باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-12 21:05 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

— خوتۇنىڭىزنى قويۇۋېتىپ مېنى ئەمرىڭىزگە ئالىمەن دېمەيدىغانسىز.
— شۇنداق قىلسام نېمە بوپتۇ.
— ئۇنداق قىلسىڭىز ئىككىمىز ئارىلىشىپ بولالمىغۇدەكمىز.
— نېمىشقا؟
— مېنىڭ يەنە بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلغۇم يوق. ھەممە نەرسە مەن بىلەن تۈگەپ كەتسىكەن دەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئائىلە قۇردۇم دەپ بەك ھېرىپ كەتتىم. مېنىڭ باشقىلارغا بەدەل تۆلىگۈدەك ھالىممۇ يوق. تۇرمۇشتا بىر خىل ئەركىن-ئازادە ھالەتتە ياشىغۇم بار. قىزىمنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرسەم بولدى. مېنىڭ يەنە ئارتۇق تەلەپ قىلىدىغىنىممۇ يوق.
شۇ كۈنى مەن گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويدۇم. ئەمما، مەن شۇ ئارقىلىق ئايالىمدىن قورساق كۆپىكىمنى چىقىرىۋالغاندەك، قىساسىمنى ئېلىپ ئەرلىك نومۇسۇمنى ئاقلىغاندەك ھېس قىلدىم. مەن بۇنىڭغا مىڭ مەرتىۋە رازى. بۇ مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈك بۇزۇلۇش بولدى. ھاياتتا ئادەمنىڭ ھالقىلىق مەزگىلدە ئەسقاتقان كىشىسىنى ئۇنتۇپ قالغۇسى كەلمەيدىكەن. مەن ئۇزۇندىن بۇيان بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ياشاپ، ئايال زاتى بىلەن تۈزۈك پاراڭلىشىپ باقمىغاچقىمىكىن، ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىلدىم. مەن شاراپەت بىلەن بىر كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ سېنى ئويلىدىم. ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ ئاشۇنداق گۈزەل دەقىقىلەر بولغان! بىراق، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بارغانسېرى يوقاپ كېتىۋاتاتتى. ئۆزۈمنى ھاڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. ماڭا ئامال قانچە؟ مەن بۇنداق شېرىن تۇيغۇغا چۆمۈلۈپ مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بولۇپتىكەن. مەندىكى بىر خىل چاڭقاش، ئېچىرقاش، ئاللىقانداقتۇر نەرسىنى زارىقىپ كۈتۈش مېنى ئۆزۈمگىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى شاراپەتنىڭ قوينىدا يېتىپ تۇرۇپ ھېس قىلدىم. مەندىكى مۇھەببەت، ھېسسىيات ئۆلمىگەنىدى. دۇنيانىڭ بەزىبىر ئىشلىرىنى ئادەم بەك مۇرەككەپ، سىرلىق ئويلىۋالسا ئۆزىنى قىيناپ قويىدىغان ئىش يۈز بېرىدىكەن. مەن ئۆزۈمنىڭ راستتىنلا بىر قۇرتقا، قۇرت بولغاندىمۇ نىمجان قۇرتقا ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى بىلىپ قالدىم. ئەسلىدە ئادەم نەزىرىنى يىراققا تىكىپ، كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ ياشىسا ئۆزىنى راھەت ھېس قىلىدىكەن. شاراپەت ماڭا بىر خىل ئۈمىد، بىر خىل ئىرادە، بىر خىل كۈچ بېغىشلىغاندەك قىلاتتى. ھايات دېگەن بۇلا ئەمەسكەن دەپ ئويلىدىم. ئېھتىمال مەن خىزمەت، ئائىلە دەپ پالاقلاپ يۈرۈپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىدىن بىخەۋەر قالغاندىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنۈش ھاجەتسىز. چۈنكى، ياشاش جەريانىدا ئادەم مەلۇم بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن ھاياتنىڭ، تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى، قىممىتىنى، ماھىيىتىنى چۈشىنىۋالىدىكەن. لېكىن، مەن نېمىنى چۈشەندىم. مەن ھاياتىمدا قانچىلىك نەرسەمنى دوغا تىكىپ ئۇتتۇرۇۋەتكەندىمەن، يوقاتقاندىمەن؟ ئەمەلىيەتتە مەن ھېچنەرسىنى ئۇتتۇرۇۋەتمىدىم، ھېچنەرسەمدىنمۇ ئايرىلىپ قالمىدىم. پەقەت تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى خاتا چۈشىنىپ ياشاپ كەلدىم. مۇشۇنداق خاتا چۈشىنىش ئادەمنى بىر نەرسىسىدىن ئايرىپ قويغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. ئويلاپ باقسام، مەن يەنىلا ئۆزۈمگە ئېشىپ قاپتىمەن. بۇ ئەسلىدىنلا ئاشۇنداق بولىدىغان ئىش ئەمەسمۇ!
