باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 17:12 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئادەم باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ھۆرمىتىنى، مۇھەببىتىنى، سۆيۈشىنى، ئۆزىنىڭ قەلب تارازىسىغا سېلىپ ئۆلچەپ بېقىپ، بىر خىل تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدىغانغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن قوبۇل قىلىدۇ. ئىككىمىز مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن مەزگىللەردە دۇنيادا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان مۇھەببەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئەنە شۇنداق جەريانلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن، تولىمۇ تەبىئىي ھالدا راۋاجلانغان. غېرىب- سەنەم، تاھىر-زۆھرە، پەرھاد-شېرىن دېگەنلەر بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغاندەك تۇيۇلاتتى. مانا ئەمدى بىزنىڭ ئاشىق-مەشۇقلۇق سەپىرىمىز پەقەت چانمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ شەرەپلىك مۇساپىسىنى بېسىپ بولدى. ۋاپادارلىقنى قەدىرلەيدىغانلارنىڭ نەزىرىدە بىز تولىمۇ پاسسىپ، ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندىمىز. بىراق، بۇ ئىككىمىزلا باسقان جەريان! شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت تارازىمىز ئاستا-ئاستا ئۆزىمىزنىڭ شەخسىيىتىمىز تەرەپكە ئېغىپ كەتتى. خۇددى ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا قېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قالغاندەك تەبىئىي ھالەتتە راۋاجلاندى. سېنىڭ قەلب تارازاڭدا مېنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ كىچىككىنە ئۇۋىندىلىرىمۇ قالمىغاندۇ. ئېھتىمال سەن ئاشۇ تاغلىق شەھەرگە بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان يىلى قىشلىق تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندىكى ھالىتىڭدىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت تارازىسى قىيسىيىشقا باشلىغاندۇ. سەن تۇنجى قېتىملىق تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندە، بېكەتتە مەن سېنى تونۇماي قالغىلى تاسلا قاپتىمەن. ئۇچاڭدىكى مودا كىيىم بىلەن ئاخۇنۇمنىڭ يوغان سەللىسىدەك كۆپتۈرۈۋالغان چاچلىرىڭ سېنى باشقا بىر ئادەمگە ئوخشىتىپ قويغانىدى. قىش بولسىمۇ سوغۇقتىن قورقماي كەڭ ئېچىۋەتكەن مەيدەڭچۇ تېخى! بىر ئادەم ئۆزىنىڭ چىراي تۇرقىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسانسا بولىۋېرىدۇ. ياسىنىش ھاۋا ئانىمىزدىن قالغان ئۇدۇمكەنغۇ. بىر ئادەمنىڭ رەتلىك كىيىنىشى، چىرايلىق ياسىنىشى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشى ۋە باشقىلارغا بولغان ھۆرمىتى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇپ كىيىنىش تېخىمۇ مۇھىم. لېكىن، سەن يۇمىلاق يۈزۈڭگە خويمۇ يارىشىدىغان، ساغراڭدىن ھالقىپ چۈشىدىغان چاچلىرىڭنى كەستۈرۈپ، ئەمەسلا بىر ئادەمگە ئوخشاپ قالغانىدىڭ. راستىنى ئېيتسام، سېنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە بۇغداي ئۆڭ يۈزۈڭ يېنىغا شۇم بۇيا ئۈنۈپ چىققانلىق سەۋەبىدىن چوڭىيالماي سارغىيىپ، يىگىلەپ، قويۇق قوغۇن پېلەكلىرىنىڭ ئارىسىدا قالغان مۇشتۇمدەك سېرىق سويمىغا ئوخشاپ قالغانىدى. سېنىڭ ئاشۇ تۇرقۇڭ راستتىنلا مېنى ھەيران قالدۇردى. بىر تەرەپتىن كۈلگۈممۇ كېلىپ قالدى. مەن سېنى خېلى دىتى بار، قانداق ياسىنىشنى بىلىدۇ دەپ قارايتتىم. مەن شۇ چاغدا ئىچىمدە «توۋا، مەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىدا نېمىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمىسۇن، چۈشەنمىسۇن. بىراق، كۈندە نەچچە رەت ئەينەكتىن كۆرىدىغان چىراي-تۇرقىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدىغان، قانداق ياسانسا يارىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمەيدىغان، كاللىسىنىڭ سۈيى بار خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتۇپ كەلدىممۇ نېمە؟ قارىغاندا، مەن ئۆزۈممۇ بىر كالۋا، دەلدۈش ئوخشايمەن» دەپ ئويلىدىم. بىز تاكسىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن:
— ۋاھ، يېڭىلىققۇ! تونۇماي قالغىلى تاسلا قاپتىمەن،— دېدىم مەن قىزغىنلىق بىلەن.
— شۇنداقمۇ، بۇ دېگەن مودا، مەدەنىيەت،— دېدىڭ، دۇنيادا سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتىدىغان باشقا گۈزەل قىزلار يوقتەك بىر خىل مەغرۇر قىياپەتتە.
— مودا قوغلىشىپ، رېكورت بۇزۇپ تاشلىماڭ يەنە.
— ئادەم دېگەن بىرەر ئىشتا بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.
— بىلىم ئاشۇرغاننىڭ پايدىسى بولۇۋاتامدۇ نېمە، ئەسلىدە سىزنى بالدۇرراق ئەۋەتىدىغان گەپكەندۇق.
— تەنە گەپ قىلماڭ، يەنە مۇئەللىملىك قىلىپ دەرس ئۆتكۈڭىز كېلىۋاتامدۇ، نېمە،— سەن شۇنداق دەپ بولۇپ، ئۆزۈڭنىڭ تىرىككەنلىكىڭنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن زورىغا ھىجايدىڭ،— بۇ مەكتەپ ئەمەس جۇمۇ.
— چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەرگە دەرس ئۆتكىلى بولامدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دېگەن بىزنىڭ ئەزىز مېھمىنىمىز تۇرسىڭىز.
مەن يەنە گەپ قىلسام قىزىرىشىپ قالىدىغاندەك بىلىنىپ جىم بولۇۋالدىم. چۈنكى، سېنىڭ چىرايىڭ ئۆڭمىگەندەك قىلغىنى بىلەن تىرىككەنلىكىڭ، كۆزلىرىڭنىڭ ئېقى يوغىناپ قالغانلىقىدىن مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. ئېھتىمال كۆڭلۈڭدە مېنى كۆرەلمەي، ھازىرقى مودىنى بىلمەي شۇنداق دېدى دەپ ئويلىغانسەن. «توۋا، مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇۋاتامدىمەن قانداق؟ ھەرقانچە بولسىمۇ يۇمشاق باش ئەرگە ئايلىنىپ قالمىغاندىمەن؟ بوپتۇ، ئائىلىنى، بالىلارنى سېغىنىپ،ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە قاتتىق گەپ قىلماي.»
— بېكەتكە بالىلارنىڭ شۇنداق چىققۇسى بار ئىدى، قارىسام ھاۋا بەك سوغۇق تۇرىدۇ، سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن دېدىم. ئۇلار ھازىر ئۆيدە كۆزلىرى تۆت بولۇپ، ساقلاپ ئولتۇرىدۇ.
— ئۇلارنى مېنىڭمۇ شۇنداق كۆرگۈم كەلدى.
بىز ئارتۇق گەپ قىلىشمىدۇق. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بالىلارنى باغرىڭغا بېسىپ سۆيدۈڭ.ئەلۋەتتە بۇ سېنىڭ ئانىلىق مېھرىڭ. شۇ كۈنى كەچتە ئىككىمىز ئارتۇق گەپ قىلىشماي يېتىپ قالدۇق. سەن بىردەمدىن كېيىنلا يېنىك تىنىپ ئۇخلاپ قالدىڭ. تۆت ئاي كۆرۈشمىگەن ئەر-خوتۇننىڭ دېيىشىدىغان يەنە باشقا گەپلىرى يوقمىدۇ؟ راستىنى ئېيتسام، مەن سېنى تازا سېغىنغانىدىم. سېنىڭ تۇرقۇڭ شۇ تۇرسا، مەن سېنى سېغىندىم دەپ زورلاپ قۇچاقلاپ، سۆيۈپ نېمە كەپتۇ! ئۇزۇن ئايرىلغان ئەر-خوتۇنلاردىمۇ ئاز-تولا تارتىنىش بولىدىكەن. شۇ كۈنى ئېھتىمال سەۋەنلىك مەندىن ئۆتۈلگەندۇ. تەشەببۇسكار بولمىغاندىمەن. بىراق، بىر ئائىلە بولۇپ قالغاندىكىن ئادەم بىر-بىرسىدىن ئاسان رەنجىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. چۈنكى، بىز بىر-بىرىمىزنى بەش قولدەك بىلگەندىكىن ناز قىلىشىپ يۈرگەننىڭ نېمە ھاجىتى دەپ ئويلاپتىمەن. ئەسلىدە سەۋەنلىك مەندەئىكەن! سەن ئۈرۈمچىگە بارغان دەسلەپكى بىر ئايدا كۈندە دېگۈدەك بىزگە تېلېفون بېرىپ، بىزنى سېغىنغانلىقىڭنى، ئۇ يەرگە كۆنەلمىگەنلىكىڭنى، ھەتتا قايتىپ كەتكۈڭنىڭ بارلىقىنىمۇ دېگەن ئەمەسمىدىڭ! مەن ئەخمەق، پەرىخە بىزنى قانچە سېغىنغاندۇ، قايتىپ كەلسە ئىككىمىز كېچىچە مۇڭدىشىمىز دەپ خاتا ئويلىۋاپتىمەن، سېنىڭ شۇ كۈنكى پەرۋاسىز ھالىتىڭ مېنىڭ سەن بىلەن مۇڭدىشىش رايىمنى ئاستا-ئاستا پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەن بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم. نېمىنى ئويلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئېھتىمال ئەڭ بولمىغۇر خىياللارنى قىلىپ، سەندىن گۇمانلىنىپ قالغاندىمەن. ئارتۇقچە ئويلىۋالغاندىمەن. «گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك. دۇنيانىڭ ئىشلىرى بەكمۇ قىزىق ئىكەن، مەن بۇرۇن سەھراغا چىقىپ بىرەر ھەپتە تۇرۇپ قېلىپ قايتىپ كەلسەم، سېنىڭ قىلمىغان قىلىقلىرىڭ قالمايتتى. ماڭا ئەركىلەيتتىڭ. «ئەجەب ئۇزۇن يوقاپ كەتتىڭىز» دەيتتىڭ قۇلىقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ. بىراق ھازىرچۇ؟ شۇ كۈنى كەچتە مەن سېنىڭ «بۇ دېگەن مودا، مەدەنىيەت» دېگەن سۆزۈڭنى ئويلىدىم. مودا ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت بولالمايدۇ، قەدىرلىكىم. مەدەنىيەت ھەممە ئورتاق ھالدا ئۆز تۇرمۇشىغا، روھىغا ئاستا-ئاستا سىڭدۈرگەن، ئىنسانلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان، ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۆز قىمىتىنى يوقاتمايدىغان، ھەتتا بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، مۇستەھكەملىنىپ بارىدىغان، بىر خىل قىممەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىدىغان ھادىسىدۇر. مودا تۇيۇقسىز ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، بىردىنلا شارقىرىتىپ يامغۇر قۇيۇۋېتىپ توختاپ قالغان ئۆتكۈنچى ھاۋاغا ئوخشايدۇ. يېڭى كىيىملەرنى كىيگەن، قورسىقى تويغان، چىرايلىق پەرداز قىلىۋالغان ئادەمنىڭ ھەممىمىز ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان مەدەنىيەتلىك ئادەم بولۇشى ناتايىن. ئېھتىمال ئۇ سېنىڭ نەزىرىڭدىكىلا «مودا، مەدەنىيەت» بولۇشى مۇمكىن.


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)