ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)
سېنىڭ تەتىل مەزگىلىڭ توشۇپ ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى سەن بىرقانچە دوستلىرىڭ ۋە ئىدارەڭدە ياخشى ئارىلىشىدىغان خىزمەتداشلىرىڭدىن بىرنەچچىسىگە ئۆيىمىزدە «خوشلىشىش زىياپىتى» بەردىڭ. مەن سىلەرنى قورۇنۇپ قالمىسۇن دەپ ئالىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ خېلىلا كەچ قايتىپ كەلدىم. مەن يىراقتىنلا بىزنىڭ ئۆينىڭ ھەممە چىراغلىرىنىڭ يېنىق تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ھېلىقى «بەتبۇي» دېگەن ناخشىنىڭ ئاۋازى بېشەم خوتۇن كاركىراپ زۇۋانى پۈتۈپ قالسىمۇ توختىماي ۋارقىرىغاندەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قوشنىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ چىراغلىرى ئۆچۈك تۇرۇپتۇ. كاساپەتلەر، ھازىرغىچە «ياشاپ» ئولتۇرۇپتۇ-دە، دەپ ئويلىدىم. ئېسىڭدىمىكىن، قولۇم-قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان كېلىپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشسىمۇ كەچ سائەت ئونلاردا تارقاپ بولاتتى. بىراق، سەن قولۇم-قوشنىدارچىلىقتا رېكورت ياراتقاندەك قىلاتتىڭ. مەن بۇلار ھازىرغىچە تارقىماپتۇ دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ بىناغا چىقتىم. ئۆيىمىز تەرەپكە قۇلاق سېلىپ ئۆيدە ناخشا ساداسىدىن باشقا ئاۋازنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆيگە چىقتىم. ئىشىك ھاڭدەك ئوچۇق. سەن ئاشخانىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتقىنىڭچە قاچا يۇيۇۋاتقاندەك قىلاتتىڭ. مېھمانخانا ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا قۇرۇقداپ قويۇلغان بىرنەچچە قىزىل ھاراق بوتۇلكىسى مېنى كۆردۈڭمۇ دېگەندەك قالايمىقان تاشلىنىپ ياتاتتى. شىرە ئۈستىدىمۇ ئىچىلمەي قالغان يېرىم بوتۇلكا ھاراق تۇراتتى. قارىغاندا، سىلەر ھاراق ئىچىشتە خېلىلا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندەك قىلاتتىڭلار. مېنىڭ ئائىلەمدە راستتىنلا جېنىس دۇنيا رېكورتى يارىتىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. سېنىڭ غىڭشىپ ناخشا ئېيتىۋاتقىنىڭنى، ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىڭنى ئويلاپ كۈلگۈممۇ كېلىپ قالدى. سەن بىر خىل ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندەك قىلاتتىڭ. مەن پەرىخەنىڭ تېنىدە راستتىنلا بىر خىل خىمىيىلىك ئېلېمېنت كەم بولۇپ قېلىپ شۇنداق قىلىۋاتامدىغاندۇ دەپمۇ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ ئادەمنى سۇ، ھاۋا يەكلىسە، ئادەمنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئىش بار ئەمەسمۇ! راست، سەن قىسقىغىنە قىشلىق تەتىل ۋاقتىدا بۇ يەردە قانچىلىك ئۆزگىرەلەيتتىڭ. بۇرۇنقى ئۆزۈڭگە قايتالامتىڭ؟ مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي مېھمانخانا ئۆيدە بىر ھازا ئۆرە تۇرۇپ قالدىم. سەن ئاشخانىدىن چىقىپ مېنى كۆرۈپلا خۇددى تۇيۇقسىزلا ئىتقا يولۇقۇپ قالغان ئادەم چۆچۈپ كەتكەندەك «ۋاي ئانام» دېگىنىڭچە يۈرىكىڭنى تۇتۇۋالدىڭ. چىرايىڭ ئۆپكىدەك قىزىرىپ، كۆزلىرىڭ ھاراقنىڭ تەسىرىدە خۇمارلىشىپ كەتكەنىدى. سەن بىردەم تۇرۇۋېلىپ:
— مېنى ئەجەب قورقۇتۇۋەتتىڭىز،— دېدىڭ.