مەن بالىلىرىمنى دېمىسەم بىرنەچچە كۈن ئۆيگە كىرمەسلىكنىمۇ ئويلىغانىدىم. بىراق، شاراپەت بۇنىڭغا زادىلا قوشۇلغىلى ئۇنىمىدى.
— ئىككىمىز بىر يەرلەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەيلىمۇ؟
— نېمە بوپسىز ئەمدى؟ تونۇشا-تونۇشمايلا قىزىق گەپ بولدىغۇ بۇ. قارىغاندا ئايالىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى ئەمەس ئوخشىمامدۇ.
— نورمال.
— ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ، ئايالىڭىزغا قېيىداپ شۇنداق قىلىۋاتامسىز؟ مەن دېگەن بويتاق، قانداق ياشىسام بولىۋېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئايالىنى خارلىغان ئەرلەرگە بەك ئۆچ! ئويۇن دېگەننىڭمۇ يولى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، سىز مۇئەللىم بولغاندىكىن بۇلارنى مېنىڭدىن ياخشىراق چۈشىنىسىز.
— راستىنى ئېيتسام، مېنىڭ يىراق بىر يەرلەرگە كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ.
— قارىغاندا ئىككىڭلار بىرنەرسە دېيىشىپ قاپسىلەر-دە، ئائىلە دېگەندە ئۇنداق-مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، بىرسىمىز كايىپ كەتسەك يەنە بىرسىمىز جىم تۇرۇۋالساق، ھەممە ئىشلار ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كېتىدۇ. «پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىغىلى بولماپتۇ» دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ. ئىككى بالىڭىز بار ئىكەن، ھېچبولمىسا شۇلارنى ئويلىمامسىز.
— شۇلارنى ئويلىغاچقا ھازىرغىچە بىللە ياشاپ كېلىۋاتىمەن. مەن بىرەرسىنى كۆرسەملا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغانلاردىن، ھەممە نەرسىسىدىن ۋاز كېچىدىغانلاردىن ئەمەس. ئېھتىمال تۇرمۇشتىكى ئىشلار مەن ئويلىغاندەك ئەمەستۇ. بەدەل تۆلەشكە تېگىشلىك ئادىمىڭىز بولسا، بەدەل تۆلىسىڭىز ئەرزىيدۇ.
— قارىغاندا، سىزمۇ بىر بۇزۇقمۇ نېمە؟
— بۇنداق دېسىڭىز ماڭا ئۇۋال قىلغان بولىسىز. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم باشقا ئايال زاتى بىلەن بىرگە بولۇشۇم.
— قاراشتىغۇ خېلى دۇرۇس ئەردەك قىلىسىز. جەمئىيەت بىلەنمۇ ئارىلىشىپ تۇرمىسىڭىز نۇرغۇن نەرسىدىن خەۋەرسىز قالىسىز. بېشىڭىزغا بېرەر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا كۆتۈرەلمەي قالماڭ يەنە.
— مەن ئۆزۈمگە بەك ئىشىنىپ كېتىدىغان ئوخشايمەن.
— ھەر ھالدا ئويلىنىپ ئىش قىلغىنىڭىز تۈزۈك. مېنىڭ باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئادىتىم يوق. مەنمۇ ئەرنىڭ زۇلۇمىنى بولۇشىغا تارتقان، توي قىلغانغا پەندىيات دېگەن. ياخشى ئەر بولسا كىمنىڭ ئۆي تۇتقۇسى يوق. ئېرىمنىڭ تاياق-توقمىقىنىڭ دەستىدىن «ئەر خەق دېگەننىڭ چىرايىغىمۇ قارىماسمەن» دەپ قەسەم ئىچىۋەتكىلى تاسلا قالغانمەن. «سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق» دېگەن شۇ.
— ئەتراپىمىزدا ئۆزىنى ئادەم دەپ ئاتىۋالغان نۇرغۇن نامەرد، نومۇسسىز بەندىلەرمۇ ئاز ئەمەس. سىز ئۇنى دەسلەپتە ياخشى كىشى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ خاتا تاللىۋالىسىز. ئۇنىڭ ناچارلىقىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا ئارقىڭىزغا يانالماي قالىسىز. كىچىكلىك قىلىپ ئۇنىڭغا ئالدانغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ، ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالمايسىز. چۈنكى، سىز ئۇنىڭغا تۆلىگەن بەدىلىڭىزگە ئىشىنىپ، ھامان ئوڭشىلىپ قالىدۇ دېگەن ئۈمىد بىلەن ياشاۋېرىسىز. قارشى تەرەپ سىزنىڭ بۇنداق ئاجىزلىقىڭىزدىن پايدىلىنىپ، قىلغۇلۇقنى قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ. بۇ خىل قىسمەتكە نۇرغۇنلىرىمىز باغلىنىپ قالغان. بىز قانداق قۇتۇلۇشنى بىلمەي ئاخىر چاندۇرماي گۇناھلىق ئىش قىلىپ، كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرۇپ باشقا بىرسىدىن تەسەللى تېپىپ ياشاۋېرىمىز.
— بۇنداق تەسەللى تېخىمۇ تاتلىق ھەم شېرىن ئازاب ئىچىدە ئۆتىدۇ.
— قارىغاندا، خېلى تەجرىبىلىكتەك كۆرۈنىسىز.
— بۇرۇن مەن بىرسى بىلەن يۈرۈپ باققان.
— ئېرىڭىز بار چاغدىمۇ؟
— ئۇنى ياخشى كۆرمىسەم قانداق قىلىمەن. كىچىكلىكىمدە ئىش مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ توي قىلىپ قاپتىكەنمەن. ئەر ناچار چىقىپ قالسا شۇنداق قىلماي ئامالىڭىزمۇ يوق ئىكەن.
— ھېلىقى سۆيگۈنىڭىز بىلەن قانداق ئايرىلىپ كەتتىڭلار؟
— چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى. شۇنداق ياخشى يىگىت ئىدى.
— ئەمدى مەن بىلەن ئارىلىشامسىز؟
— رەھمەت، ئۈمرۈمدە مەن بىرسىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسەملا بولدى. قالغىنى ماڭا ئارتۇقچە.
— ھازىر كۆڭۈل خۇشى يۈرىدىكەنسىز-دە.
— بۇ جاھاننىڭ ۋاي دەپ كەتكۈدەك يەنە نېمىسى بار دەيسىز؟
پەرىخە، مەن شاراپەت بىلەن ئەنە شۇنداق پاراڭلارنى قىلىشتىم. مەن شاراپەتنىڭ «ئەر ناچار چىقىپ قالسا شۇنداق قىلماي ئامالىڭىز يوق ئىكەن» دېگەن سۆزىنى ئويلاپ «مەنمۇ ناچار، بولۇمسىز ئەر بولسام كېرەك» دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۆزۈمنىڭ سەۋەنلىكلىرىم ئۈستىدە ئويلاندىم. مەندىن ھېچقانداق سەۋەنلىك ئۆتۈلمىگەندەكلا تۇيۇلدى. ئاخىر ھەركىمنىڭ ياشاش يولى ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن شۇنداق دېگەندۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم. بىراق، ئۇنىڭغا سېنىڭ ئاخشاملىرى ۋاقتىدا ئۆينى تاپالمايدىغانلىقىڭنى، بۇرۇنقى پەرىخەگە