باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-12 21:03 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

پەرىخە، تۈگىمەس قاتار چايلىرىڭنىڭ، نەگە بېرىپ، نەدە تۇرغانلىقلىرىڭنىڭ گېپىنى قىلمايلا قوياي، سېنىڭ مەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن توپلىغان بارلىق ھاسىلاتلىرىڭ ئۈرۈمچىدە بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش بىلەن گۇمران بولدى. ساپ نىيەتلىك، نومۇسچان، غۇرۇرلۇق، نازاكەتلىك خىسلىتىڭ بىر يىللىق ئوقۇش ئارقىلىق پاچاقلىنىپ تاشلاندى. مەن سەۋەنلىكنى كىمگە ئارتىشنى بىلمەيمەن. ئېھتىمال مەن سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئالالماي قالغاندىمەن. تۇرمۇشىمىزنى رومانتىك تۈسكە ئىگە قىلالمىغاندىمەن. سېنىڭچە، مەن قانداق قىلسام ئائىلىنى ساقلاپ قالالايتتىم؟ بۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم. ئېھتىمال سەن بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ يۈگۈرۈشىمىز شۇنچىلىك بولسا كېرەك. بىر ئۆيدە ياشىغان ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرسىنىڭ كۆڭلىنى يۈز پىرسەنت ئالالىشى بەك مۈشكۈل ئىش ئىكەن. بەزىدە ئۆيگە تېلېفون كەلسە، مەن ئالسام قارشى تەرەپ تېلېفوننى قويۇۋېتىدۇ. بۇنداق چاغدا كېسىلىپ قالىمەن. ھەتتا پەرىخە بىرەرسىگە تېلېفون بېرىپ ئېرىمنى ئەخمەق قىلىڭلار دەپ ئۆگىتىپ قويغانمىدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا تېلېفون جىرىڭلاپ قالدى. تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئېلىپ «ۋەي» دېيىشىمگە قارشى تەرەپ بىردەم تۇرۇۋېلىپ:
— ۋەي، لاۋۋاڭ بارمىدۇ،—دەپ سورىدى، خەنزۇچىنى بۇزۇپ سۆزلەپ. مەن دەرھال:
— خاتا ئۇرۇپسىز،— دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. كېيىن كۆتى قىچىشىپ قالغان گۇيدىن بىرەرسى «مەن تېلېفوننى ئالسام چېنىپ قالمىسۇن دەپ، قەستەن مېنى كولدۇرلىتىۋاتامدۇ نېمە؟» دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى مېنىڭ بىرقىسىم ئەل-ئاغىنىلىرىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار قىز دوستلىرىغا تېلېفون بەرگەندە، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىنى ئەر كىشى ئېلىپ قالسا ئۇلار دەرھال خەنزۇچە سۆزلەپ، ياكى باشقا بىر ئەرنىڭ ئىسمىنى سوراپ، چاتاق چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. بىزمۇ كاززاپلىشىپ كېتىپتۇق. ئۆز سەۋەنلىكلىرىمىزنى يوشۇرۇپ، شۇنداق پاكىز ھالدا ئەخلاق چەمبىرىكىدىن چەتنىمەي ياشاۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ مەيدىمىزنى كېرىپ ياشاۋېرىدىكەنمىز.
پەرىخە، ئادەمنى روھىي جەھەتتىن قىسىشتىنمۇ چوڭ جازا بولمىسا كېرەك. سەن كۆرۈنۈشتە نورمال ئادەملەردەك مېڭىپ يۈرگىنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتە ھېچ كىشى بىلمەيدىغان بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ياشايدىكەنسەن. سىرتىڭدىن قارىسا ساقتەك، ئىچىڭگە قارىسا، ئىچىنى قۇرت يەپ سېسىتىۋەتكەن ياغاچقا ئوخشاپ قالىدىكەنسەن. ئېھتىمال مەن قۇرت يەپ كەتكەن كېرەكسىز ياغاچتۇرمەن. ئۇنداقتا مېنى ئىشلەتكىلى بولمامدۇ، ھېچنەرسىگە يارىمامدىم؟ يەنە باشقا بىرەر قىزنىڭ سۆيۈشىگە، ھۆرمىتىگە، مۇھەببىتىگە نائىل بولالمامدىم؟ ئەپسۇس، دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ھېچكىم ئالدىن بىرنەرسە دېيەلمەيدۇ. بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ئېرىشىش بىلەن ئېرىشەلمەسلىكتەك ئېنىقسىزلىك ئىچىدىكى ئېھتىماللىق. شۇنداقلا، ۋاقىتلىق دۇنيا — پانىي بىلەن خوشلىشىشتەك ئۆلۈم ھادىسىسىنىڭ ھامان يۈز بېرىدىغانلىقىدەك ئېنىقلىقتىن ئىبارەت. بىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوڭ كېلىپ قالسا ئۆزىمىزگە خۇشاللىق، تەسەللى، شان-شۆھرەت ۋە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان، تەتۈر كېلىپ قالسا ئۆزىمىزنى ئازابقا، ئاۋارىچىلىققا قويىدىغان ئىشلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز مۇشۇنداق دۇنيادا ياشايمىز. مۇشۇنداق دۇنيا ئۈچۈن بىر-بىرىمىزدىن ئاغرىنىمىز، كىملەردىندۇر قېيىدايمىز، ئۆزىمىزنىڭلا دەردىمىز باردەك ئېغىر ئۇھسىنىمىز، رەنچ تارتىپ يۈرىمىز. «تەڭسىز دۇنيا» دەپ توۋلىغىمىز، ياقا يىرتىپ يىغلىغۇمىز كېلىدۇ. بىراق، بىز ھېچقايسىسىنى قىلالماي تەڭقىسلىقتا ياشاۋېرىمىز. شۇنداق، بىزنىڭ مىسكىنلىكىمىز يۈرىكىمىزنىڭ ئاللىقانداقتۇر يېرىدە ساقلىنىپ قېلىۋېرىدۇ.
