باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 17:20 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

باقىي ئالەمگە سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇرغۇچى بىلەن ھايات قالغان ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مېھرىبانلىق، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاياش بىزنى ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ. بىر-بىرىمىزگە پانىي ئالەمدە يەنە ئۇزۇنغىچە بىرگە ياشايدىغاندەك تەسەللى بېرىمىز. ئادىمىيلىك ئەنە شۇنداق چاغدا ئۆز كۈچ -قۇدرىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئېھتىمال ئۇچىغا چىققان قانخور جاللات، ئادەم قېلىپىدىن چىققان باسقۇنچى ۋە قاتىلمۇ ئەنە شۇنداق چاغدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئادىمىيلىككە قايتىپ قالار. بىز شۇ چاغدا مەلۇم بىر ھەقىقەتنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىمىز. بىراق، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بۇ ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ قالىمىز. چۈنكى، بىز يەنە قانداقتۇر ئىشلار بىلەن ئالدىراشمىز. ئەمەلىيەتتە بىز ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان ھالەتتە ياشايمىز. سۈنئىي، ساختا ئۆزىمىزنى ياشايمىز. چۈنكى، بىز ئىجتىمائىيلاشقان، يەنە ياشىمىساق بولمايدۇ!

ناشتىلىق تەييار بولدى. بىز خېلىغىچە ساقلىغان بولساقمۇ سەن ئورنۇڭدىن تۇرمىدىڭ. مەن جايىدا يېتىپ جېنى چىقىپ قالمىغاندۇ دەپمۇ ئويلىدىم. مەن ئاخىر:
— پەرۋەر، ئاپىڭىزنى ئويغىتىڭ قىزىم، تاماق يەۋالسۇن،— دېدىم. پەرۋەر يېنىڭغا كىرىپ:
— ئاپا، ئورنۇڭدىن تۇر، تاماق يەيمىز،— دېدى. سەن:
— بولىدۇ قىزىم، مەن ھازىرلا تۇرىمەن،— دېدىڭ-دە، تام تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدىڭ، پەرۋەر ساڭا بىر ئالىيىپ قويۇپ دومسايغىنىچە يېنىپ چىقتى. پەرۋەر بەك خاپا بولدى. سەن كېتىپ مەن بالىلارنى بېرەر قېتىممۇ رەنجىتىپ قويغان يېرىم يوق. ئۇلار ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇپ قالسا چىرايلىقچە چۈشەندۈرىمەن ياكى گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكەپ، دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرايمەن. يېنىدا ئانىسى يوق بالىلارنى رەنجىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە داغ پەيدا قىلىپ قويغۇم ئەسلا يوق. كۆڭلىدە ئانام يېنىمدا بولغان بولسا مېنى رەنجىتمەيتتى دەپ ئويلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. پەرۋەر بەك ئەقىللىق بالا بولدى. زېھنى شۇنداق ئۆتكۈر، ئوشۇق-تۆشۈك گەپ قىلمايدۇ. ئۇ رەسىم سىزىشقا بەك قىزىقىدۇ. مېنىڭ ئۇنى سەن دېگەندەك ئۇسسۇلچى قىلغۇم يوق. چۈنكى، ئۇ يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل ئويناپ نەتىجە قازانسىغۇ بىر گەپ، بىر ئۆمۈر كوللېكتىپ ئۇسسۇلغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ كەتسە، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ كىچىك بالىلار دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرگە قىزىقىدىكەن. ئۆتكەندە پەرۋەر مەن بىلەن يەسلىگە كېتىۋېتىپ، ھارۋا سۆرەپ ئەسكى-تۈسكى يىغىۋاتقان ئايالنى كۆرۈپ:
— دادا، مەن چوڭ بولسام ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچى بولىمەن، سەن ھارۋا سۆرەيسەن، مەن قەغەز تېرىمەن،— دەيدۇ. مەن كۈلۈپ تاشلىدىم.
