باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 17:15 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھال- ئەھۋالىغا، تۇرمۇش شارائىتىغا، ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە ئادەملەرگە ماس كېلىدىغان، باشقىلار نورمال ھادىسە دەپ قارايدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەبىئىي يوسۇندا تاللايدۇ. بىراق، سەن يەكچەشمىنىڭ شەھىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆز شەھىرىڭگە يېنىپ كەلگەندىمۇ يەنىلا بىر كۆزۈڭنى قىسىۋېلىپ يۈرسەڭ، بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ نەزىرىدە سەن راستتىنلا يەكچەشمىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىڭنى ئويلىمىغان، خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدىڭ. ئېھتىمال سەن «دورامچۇق مايمۇننىڭ ئاقىۋىتى» توغرىسىدىكى ئىبرەتلىك ھېكايىنى ئوقۇمىغان، ئاڭلىمىغان ئوخشايسەن. قۇلاق سال!
«بۇرۇن بىر مايمۇن بولغانىكەن، ئۇ دەرەخ ئۈستىدە ئويناۋېتىپ پەس تەرەپتە ياغاچ ھەرىدەۋاتقان بىر ياغاچچىغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. ياغاچچى بىر ياغاچنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىپ ياغاچ ھەرىدەۋەتقانىكەن. ياغاچچىنىڭ ئىككى شىناسى بار بولۇپ، بىرسىنى ياغاچنىڭ يېرىقىغا تىقىپ قويۇپ ياغاچ ھەرىدەيدىكەن. ياغاچقا شىنا قېقىلغاچقا ياغاچنىڭ يېرىقى كېڭىيىپ ھەرىنىڭ يۈرۈشۈشى راۋان ھەم تېز بولىدىكەن. ياغاچنى بىردەم ھەرىدىگەندىن كېيىن يېرىقىنىڭ كېڭەيگەن يېرىدىن يىراقلىغان ھەرە قىسىلىپ قېلىپ راۋان ماڭمىغانلىقتىن، ياغاچچى يەنە بىر شىنانى ھەرىگە يېقىن يەرگە قاقىدىكەن-دە، ئاۋالقى شىنا بوشاپ چىقىدىكەن. ياغاچچى ئاشۇ خىل تەرتىپ بويىچە خېلى ئۇزۇنغىچە ياغاچ ھەرىدەپتۇ. مايمۇن ياغاچچىغا قاراپ ئولتۇرسا ياغاچچى ئورنىدىن تۇرۇپ ھاجەتكە مېڭىپتۇ. مايمۇن بۇ يەرنىڭ ئۆزىگە ئوڭچە قالغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ياغاچنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ-دە، ياغاچچىنى دوراپ ياغاچقا مىنىپتۇ. ئەپسۇس، ئۇ ياغاچچىدەك ياغاچنىڭ ھەرىدەلمىگەن تەرىپىدە ئولتۇرماي ھەرىدەلگەن تەرىپىگە ئولتۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا مايمۇننىڭ قۇيرۇقى ياغاچنىڭ ھەرىدەلگەن يېرىگە ساڭگىلاپ چۈشۈپ قالغانىكەن. مايمۇن ئۆزىچە ئۇستىلىق قىلىپ ھەرىگە يېقىن يەرگە شىنا قاقماي، قېقىپ قويۇلغان شىنانى تارتىۋېتىپ، ھەرىگە قول ئۇزىتىشىغا، ياغاچنىڭ يېرىقى ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى قىسىۋاپتۇ. مايمۇن ئاغرىققا چىدىماي چىرقىراپ كېتىپتۇ. شۇ ھالدا تۇرغاندا ياغاچچى كېلىپ مايمۇننى تۇتۇپ، مايمۇن ئويناتقۇچىغا سېتىۋېتىپتۇ.»
بۇرۇنقىلار «كۆلەلمىگەن نېمەڭگە، ھىجايما»، «ئوق يەتمىگەن يەرگە، قىلىچ شىلتىما»، «سايەڭگە قاراپ، بويۇڭنى ئۆلچىمە» دېگەندەك ھېكمەتلەرنى سەندەك ۋە مەندەكلەرگە ئىبرەت سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن. كۆپنىڭ يەكۈنىگە، تەجرىبىسىگە مەلۇم بىر ھەقىقەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ. گەپ سېنىڭ بۇ خىل ھەقىقەتنى بايقىيالىشىڭدا. ھەرگىزمۇ بۇ ھەقىقەتنى كۆككە سورۇۋېتەلمەيسەن. ئېھتىمال ئۆزۈڭنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇپ قېلىشىڭ، ئۆزۈڭنى ھالاكەت يولىغا باشلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. توۋا دەيمەن، شۇ كۈنى كەچتە سائەت قانچىلەردە ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئەتىسى ئويغانسام ئاللىقاچان كۈن چىقىپ بولغانىكەن. بالىلار خېلى بۇرۇنلا ئورنىدىن تۇرغان بولسا كېرەك، كېچىلىك كىيىمى بىلەنلا مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ، تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. سەن جايىڭدا ئاخشام ياتقان پېتى ئۇخلاۋاتاتتىڭ. «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى» دېگەن گەپ بار، يول يۈرۈپ ھېرىپ كەتكەن چېغى، ئۇخلىۋالسۇن دېدىم. ئەمەلىيەتتە سەن ئۇنداق ھۇرۇن خوتۇنلاردىن ئەمەس ئىدىڭ، سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلايتتىڭ، ئۆي يىغىشتۇراتتىڭ. نېمىلا بولسۇن سەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىزنىڭ «ئەزىز مېھمىنىمىز»دە. مەن بالىلارنى كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، يۈزىنى يۇيۇشقا بۇيرۇپ قويۇپ، ناشتىلىق تەييارلاشقا كىرىشتىم. سەن ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن، مەن تاماق قىلالمايمەن دەپ ئىككى قولۇمنى بۇرنۇمغا تىقىپ ئولتۇرغىلى بولمايدىكەن. مەنغۇ مەيلى، بالىلار كىچىكىدە بېقىش تاپمىسا، چوڭ بولغاندا زېھنى-قۇۋۋىتى ئاجىز، كۈچسىز، زەئىپ، كېسەلمەن بولۇپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا بىز ھازىرقىدىنمۇ چوڭ بەدەل تۆلەپ قالىمىز. ھاياتلىقتا بىزنىڭ ئاشۇ ئىككى بالىمىزدىن باشقا يەنە نېمىمىز بار دەيسەن؟ مەن بۇرۇنلاردا بالىلارنى بېقىپ قاتارغا قوشۇشنى بىر خىل مەجبۇرىيەت دەپ قارايتتىم. ئەمەلىيەتتە بۇ مەجبۇرىيەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل تەسەللى، بىر خىل خالاش، بىر خىل خۇشاللىق ھەم رازىلىق ئىكەن. ئۇلار بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىمىز، ھاياتلىق ئىستىكىمىزنىڭ داۋاملىشىشى ئىكەن. تۇرمۇشتا مەجبۇرىيەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىش ھامان ئادەمنى قىيناپ قويىدۇ.. ھاياتلىق سەپىرىدە بىر ئادەم تۇغۇلۇپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدىن تەسەللى تاپىدۇ. ئايىغى چىقىپ، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغۇچە ھەر خىل ئويۇنلاردىن تەسەللى تاپىدۇ. ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن مۇھەببەتتىن، خىزمەتتىن تەسەللى تاپماقچى بولىدۇ. ئاندىن ئائىلە قۇرۇپ، ئۆز تەسەللىسىنى ئائىلىدىن، جورىسىدىن، پەرزەنتىدىن تاپماقچى بولىدۇ. ھاياتلىق ئىستىكى ئەنە شۇنداق داۋام قىلىدۇ. بىز پەرزەنتلىرىمىزدىن ئۆزىمىز ئىزدىگەن، يەتمەكچى بولغان نەرسىنى تاپماقچى بولىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ بىز دۇچ كەلگەن قىسمەتتىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇلارمۇ ئېرىشمەكچى بولغانلىرىنى پەرزەنتلىرىدىن ۋە باشقىلاردىن ئىزدەيدۇ. بۇ بىر جەريان. بۇ بىر دەۋرىيلىك، بۇ بىر ئۈزۈلمەس ئىزدەش! ھاياتلىقتىكى مەنىمۇ مۇشۇ، قىممەتمۇ مۇشۇ! ھەرقانداق ئىنسان بۇ خىل قىسمەتتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ! پەرزەنت بىزنىڭ تەسەللىنامىمىز، پەرزەنت بىزنىڭ يەنە بىر ئۆزىمىز. بىراق، بىز ئادەملەر بەكمۇ ئاجىزكەنمىز. ئۆزىمىزنىڭ تەسەللىسىنى ھامان باشقىلاردىن ئىزدەيدىكەنمىز!

شۇنداق، مەن چامىمنىڭ يېتىشىچە، كۈچۈمنىڭ بارىچە بالىلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويماسلىقنى ئويلىدىم. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن قويمىدىم، چۈشلۈكى پەرۋەر يەسلىدە تاماق يەيدۇ. ئۇ يەسلىگە يېڭىدىن ئاپىرىپ بېرىلگەچكىمىكىن، ھە دېسە ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى ئويلاپ تېپىپ، يەسلىگە بارماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسماقچى بولىدۇ. «تەتىل قويۇپ بەردى»، «بۈگۈن يەكشەنبە، دەم ئالىمىز»، «ئۇيقۇم قانمىدى، بىردەم ئۇخلىۋالاي» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. مەن ئۇنى ئالداپ-سىلاپ يەسلىگە ئاران ئېلىپ بارىمەن. ئىشقا كېچىكىپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. يەسلىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ دېيىشىچە، پەرۋەر دەرس ۋاقتىدىمۇ مۈرىسىدىن سومكىسىنى ئالغىلى ئۇنىمايدىكەن. ھەتتا چۈشلۈكى ئۇخلىغاندىمۇ چاپىنىنى باشقىلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كىيىپ ئۇخلايدىكەن. دەرس ۋاقتىدا خۇددى مەن ياكى سەن ئۇنى ئالغىلى كېلىدىغاندەك تالاغا قاراپ تۇرۇۋالىدىكەن. پەرۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، چۈشلۈكى ئۇ يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ، كۆزىنى يۇمۇپ يېتىۋالىدىكەن. مەن ئۇنىڭدىن: «ئۇخلىماي نېمە ئويلاپ ياتىسىز، قىزىم؟— دەپ سورىسام، ئۇ: «ئاپامنى، سېنى مېنى تېزرەك ئېلىپ كېتەمدىكىن دەپ ئويلايمەن» دەيدۇ. توۋا، ھازىرقى بالىلارنىڭ كاللىسى ئالامەت ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتىمۇ نېمە؟ مۇئەللىمدىن: «پەرۋەر خاپا سالامدۇ» دەپ سورىسام، «بەك گەپ ئاڭلايدىكەن، بىزگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ» دەيدۇ. بەزىدە تاماق يېگىلى ئۇنىمايدىكەن. تاماق يېگىلى ئۇنىماسلىق كۆپىنچە بالىلارنىڭ ئادىتى بولۇپ قالغاندەكلا. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىشتىھاسىنى تۇتۇۋالىدىغان ئۇششاق-چۈششەك ساختا نەرسىلەرگە كۆنۈپ قالغاچقا تاماق يېگىلى ئۇنىمايدۇ. توۋا، بىز پۇل تاپىمىز دەپ بالىلارنىمۇ ئالدايدىغان ئىنساپسىزلاردىن، كاززاپلاردىن بولۇپ كەتتۇق. سەن قايتىپ كەلگەن كۈنى مەن مۇشۇ ئىشلار توغرىسىدا، سېنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىڭ توغرىسىدا پاراڭلىشارمىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەپسۇس، بەك ئەپسۇس، ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولماي قالدى!

شۇنداق، مەن بەزىدە چۈشلۈك تاماقنى ئەلپەر بىلەن ئۇلارنىڭ مەكتىپى ئالدىدىكى ئاشخانىدا يەيمەن. ئالدىراش بولۇپ قالسام، قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ قويىمەن. كەچلىك تاماقتا بەزىدە گۆش سالىمەن، بەزىدە دوقمۇشىتىكى تاللا بازىرىدىن تەييار چۆچۈرە ئەكىرىپ سېلىپ بېرىمەن. بەزىدە كوچىغا چىقىپ كاۋاپ يەيمىز. ئالدىراپ قالغاندا تەييار چۆپمۇ يېدۇق. تەييار چۆپ بىزنىڭ تاماق ئادىتىمىزگە يېڭىدىن قوشۇلغاچقىمىكىن، مەن ئۇنىڭغا پەقەتلا كۆنەلمىدىم. ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن ۋاز كېچىشى ئۇنچىلىك ئاسان بولمىسا كېرەك. بىر مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ خاراكتېر-مىجەزىنى، تەن ساپاسىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بۇ بىر مۇھىم بەلگە. بۇ بەلگىدىن ئايرىلىپ قالساق ئۆزىمىزگە ئوخشىماي قالىمىز. بىراق كىچىك بالىلار بەك ئاسانلا يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. تونۇردا تاۋلىنىپ پىشقان نان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھېچنەرسە ئەمەس، بالىلار تەييار چۆپكە كارامەت ئامراق چىقىپ قالدى. ھەتتا قايناق سۇغا چىلىماي قۇرۇقمۇ يەۋېرىدۇ. پەرۋەرنى چوڭلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قوياي دېسەم، ئۆزۈڭ بىلىسەن، ئۇلار ئەلپەرنى مەكتەپ يېشىغا توشقۇچە بېقىپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تولا ئاغرىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. مانا ئۇمۇ پانىي ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى، بارسا كەلمەس يەرگە كەتتى! خۇدا، رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي! بىز مۇشۇنداق ئىزگۈ تىلەكتىن باشقا ئۇلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيمىز. ئانام كېسەلمەن تۇرۇقلۇق ماڭا: «بالام، ئىككى بالا بىلەن قىينىلىپ قالىسەن، كىچىكىنى بولسىمۇ ماڭا ئەكېلىپ بەرسەڭ» دەپ، بىرنەچچە قېتىم دېدى. ئادەم بەزىدە بىرەر ئىشنى توغرا قىلدىم ياكى توغرا ئويلىدىم دەپ خاتا قىلىدىكەن، خاتا ئويلىۋالىدىكەن. توغرا تاللىدىم دەپ خاتا تاللىۋالىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنى ھېچكىشىدىن كۆرگىلى بولمايدىكەن. ئانام كېسەل بولسىمۇ پەرۋەر ئالدىدا ئويناپ يۈرسە روھىي جەھەتتە تەسەللى تېپىپ، يەنە بىر مەزگىل بولسىمۇ ئۆمۈر كۆرۈپ قالار ئىدى. مەن ئانامنى ئايىدىم دەپ ئايىماي قويدۇممۇ، قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، ئانىسى بارلارمۇ، ئانىسى يوقلارمۇ، مەستلەرمۇ، مەست ئەمەسلەرمۇ ئوخشاشلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، پەيزى تۇتۇپ قالسا ئۆزلىرىمۇ قوشۇلۇپ توۋلايدىغان ھېلىقى «ئانامنى ئەسلەپ» دېگەن ناخشىنى بەزىدە مېنىڭمۇ ئېيتقۇم كېلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ناخشىنى بىزنىڭ ئاغىنىلەر مەست بولۇپ قالسىلا سورۇننى ھازىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغاندەك توختىماي، تەكرار-تەكرار توۋلىشاتتى. مۇزىكىمۇ بىر يەردە قالاتتى. ئادەم مەلۇم بىر قىممەتنىڭ قەدرىنى بۇ قىممەتنى يوقاتقاندىن كېيىن ھېس قىلىدىكەن. ياخشى نەرسىنىڭ قەدرى قولىمىزدىن كەتكەندىن كېيىن بىلىنىدىكەن. «ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق» دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك. گەرچە دۇنيادىكى بارلىق نەرسە بىزگە باقىمەندە بولمىسىمۇ، بىز ئۆزىمىز تەسەللى تاپىدىغان نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىلغاندا ھەممىنى بىلىپ قالىدىكەنمىز. سەن بىلەن ئارىمىزدا ئۆزئارا قىزىرىشىش، تەنە گەپ قىلىشىش باشلانغاندا ئانام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. شۇ چاغدا ئانام سەن بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى، ئۆزگىرىشلەرنى سېزىۋالغاندەك قىلاتتى. بەزىدە ماڭا بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ ئىسمىمنى چاقىرىپ، ئارقىدىنلا گەپنىڭ يۆنىلىشىنى بۇراپ، بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى. ئۇ ماڭا ھېچنەرسە دېيەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. شۇنداق، ھېچنەرسە دېيەلمىدى. رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئىلاھىم! ئۆلۈمنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكىلا بار بولسىمۇ، ئۇ ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش. بىراق، بىزنىڭ قىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنىڭ قالغانلىقى ئادەمنى ئۆكۈندۈرىدۇ. دەۋېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ بوغىزىمىزدا كەپلىشىپ قالغانلىقى بىزنى ئازابلايدۇ.


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)