— قورقۇتۇۋەتكۈدەك ھېچ ئىش بولمىدىغۇ. شەيتىنىڭىز مېنى سىزگە جىن-شاياتون كۆرسىتىۋاتامدۇ نېمە؟ بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيى.
— ئۆيگە كىرگەندىكىن، مەن كىردىم دېمەمسىز.
— مەن ئۆز ئۆيۈمگىمۇ، «دوكلات باشلىق» دەپ كىرىشىم كېرەكمۇ؟ مېھمانلار بالدۇرلا تارقاپتىغۇ؟
— ھېلىلا ئۇزاشتى.
— بولسا تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرماي، قولۇم-قوشنىلارمۇ پەرىخەلەرنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە سورۇنى كارامەت قىزىيدىكەن دەپ ھەۋەسلىنىپ قالاتتى. قارىسام، سورۇنۇڭلار تازا قىزىغاندەك قىلىدۇ. سىز قانچىلىك كۆتۈرەلەيدىكەنسىز؟
— ئازراقلا، بىر-ئىككى رومكا.
— پەرىخە، سىز يېقىندىن بۇيان ئۆزىڭىزگە ئوخشىماي قېلىۋاتىسىز. مەن تونۇيالماي قالماي يەنە.
— مېھمانلار، سەن ساھىبخان بولغاندىكىن ئىچمىسەڭ بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. مەن سىزنى خاپا بولۇپ قالىدۇ دېسەممۇ ئۇنىمىدى.
— ساھىبخان بولغان ئادەمنىڭ ھاراق ئىچىشى شەرتمىكەن. ئۇلار سىزنىڭ ئېغىزىڭىزغا قۇيمىغاندۇ؟
— سىزمۇ ئىچىسىز، سىزنىڭ ئېغىزىڭىزغىمۇ زورلاپ قۇيمايدىغاندۇ.
سېنىڭ بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ جۇدۇنۇم شۇنداق ئۆرلىدى. تەستىكىڭگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالغۇدەك بولدۇم يۇ، يەنىلا ئۆزۈمنى تۇريۇۋالدىم. بۇنداق قىلسام مەن ئۆزۈم تولىمۇ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالاتتىم.
— بوپتۇ، ئىچىڭ،— دېدىم مەن كرىسلوغا ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ تازا شورىۋەتكەندىن كېيىن،— مەن بىلەن بەسلەشكۈڭىز بولسا ئىچىۋېرىڭ، قارىغاندا، ئىككىمىز تەڭلا كۇچ ئۇلاپ يۈگۈرىدىغان ئوخشايمىز. ياشاش يەنە بىر ئادەم بىلەن بەسلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆزى خالىغان نۇقتىغا قاراپ ئىلگىرىلەش، مەن بۇنى باشتىلا سىزگە دېگەن. سىزنىڭ باشقىلارنى دورايمەن دېگىنىڭىز، مەن باشقا ئادەم بولىمەن دېگىنىڭىز. ئادەم ئۆزىدە قالدۇرۇپ قېلىشقا تېگىشلىك بىرقىسىم نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ قويمىسا، ئاسانلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. قىممىتىنى يوقىتىپ قويۇش دېگەنلىك ئۆزىنىڭ خۇشال-خۇرام، ئازادە مۇھىتىنى تارايتىۋەتكەنلىك دېگەن گەپ. ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشال-خۇرام مۇھىتىنى تارايتىۋەتكەندە ئۆزىنى ئۆزى ئازاب، سىقىلىش، زېرىكىش، كەمسىتىش چەمبىرىكى ئىچىگە سولىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن قۇتۇلماق ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس.