— بولىدىغان گەپكەن قىزىم،— دېدىم. ئۇنىڭ قانداقلارچە بۇنداق خىيالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن. كىچىك بالىلارنىڭ نەزىرىدە باشقىلارنىڭ ئىشلىرى ئويۇندەك تۇيۇلسا كېرەك. بىراق، ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىغىمۇ سەمىمىيلىكنىڭ تامغىسى بېسىلىدىكەن. پەرۋەر يېقىندىلا ھېچكىشىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ماڭا كۆرسىتىپ:
— دادا، قارا، كىمنى سىزىپتىمەن؟— دەپ سورىدى. مەن پەرۋاسىز ھالدا:
— ئادەم،— دېدىم.
— دۆت، شۇنىمۇ بىلمىگىنىنى، قارا، ئاپامنى سىزدىم،— دېدى. مەن بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ يىغلاپ تاشلىغىلى تاسلا قالدىم. پەرۋەرنى باغرىمغا بېسىپ تۇرۇپ:
— خاپا بولماڭ قىزىم، مەن تازا دىققەت قىلماپتىمەن،— دېدىم. مەن ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم. نېمە ئويلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. پەقەت ئۆزۈمگە «ئىسىت، ئىسىت» دېگىنىمنىلا بىلىمەن. ھەتتا سۆزنى مېنىڭ ساڭا ياكى ئۆزۈمگە دېگەنلىكىم ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئەمەس. ئېھتىمال ۋەيران بولغان بىر ئائىلىگە، ئانىلىق مېھرىدىن مەھرۇم قالغان نارەسىدە بالىلاغا «ئىسىت» دېگەندىمەن. ئىككى تامچە ياش ئاققۇزغاندىمەن. مېنىڭچە، بۇ پەرۋەرنىڭ قەلبىنىڭ پاك، غۇبارسىزلىقىنىڭ تەسىرىدىن بولغان كۆز يېشىدۇر. شۇنداق، بالىلارنىڭ ئادەتتىكى ئويۇنلىرىغىمۇ راستچىللىق، سەمىمىيلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئويۇن ئەمەس، بەلكى بىر خىزمەت. مەلۇم بىر ئىشنىڭ تاماملىنىشى، خالاس!

مېنىڭ نەزىرىمدە ھەمسەپەرلىككە يارىمىغان ئادەم ئۈچۈن ياش تۆكۈش بەكمۇ بىمەنىلىك، بولۇپمۇ سەن ئۈچۈن شۇنداق. تۇرمۇش بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلىپ بولۇپ يەنە ئېلىپ كېتىدۇ. گەپ بىزنىڭ ئۇنى قانداق تۇتىشىمىزدا. بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنىڭ، ياكى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشنىڭ سېنىڭ كېيىنكى تەقدىر-قىسمەتلىرىڭنى بەلگىلەپ قويۇشى ناتايىن. ھەرقانداق ئادەمنىڭ بېشىغا مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەت پۈتۈلگەن ئەمەس..ئەلۋەتتە، ھەرقانداق بىر ئادەم ئائىلە قۇرۇشتىن ئىلگىرى كۆڭلىدە مەن زادى نېمىشقا ئائىلە قۇرىمەن، باشقىلار ئائىلە قۇرغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ئۇلارنى دوراپمۇ؟ ئائىلىگە كىرگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىمەن، بەزىبىر كېلىشمەسلىكلەر يۈز بېرىپ قالسا قانداق تاقابىل تۇرىمەن، ئائىلىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى قەيەرگىچە، قايسى مەنزىلگىچە بولىدۇ؟ يېرىم يولدا توختاپ قالسا قانداق قىلىمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلىۋالمىسا بولمايدىكەن. چۈنكى، بىز ئائىلىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن تۇتىمىز. ياخشى كۆرۈش، كۆيدۈم-پىشتىم دېيىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدىكەن. ئەلۋەتتە، ئائىلە — بېلەت ئېلىپ كىرىپ كۆرۈپ، ئىچ-پۇشۇقى بېسىلىپ، كۆڭلى قانغاندا يېنىپ چىقىدىغان ھايۋاناتلار باغچىسى ئەمەس. ئائىلە — ئەر بىلەن ئايال قول تۇتۇشۇپ ئاتلانغان ئۇزۇن سەپەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئۇنىڭ ئاخىرقى مەنزىلگاھى بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئۇ دۇنياغىچە تۇتىشىدۇ. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدە نامايان بولىدىغان ساداقەت، ئەجەل يەتكۈچە بىرگە ياشاش. بۇ سەپەردە بىرسىمىز ئارقىغا داجىۋالساق، ئوتتۇرا يولدا توختىۋالساق ياكى ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەتسەك سەپىرىمىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. ئېھتىمال بۇنى ئوڭۇشسىزلىق دېگىلى بولماس. چۈنكى، بىز خالىساق ئۆي تۇتساق، خالىمىساق تۇتمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ. پەقەت بىر-بىرىمىزگە ئورا كولىمىساقلا، ئۆز يولىمىزدا خاتىرجەم كېتىۋېرىمىز. مەن سەن بىلەن بىللە يۈگۈرىمەن دەپ ئويلىغانىدىم. ئەپسۇس، سېنىڭ قەدەملىرىڭ تۇيۇقسىزلا ئىتتىكلەپ كەتتى. مەن يېتىشەلمەي قالدىم. سەن قايسى يولدا يۈگۈرۈپ، قايسى مەنزىلدە توختىماقچى؟ ئېھتىمال ئۆزۈڭمۇ بىلمەيدىغانسەن. مەن بىرسىنىڭ «تۇرمۇش يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەمەس، بەلكى قارغا ئېتىش، نىشانغا تەگكۈزۈش-تەگكۈزەلمەسلىك» دېگەن سۆزىنى ئوقۇغانىدىم. ئېھتىمال سەن بىرەر نىشاننى قارغا ئېلىپ يۈرگەنسەن. بىراق، يېرىم يولدىكى قارغا ئېلىش سېنى ھالسىرىتىپ قويۇشى مۇمكىن.سەن توشقاننىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى، خاراكتېر-مىجەزى ۋە تەبىئىتىنى كۆزەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئوۋلىيالىشىڭ ناتايىن. ئەمەلىيەتتە سەن يېرىم يولدا قوشۇلۇپ قالغان ناباب ئوۋچى. بۇنداق ھۈنەر سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمەيدۇ. ئوۋچىدا سەۋر-تاقەت، چىدام-غەيرەت بولمىسا ھېچنەرسىنى ئوۋلىيالمايدۇ. سەن كۆڭلۈڭدە ئەرلەرنى ئوۋلىۋەتتىم دەپ قارايسەن. ئاشۇ ئەرلەرمۇ سېنى ئوۋلىدۇق دەپ قارايدۇ. بىز ئەنە شۇنداق ئالدىنىش ئىچىدە ياشايمىز. گەپ كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئالدانغانلىقىمىزدىن رازى بولۇش-بولماسلىقىمىزدا. ياش تۆكۈش-تۆكمەسلىكىمىزدە. بىز مەن ھامان باشقىلارغا بەدەل تۆلىگەنىكەنمەن، ئۇلارمۇ ماڭا بەدەل تۆلىشى كېرەك دەپ خاتا ئويلىۋالىمىز. ئەمەلىيەتتە ۋاقتى كەلگەندە بىزنىڭ بۇنداق بەدەللىرىمىز ھېچنەرسىگە ئەرزىمەي قالىدۇ. خەقلەر پېشىنى قېقىپ ئۆز يولىغا كېتىۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز باشقىلاردىن يۈزسىزلىك قىلدى دەپ ئاغرىنىپ، ئۇلارنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن كۆرۈپ يۈرىمىز، نەپرەتلىنىمىز. بۇنداق قىسمەت سېنىڭ بېشىڭدىمۇ، مېنىڭ بېشىمدىمۇ بار. بىز بۇنى يوق قىلىۋېتەلمەيمىز. شۇڭا، ھاياتتا ئالدىراپ بىرسىدىن خاپا بولغۇلۇق ئەمەس. ھەممىنى، بارلىق سەۋەبنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىگىنىمىز ئەڭ ئاقىلانىلىق!


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)