمە. ئەتە كۈندۈزدە چاقىرغۇ قىلسا بولىدىغۇ.
— بىرنەچچە ساۋاقداشلار يىغىلىپ قاپتىكەن، مېنى ئەسلەپ چاقىرغۇ قىلىشىپتۇ.
— كېچىسى ئۇخلىمامدۇ ئۇ خەق، جۆيلۈپ قالغاندەك يېرىم كېچىدە سىزنى سېغىنىپ قاپتۇمۇ؟ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش كېرەكقۇ. سىزمۇ قىزىقكەنسىز، بالىلار ئۇخلاۋاتقاندىكىن گەپنى قىسقىراق قىلسىڭىز بولىدىغان گەپ.
— ئۇلار گېپىنى تۈگەتمىسە مەن قانداق قىلىمەن.
— قىزىق گەپ بولدىغۇ بۇ، قانداق قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم تېلېفون قايتۇرمىسىڭىز بولمامدۇ.
— نېمىشقا تېلېفون قايتۇرمايدىكەنمەن؟
— سىزنىڭچە، ئۆزىڭىزنىڭ قىلغىنى توغرىكەن-دە. مەنغۇ مەيلى، بالىلارنى بولسىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز بولمامدۇ.
— بالىلار بىر بەلەن ئۇخلاۋاتمامدۇ.
— بالىلار ئۇخلاۋاتىدۇ دەپ كېچىچە ۋارقىراپ-جارقىراپ پاراڭ سالسىڭىز بولاتتىمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ قىلغىنى ئۆزىڭىزگە بىلىنمەي قالغان ئوخشىمامدۇ؟
— مەن نېمە قىپتىمەن؟
— كېچە-كېچىلەپ قاتار چاي، ئولتۇرۇش، توي دەپ ئۆيگە كىرمەي لالمىلىق قىلىپ يۈرىسىز. بالىلارنىڭ قورسىقى بىلەنمۇ چاتىقىڭىز يوق، يەنە قانداق قىلسىڭىز بولاتتى؟ ئويۇن دېگەننىڭمۇ يولى بار.
— مەن ئويۇن دەپ تېخى كوچىغا چىقىپ كەتمىدىمغۇ!
— كوچىغا چىقىپ كەتكۈڭىز كېلىۋاتامدۇ، بالدۇرراق مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويارسىز. سىز نېمىڭىزگە شۇنچىلىك چوڭچىلىق قىلىسىز؟ سىز پادىشاھنىڭ مەلىكىسى ئەمەس، بەلكى مېنىڭ خوتۇنۇم. سىزگە ھەممە نەرسە تەل بولمايدۇ، ئىككىمىز تەڭ قىلىمىز.
— چىدىمىسىڭىز سىزمۇ ئويناڭ.
سېنىڭ بۇ سۆزۈڭگە مەن راستتىنلا چىدىماي قالدىم. ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ ئالدىڭغا بېرىپ تەستىكىڭگە بىرنى سالاي دەپ بولۇپ يەنە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.
— قېنى نوچى بولغاندىكىن ئۇرمامسىز، دادام بىلەن ئانامدىن يېمىگەن تاياقنى سىزدىن يەي.
— بىشەملىك قىلماقچىمۇ، مېنىڭ قولۇمنى بۇلغىۋالغۇم يوق.
— مەن ناپاكمىكەنمەن.
— خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ.
— دادا، ئاپا، ئۇخلىساڭلار بولمامدۇ.