پەرىخە، سەن جەمئىيەت بىلەن، يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان مەن تونۇمايدىغان ئاللىقانداقتۇر كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ئۆزۈڭدە بىر خىل نەرسىنىڭ — ئاياللار ئەركىنلىكىنىڭ كەملىكىنى، سىلەرنىڭمۇ ئەرلەردەك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلساڭلار بولىدىغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى غۇۋا ھېس قىلغان بولساڭمۇ، بىراق سەن ئىنسان ئۈچۈن ئەخلاقتىن، ئېتىقادتىن، غۇرۇر ھەم شەرم-ھايادىن، پاكىز مۇھەببەتتىن، ئاياللىق نازاكەتتىن ھالقىغان ئەركىنلىكنىڭ ئۆزۈڭنى خانىۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىڭ. ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىك، ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلەش، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي مەي-شاراب ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەت قىلىپ، ئۆي ۋە بالىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەملەر بىلەن بەسلەشكەنلىكىڭ سېنىڭ نەقەدەر چاكىنا ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىڭنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر جەمئىيەتنىڭ، ھەربىر مىللەتنىڭ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەخلاق ئەندىزىسى، ئەركىنلىك ئۆلچىمى بولىدۇ. بۇنى سەن ئۆزۈڭ ئارىلىشىۋاتقان بىرنەچچە دوستلىرىڭ بىلەن ئۆزگەرتىشكە، يوق قىلىۋېتىشكە قادىر ئەمەس. بۇ مەلۇم بىر تۈزۈلمىگە، كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ بىردەك بولۇشىغا باغلىق بولغان ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان !

سەن بىلەن مەن ئائىلە ئىشىنى قىلىش توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشقىنىمىز ئېسىڭدە بولسا كېرەك. شۇ كۈنى مەن ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە قايتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چارەكلىك ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈپ ئولتۇراتتىم. سەن ئىشتىن خېلىلا كېيىن قايتىپ كەلدىڭ. سومكاڭنى يان تەرىپىمگە كۈچەپ «پوككىدە» تاشلىدىڭ. مەن سېنىڭ كەيپىياتىڭنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى پەملەپ، «تۇتۇپ قالغان» بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، ئۆز ئىشىم بىلەن مەشغۇل بولۇۋەردىم. سەن بىردەم تۇرۇۋېتىپ ماڭا:
— بالىلارغا تاماق قىلغاچ تۇرسىڭىز بولمامدۇ،— دېدىڭ.
— ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈپ، ئەتە ئەتىگەندىلا ئىلمىي بۆلۈمگە تاپشۇرۇشىمىز كېرەككەن. بولمىسا مۇكاپات پۇلىنى تۇتىدىكەن.
مېنىڭ گېپىمنىڭ ئاخىرى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا سەن بىردىنلا كۆكلەپ كەتتىڭ.
— مەن بولمىسام بۇ ئۆيدە ھېچقانداق بىر ئىش يۈرۈشمەيدۇ.
— نېمانداق گەپ قىلىسىز، سىز بولماي قايسى ئىش يۈرۈشمەي قاپتۇ؟ ھەممىمىز تەڭ قىلىۋاتىمىزغۇ.
— قايسى ئىشنى قىلىۋاتىسىز؟
— مەن قايسى ئىشنى قىلماپتىمەن؟
— قاچان قارىسا كىتابقا قاراپ ئولتۇرىسىز. بىر پىيالىنى ئۇياقتىن-بۇياققا يۆتكەپ قوياي دېمەيسىز.
— مېنىڭ كىتابقا قاراپ جان باقىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسىز. ھەممە ئادەم سىزدەك بىكار ئەمەس.
— مەن بىكارما؟ ھېلىمۇ ئۈچىلىڭلارغا قۇل بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. يەنە قانداق قىلسام بولاتتى.
— قىلسىڭىز ئىككى بالىڭىزغا قىلىسىز.
— سىزگە قىلمىدىممۇ؟
— قىلغۇڭىز بولمىسا ئۇمۇ ئىختىيارىڭىز.
— سىزگە بەرگەن مائاشنى ماڭىمۇ بېرىدۇ. تېخى سىزنىڭكىدىن كۆپرەك. ئائىلىدە ئەر-ئايال باراۋەر.
— مەن تېخى باراۋەر ئەمەس دەپ سىزنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلمىدىمغۇ. تاماق قىلغۇڭىز بولمىسا بۇنداق سېسىق گەپ قىلغۇچە، گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلسىڭىز بولمامدۇ.
— نېمە گەپنى ئوچۇق قىلىدىكەنمەن.
— ئۆزىڭىز بىلەرسىز، خەقنىڭ خوتۇنلىرىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىۋېرىدىكەنغۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىككى-تۆت تال مائاشىغا بەك تەمەننا قويۇپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
— خەقنىڭ ئەرلىرىمۇ ئۆيدە تاماق ئېتىپ، كىر-قات يۇيۇپ ئۆتىدىكەنغۇ.
— مەنمۇ سىز يوق چاغدا قىلغان.
— بالىلارغا كوچىدىن تاماق ئېلىپ بېرىپ، كىر-قاتلىرىنى دۇكاندا يۇدۇرغانغىما؟
— بۇ ئىش ئەمەسما؟
— ئۆزىڭىز قىلسىڭىز ھېساب.
— ئەمدى مەن ئۆزۈم قىلدىم دەپ ئۈلگە كۆرسىتىشىم كېرەكما؟ ھەر كىم ئۆزى قىلالىغان دائىرىدىكى ئىشنى قىلىدۇ.
— شۇنداق بولغاندىكىن ئارتۇق گەپ قىلماڭ.
— سىز مەن بىلەن دېيىشمەكچى ئوخشىمامسىز؟
— دېيىشسەك دېيىشتۇق.
— نېمىنى دېيىشىمىز؟
— نېمىنى خالىسىڭىز شۇنى دېيىشىمىز.
— كەچۈرۈڭ، مېنىڭ سىز بىلەن دېيىشكۈدەك ۋاقتىم يوق. مېنى زادى ئىش قىلغىلى قويامسىز، قويمامسىز.
— مەن قولىڭىزغا ئېسىلىۋالمىدىمغۇ.
— بولسا شۇ قالغان، ھېرىپ قالغان بولسىڭىز يېتىۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ. تولا چېشىمغا تەگمەڭ مېنىڭ. ئىشخانىغا چىقىپ كەتسەملا بولىدىغۇ.