— سىز زىيالىي تۇرۇپ نېمىشقا توغرا چۈشەنمەيسىز؟ ئۈرۈمچىدىكى ئاياللارمۇ ئىچىدىكەنغۇ. ھەتتا ئاقتىنمۇ يانمايدىكەن.
— مەن زىيالىي دەپ، ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنىشىم كېرەكمۇ؟ زىيالىينى باشقىلار بوزەك قىلسا كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ بىز تېخى غىرىبلىشىپ كەتمىدۇق. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، بۇ مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ دېگەن گەپ. ئادەممۇ ئۆزى يېتىلدۈرگەن ياخشى ئادەتتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۆزىگە ئوخشىماي قالىدۇ. دۇنيادىكى ھەممە مىللەت تاماق يەيدۇ، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئارقىلىقلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ. سىز قانداق ھالەتتە دۇنياغا كەلگەن بولسىڭىز، ئاشۇ خىل ھالىتىڭىزنى ساقلىيالمىسىڭىز، ياشاۋاتقان مۇھىتڭىزدىن چەتنەپ كەتمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئوخشىماي قالىسىز. بۇ ياشىمىغان بىلەن باراۋەر دېگەنلىك. ئېشەك ھەرگىز ئات بولالمايدۇ. ئاتمۇ ھەرگىز ئېشەك بولالمايدۇ. ھەممىسى ئۆزىنىڭ تەبىئىتى بويىچە ياشايدۇ. سىز ئۈرۈمچىلىك ئاياللار ئىچىدىكەن دەيسىز، ئۈرۈمچىلىك ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئىچمەيدىغاندۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايال كىشى دېگەن ئۆزىگە خاس نازاكەتنى ساقلاپ قالمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقىنى، سېھرىي كۈچىنى يوقىتىدۇ. سېھرىي كۈچى يوقالغان ئادەمنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولىدۇ. بىز ئادەم بولغاچقىلا ھەممە نەرسە بولالامدۇق؟ بوپتۇ، خۇشاللىقىڭىزدا بىر-ئىككى رومكا ئىچىپسىز. ئىشىكنى ھاڭدەك ئېچىپ قويۇپ، ناخشىنى بولۇشىغا قويۇۋەتسىڭىز قوشنىلار نېمە دەيدۇ؟
— نېمە دېسە دېمەمدۇ، ئۆي ئۆزىمىزنىڭ تۇرسا؟
— نېمانداق تەتۈرلۈك قىلىسىز؟ بىز بۈگۈنلا قىلغۇلۇقنى قىلىپ تەركىدۇنيا بولۇپ چىقىپ كەتمەيمىز، يەنىلا مۇشۇ يەردە ياشايمىز. ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز، كۆچۈپ كەتكەن ھېلىقى جېدەلخور قوشنىمىز دائىم ئۆيىدە سورۇن تۈزۈپ، تەڭ كېچىگىچە ئولتۇرۇش قىلغاندا سىز خاپا بولۇپ نېمىلەرنى دېمىگەنتىڭىز. ئادەمنىڭ چەكتىن ئاشقان سۆز-ھەرىكىتى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە پىتنە-پاسات تېرىشتىن باشقا ئىش ئېلىپ كەلمەيدۇ. سىز ھەممە ئادەمگە ئۆزىڭىزنى مەن ئاق دەپ كۆرسىتەلمەيسىز. سۆزۈمنى ھەرھالدا ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
سەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىڭ. مېنىڭ كېلىشتۈرمىچىلىك تۈسىنى ئالغان سۆزلىرىمگە ئېھتىمال سەن قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەي قالغانسەن. كىشىلىك دۇنيا تولىمۇ قىزىق، سېنىڭ خۇشاللىققا چۆمگەن چاغلىرىڭنى كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالغان ئادەم كۆرسە سېنى «ساراڭ»، «كاللىسىنىڭ سۈيى بار»، «ئېزىپتۇ» دەپ قېلىشى، سېنىڭدىن بىزار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئادەمنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، بىر ئادەم قايغۇغا چۆمگەندە باشقىلارمۇ، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيامۇ قايغۇغا چۆمۈلۈشى كېرەك. ئۇ خۇشال بولغاندا سەنمۇ، ئىشقىلىپ، ھەممىمىز خۇشال بولۇشىمىز كېرەك. ئادەملەرنىڭ تەبىئىتى شۇنداق بولغاچقا ئارىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئۇقۇشماسلىق، چۈشەنمەسلىك، ئۆچمەنلىك، بىزارلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئادەملەر بارلىق ئىشلارنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. بولسا ھەممىمىز خۇشال-خۇرام، ئېجىل-ئىناق ياشىساق كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى. بىراق، كىشىلەرنىڭ رازى بولۇش تۇيغۇسى، تۇرمۇش تەلىپى ۋە ئېھتىياجى نۇرغۇن-نۇرغۇن تەرەپلەردىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل پەرق بىزنى خىلمۇ خىل كويلارغا، سەۋدالارغا سالىدۇ. ئۆزىمىزدىن چەتنەپ كېتىشكە، ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ئادەم بولۇشقا قىستايدۇ. ھەتتا بارلىق نەرسىلەردىن كېچىپ يىراق-يىراقلارغا كەتمەكچى بولۇپمۇ قالىمىز. بۇ سىر پەقەت ئۆزىمىزگىلا تەۋە. ھېچكىمگە تىنمايمىز. بىز قىسىلىش ئىچىدە ياشايمىز. نېمىلەردىندۇر ۋاز كېچىپ، نېمىلەرگىدۇر ئېرىشمەكچى بولىمىز. مانا بۇ بىزگە قالغان دۇنيا! مانا بۇ بىزگە قالغان ئازاب! مانا بۇ بىز قوغلىشىۋاتقان بارسا كەلمەس يول! مانا بۇ بىزنىڭ روھىمىزغا يوشۇرۇنىۋالغان ئۆزىمىزدىن باشقا ئادەم بىلمەيدىغان سىر! مانا بۇ بىزنىڭ ئاجىزانە ھالىتىمىز! پەرىخە، بىز ئۇنچىلىك قۇدرەتلىك ئەمەس. بىزدىكى قۇدرەت روھىي ھالىتىمىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تەمەدىن خالىي ھالدا دۇنيانىڭ نېسىپ بولمايدىغان نەرسىلىرىنى ئويلىماي، ئۆزىمىزنى ئەركىن-ئازادە ھالدا تۇتۇپ ياشاشنى بىلىش. بەزىدە بۇنداق خۇشاللىقلارغا پادىشاھلار، پۇلدارلار ئېرىشەلمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن. سەن كۆڭلۈڭدىكى تەمەلەرنى، دېلىغۇلچىلىق ئىچىدىكى خىياللارنى، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كەت. روھىڭدىن چىقىرىپ تاشلا! شۇنداق قىلالىساڭلا ئۆزۈڭنى بەختلىك ھېسابلىيالايسەن! ئىنسانچىلىقنىڭ مەقسىتىمۇ يەپ-ئىچىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۆزىگە قايتىش، ئۆزىگە ئايلىنىش، ئۆزىنى پىششىقلاش، يېتىلدۈرۈش، تاكامۇللاشتۇرۇش! ئېتىقادنىڭ نىشانىمۇ شۇ!