بىزنىڭ تاكاللىشىشىمىزدىن ئەلپەرمۇ ئويغىنىپ كەتكەنىدى. مەن تولىمۇ ئوسال، ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدىم. قانداق قىلىشىمنى بىلمەيتتىم. ئۆيدە تۇرۇۋەرسەم سەن بىلەن يەنە گەپ تەگىشىپ قالىدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كىيىملىرىمنى كىيىپ سىرتقا چىقتىم. كېچىلىك بازارغا بېرىپ بولۇشىغا ھاراق ئىچەي دەپ ئويلىدىم. بىراق، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، مەستلىكتە يەنە سەن بىلەن جىدەللىشىپ، رەسۋا بولۇشتىن ئەنسىرەپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. مەن شەھەر كوچىلىرىنى ئايلاندىم. خۇداغا شۈكۈر، ھەرنېمە بولسا تونۇش-بىلىشلەردىن بىرەرسىمۇ ئۇچراپ قالمىدى. مەن سەن بىلەن ئادا-جۇدا بولۇشنىمۇ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ يېتىم ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، مېنى تولىمۇ ئارامسىزلاندۇردى. مەن ئۆزۈمنى تۈگىشىپ كەتكەندەك، دۇنيادا ئىككى بالامدىن باشقا ھېچنەرسەم يوقتەك شۇنداق غېرىب، بىچارە ھالەتتە سېزەتتىم. مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسە مەنىسىز تۇيۇلۇشقا باشلىدى. بالىلار چوڭ بولسا ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا ياشايدۇ. خۇددى ئاتا-ئانىمىز بىزنى چوڭ قىلىپ قويسا، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىدا ياشىغاندەكلا بىر ئىش. توۋا، ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ ئۆزىنى غېرىب-مىسكىن ھېس قىلامدىغاندۇ؟ مەن ئويلايمەن، ئۇلار بۇنى چاندۇرمىسا كېرەك. ئۇلارنىڭ بىزگە ئاتا قىلىدىغىنى ئۈمىدۋارلىق، چىدام-غەيرەت بىلەن ياشاشنى ئۆگىتىش. بالىلارنىڭ خۇشاللىقى، بىزنىڭ تەسەللىلىرىمىز. ئۇلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ غېرىبلىقىنى، بىچارىلىكىمىزنى ئۇنتۇش! پانىي ئالەمدىكى ھەر بىر ئادەم بىر غېرىب. ئۇنىڭ روھىغا ئىچكىرىلەپ كىرەلىسەڭ، ئۇنى چۈشىنەلىسەڭ بۇنداق غېرىبلىقنى بايقىيالايسەن! سەن ئاشۇ غېرىبلىقنى ئۇنتۇپ، تەسەللىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تاللاش ئېلىپ بارىسەن! مەن ئاشۇ كېچىسى ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدىنلا غېرىب، تەنھا ئىكەنلىكىمنى، پەقەت ئائىلە، خىزمەت، پەرزەنت ۋە سېنىڭ مۇھەببىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى ئىزدەپ ئەخمەقلەرچە ياشاۋاتقانلىقىمنى بايقاپ قالدىم. مەن تولىمۇ بىئارام بولدۇم. ئازابلاندىم، يىغلىغۇم كەلدى. تامغا ئۈسۈۋېلىشنى، ھارغۇچە يۈگۈرۈشنى، ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىراشنى ئويلىدىم. مەن ئۇنداق قىلسام بولمايتتى. چۈنكى، مەن بىر كېچىدىلا ھەممە نەرسىنى ھەل قىلالمايتتىم. مەن ۋاز كېچەلمەيدىغان يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى. پەرىخە، مانا بۇ ئادىمىيلىك، مانا بۇ ياشاشنىڭ تاتلىقلىقى، مانا بۇ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرۇپ جاھىللارچە ياشاش! مانا بۇ بىزنىڭ بىچارىلىكىمىز!

ھايات ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى ئۈمىدكە، ئۈمىدۋارلىق ئىچىدىكى ئۈمىدسىزلىككە تولغان! بىزنىڭ ھاياتلىق چىرىغىمىز تولىمۇ غېرىب ھالەتتە يېنىپ تۇرىدۇ. بىز ئاشۇ ئاجىزانە نۇرغا تايىنىپ ئۈمىدۋار بولۇپ ياشايمىز. چىراغ نۇرىنى ئۇلغايتىش ياكى ئۇنى مەلۇم بىر مەنىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ ئىجادچانلىقىمىزغا باغلىق. چۈنكى، ئىجادچانلىق ئىنسانلارنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىدىغان، دۇنيانىڭ ئازدۇرۇشلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ياخشى