مېنىڭ سەن بىلەن تاكاللىشىپ سېنى قايىل قىلىدىغانغا كۆزۈم يەتمەي، ئاخىر ئىشخانىغا چىقىپ كەتتىم. ئويلىسام-ئويلىسام بۇ ئىش زادىلا كاللامدىن ئۆتمىدى. سېنىڭچە مەن ئۆيدە ھېچنەرسە قىلماي يەپ ياتىدىغان بىكار تەلەپكە ئايلىنىپ قالغانىدىم. شۇنداقتىمۇ سېنى «بۈگۈن ئىشلەپ ھېرىپ قالغاندۇ، ياكى كەيپىياتى ياخشى ئەمەستۇ» دەپ ئويلىدىم. ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇ ئىشنىمۇ بەك ئويلاپ كەتمىدىم. كېيىن ئويلىسام سەندە ئاياللار ئەركىنلىكى غىل-پال باش كۆتۈرۈپ چىققاندەك قىلاتتى. ئارىمىزدا بۇنداق تاكاللىشىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. ھەركىم تۇتسا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى تۇتىدۇ. بىراق، بەزى خوتۇنلار ئۆز ئەرلىرىنى قانداق باشقۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆيدە قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى باشقىلارغا ماختىنىپ سۆزلەپ، ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتسە كېرەك. شۇنىڭ بىلەن زىددىيەت تېرىلىدىكەن. شۇنداق، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ چامىسى يەتكەن، ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز زۆرۈر. بىر-بىرىمىزگە پۇرسەت يارىتىپ بېرەلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. بىراق، ھەممىمىز تۇرمۇش، خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرىمىز. چۈنكى، بىز ئىستىخىيىلىك خىزمەت رىتىمىغا باغلىنىپ قالغاچقا كۆڭلىمىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئارقىغا تاشلىنىپ قېلىۋېرىدۇ. بىرنەرسىگە يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئارقىغا تاشلىنىپ قىلىۋېرىدۇ. بىر نەرسىگە ئالدىرايمىز. بىرسىمىزلا بەدەل تۆلەۋاتقاندەك، قۇربان بېرىۋاتقاندەك ئۆزىمىزنى خورلۇق، بىچارىلىك ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىۋېلىپ باشقىلاردىن رەنجىپ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىۋالىمىز. بۇ بىزنىڭ روھىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقىمىزنىڭ، ئاجىزلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى.
پەرىخە، ئوبدانراق ئويلاپ باقساڭ، بىز بىلەن ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزگە ئاللىقانداقتۇر بوشلۇق ئىزدەپ، كىملەر بىلەندۇر دوستلىشىپ، كىملەر بىلەندۇر دۈشمەنلىشىپ ياشايدىكەنمىز. جاھان ساڭىمۇ، ماڭىمۇ تاردەك بىلىنىدىكەن. بىلەمسەنكىن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا غەرب ئەللىرىدە ئاياللار ھوقۇقچىلىقى ئەۋج ئېلىپ، نۇرغۇن ئاياللار «بىز ئائىلىنىڭ قۇلى ئەمەس» دېيىشىپ ئائىلىسىنى، پەرزەنتلىرى تاشلىۋىتىپ چىقىپ كەتكەنىكەن. ئۇلار دۇنيا تەڭسىزلىككە تولغان، ھايۋانلار جېنىدا جۈپلىشىپ بولۇپلا ئىككىسى ئىككى تەرەپكە كېتىپ قالىدىكەن، ئادەم بالىسى بولغان ئاياللار نېمىشقا ئائىلىگە، ئەرلەرگە باغلىنىپ قالىدۇ؟ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بالا بېقىش بولغاندىكىن كىم بىلەن جۈپلەشسەك جۈپلىشىپ، بالىمىزنى بېقىۋەرسەك ياكى بولمىسا پەرزەنتلىك بولماي ياشاۋەرسەك بولىدىغۇ دەپ قاراشقانىكەن. سەن ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىنى قوبۇل قىلالامسەن؟ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز تەرەققىي قىلىپ شۇ دەرىجىگە — ھايۋاندىنمۇ بەتتەر دەرىجىگە يېتىپ كەتتىمۇ؟ بىزنىڭ ئىنسانىيلىقىمىز بۇنداق بىتايىن قاراشلار بىلەن ئۆلچەنسە ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان بولمامدۇق! بۇ بىر پارچىلىنىپ كەتكەن روھىي دۇنيا، بۇ ئەقىدە-ئېتىقادنىڭ بۇلغىنىشى. پارچىلىنىپ كەتكەن روھىي دۇنيادا، بۇلغانغان ئەقىل-ئىدراكتا ئۆزىدىن ھەم باشقىلاردىن سۆيۈنۈش، رازى بولۇش، خۇشاللىنىش، لەززەتلىنىش تۇيغۇسى مەۋجۇت بولمايدۇ، بەلكى باشقىلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراش، ئادەملەردىن قېيىداش، ئىچى سىقىلىشلا مەۋجۇت بولىدۇ. سەن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزۈڭنى يەڭگىل ھېس قىلالامسەن؟ سەن ئۆز ئەركىنلىكىڭنى ھەممە ئادەم ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئادەتكە ئايلاندۇرالامسەن؟ ناتايىن! يۇنان رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، قەدىمكى زاماندا ئۆزلىرىنىڭ ئوۋچىلىق ۋە ھەربىي يۈرۈشكە ماھىرلىقى بىلەن نام چىقارغان، يۇناننىڭ شەرقىي شىمالىدا ياشايدىغان بىر ئاياللار دۆلىتى بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدە ئەرلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىشى مەنئى قىلىنىدىكەن. ئۇلار ئەۋلادىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دائىم ئەتراپىدىكى كاۋكاز تاغلىق رايونلىرىنىڭ ئەرلىرى بىلەن ۋاقىتلىق جورا بولۇشۇپ، تۇغۇلغان قىز بالىلىرىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېتىشىدىكەن. بۇ قىزلار چوڭ بولغاندا ئەسكەرلىككە قاتنىشىدىكەن. ئۇلار ھەربىي ماھارەتكە پىششىق بولۇپ، غەربىي ئاسىيا ۋە ئىگەي دېڭىزى بويىدىكى بەزى شەھەر، يېزىلارنى تارتىۋالغان ھەمدە كۆپ قېتىم يۇنانلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلغانىكەن. بىراق، ھازىرقى بارغانسېرى كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان دۇنيادا، روھى پارچىلىنىپ ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا سەن نېمىنى ئىزدەۋاتىسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى ئىزدىگەن بولساڭ، سەن ئاللىقاچان پانىي ئالەمگە كۆز ئېچىپ بولدۇڭ. سەن مۇشۇ ياشقا كېلىپ قالدىڭ، ئەمدى ئارقىغا يانالمايسەن. سېنىڭ ئەمدى ئىزدەيدىغىنىڭ ئۆزۈڭمۇ ھەم سەن ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان باشقا بىرسىمۇ ئورتاق راھەت ھېس قىلىدىغان، رازى بولىدىغان، تەڭ خۇشال بولۇپ، تەڭ يىغلىيالايدىغان، ئورتاق تەسەللى بېرەلەيدىغان — پانىي ئالەمنىڭ نورمال ياشاش ھەقىقىتى، خالاس! ئۇلۇغلىرىمىز «جىسمانىي ھالاۋەت بىلەن روھىي ھەقىقەتنىڭ لەززىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ» دېيىشىدۇ. سەن ھېسسىياتلىق، ئەقلى جايىدا، نورمال ئىنسان بولساڭلا ئايالدىن ئىبارەت بۇ نامنى چۆرۈپ تاشلىيالمايسەن! ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقىنى ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىكى ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادلاردىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئېھتىمال ياراتقۇچىنىڭ ئەركەك-چىشى دەپ ئايرىپ، تەنگە بېرىلگەن تەقسىماتى سېنى ئويلىنىشقا، تىركىشىپ بېقىشقا مەجبۇر قىلغاندۇر. سەن ئېرىڭگە ئەمەس، پەرزەنتىڭگە قارىغىنىڭدا ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلغان، ئۇنىڭدىن سۆيۈنگەن بولاتتىڭ، قەدىرلىكىم. ناۋادا بۇ تەقسىمات ساڭا تەئەللۇق بولماي قالغان بولسا، سەن تېخىمۇ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالاتتىڭ. سېنىڭ ئانىلىق مېھرىڭنىڭ بۈيۈكلۈكى، سېنىڭ قىلغان نۇرغۇن گۇناھلىرىڭنى يۇيۇشقىمۇ يېتىدىغاندۇ. مەنمۇ ئانامغا بالا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بالىلىرىمنىڭ نامىدىن سېنى كەچۈرۈۋېتىمەن. سەن يەنىلا ئۇلارغا ئانا! مەڭگۈ ئانا! بىراق، بۇ مېنىڭ سېنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش، ئائىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىش نىيىتىمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. مەن پەقەت ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى بۇزغىلى بولمايدىغانلىقتەك ھەقىقەتنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دەۋاتىمەن. ھەييار سودىگەرمۇ بىر قېتىم زىيان سالغان چۆپقىتىنى ئىزدىمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئائىلە قۇرۇپ بەختلىك بولىمىز دەپ نۇرغۇن ئويلىنىش، سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ بىر ئۆيگە كىرگەن ئەر-ئايالنىڭ نۇرغۇن دەتالاش، جېدەل-ماجىرادىن كېيىن ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئاجرىشىپ كېتىشى بەك تەسكە توختىغىنى بىلەن، يارىشىپ قېلىشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. بۇنى شۇ ئادەم ئۆزى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى سودىگەر زىيىنىنى باشقا بىر ئادەمدىن تىرىلدۈرۈۋالغىنى بىلەن ھېسسىيات جەھەتتىكى زىياننى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئادەم ئىچ-ئىچىدىن تۈگىشىپ كېتىدۇ. ياخشى مەزگىللەرنىڭ بىر نامەرد ئۈچۈن سەرپ قىلىنىپ كېتىشى ئادەمنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ. زورلۇق، ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن قۇرۇلغان ئائىلە لىڭشىپ قالغان تامغا ئوخشايدۇ.ئازراق شامال چىقىپ قالسا تام ئۆزلۈكىدىن قىيسىيىپ، ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. بۇنى يۆلەپمۇ، يېنىغا غوجى تام قوپۇرۇپمۇ جايىدا تۇرغۇزالمايسەن. بۇ تام ۋاقتى كەلسە سېنى بېسىپ نابۇت قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. سەن ئۆزۈڭنىڭ بىر ھارامزادىگە ئالدىنىپ ياشىغانلىقىڭنى، ئۇنىڭ نەقەدەر تايىنى يوق ئادەم ئىكەنلىكىنى، سەندىن پايدىلىنىپ ئاخىرى سېنى كۆزگە ئىلمايدىغان ھالەتكە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ھېس قىلالىغىنىڭدا، ئاچچىق بىرئەلەم سېنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ، يۈرىكىڭنى مۇجۇپ-مۇجۇپ قىينايدۇ. سەل دىققەت قىلمىساڭ، ئۆزۈڭنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋېتىشىڭمۇ مۇمكىن. ئېھتىمال مەنمۇ نەزىرىڭدە بىر ھارامزەدىدۇرمەن. شۇنداق بولغاچقا سېنىڭ بىلەن چىقىشالماي قالغاندىمەن.
پەرىخە، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مەن ئۆزۈمنى ئالدىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. سېنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭگە قوۋلۇق-شۇملۇق يوشۇرۇنغاندەك، مەن بىلەن باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن قورقۇپلا ئۆي تۇتۇپ ياشاپ كېلىۋاتقاندەك ئىدىڭ. بالىلارغا ئۆزىچىلا ئورۇنسىز ۋارقىرايتتىڭ. ئېھتىمال بۇنداق ۋاقىتلار سېنىڭ بۇرۇقتۇرما بولۇپ، تۇرمۇشنى زېرىكىشلىك، ياشاشنى بېسىم ھېس قىلىپ كەيپىياتىڭنى تەڭشىيەلمىگەن ۋاقىتلىرىڭ بولسا كېرەك. ئادەم ئۆزئارا ئازارلىشىپ قالغاندا كۆڭلىدىن ئاجايىپ گۇمانلار كېچىدىكەن. باشلىقىڭ مېنى مەمۇرىي خىزمەتكە ئالماشتۇرۇپ قوياي دېگەندە، ئىككىمىزنىڭ قىلىشقان سۆزلىرى ئېسىڭدە باردۇ؟ شۇ كۈنى سەن بەك خۇشال ھالدا بالدۇرلا ئىشتىن قايتىپ كەلدىڭ.
— سىز بىلەن مەسلىھەت قىلىشىدىغان بىرئىش بار ئىدى،— دېدىڭ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن. مەن سەن بىلەن ئائىلىدە ئۇزۇندىن بۇيان بۇنداق پاراڭلىشىپ باقمىغاچقىمىكىن، سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىم ھەم ھەيران بولدۇم.
— نېمە ئىش توغرىسىدا؟
— باشقا ئىدارىغا يۆتكىلەمسىز؟
— ئەجەب بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ، ئەمىلىڭىز ئۆسۈپ قالدىمۇ نېمە؟
— بىزنىڭ باشلىق، «قولۇمدا ھوقۇق بار چاغدا تونۇش-بىلىشلەرنى ئازراق رازى قىلىۋالسام» دەيدۇ. ئويلاپ باقسام، سىز بەكلا ئالدىراش ئىشلەيدىكەنسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۆتىدىغان ئىشكەن. يا تەتىلىڭلارنىڭ تايىنى بولمىسا، شۇڭلاشقا سىزنى مەمۇرىي خىزمەتكە ئالمىشىۋالسۇنمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم.
— بۇ ئويىڭىزغۇ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىكەن. بىراق، بۇنىڭغا تۆلەيدىغان بەدەلمۇ ئاز بولماس، ھەرقاچان.
— نېمە بەدەل تۆلىگۈدەكمىز؟ باشلىق ئۆزى دەۋاتسا.
— ھېچبولمىغاندا ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن بولسىمۇ سوۋغا-سالام بېرىپ، ياخشىراق رېستورانغا باشلاپ مېھمان قىلمىساق بولماس. تېخىمۇ چاتاق يېرى سىزنىڭ باشلىقىڭىزنىڭ مېنىڭ دادامغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن.
— سىززە، ئۆزۈمنىڭ راست دەپ تۇرۇۋالىسىز، بىرەر قېتىم باشقىلارغا ئېگىلىپ قويسىڭىز نېمە بولىدۇ. بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر سىزنى «بەك ھالى چوڭ، قاپىقى يامان» دېيىشىدىكەن.
— مەن ھەممە ئادەمگە ئۆزۈمنىڭ سەمىمىيلىكىمنى، ئاق كۆڭۈللۈكىمنى چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن-دە.
— «ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ» دەيدىغان گەپ بار. بولدى، بۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بېرىڭە، ئۆزۈم توغرىلايمەن.
— سىز توغرىلىسىڭىز، ئىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتەرمىكىن، مېنىڭچە يىپىقلىق تۇۋاق يېپىقلىق پېتىچە قېلىۋەرگىنى ياخشى.
— جاھىللىق قىلمىسىڭىز بولمامدۇ.
— بولدىلا، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كۆنۈپ قاپتىمەن. قېرىغاندا كەسىپ ئالماشتۇرىمەن دەپ نېمە جاپا، ياخشى كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى.
— مەيلى، بۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.
سېنىڭ يەنە ئارتۇق گەپ قىلىشقا رايىڭ بارمىدى بولغاي، جىم بولۇپ قالدىڭ. توغرا، مەن ساڭا ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ تەسلىكى توغرىسىدا بۇرۇنلاردا ئانچە-مۇنچە قاقشاپ بەرگەنىدىم، كېيىن ئويلاپ باقسام، ئوقۇتقۇچىلىقمۇ بولىدىغان كەسىپكەن. ئائىلىدە ياكى خىزمەتتە كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇپ قالغان مەزگىللەردە سەبىي، توختىماي سوئال سورايدىغان، خىلمۇخىل مەسىلىلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىنىڭدە مېڭەڭنى يەپ، ئارامىدا قويمايدىغان ئارامسىز خىياللار ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب بولۇپ كېتىدىكەن. ئۇلاردىن تەسەللى تېپىپ، ئۆزۈڭنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەنسەن. نۇرغۇن تەرەپلەردىكى قاراشلىرىڭنى ئۇلارغا ئېيتىپ، ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشالايدىكەنسەن. سەمىمىي ئادەملەر بىلەن مۇڭدىشىش بەك ھۇزۇرلۇق ئىشكەن. بۇ ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولمايدىكەن.
پەرىخە، مېنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرماسلىقىمدىكى سەۋەبلەر ئاز ئەمەس. ئىككىمىز ئۇرۇشۇپ قالغاندا سەن ماڭا «دوسكا ئالدىدا بورغا مىلىنىپ، ئىتتەك توختىماي كاپشىپ تۇرغان ۋاقتىڭدا، مەن سېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان» دەپ پېشانەمگە قويساڭ، بۇ مەن ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقا ئەرلەر ئۈچۈنمۇ ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ئازابلىق ئىش. شۇنداق، مەن شۇ چاغدا «پەرىخەنىڭ كۆڭلى بۇرۇنقىدەكلا ماڭا مايىل ئىكەن، ماڭا كۆيۈنىدىكەن» دەپ ئويلىغان بولساممۇ، بىراق مېنى ئەنسىرەتكەن يەنە بىر ئىش — سېنىڭ ئۆز باشلىقىڭنىڭ ئالدىدا تىلىڭنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشى ئىدى. ئۇ چاغدا ئىشلار «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» بولۇپ، مەن ئۆتمەس، يۇمشاقباش ئەرگە ئايلىنىپ قالاتتىم. خىزمەت ئالمىشىش توغرىسىدىكى پارىڭىمىز چىقىشنىڭ ئالدىدا ئىككىمىز گەپ تالىشىپ نېمىلەرنى دېيىشىپ كەتمىگەن. سەن شۇ مەزگىللەردە ئورۇقلايمەن دەپ قىلمىغانلىرىڭ قالمىدى، ئالمىغان ئورۇقلىتىش دوراڭ، چايلىرىڭ، چېنىقىش ئەسۋابلىرىڭ قالمىدى. ئەمەلىيەتتە سېنىڭ ئورۇقلىشىڭنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. چۈنكى، سەن يەنە ئورۇقلىساق ئەرۋاھقا ئوخشاپ قالاتتىڭ. ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ساقلاش بەك مۇھىم. سەن دائىملا خۇددى مەن سەۋەبچى بولۇپ قالغاندەك:
— مەن توي قىلغاندىن كېيىن بەك سەمرىپ كەتتىم، كىيىم ياراشمايدىغان بولۇپ قالدى. ماڭا كېلىدىغان كىيىم تاپالمىدىم،— دەپ زارلىناتتىڭ، مەن نەچچە قېتىم ساڭا:
— سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزنى، بوي-بەستىڭىزنى كىم سېمىزكەن دەيدۇ؟ ئادەمنىڭ بەدىنىدە ئاز-تولا گۆش، كۈچ-قۇۋۋەت بولمىسا كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئورۇقلاپ نەگە باراتتىڭىز، ماڭا يارىسىڭىز بولدى ئەمەسمۇ!— دېدىم.
— ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن خەقلەر ئادەمنى سېمىزكەن دەپ مازاق قىلىدىكەن.
— سىز خەققە تەگكەنمۇ، ماڭىمۇ؟ بىزنىڭ نېنىمىز خەقنىڭ ئۆيىدە بولمىغاندىكىن، پەرۋايىڭىز پەلەك ياشاۋەرمەمسىز. ھەر سېمىز ئادەملەرمۇ ياشاۋېرىدىكەنغۇ، سېمىزلىكى ئۆزىگە شۇنداق يارىشىدىكەن.
— سېمىزدىن بىرەرنى تېپىۋالغان ئوخشىمامسىز؟
— تۈزۈك گەپ قىلىڭە، ھازىرچە ئۇنداق نىيىتىم يوق.
— ئۇنداقتا كېيىنچە بىر گەپ بولىدىكەن-دە.
— مەن ئۇنداق دېمىدىمغۇ، تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارغا ھېچكىم ئالدىراپ بىرنەرسە دېيەلمەيدۇ.
— سىزنىڭ گېپىڭىزدىن شۇنداق مەنە چىقىۋاتىدىغۇ، ئۇنداق ئىشلىرىڭىز بولسا مەن بالدۇرراق ۋاقىپلىنىپ قالاي.
— بولىدۇ، مەن ھەرگىز سىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. بىراق، سىز يا بىر كىيىم مودېل ئارتىسى بولمىسىڭىز، ئورۇقلايمەن دەپ نېمە جاپا تارتىپ يۈرىسىز؟
— بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى.
— بۇمۇ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىشى. سىز ئۆزىڭىزنى ھەرقانچە پەردازلاپ كۆرسەتسىڭىزمۇ يەنىلا ئىككى بالىنىڭ ئانىسى، بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ تېنىۋالالمايسىز. كىچىك قىزلارغا تېخىمۇ ئايلىنالمايسىز. ئادەم دېگەن ئۆزىنىڭ ھال-ئەھۋالىغا بېقىپ ئىش قىلمىسا بولمايدۇ. ئورۇقلىغان بىلەن پەرىشتىگە ئايلىنالىشىڭىز ناتايىن.
— نېمە قاينايسىز؟
— گەپنى ئۆزىڭىز باشلاپ، ئەمدى چىدىماي قالدىڭىزغۇ. سىزمۇ شۇنچىلىككەنسىزغۇ.
— سىز قانچىلىكتىڭىز، توي قىلىپ ئادەم قىلىپ قويسام ماڭا دەرس ئۆتكۈدەك بولدىڭىزمۇ؟
— مېنىڭ سىزگە دەرس ئۆتكۈممۇ يوق.
— دەرسمۇ ئۆتەلمەيسىز.
مېنىڭ سەن بىلەن يەنە گەپ تالاشقۇم كەلمىدى. ئىش بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايتتى. شۇڭلاشقا ئۆزۈمنى تارتىپ يان ئۆيگە ماڭغاچ ئۆز-ئۆزۈمگە:
— توۋا، مەن تازا بىر ساراڭ خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالدىممۇ نېمە؟— دېيىشىمگە، سەن بىردىنلا مېنى سەنلەپ:
— ھەئە، ئەمدى قېرىغاندا كۆزۈڭگە ساراڭ كۆرۈنۈۋاتامدىمەن، گېپىڭ بولسا ئوچۇقىنى قىلمامسەن؟
— نېمە گەپنى ئوچۇق قىلغۇدەكمەن. گەپنى ئۆزىڭىز باشلىدىڭىز، ئوچۇق گەپ قىلغۇڭىز بولسا سىز دەڭ. يەنىلا سىزگە پۇرسەت بېرىمەن.
— ئوغۇل بالا بولغاندىكىن كېسىپ گەپ قىلمامسەن!
— ئۇنداق قىلماڭ، پەرىخە، قوشنىلار ئاڭلىسا سەت تۇرىدۇ.
— سەت تۇرسا تۇرمامدۇ، سەن خەقنىڭ گېپى ئۈچۈن ياشىمايدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ.
— بولىدۇ، مەن ئويلىنىپ بولۇپ جاۋابىنى بېرەي.
مەن شۇنداق دەپلا سىرتقا چىقىپ كەتتىم. راستتىنلا ئويلاندىم. بىراق، ساڭا نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەيتتىم. سېنىڭ مېنى بىردىنلا سەنلەپ تۇرۇپ «سېنى ئادەم قىلىپ قويدۇم، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن كېسىپ گەپ قىلمامسەن» دېگەن سۆزلىرىڭنى ئويلاپ ئاجرىشىپ كېتىشنىمۇ ئويلىدىم. بىراق، ئىككى بالىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى، مېنى گۇناھكار دادىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ئىككىلەندۈرۈپ قوياتتى. ھەتتا مەن «مېنىڭ خوتۇنۇم ساراڭ بولۇپ قاپتۇ،ئۇنىڭ بىلەن ساراڭ بولۇپ قالغان مەزگىلدە ئاجرىشىپ كەتسەم، كىشىلەر مېنى خوتۇنى ساراڭ بولۇپ قالغاندا تاشلىۋەتكەن ۋاپاسىز ئەر ئىكەن» دېيىشىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن دېگەنلەرنىمۇ ئويلىدىم. مەن ئاجرىشىپ كېتىش توغرىسىدا ئېغىز ئېچىپ قالسام، كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئارقىغا يانالماي قېلىشىمدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيتتىم. مەن يەنىلا «قېنى، قاراپ باقاي، ئاجرىشىش نىيىتى بولسا بىر نەرسە دەيدۇ، يەنە بېشەملىك قىلسا بىر گەپ بولمامدۇ، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا بېقىپ ئىش كۆرەي» دەپ ئويلىدىم. پەرىخە، دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمنى ئادەم قىلىپ قويمايدۇ. بىز ئادەم دەپ يارالغانىكەنمىز، مەن سەن ياكى باشقا بىر ئادەم بىلەن بىر مەزگىل بىللە ياشىغانغا ئادەم بولۇپ، باشقا ۋاقىتتا ھايۋانغا ياكى باشقا بىرەر مەخلۇققا ئايلىنىپ قالمايمىز. ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ نېسىۋىسىنى ئۆزىمىز يەپ ياشاۋېرىمىز. بىر ئادەمنىڭ سۆزى بىلەن ئادەملىك تەبىئىتىمىزدىن ئايرىلىپ قالمايمىز. سەن ئادەم دەپ قارىمىساڭ، يەنە كىملەردۇر ئادەم دەپ قاراۋېرىدۇ. مەن سېنىڭ بۇنداق بېشەملىكىڭنى زادىلا ئويلىماپتىكەنمەن. نېمىدېگەن تەتۈرلۈك-ھە! مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ خورلۇققا قالغاندەك ھېس قىلدىم. مېنىڭ مۇلايىم ئايالىم شۇمۇ دەپ زادىلا ئىشەنگۈم كەلمىدى. مەن «بۇ خوتۇن بىلەن مۇشۇنداق گەپ تالىشىپ بىر ئۆمۈر ياشىيالارمەنمۇ، مېنى يەنە قانداق ئاۋارىچىلىق، دەرد-ھەسرەت، سىقىلىش، ئىزتىراپلار ساقلاپ تۇرغاندۇ» دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ سېنى غالجىرلاشقان چېشى يولۋاسقا ئوخشاتقۇم كەلدى. مەنمۇ غالجىرلىشىشىم كېرەكمۇ؟ ياق، ئەرزىمەيدۇ! لېكىن بىز تۇرمۇشتا ئەرزىمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن رىيازەت چېكىپ، نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزنى دوغا تىكىپ، ئاخىرىدا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەي پۇشايمان، ئۆكۈنۈش ئىچىدە ياشايمىز. بىز ئۇنى بەك كېچىكىپ ھېس قىلىمىز. قۇربان بەرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قالىمىز. شۇ كۈنى مەكتەپتە ياخشى ئۆتىدىغان خىزمەتدىشىم ئالىمغا تېلېفون بەردىم. مەن ئىچىم سىقىلىپ قالسا، ئەزەلدىن بىرەرسىگە تېلېفون بېرىپ، دەرد تۆكۈپ باقمىغان. شۇ كۈنى ئالىم بىر قاۋاقخانىدا بىرنەچچە قىزلار بىلەن ئولتۇرغانىكەن. ئالىم مېنى «ئېغىزى چىڭ، قىزلار بىلەن ئولتۇرغان ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيدۇ» دەپ ئۆزىگە يېقىن تۇتقاچقىمىكىن، تېلېفون ئۇلىنىشى بىلەنلا سورۇنغا كېلىشىمنى ئېيتتى. مەن سورۇندا بەك ئېغىر ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئالىم پات-پات:
— نېمە بولدى ساڭا، ئېچىلىپ ئولتۇر، قىزلار يارىمايۋاتامدۇ. يارىمىسا، قولۇمدا مال كۆپ، سېنى ئوبدان رازى قىلالايدۇ،— دېگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى.
— نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن، بىر بەلەن ئولتۇرمامدىمەن.
— ئەمىسە تانسا ئويناپ، پاراڭ قىلىپ ئولتۇرمامسەن. بۇ يەر جىمجىت ئولتۇرۇۋالىدىغان مەسچىت ياكى نەزىر پەتىسى ئەمەس، ئوغۇل-قىزلار ئولتۇرغان سورۇن.
— گرادۇسى توشمىغان گەپ.
— كىم بىلىدۇ، بىردەمدىن كېيىن شىر-يولۋاسقا ئايلىنامدۇ تېخى.
سورۇندىكى قىزلارمۇ مېنى گەپتە چېقىۋالدى. شۇنداقتىمۇ مەن ئېچىلالماي قالدىم. مەن ئازراق ئىچكەندىن كېيىن قىزلارغا ئوغرىلىقچە سەپسېلىشقا باشلىدىم. قىزلارنىڭ ئارىسىدا خېلى چىرايلىق بىر قىزنىڭ كۆزى بىلەن كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم. ئۇ قىزغا ئىككىنچى قارىماسمەن دەپ تۇرۇپ، يەنە قاراپ كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قالدى. گەرچە ئالىمنىڭ يەنە بىر ئاغىنىسى ئۇ قىزغا كۆڭلىنى چۈشەندۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، قىزنىڭ كۆزى مەن تەرەپتە ئىدى. قارىغاندا قىزنىڭ ماڭا مەيلى باردەك قىلاتتى. بىراق بىر ئاغىنىمىز ئۇنىڭغا تەلەپ قويۇۋاتسا، مەن بۇ قىزغا كۆز تاشلاپ يۈرسەم نامەردلىك بولۇپ قالمامدۇ دەپ ئويلىدىم. بىراق، ئائىلىنى، بالىلارنى، ئايالىمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنىڭمۇ نامەردلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم. مەن يەنىلا ئېغىر-بېسىق ھالىتىمنى ساقلاپ ئولتۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم-دە، بىر خىل پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرىۋالدىم. ھەممەيلەن جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ، قىزىپ ئوينايتتى. ئاللىقانداقتۇر تېتىمايدىغان گەپلەرگە تېلېقىپ كۈلۈشەتتى. مېنىڭ شۇنداق ئوينىغۇم، بۇزۇلغۇم بار بولسىمۇ ئاللىقانداقتۇر بىر كۈچ گەپ قىلىشقا، ئېچىلىپ-يېيىلىپ تانسا ئويناشقا توسقۇنلۇق قىلاتتى. «مەنمۇ ئەر، ئەر بولغاندىمۇ ھېسسىياتى، قىزلارغا بولغان ئىشتىياقى ئۆلمىگەن ئەرغۇ، مەن نېمىگە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغۇدەكمەن؟» دېگەنلەرنى ئويلايتتىميۇ، ئورنۇمدىن تۇرالمايتتىم. مەن بىر خىل ئىزتىراپلىق، دېلىغۇللۇق ئىچىدە قىينىلاتتىم. دۇنيادا مەنلا ئېچىلالماي، ئوينىيالماي قالغاندەك ئۆزۈمنى نېمىگىدۇر ئەيىبلىگۈم كېلەتتى. قانداق بىچارە ھالەتتە ئولتۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن. كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قالغان ھېلىقى قىز ھېچبىر تارتىنمايلا ئۇدۇل كېلىپ، مېنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى. مەن دەرھال ئالىمغا قارىدىم. ئۇ ئويناۋەر دېگەن مەنىدە ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قىز بىلەن تانسا ئويناشقا باشلىدىم. قىز ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن:
— قارىسام بەك ئېغىر ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز، بىرەر ئىشقا كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟— دەپ سورىدى. توۋا، بۇ قىز نېمانداق ئەقىللىق، مېنىڭ ئىچ سىرىمنى بىلىۋالغىنىنى قارىمامدىغان. بىراق، كۆرۈشكەنلا ئادەمگە دەرد تۆككىلى بولمايدۇ-دە. مەن ھېچنەرسىنى بىلمەسكە سېلىپ:
— ئەمدى سىلەر بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشقاندا توختىماي گەپ قىلسام، مېنى تازا بىر سۇيۇق بىرنېمىكەن دەپ قالمامسىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەمنىڭ مىجەز-خۇلقى ئوخشىمايدۇ-دە.
— مەن سىزگە ئوخشاش ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئەرلەرنى ياخشى كۆرىمەن.
— راستمۇ؟ ئۇنداقتا مەن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلىسام بولغۇدەك. بىراق، بۇ گەپنى ئاغىنىمىز ئاڭلاپ قالسا خاپا بولۇپ قالمىسۇن يەنە،— دېدىم مەن ھېلىقى ئاغىنىمىزنى ئىشارەت قىلىپ.
— نېمىلەرنى دەپ يۈرىدىغانسىز. مەن ھەممىڭلار بىلەن بۈگۈن تونۇشۇۋاتىمەن. بىر-بىرسىدىن خاپا بولىدىغان ئىشمۇ يوق.
بىز ئاشۇ پاراڭلار بىلەن بىر مەيدان تانسىنى تۈگەتتۇق. ئۇ قىز سۆزسىزلا مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇردى. ھېلىدىن بېرى ئۇنىڭغا ئىچ-پەش تارتقۇسى بار دوستىمىزمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ماڭا كۆزىنى قىسىپ ئۆتۈنۈۋەتكەنلىكىنى، مەردلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى. گەرچە ئالىم قىزلارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغانىدىم. شۇڭلاشقا ئامالسىز ھالدا ئۇنىڭ ئىسمىنى سوراشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى سورىمىسام مەندىن باشقا گەپمۇ چىقمايتتى. راست، نېمە دەيمەن ئەمىسە.
— ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟
—نېمىشقا بولمىغۇدەك، ئىسمىم شاراپەت.
— ئىسمىڭىز يېقىملىقكەن.
— ئادەمنى مەسخىرە قىلماڭ.
— مەن باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ نېمىگە ئېرىشەرمەن.
— ئۆزىڭىز بىلەرسىز. ئەرلەر قەستەن ئادەم كولدۇرلىتىشقا ئۇستا.
— بىراق، مەن سىز دېگەن شەھەردىن چىقمىغان.
بىزنىڭ پارىڭىمىز شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. مەن ئۆزۈمگە شۇنداق ھەيران قالدىم. توۋا، سەن بىلەن شۇنداق تەستە تونۇشۇپ، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانىدىم. بىراق، بۇ قىز بىلەن شۇنداق ئاسانلا تونۇشۇپ قالدىم. تۇرمۇشتا ئادەم ھامان نۇرغۇن ئاددىي ئىشلارنى مۇرەككەپ ئويلىۋېلىپ ئۆزىمىزنى ئازابلايدىكەنمىز، قىينىلىپ يۈرىدىكەنمىز. پەرىخە، مەن ئۆزۈمنىڭ بولمىغۇر، ناشايان ئىشلىرىمنى ساڭا دەپ «مېنىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم چىقىدىكەن، مەنمۇ ئوينىغان» دەپ سېنىڭ ئالدىڭدا پەخىرلەنمەكچى، ماختىنىپ، ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويماقچى ئەمەسمەن. پەقەت ئۆزۈمنىڭ سەن بىلەن ئەر-خوتۇنچىلىق مۇناسىۋىتىمىز ئۈزۈلمىگەن ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ قانداق ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىمنى، نېمىدىن تەسەللى ئىزدەپ ياشىغانلىقىمنى ساڭا بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن. شۇ كۈنى كەچتە مەن ئۆيگە قايتالمىدىم. مەن شۇ كېچىسى ئاخىر ئۆزۈمنى بۇزۇۋالدىم. بۇ ئىشىم ئۈچۈن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن، پۇشايمان قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا، ئۇنىڭ تەسەللىسىگە، سۆيۈشىگە نائىل بولدۇم. مەن ئۆزۈمنى «ۋاقىتلىق ھېسسىياتنىڭ قۇربانى قىلىۋەتتىم» دەپمۇ ئويلىمايمەن. مەن ئۇنىڭدىن مىڭ مەرتىۋە رازى. بىز ئۆزىمىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىپ بولۇپلا، بىزگە بەدەل تۆلىگۈچىنى خارلاپ قويساق ئۆزىمىزنىڭ تايىنى يوق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ئاشكارا قىلىمىز. ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا يەنىلا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، ھۆرمەتنىڭ بارلىقىنى ئۆزىمىزگە بولسىمۇ بىلدۈرۈپ قويالىساق، بۇمۇ بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇلۇغ تەسەللى ئىكەن. مەن شاراپەت بىلەن ناھايىتى كۆپ پاراڭلارنى قىلىشتىم. ئۇ كۈلۈپ يۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن دەردىمۇ ئاز ئەمەسكەن. ئۇنىڭ ئېرى دائىم ھاراق ئىچىپ، ئۆيگە كەلسىلا خوتۇنى بىلەن ئورۇنسىز جېدەللىشىپ، سەۋەبسىز دۇمبالايدىكەن. ئاخىرى خروئىن چېكىپ ئىشتىن قوغلىنىپ، ئۆيدىكى مال-بىساتىنى سېتىپ تۈگىتىپ، ئائىلىسىنى قاق سەنەم قىلىپ قويۇپ پانىي ئالەم بىلەن خوشلىشىپتۇ. بۇنداق بەختسىز ئائىلە بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز يەنىلا خاتىرجەم ئىكەندۇق. شاراپەت مەندىن:
— خوتۇن-بالىلىرىڭىز بارمۇ؟— دەپ سورىغاندا، مەن نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي قالدىم. ئۇزاق ئويلاندىم. بار، ئايالىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىز تازا ياخشى ئەمەس دېمەكچىمۇ بولدۇم. ئاخىر:
— نېمە دېسەم بولار،— دېگەن تولىمۇ مۈجمەل سۆزنى قىلدىم.
— يالغان گەپ قىلغۇڭىز كەلمەيۋاتامدۇ، بولسا بار دەۋېرىڭ، مەن سىزنى ۋاپاسىزكەن دەپ قارىمايمەن.
— نېمىشقا؟
— بەزىدە ئادەمنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىمۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، باشقىلاردىن تەسەللى ئىزدىگۈسى كېلىپ قالىدىغان مەزگىللىرى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئائىلىنى ۋەيرانمۇ قىلىۋەتمەيدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئائىلىڭىزنى بۇزۇپ، سىزگە تېگىۋالماقچى ئەمەسمەن. ھاياتتا ئادەمنىڭ بىر-ئىككى يېقىن سىردىشى، دوستى بولمىسا ئۆزىنى مىسكىن، بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئائىلە باشقا بىر تەسەللى، سىرتتىكى مۇھەببەت باشقا بىر تەسەللى.
— بۇنداق بولمىسا ھاياتنىڭ مەنىسىمۇ بولمايدۇ دەڭ. قارىسام خېلى بولۇپ قالىدىغان قىزكەنسىز.
— مېنى سورۇنمۇ سورۇن قاتراپ يۈرىدىغان لالما ئادەم كۆرۈپ قالغانمىدىڭىز؟
— مېنىڭ سىز بىلەن ئارىلاشقۇم كېلىۋاتىدۇ.


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)