ئادەملەر ئۆزىنى ھەقىقىي تاللىيالىغاندىلا ئاندىن رىۋايەتلەردىكى پەرىشتىگە ئايلىنالىشى مۇمكىن. ئېھتىمال پانىي ئالەمدە بىز بىلەن تەڭ ياشاۋاتقان نۇرغۇن پەرىشتىلەر باردۇر. پەرىشتىلەر ياش-قېرى، چىرايلىق-سەت دەپ ئايرىلمايدىغاندۇ. ئۇ پەقەت بىر ئادەمنىڭ دۇنيانى، ئۆزىنى، باشقىلارنى، ئىنسانلىق تەبىئىتىنى بىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى پاكىز روھىي ھالەت، ياخشى مىجەز-خۇلق، سەمىمىيلىك، چىدامچانلىق، مېھرىبانلىق ۋە ئەقىل قوشۇلغان بىر پۈتۈن ھاسىلات! پەرىخە، ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئازابى، جاراھىتى، نىشانى، مەخپىيىتى بولىدۇ. بۇنى شۇ ئائىلىدىكى ئەر-ئايالدىن باشقا ھېچكىم ئوڭشىيالمايدۇ، ھەل قىلالمايدۇ! مېنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاغىنىلىرىمنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار. بەزىلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ئەرلىرىنىڭ ئاشنا تۇتۇۋالغانلىقلىرى توغرىسىدا زارلانسا، بەزىلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ئەرلىرىنىڭ قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىپ كېچە-كۈندۈز ئۆيگە كىرمەيدىغانلىقلىرى توغرىسىدا زارلىنىدۇ. بەزىلىرى ئىقتىسادىي ئىشلاردىكى بېخىللىقلار توغرىسىدا زارلىنىدۇ. مەن بۇلارغا قاراپ بىز يەنىلا ياخشى ئۆتۈۋېتىپتۇق دەپ ئويلايتتىم. بىراق، بىزنىڭ ئائىلىمىزدىمۇ يېڭىدىن بىر جاراھەت پەيدا بولۇۋاتاتتى. سەن تەتىل مەزگىلى توشۇپ ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغاندا، مەن ساڭا «كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىپ كېلەرسىز» دەپ تەنە قىلدىم. سەن مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەندىڭمۇ، چۈشەنمىدىڭمۇ مىيىقىڭدا كۈلۈپ قويدۇڭ. ئېھتىمال نېمە ئۆگەنسەم ئۆزۈمنىڭ ئىشى دەپمۇ ئويلىغانسەن. شۇنداق قىلىپ سەن ئۈرۈمچى دېگەن يەرگە يەنە سەپەر قىلدىڭ. بۇ سەپەرنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىشى بىلمەيتتى. سەن كېتىپ خېلى كۈنلەردىن كېيىن پەرۋەر «ئانامنى كۆرگۈم كەلدى» دەپ تۇرۇۋالغاچقا بىر كەچلىكى ساڭا تېلېفون بەردىم. ئەپسۇس، سەن ياتاقتا يوق بولۇپلا قالماي، مەن ئۆزۈمگە باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالدىم. مەن ساڭا تېلېفون بەرگەندە باشقا بىرسى تېلېفوننى ئالدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ھازىرمۇ قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدىن كەتمەيدۇ.
— ۋەي، ياخشىمۇسىز، كىمنى ئىزدەيسىز؟
— خاپا بولماي، پەرىخەنى چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز.
— سىز ئادىلما؟ پەرىخە ھازىرلا سىز بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن. مەكتەپنىڭ ئالدىدا سىزنى ساقلاۋاتامدىكىن.
— بولىدۇ، رەھمەت سىزگە.
مەن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قانداق قويغانلىقىمنى بىلمەيمەن. جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم.كۆڭلۈم چىۋىن يەۋالغاندەك غەشلىككە تولدى. ئادىل دېگىنى كىم بولغىيدى؟
— دادا، ئانام يوقمىكەن،— سورىدى پەرۋەر مېنىڭ جىم بولۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ.
— ھەئە، سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كىرىدىكەن.