ۋاسىتە! پەرىخە، مەن بۇ يەردە ئادەم مەلۇم بىر كەشپىياتنى يارىتىشى كېرەك، دېمەكچى ئەمەسمەن. بالىلارمۇ بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىز. ئۇلار بىزنىڭ ئەمگىكىمىزنىڭ ھاسىلاتى. بىزنىڭ بۇ ھاسىلاتىمىزدىن، ئىجادىيىتىمىزدىن، ئەرمىكىمىزدىن ۋاز كەچكۈمىز يوق. ئىنسان ھامان بىلىپ-بىلمەي ئىجادچانلىق يولىغا مېڭىپ قالىدۇ. چۈنكى، سېنىڭ ئىزدەۋاتقان تەسەللىلىرىڭ ئاشۇ ئىجادچانلىقنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. سېنىڭ باشقا بىر ئەرنى تاللىشىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ بىر خىل ئىجادچانلىقى، ئۆزۈڭگە تەسەللى ئىزدەشنىڭ يەنە بىر يولى. ئادەم ئىجادچانلىقنى قوغلىشىپ، بىر خىل ئىزتىراپلىق ئىچىدە ياشايدۇ. تۇرمۇشىمىزدا بۇرۇن يۈز بەرمىگەن، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھامان بىزنى يېڭى بىر ھاسىلاتنى پەيدا قىلىشىمىزغا سۆرەيدۇ، ئازدۇرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمىز. مەن شۇ كېچىسى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارغا ئاغرىنىپ، ئازابلىنىپ، تولا ئويلاپ نېمە قىلاي، پەرىخە ناھايىتى كەلسە مەن بىلەن ئاجرىشىپ كېتەر دەپ ئويلىدىم. مەن بىر ھەقىقەتنى — دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن ئازابلىنىپ يۈرۈشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم. مەن ئۆيگە قايتىپ كىرگەندە، سەن مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودىلا ئۇخلاپ قالغانىدىڭ. سېنى كۆرۈپ «چىدىمىسىڭىز، سىزمۇ ئويناڭ» دېگەن سۆزۈڭ ئېسىمگە كېلىپ، يەنە جۇدۇنۇم تۇتتى. كانىيىڭدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇممۇ كەلدى. يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن قاپاقلىرىڭغا، شۈمشىيىپ بىچارە ھالەتتە ياتقان تۇرقۇڭغا قاراپ ساڭا ئىچىممۇ ئاغرىپ قالدى. مەن «سۈرە ئەئراف»تىن بۇنداق بىر جۈملىنى بىلىمەن. ئۇ بولسىمۇ «ئەپۇنى دوست تۇتقىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن». ئېھتىمال مەن مۇشۇ سۈرىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن بولسا كېرەك، سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئەدىيال يېپىپ قويۇشنى، ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاڭ، دېيىشنىمۇ ئويلىدىم. بىراق، ئۇنداق قىلسام ساڭا يالۋۇرغاندەك، بويسۇنغاندەك، ئۆزۈم يۇمشاق باش بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ، بۇ نىيەتتىن ياندىم. مەن ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىقنى مېھىر-مۇھەببەت ھەم كۆيۈنۈشنىڭ كېسىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلدىم. مەن ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلىغان بىلەن پەرىخە نېمىلەرنى ئويلىدى، ماڭا يېلىنىۋاتىدۇ دەپ قالسىچۇ؟ ئۇ كىچىك بالا ئەمەسقۇ، دېگەنلەرنى ئويلاپ، ياخشى نىيىتىمدىن يېنىۋالدىم. پەرىخە، مانا شۇ ئىشتىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھۆرمەت، كۆيۈنۈش بارغانسېرى سۇسلىشىشقا باشلىدى. بىز پەقەت ئائىلە قۇرغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتاتتۇق. بۇنداق ئائىلىلەر ئېھتىمال ئەتراپىمىزدا شۇنداق كۆپتۇر، ئۇلارنىڭ پەقەت بىزنىڭ بىلمىگەن، چاندۇرمىغانلا يېرىمىز بار. ئىككىمىزنىڭ ئۆيدە دەرقەمتە تۇرىدىغان ۋاقىتلىرىمىز تولىمۇ ئاز بولغاچقا يۈزتۇرا ئۆز سەۋەنلىكلىرىمىزنى دېيىشەلمىدۇق. بۇمۇ بىزنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرىپىمىز بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا، ھەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ يېلىنىشىنى ياكى ئاجرىشىپ كېتىش تەلىپىنى قويۇشنى كۈتەتتۇق. بۇنداق قىلسام، بىز خەقلەرگە ئۆزىمىزنى پاك، ئۆي تۇتىدىغان قىياپەتتە كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتۇق. كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيتتى. ئادەملەر ھامان ئۆز سەۋەنلىكلىرىگە قىل سىغمايدىغان سەۋەبلەرنى ئىزدەيدۇ. خاتا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا، باشقىلارنىڭ توغرا دەپ قارىشىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنىدۇ. پەرىخە، ئېھتىمال كېيىنكى كۈنلەردە مەنمۇ ئاخشاملىرى ھاراق ئىچىپ، ئۆيگە كەچ قايتىپ خاتا قىلغاندىمەن. بۇ بىر قېيىداش، سېنى ئائىلىگە، بالىلارغا قارامدۇ-قارىمامدۇ، دەپ سىناش ئىدى. بىراق مېنىڭ بۇ سىنىقىم، «ئوسۇرۇققا ئارپا نېنى باھانە بولدى» دېگەندەك، ساڭا نىسبەتەن سەلبىي رول ئوينىدى. ئىككىمىز بەسلىشىپ قالدۇق. مېنىڭ بۇ ئىشلارنى بىرەرسىدىن قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش نىيىتىممۇ يوق ئىدى. «كىشىنىڭ يارى بولمىسا، ئۇ بىماردۇر» دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك. مېنىڭ توساتتىنلا باشقا بىرسىنى ئىزدىگۈم كېلىپ قالدى. مەن شۇنداق قىلساملا ھەممىدىن قۇتۇلۇپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. راستىنى ئېيتسام، قىز دوستلىرى كۆپ ئاغىنىلەر بىلەن ئاللىقانداقتۇر قاۋاقخانىلارغا، مەخپىي خانىلارغىمۇ بېرىپ باقتىم. ئۇ يەرلەردە مەن ئىزدەۋاتقان كىشى كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سورۇندا، مەخپىي خانىلاردا تونۇشقان «سەنەم»لەرنىڭ ماڭا ئاش-نان بولۇشىغا كۆزۈم يەتمىدى. ئۇلارنىڭ سورۇندىكى لاۋزا، تېتىقسىز سۆز-ھەرىكەتلىرى، ئاغىنىلەرنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرى ماڭا دۇنيادا ساق، پاكىز روھىي ھالەت بىلەن ياشايدىغان ئادەم قالمىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. مەن ئۆزۈمنى دۇنيادا يالغۇز قالغاندەك، ھېچنەرسە ماڭا تەسەللى بېرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. مەن بىردەملىك كۆڭۈل خۇشى ياكى باشقا بىر قېتىملىق مۇناسىۋەت ۋە ھەرىكەتلەرگە قىزىقمايتتىم. مەن بىرەرسى بىلەن تەبىئىي ھالدا تونۇشۇپ قېلىشنى، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان تېمىدا مۇڭدىشىپ، ئۆزئارا تەسەللى بېرىشىپ يۈرۈشنى ئويلايتتىم. ئاغىنىلەر ھاراق سورۇنلىرىدا ئۆزئارا قىزىق گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرغان بىلەن، قىزلار بىلەن ئولتۇرغاندا باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. ئۇلار چىرايلىقراق قىزلارنى كۆرسە ئۆزلىرىنى توي قىلمىغان، ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەن دەپ تونۇشتۇراتتى. ھەتتا خوتۇنلىرىنىڭ غەيۋەتلىرىنىمۇ قىلىپ بېرىشكە ئۈلگۈرەتتى. بىر-بىرسىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئېچىپ، ئۆزىنى دۇنيادا ئۆزىدىن باشقا يەنە ئەر يوقتەك تونۇشتۇراتتى. پۇل خەجلەشكە قىيىق، بېخىل ئاغىنىلەر تېخىمۇ مەردلىشىپ، بىر يەرلىرىگە تىقىپ قويغان پۇللىرىنى چىقىراتتى. مانا مەن دەپ مەيدىسىنى چىقىرىپ يۈرگەن ئەركەكلەرنىڭ بۇنداق ئاجىز ھالىتى مەندە بىز شۇ دەرىجىدە تۈگىشىپ كەتتىقمۇ دېگەندەك تەگسىز، باش-ئاخىرى يوق خىياللارنى قوزغايتتى. ئۆزۈممۇ شۇنداق بولۇپ قالدىممۇ نېمە دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىپ قالاتتىم. ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى شۇنداق ئالدايتتىكى، ئالدىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزئارا ئالدىشاتتى. توۋا، ئۇلار بۇنداق جاپا تارتىپ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ مەن ئاغىنىلىرىمنىڭ چىرايلىق خوتۇن-بالىلىرىنى ئويلاپ قالدىم. بىردەملىك كۆڭۈل خۇشى ئۇلارنى قانچىلىك راھەتكە ئېرىشتۈرەر؟ ئەخلاق يالغۇز بىر-ئىككى ئادەم ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارالمىغاندەك قىلغىنى بىلەن، بىر پۈتۈن جەمئىيەتكە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدۇ. بىز ئەخلاقنى بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا دەپسەندە قىلغىنىمىز بىلەن ئاشكارا دەپسەندە قىلالمايمىز. بۇ يەردە دەپسەندە قىلىنىدىغىنى يەنىلا ئۆزىمىز. بىز بۇلۇڭ-پۇچقاقتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ نېمىشقا ئوخشاش ياشىيالمايمىز؟ ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشاپ تۇرۇپ يەنە نېمىدىن قورقىمىز؟ بىراق، بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزغا تەن بەرگۈمىز كەلمەيدۇ. بىر شەخسنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش مەجبۇرىيىتى يوقتەك بىلىنىدۇ. بىراق، سەن مەلۇم بىر جەمئىيەتتە ياشىغانىكەنسەن، سېنىڭ زىممەڭگە بۇ خىل مەسئۇلىيەت تەبىئىي ھالدا يۈكلىنىدۇ. سەن ئۇنى ئىرغىتىپ تاشلىيالمايسەن. ئىرغىتىپ تاشلىماقچى بولساڭ ئۆزۈڭنىمۇ ئىرغىتىپ تاشلايسەن! چۈنكى، سېنىڭ تەسەللىلىرىڭ، سېنىڭ خۇشاللىقىڭ، سېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭ ئاشۇ جەمئىيەتتە، ئاشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا! ۋەھشىي ھايۋان تىمساھمۇ ئۆز بالىلىرىنى زىيانداشلىرىنىڭ يەپ كېتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۈچ ياشقا كىرگۈچە قوغدايدىكەن. بىراق، بىز ئۆزىمىزنى مېھرىبان، ئەقىللىق دەۋالغان ئىنسانلار ئاللىقاچان ئىنسانىيلىقتىن ھالقىپ باشقا بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ قالدۇقمۇ نېمە؟ بىز تۇخۇمىنى قۇملۇققا كۆمۈپ قويۇپ، قالغان ئىشلار بىلەن چاتىقى يوق دېڭىزغا كېتىپ قالىدىغان تاشپاقا ئەمەسقۇ! تۆگە قۇشنىڭ مېكىيانلىرى تۇخۇملىسا، ئەركەكلىرى بېسىپ چىقىرىدىكەن. بۇ بىر ئورتاق بەدەل، ھەر ئىككى تەرەپ خالاشتىن كېلىپ چىققان رازىلىق ۋە بەخت، قەدىرلىكىم! ئادەمگە نىسبەتەن بىر ئادەمنىڭ سېنى ياخشى كۆرمەسلىكىدىن، سېنىڭ ئالدىنىپ قېلىشىڭ بەك ئازابلىق. بىراق، مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، مەن ئالدانمىدىم، بەلكى پاكىز ھالەتتە ئاجرىشىپ كەتتىم. شۇنداقتىمۇ، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئېھتىياج بىزنى ئۆزئارا ئالدىشىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىدىكەن. ئاجرىشىپ كەتسەك، ئۆزىمىزنى باقالمايدىغاندەك تارتىشىدىغان يەرلىرىمىزمۇ بار ئىكەن. بىرىمىزنىڭ قولىدا پۇل، مال-دۇنيا بولسا، يەنە بىرىمىزدە سەمىمىي-ساداقەت بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەت بولىدىكەن. بىزنىڭ بۇلارنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكۈمىز كەلمەيدىكەن. چاندۇرماي، ھەر ئىككىسىنى تەڭ ئېلىپ ماڭغۇمىز كېلىدىكەن. بىزنىڭ ئامالسىز قالغان ۋاقىتلىرىمىز بەك كۆپ بولىدىكەن، ئالدىراپ بىر نەرسىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدىكەنمىز. ئۇنداقتا، ئىنسانىيلىقنىڭ بەلگىسى ھەركىم خالىغان سەنەمگە ئۇسسۇل ئويناشمۇ، خالىغان ناخشىنى ئوڭ-تەتۈر توۋلاشمۇ؟ قالايمىقان يۈگۈرۈشمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى كىم بېرەلەيدۇ؟ پەقەتلا ئىگىسى، خالاس.


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)