ئوخشىماي قالغانلىقىڭنى مەنمەنچى، ئۆزۈمچىل، بۇرۇنقى ھالىتىڭدىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغانلىقىنى ئېيتمىدىم. بۇنداق قىلىش سېنى ئۇنىڭغا ئەسكى كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ بولۇمسىز ئەر ئىكەنلىكىمنى ئاشكارىلاش بولۇپ قالىدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. بىلىمەن، جەمئىيىتىمىزدە ئەردىن تەلىيى كەلمىگەن نۇرغۇنلىغان ياخشى ئاياللار باردۇر. بۇ شۇنداق جاھان! بىز لېۋىمىزنى مەھكەم چىشلەپ، ئىچىمىز قان-زەرداپقا تولۇپ كەتسىمۇ، چاندۇرماي ئۈن-تىنسىز ياشايمىز. بىز نۇرغۇن نەرسىگە باغلىنىپ قالغان. بىز كۆڭلىمىزدە بۇنداق باغلىنىپ قالغان نەرسىلەردىن قۇتۇلماقچى بولساقمۇ، بىزنى بىر خىل سېھرىي كۈچ كونترول قىلىۋالغاندەك ھېچنەرسىدىن چەتنىيەلمەي قالىمىز. پەقەت سەۋر-پەيمانىمىز توشقاندىلا بىزنى باغلاپ تۇرغان ئارغامچىنى ئۈزۈپ تاشلايمىز! مەن بىر كېچە ئۆيگە كىرمىگەن كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ سەۋرى قاچىمىزنىڭ سۈيى بارغانسېرى تېزلىك بىلەن تولۇشقا باشلىدى. ئىككىمىز بەسلىشىپ قالغانىدۇق. بىز ئاجرىشىپ كەتمىسەك بولمايتتى. چۈنكى، ئوتتۇرىمىزدا ئاللىقاچان ياتلىشىش پەيدا بولغانىدى. بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىمىز ئېھتىمال مەڭگۈ ئېسىڭدىن چىقمىسا كېرەك. سەن شۇ كۈنى ھاراقنى خېلىلا كۆپ ئىچكەندەك قىلاتتىڭ. مېنى سەسكەندۈرگىنى قىزىل ھاراق ئەمەس، بەلكى ئاق ھاراقنىڭ ئۆتكۈر پۇرىقى ئىدى. ئىككىمىز ئالدىنقى قېتىم ئۇرۇشۇپ قالغاندىن بۇيان ماي تارتىشىپ، گەپ قىلماي يۈرگەنىدۇق، سېنىڭ پەيلىڭدىن مەن بىلەن ھېساب-كىتاب قىلىشىدىغانلىقىڭ چىقىپ تۇراتتى.
— بۈگۈن، ئەجەب ئۆيدە ئولتۇرۇپ قاپسىزغۇ؟
— بۇ خاتا ئىشمۇ؟
— قىز دوستلىرىڭىز بىلەن يامانلىشىپ قالغان ئوخشىمامسىز؟
— زۇۋانىڭىزغا نېمە بولدى سىزنىڭ، سەن دېگۈچە مەن دەۋالاي دېمەكچىمۇسىز.
— گېپىڭىز بولسا ئوچۇقىنى قىلىڭ. بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز ئەنە يول.
— سىز ماڭا يول كۆرسىتىپ بەرمىسىڭىزمۇ مەن قانداق مېڭىشنى ئۆزۈم بىلىمەن. ئىككى بالىنىڭ يۈزىنى قىلىپ گەپ قىلمىغاندىكىن، ئۆزىڭىزنى بىلىپ يۈرۈڭ. بۇ چىدىغانغا چىقارغان جاھان، چىدىمىسىڭىز سىزمۇ گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلىڭ. نېمە گەپ قىلمىسام.
— بولمىسا قانداق قىلاتتىڭىز.
— تەستەككە يەيسىز.
— ۋىيەي، سىزما؟ ماڭا ئاتا-ئاناممۇ ئالىيىپ قاراپ باققان ئەمەس.
— تولا ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ، ھېلى بىكار...
— ئۇرۇپ باقە، قېنى.
سەن ئالدىمغا دېۋەيلەپ كېلىۋەردىڭ. ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىنتاڭ، سېنى كېلىشتۈرۈپ بىرنى سېلىپ ئوڭداڭغا ئۇچۇرۇۋەتتىم. سەن بىر چىرقىراپلا كرېسلوغا ئۆزۈڭنى تاشلىدىڭ. مەن ئۇرغاندىكىن ئارقا-ئارقىدىن مانا دەپ دەسسەپ كېتەي دېدىميۇ، يەنە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلپەر يۈگۈرۈپ چىقىپ مېنى تۇتۇۋالدى. پەرۋەرنىڭ يىغا ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى. سەن بىردەم تۇرۇۋېلىپ، ئورنىڭدىن تۇرۇپ ئېتىلىپ كەلدىڭ-دە، ياقامغا ئېسىلماقچى بولدۇڭ. سەن توختىماي ۋارقىرايتتىڭ.
— ئۇرە لۈكچەك! سەن تېخى مېنى ئۇرغۇدەك بولدۇڭمۇ؟ قېنى ئۇرمامسەن، سەن خوتۇن كىشىنى ئۇرىدىغان نوچىغۇ، قېنى ئۇرمامسەن دەيمەن. بۈگۈن مەن سەن بىلەن نېمە بولسام مەيلى.
— يەنە تاياق يېگۈڭىز بار ئوخشىمامدۇ. سىزگە ھاراقنى مەن ئىچكۈزۈپ قويدۇممۇ.
— ئىچىمەن تازا، قانداق قىلالايتتىڭ، ئەجەب سەن ئىچسەڭ گەپ يوق، مەن ئىچسەم نېمە بوپتۇ؟
بىز شۇنداق تاكاللىشىۋاتقاندا يان قوشنىمىز ئىشىكنى چېكىپ تۇرۇۋالدى. مەن ئامالسىز ئىشىكنى ئاچتىم. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى رەسۋاچىلىققا قالغاندەك، ئوغرىلىق قىلىپ ياكى بىرەرسى بىلەن ئويناپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. يان قوشنىمىز ئەر-ئايال ئىككىسى تەڭ كىرگەنىدى. ئايالى سېنى ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئەر قوشنىمىز ماڭا بىر تال تاماكا تۇتۇپ:
— ئىناقلىقتا قوشنىلارنىڭ ئالدى ئىدىڭلار، سىلەرگە كۆز تەگدىمۇ نېمە؟ ئىككى بالا بولغاندا نېمە سەتچىلىك بۇ، زادى تالاشقۇدەك نېمىش بولدى؟— دېدى.
— گەپ تەگىشىپ قالدۇق.
— گەپ تەگىشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ چىرايلىق ھەل قىلساڭلار بولمامدۇ.
قوشنىلىرىمىز بىزگە بالىلارنىڭ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىنى، سوقۇشۇپ يۈرسەك قوشنىلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدىغانلىقىنى، كىشىلەر ئالدىدا ئابرۇيلۇق ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىپ، خېلى كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلغاندىن كېيىن چىقىپ كېتىشتى. سەن ياتاق ئۆيدە خىتىلداپ يىغلاپ ئولتۇراتتىڭ. مەن سىرتقا چىقىپ كېتىشنى، شاراپەتكە تېلېفون بېرىپ ھال-مۇڭ بولۇشنىمۇ ئويلىدىم. مېنىڭ بۇ نۆۋەت ئۆزۈمگە سەۋەنلىك ھەم ئەيىب قويغۇم كەلمىدى. شۇنداقتىمۇ سېنىڭ «قىز دوستلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشكىلى چىقمىدىڭىزمۇ» دېگەن سۆزۈڭ مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. شاراپەت بىلەن بولغان ئىشىمىزنى بىرەرسى ئېيتىپ قويدىمۇ نېمە دەپ گۇمانمۇ قىلدىم. «ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە» دېگەندەك ئەل-ئاغىنىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنىمۇ بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەي، باشقىلارنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكلىرىگىمۇ كانىدەك چاپلىشىۋالىدۇ. ئۇلار كۆرۈنۈشتە مەغرۇر، چىداملىق، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىدەك قىلغىنى بىلەن باشقىلارنىڭ كىچىككىنە غەلىبىسىنى، تەلىيىنى كۆرەلمەي ئازاب، ھەسرەت چوغىدا پۇچىلىنىپ، ھامان ئاللىقانداقتۇر تۈكى يوق ئاماللار بىلەن پېيىڭنى قىرقىماقچى، سېنىڭ ئازابىڭدىن، كۆز يېشىڭدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئۆزىگە تەسەللى ئىزدىمەكچى بولىدۇ. سەن بۇلارنى ئويلىساڭ بىرەرسى بىلەن دوستلىشىپ، ئارىلىشىپ يۈرگۈڭمۇ كەلمەيدىكەن.
پەرىخە، مەن ھېلىقى كۈنى كەچتە ئۆزۈمنى يەنە غېرىبلىق ئىچىدە قالدۇرۇشنى، كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىشنى زادىلا خالىمايتتىم. مەن ئەمدى ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويسام بولمايتتى. مەن ئۆزۈمگە خاس يولۇمنى تاپمىسام پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. مەن ھاقارەتلەندىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ ئولتۇردۇم. سۈكۈت، سۈكۈت، يەنە سۈكۈت! 

 بۇلار كىم ئۈچۈن؟! زادى كىم ئۈچۈن؟ مەن يەنە قانچىلىك ياشايمەن؟ يۈز ياشقا كىرىشىم بارمۇ؟ مەن ئادەملەرگە، تۇرمۇشقا، كىشىلىك ھاياتقا نېمىشقا ئاددىي كۆزۈم بىلەن ئەركىن-ئازادە ھالەتتە قارىيالمايمەن، نەزەر تاشلىيالمايمەن؟ ئۆزۈمگە نېمىشقا بېسىم پەيدا قىلىۋېلىپ ياشايمەن؟ نېمىشقا ھەممە نەرسە تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغاندەك ماڭىلا سىرلىق بىلىنىدۇ؟ ھالقىلىق پەيتتە چاپان سېلىپ، مەيدىسىنى كېرىپ مەيدانغا چىقالاشمۇ ھەممە ئەركەكنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش بولمىسا كېرەك. بەزىدە قۇرۇق سەپسەتە، ۋەز-نەسىھەت، كېلىشتۈرمىچىلىك ھېچنەرسىنى ھەل قىلالمايدىكەن، بەلكى سېنى بەكمۇ ئاجىز، ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. دېمەكچىمەنكى، سەمىمىيلىك قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىش لازىم ئىكەن. تەقدىر-پېشانە دېگەن نېمە ئۇ؟ تەقدىر-پېشانە دېگەن ئامالسىز ئۆزىمىزنى ئالدايدىغان ساختا تەسەللى! مەن سەن بىلەن بۇ نۆۋەت ئوبدانلا دېيىشىپ قىلىپ ئۆزۈمنى بىردىنلا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. بۇنداق ئىشلار قايسى ئەر-خوتۇننىڭ ئارىسىدا يۈز بەرمەيدۇ. نورمال ئەھۋالغۇ دېدىم ئۆزۈمگە. ئويلاپ باقساڭ، سەن ئۈزلۈكسىز ھالدا توختىماي سۇ كىرىپ تۇرغان كۆلنىڭ ئەتراپىنى ھەرقانچە قىرلىساڭمۇ سۇ ھامان قىرنى ئېلىپ كېتىدۇ. سەنمۇ قىرلاپ، قاشنى ئېگىزلىتىپ ھېرىپ، ئاخىر قىرلاشتىن ۋاز كېچىسەن. ئەمەلىيەتتىمۇ زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئائىلە بىلەن سۇ كىرىۋېرىپ تېشىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان كۆلنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. سەن كۆل سۈيىنى مەلۇم بىر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توسۇپ قالماقچى بولغاندەك، ئائىلىنىمۇ مەلۇم بىر خۇشاللىققا، تەسەللىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ساقلاپ قالماقچى بولىسەن. بۇ يەردىكى پەرق پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. بىرسىنى مۇھىم، بىرسىنى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىۋېلىشتا. ھەر ئىككىسىگە بەدەل تۆلەيسەن. بەدەلنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىگە قارا! سېنىڭ كۆل سۈيىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىردىنبىر چارەڭ، باشقا بىر كۆل چېپىش ياكى ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرىۋاتقان سۇنى باشقا ياققا باشلىۋېتىش. ئائىلىدىمۇ ئەنە شۇنداق تاللاش ئىمكانىيىتى يوق ئەمەس، سەن مۇرەككەپ ئويلىۋالمىساڭلا بولدى!  ئاۋارىچىلىققا يولۇققان ئادەم ئاۋارىچىلىقتىن قايسى يول بىلەن قۇتۇلۇپ چىقسۇن، ئادەم ھامان ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلماي قالمايدۇ. سەن دۈمبەڭگە يۈك ئارتىشنىمۇ، يۈكنى ئىرغىتىپ تاشلاشنىمۇ بىلسەڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قىيناشتىن، ئازابلاشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايسەن! يوقىتىپ قويغىنىڭدىنمۇ ئۆكۈنمەيسەن. ئازابلىق ياشلىرىڭمۇ تۆكۈلمەيدۇ! چۈنكى ھايات يىغلاشمۇ ئەمەس، كۈلۈشمۇ ئەمەس! ھاياتتا ھەر ئىككىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەن! پەرىخە، مەن راستتىنلا ئۆزۈمنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. روھىمدا بىر خىل ساڭا قىيماسلىق، چىدىماي قېلىشتەك ئوي-خىياللار بارمۇ، يوق دەپ كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ ئىچكى جايلىرىنى مالتىلاپ چىقتىم. سەن توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ئاللىقاچان ئۆچۈپ كېتىپتۇ. مېنىڭ خاتىرەم ئۆزۈمگە شۇنداق ئاق، غۇبارسىز كۆرۈندى. شاراپەتنى ئىزدىسەم ئۆزۈمنى مۇشۇنداق پەيتتە ئەڭ ئاجىز ئەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەنمەن دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاچقا، باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا نەدە چولا دەيسەن؟ ئانام ئاخىر ئۆلۈپ كەتتى. ئانام ياتاقتا يېتىپ قالغاندا سەن بىر-ئىككى قېتىم يوقلاپ كەلگەن بولدۇڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن سېنىڭدىن رەنجىپ كەتمىدىم. چۈنكى ئىككىمىز ئاجرىشىپ كەتسەكلا يات ئادەمگە، دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالىمىز ئەمەسمۇ! ئانام دوختۇرخانىدا ياتقاندا بىر قېتىم مەندىن:
— بالام، پەرىخە بىلەن بىرنەرسە دېيىشىپ قالمىغانسىلەر؟— دەپ سوراپ قالدى. مەن بىرنەر سە دېيىشىپ قالدىم، دەمدىمەن.
— قانداق دەيسەن؟— دېدىم بىر خىل بىئاراملىق ئىچىدە.
— قارىسام پەرىخە خاپا چىراي كۆرۈنىدۇ.
— دېيىشىغان نېمە بار، بىز شۇنداق ياخشىغۇ. ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى بىلىسەن. ئىشلەپ ھېرىپ قالغاندۇ.
— ئىناق ئۆتۈپ كەتكىنىڭلار ياخشى، بالام. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلار خالاپ توي قىلغان.
— نېمىلەرنى دەپ يۈرىدىغانسەن، سەن خاتىرجەم داۋالىنىۋەرگىنە.
ئانامنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپمۇ مەن ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلۈم بىرقىسمىلا بولۇپ قالدى. مەن سىرتقا تاماكا چېكىش ئۈچۈن يېنىپ چىقتىم. توۋا، بۇ ئىشنى ئانامنىڭمۇ سېزىپ قالغانلىقىنى قارىمامدىغان. ئۆلۈپ كەتسە روھى قورۇنۇپ قالارمۇ دېگەنلەرنىمۇ ئويلىدىم. ئادەم شاھى-سۇلتان بولۇپ كەتسىمۇ يەنىلا ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە موھتاج بولىدىكەن، پەرىخە.
پەرىخە، ئاجرىشىپ كېتىش ئالدىدا دېگەنلىرىڭ ئېسىڭدە باردۇ؟ ئەمەلىيەتتە پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئۆزى ھەر بىر ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن بەك كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. سېنىڭ قولۇڭدىن باشقا ئىشلار كەلمىسىمۇ، ئاللىقانداقتۇر نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىساڭمۇ، بالا تەربىيىلەشنىڭ ئۆزى بىر خىل ئەمگەك، بىر خىل مېۋىنى كۆرۈش، بىر خىل كۆڭۈللۈك خىزمەتنى تاماملاش، بىر خىل ھۇزۇرلىنىش ھېسابلىناتتى. قارىغاندا سەن بۇ خىل ھۇزۇرنىڭ لەززىتىنى مەڭگۈ ھېس قىلالمايدىغان، تېتىيالمايدىغان ئوخشايسەن!