— بەڭۋاش،— دېدى پەرۋەر، خۇددى مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دېيىشنى ئۆگىتىپ قويغاندەك خاپا بولۇپ.
— بولدى قوزام، ئەمدى ئۇخلاڭ، ئەتە يەنە تېلېفون بېرەيلى.
پەرۋەرنىڭ سۆزى مېنى تېخىمۇ ئازابلىدى. ئۇ خېلىغىچە تورۇسقا قاراپ كۆزىنى پارقىرىتىپ ياتتى. ئېھتىمال سېنى ئويلىغاندۇ ياكى باشقا ئىشلارنى ئويلىغاندۇ، خېلىدىن كېيىن ئۇخلاپ قالدى. مەن ساڭا يەنە تېلېفون بېرىشنى ئويلىدىم. بىراق، سېنىڭ ياتاقتا يەنە بولماي، ئۆزۈمنىڭمۇ، سېنىڭمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرىدىم. مېنىڭ كاللامغا خىلمۇ خىل گۇمانلار كېلىۋېلىپ مېنى قىينايتتى. مەن ئۆزۈمنى يىراقتىن سەل كېلىۋاتسىمۇ، ئۆيىنى سۇ ئېلىپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەي خاتىرجەم ئولتۇرغان ھاڭۋاقتى ھۇرۇن دېھقانغا ئوخشىتاتتىم. ھەتتا ئۈرۈمچى يېقىنراق جايدا بولسا سېنىڭ ياتاققا سائەت قانچىدە، كىم بىلەن قايتىدىغانلىقىڭنى ماراپ بولسىمۇ بىلىۋالاتتىم. پەرىخە تۈگىشىپتۇ، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئەمدى ئۇزۇنغا بارمىغۇدەك، ئۇ بىر يەرلەردە سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرغاندۇ ھەرقاچان دەپ ئويلايتتىم. مەن ئۆيدە نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئايلىنىپ يۈرەتتىم. ئۆلگۈدەك دەرىجىدە ھاراق ئىچىپ ئۇخلاپ قېلىش نىيىتىگىمۇ كېلىپ باقتىم. بىراق، بۇنىڭ بىر بىمەنىلىك بولىدىغانلىقىنى پەملەپ، بۇ نىيەتتىنمۇ ۋاز كەچتىم. ئادەمنىڭ كاللىسىغا گۇمان كىرىۋالسا ئۇنى ئاسان يوق قىلىۋېتەلمەيدىكەن. بۇنىڭغا مەلۇم بىر جەريان كېتىدىكەن. شۇ كۈنى كېچىچە كىرپىك قاقمىدىم. خىيالىمغا تۈرلۈك رەزىل ئىشلار كىرىۋالغانىدى. ئەتىسىمۇ قولۇم زادىلا ئىشقا بارمىدى. مەن تېلېفوندا تېلېفون ئالغۇچىغا «مەن پەرىخەنىڭ ئېرى» دېسەم بوپتىكەن دەپ پۇشايمانمۇ قىلدىم. چۈنكى، شۇنداق دېسەم سەن ھېچ بولمىسا قايتىپ كىرگەندە بولسىمۇ ماڭا تېلېفون قايتۇرۇپ، يالغان-ياۋىداق باھانە-سەۋەبتىن بىرنى توقۇپ، مېنىمۇ، ئۆزۈڭنىمۇ خاتىرجەم قىلاتتىڭ. مەن شۇ كۈنى كەچتە ياتاققا سېنىڭ قايتىپ كىرگەن-كىرمىگەنلىكىڭنى بىلمەيمەن.ئەتىسى كەچتە ساڭا يەنە تېلېفون بەردىم. تەلىيىمىزگە، ياق، بالىلارنىڭ تەلىيىگە سەن ياتاقتا بار بولۇپ چىقتىڭ. مەن ئۆزۈمنى ھەرقانچە بېسىۋالىمەن، ئاخشامقى ئىشنى دېمەيمەن دەپمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم.