باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 17:07 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

     «قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن موزاي تېزەكلىمەي قويمايدۇ» دېگەندەك، ئىككىمىز ئاخىر ئاجرىشىپ كەتتۇق. بۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى مەلۇم بىر جەرياننىڭ ئاخىرلىشىشى. بۇ خۇددى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە سەپەرگە چىقىپ، يولدا ئۆزئارا تونۇشۇپ، ھال- مۇڭ بولۇشۇپ، تەسەللى بېرىشىپ، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەر ئىككىمىز ئۆز يولىمىزغا راۋان بولغاندەكلا بىر ئىش! ئاجرىشىش سېنىڭ ئىرادەڭ، خاھىشىڭ، تاللىشىڭ. مەن سېنىڭدىن ھەرگىز ئاغرىنمايمەن. چۈنكى، سەن تاللاشقا دۇچ كېلىپ، باشقا سەپەرداشلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانىدىڭ. بۇنداق ھالەتتە سەن ھەرگىزمۇ كەينىڭگە — مەن، پەرزەنتلىرىڭ، ئون نەچچە يىللىق ئائىلەڭ تەرەپكە يانالمايتتىڭ. كۆڭلى كەڭ سامانى، چىمەنزارلىقنى، ئەركىنلىكنى خالايدىغان قۇشنى قەپەسكە سولاپ قويۇپ، ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن ھۇزۇرلىنىمەن دەپ تاما قىلىش، سازەندىنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ ناخشا ئېيتقىلى سالغاندەك بىر ئىش. قۇش مەڭگۈ ئۆزى ئۈچۈن سايرايدۇ. بىراق، بىز كىشىلىك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ۋە ئادەملەرنى بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا، بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك دەپ، خاتا ئويلىۋالىمىز. ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى خالايدىغانلىقىنى، كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ھامان نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىۋېتىمىز، ئويلىمايمىز. بۇ بىزنى خاتا يولغا باشلايدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش! ئەلۋەتتە، ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئادەممۇ قەپەستىكى قۇشقا ئوخشايدۇ. بىز ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئەمەس، بەلكى كۆڭلىمىزنى غەش قىلىدىغان ھەسرەتلىك نىداسىنى، ئاھۇ-زارىنى ئاڭلايمىز. بىز بۇنىڭدىن يەنە قانچىلىك لەززەت ئالالايمىز؟ خۇشال بولالايمىز؟
     پەرىخە، سېنىڭ مەيلىڭ، سېنىڭ تۇرمۇش ھاسىلاتىڭ، سېنىڭ كېيىنكى ئوقۇش مەزگىللىرىڭدە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدىكى يىغىۋالغان بىر دۆۋە ئەخلەت تۈسىنى ئالغان تەجرىبەڭ، سېنى قارىغۇچىلارچە، مەجنۇنلارچە تاللاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلغانىدى. تاللا، بۇلۇت قۇياشنى توسۇۋالغاندەك سەن مېنىڭ روھىمغا ئورنىشىۋالغان قارا بۇلۇتسەن! قارا بۇلۇت يوقالسىلا، روھىمدا ئۈمىد- ئىشەنچ قۇياشى پارلاپ، ئىزتىراپلىققا چۈشۈپ قالغان چۈشەنچە روجەكلىرىم مۇھەببەتنىڭ سېھىرلىك نۇر تالالىرى ئارقىلىق ئېچىلىپ، قەلب قەسرىم ئىپتىخارلىققا تولغۇسى! ياق، مەن سەن بىلەن ئادا-جۇدا بولغاندىن باشلاپ مەن ئۆزۈمنى ئەڭ مۈشكۈل بىر ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغان ئىشلەمچى ۋە ياكى قۇل ئازادلىققا ئېرىشكەندەك شۇنداق ئازادە، شۇنداق يەڭگىل ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. دېمىسىمۇ مەن ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىنسانلار مېڭىپ بولغان، مېڭىۋاتقان، يەنە ماڭىدىغان بىر يولنى بېسىپ بولدۇم. بۇ شەرەپلىك ئىشمۇ ئەمەس، نومۇس قىلىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، ئۆكۈنىدىغان، پۇشايمان قىلىدىغان، ياش تۆكىدىغان ئىش تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىنسانچىلىقتا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مەلۇم بىر جەرياننىڭ تاماملىنىشى. ياشاش جەريانىدا ئادەمنىڭ روھىي ئازادىلىكى بەك مۇھىم ئىكەن. چۈنكى، روھىڭدىكى كىچىككىنە غەم-ئەندىشە، ئىزتىراپ، تەشۋىش، گۇمان ھەم تۈگۈن، شۇنداقلا كىچىككىنە كۆڭۈلسىز ئىشلارمۇ سېنى قىسىپ، ئارامىدا قويمايدىكەن. «قەرز ئاز بولسىمۇ خىجالەتتە قويىدۇ، ئوت كىچىك بولسىمۇ كۆيدۈرىدۇ، ئەلەم ئاز بولسىمۇ تەشۋىش يەتكۈزىدۇ، دۈشمەن ئاجىز بولسىمۇ ئاخىر ئۆز ئىشىنى قىلىدۇ» دەيدۇ بۇرۇن ئۆتكەن ئۇلۇغلىرىمىز! بىراق، بىز ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن دۇنياغا، ئادەملەرگە تەشۋىش، ئىزتىراپ، گۇمان، ئىشەنمەسلىك بىلەن قارىغاچقا تاللاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. قانداقتۇر رامكىلارنى پاچاقلاپ تاشلىغۇمىز كېلىدۇ! شۇڭلاشقا ئادەم مۇھىت ئالماشتۇرۇپ تۇرمىسا، تاللاش ئېلىپ بارمىسا ھاياتى مەنىسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. سەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تاللايسەن. كۈچ-ماغدۇرۇڭدىن قالغان تەقدىردىمۇ، ھەتتا نىمجان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ روھىي جەھەتتە تاللاش ئېلىپ بارىسەن، ئىنتىلىسەن، تىركىشىپ باقىسەن، تاللاش قىممەت دېمەكتۇر. سەن ئۆزۈڭنى رازى قىلىدىغان، كۆڭلۈڭگە تەسەللى بېرىدىغان مەلۇم بىر تاللاشنى ئېلىپ بارغانىكەنسەن، بۇ سېنىڭ، ساڭىلا تەۋە بولغان قىممەت يارىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇمۇ سەن ئۈچۈن قىممەت! چۈنكى، سەن ھامان ئۆز رازىلىقىڭ بىلەن تاللاش ئېلىپ بارىسەن. كۆرۈنۈشتە سەن ئۆزۈڭگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، تەسەللى بېرەلەيدىغان، ياردەم قىلالايدىغان ئادەمنى تاللىغاندەك، خىلمۇ خىل ئىشلارنى قىلىۋاتقاندەك قىلغىنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتە سېنىڭ تاللاۋاتقىنىڭ يەنىلا ئۆزۈڭ، ئۆزۈڭنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، يېڭىلاش! ئۈزلۈكسىز تاللاش ئارقىلىق ئۆزۈڭنى نۇسخىلىماقچى، يېڭى ياكى باشقا بىرئۆزۈڭ بولماقچى! ھەرقانداق بىر ئادەم ھاياتىدا ئۆزىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ باشقىلارنى تاللىمايدۇ. پەقەت باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىنى تاللايدۇ. بىر ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. سەن تاللاش ئارقىلىق ماس كېلىشنى ئىزدەيسەن. باشقىلار بىزنىڭ ماس كېلىشىمىزدىكى ۋاسىتە، ئويۇنچۇق ياكى ماس كېلىپ قالغاندا بىزنىڭ ئۆزىمىز. ماس كەلمىگەندە بىزنىڭ يىرگىنىشلىك ئادىمىمىز. بىز ئاشۇنداق يۈزسىز! شۇڭلاشقا سەن تاللايسەن، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىڭغىچە تاللايسەن. سەن پەقەت ئۆزۈڭنىلا تاللايسەن. يېڭى بىر ئۆزۈڭنى ئىزدەيسەن. بىراق، سەن باشقا ھېچكىم ئەمەس، باشقا ھېچنەرسىمۇ ئەمەس، پەقەتلا ئۆزۈڭسەن! سەن ئۆزۈڭنى نۇسخىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلماي، بىلمەي تاللاۋېرىسەن. سېنىڭ تۈرلۈك تاللاشلىرىڭ ئارقىلىق ئېرىشىدىغىنىڭ، مەڭگۈ يېڭىلىنمايدىغان ئۆزۈڭ ھەم تىركىشىش، خالاس.


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)