پەرىخە، بىز ئۇرۇشۇپ قالغاننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئون نەچچە كۈن ئاناڭنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتكەن بولدۇڭ. ئەمەلىيەتتە بىر ئائىلىنى ئىككىمىز تۇتقان بولغاندىكىن، قانداق گەپ بولسا يۈز تۇرانە دېيىشكەن بولساق ياخشى بولاتتى. يامانلاپ كېتىشىڭنىڭ قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. بۇ ئىش تۈپەيلى مەن «پەرىخە بىلەن ئاجرىشىپ كەتسەم بولىدىكەن» دېگەن نىيەتكە كەلدىم. سەنمۇ مەندىن بۇرۇنراق ئاجرىشىش نىيىتىگە كېلىپ بولغانىدىڭ. مەن ئاجرىشىش توغرىسىدا بىرەرسى بىلەن كېڭىشىپمۇ باقمىدىم. سەن بىلەن توي قىلغاندا سېنى بىرسى ماڭا زورلاپ ئېلىپ بەرمىگەندىكىن، ئاجراشقاندىمۇ باشقىلارنى كېڭىشىشكە تەكلىپ قىلسام بولمايدۇ-دە. نەچچە كۈندىن كېيىن ماڭا سوتتىن چاقىرىق قەغەز كەلدى. مەن ھەيران قالمىدىم. سېنىڭ ئەرزنامەڭدىن «ھېسسىيات جەھەتتىن كېلىشەلمىدۇق» دېگەن سۆزۈڭنى ئوقۇپ كۈلۈپ تاشلىغىلى تاسلا قالدىم. «مەن ئەسلىدە پەرىخەنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالماپتىمەن، ئۆزۈمگە مايىل قىلالماپتىمەن، ئەرلىكىمنى كۆرسىتەلمەپتىمەن، مېنىڭ تېخى ئۆي تۇتۇپ كەتكۈدەك تەجرىبەم، قابىلىيىتىم يوق ئىكەن. سوتتا يەنە قانداق تاماشا يۈز بېرەر، پەرىخە يەنە قانداق كومېدىيىلەرنى ئويناپ چىقار» دېگەنلەرنى ئويلاپ سوتقا باردىم. سەن چىرايىڭدىن قار-مۇز ياغدۇرۇپ، كۆزلىرىڭدىن جۇت-شىۋىرغان چىقىرىپ ئولتۇراتتىڭ. سوتچى مەندىن:
— راستتىنلا ئاجرىشىپ كەتمەكچىمۇ؟— دەپ سورىدى.
— مېنىڭ باشقىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدىغان ئادىتىم يوق،— دەپ جاۋاب بەردىم مەن.
— ئاراڭلاردا ئىككى بالا بار ئىكەن. ئۇنى قانداق قىلىسىلەر؟
— قارشى تەرەپنىڭ ئىلتىپاتىغا باغلىق.
— سەن خىيالىڭدا بالىلارنى مېنى ئالامدىكىن دەپ قالدىڭمۇ، بىلىپ قوي، مەن سەن بىلەن توي قىلغاندا ئۆيگە بالا كۆتۈرۈپ كىرمىگەن. باقالمايدىغان ئادەم نېمىدەپ تاپقان؟
سەن بىردىنلا ئەزۋەيلەپ كەتتىڭ. مەن شۇنداق نومۇس ئىچىدە قالدىم.
— خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇنداق تەخىيىگە ئىگە بولمايدىغان ھاڭگا ئەمەس. سوتچى بىزنى بالدۇرراق ئاجراشتۇرۇۋەتسىڭىزمۇ بوپتىكەن. مېنىڭ تالاش-تارتىش قىلغۇم يوق. پەرىخەنىڭ تەلىپى بويىچە بولسۇن. مەنمۇ ئاللىقاچانلا جاق تويغان. ئويلىنىدىغان يېرىمۇ قالمىدى.


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)