باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 17:09 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

   راست، ھاياتتا ئەڭ ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئۆزىمىزدىن باشقا يەنە نېمىمىز بار دەيسەن؟ تاللاش — مەۋجۇدلۇقنىڭ داۋاملىشىشى. تاللاش — ئادەملەر مەڭگۈ قۇتۇلالمايدىغان ئۈزلۈكسىزلىنىش ۋە ئىزتىراپلىق. شۇنداقلا، ئىنسانلارغىلا خاس بولغان مەلۇم بىر خىل پسىخىك جەريان. بىزنىڭ نۇرغۇنلىرىمىز تۈرلۈك قائىدە-يوسۇن، ئەخلاق-مىزان، قانۇن-مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن تۈرلۈك تاللاش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا، كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرۇشقا، تەسەللىگە ئېرىشىشكە زادىلا قادىر بولالمايمىز. بولۇپمۇ مەن كۆڭلۈم خالاپ تۇرسىمۇ شۇنداق قىلالمايمەن. بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىش تولىمۇ ئازابلىق جەريان بولسىمۇ، گەپ ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا. ئادەملەرنىڭ، ياشاشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە. ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ئەخلاق ۋە قانۇن بىر خىل مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغانلىقتىن، قانۇنسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق ھادىسىلىرى يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرۇۋېرىدۇ. بىزگە بۇ يەردە قالغان نەرسە ئىنساننىڭ ئۆزلۈك قىممىتىنى بىلىش، خالاس. بۇنىڭ ئۈنۈمىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئىجتىمائىيلىشىش — بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى يوق قىلىشىدۇر. شۇنداقتىمۇ، ئىجتىمائىيلىشىش__ ئادەملەرنىڭ مۇھىم بەلگىسى. تازا دىققەت قىلساق، ئۇ بىزنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىمىز، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىچكى ئۆزىمىز ئەمەس. سەن ھازىرقى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئۆزۈڭ بولالمايسەن، باشقا ئادەممۇ بولالمايسەن. بەلكى ھەممىمىز شۇنداقتۇرمىز. بىراق، بىز يەنىلا ئۆزىمىز بولۇش ئۈچۈن تىركىشىپلا يۈرىمىز. لېكىن، سەندىكى ئىمكانىيەت، كۈچ-قۇۋۋەت چاغلىق بولغاچقا بىر ئۆمۈر ئۆزۈڭ بولالماي ھەسرەت ئىچىدە تۈگىشىسەن! بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ھېچنەرسىگە بويسۇنغۇسى يوق، بەلكى بارلىق نەرسىگە ئېرىشكۈسىلا بار! بولسا بارلىق چەكلىمىلەر، رامكىلار چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتسە، ئادەم باغلىقتىن بوشانغان ئاتتەك پايانسىز يايلاقتا ئەركىن-ئازادە چېپىپ يۈرسە!- لېكىن، بۇ مۇمكىنمۇ؟ بىز ھەممە نەرسىگە ئېرىشەلمەيمىز، بەزى نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەيمۇ قالمايمىز. ھەممە نەرسىنى بىتچىتمۇ قىلالمايمىز. بەزى نەرسىلەرنى بىتچىت قىلالمايمۇ قالمايمىز!- بىز نېمىشقا تاللاش ئېلىپ بارىمىز؟ ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قوغلىشىۋاتقىنىمىز بىر خىل مۇكەممەللىك، ئۆزىمىز رازى بولىدىغان قىممەت! قارىغاندا، داۋاملىق تاللاش ئېلىپ بېرىش — ئادەملەرنىڭ نۇرغۇن-نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشەلمەي رازى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان روھىي تەڭپۇڭسىزلىقى بولسا كېرەك. چۈنكى، بىز مەڭگۈلۈك مۇكەممەللىككە، خۇشاللىققا، تەسەللىگە ئېرىشەلمەي، ئۆز تاللىشىمىزدىن تولۇق قانائەت ھاسىل قىلالماي، داۋاملىق تاللاش ئېلىپ بارىمىز. مېنىڭچە، بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقنى يېڭىشنىڭ ئاڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئۆزىمىزنىڭ نېمىشقا باش-ئاخىرى يوق مۇكەممەللىكنى ئىزدەپ، توختاۋسىز ھالدا تاللاش ئېلىپ بارغانلىقىمىزنى، ئۈزلۈكسىز تاللاۋېرىشنىڭ قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىدە كىشىلىك تۇرمۇشتا مەڭگۈلۈك مۇكەممەللىكنى ئەمەس، بەلكى بىر خىل روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى ئىزدەش يولىدا تاللاش ئېلىپ بارىمەن دەپ جاپا تارتىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلالىساقلا ھاياتقا، ياشاشقا نىسبەتەن مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ ياشاش كېرەكلىكىنى چۈشىنىۋالىدىكەنمىز. ئىنسان پۈتكۈل ھاياتلىق سەپىرىدە پانىي ئالەمدىكى ھەممە نەرسىگە ئېرىشكۈچى ئەمەس. تارىختا جاھان سوراپ ئۆتكەن پادىشاھ، ھۆكۈمرانلارمۇ پانىي ئالەمنىڭ بارلىق مەئىشەتلىرىگە ئېرىشەلىگەن ئەمەس. ھەممىمىز «ئاللانىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن» دەيمىز، ھەممىمىزنىڭ بوينىدا مۇشۇ ئارغامچا بار. بىز ئىنسانىيلىقتىن، پاكىز روھىي ئالىمىمىزدىن، ئۆزىمىزدىن يىراقلاشقانسېرى ئارغامچا سىرتماققا ئايلىنىپ، ھەتتا بىزنى بوغۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە بىز نېمىگە شۇنچە پالاقلاپ كېتىمىز؟ ئەپسۇس، بىز كىملەرنىدۇر رەنجىتىپ، كىملەرنىدۇر خۇشال قىلىپ ياشايدىكەنمىز. كىملەرنىدۇر دۈشمەن كۆرۈپ، كىملەرنىدۇر دوست بىلىۋالىدىكەنمىز. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېتىملاپ تاللاش ئېلىپ بارىدىكەنمىز. ھېچنەرسىگە تەن بەرگۈمىز كەلمەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئادەملەرنىڭ تاللاشتىكى مەقسىتىمۇ، خالايدىغىنىمۇ پۇل ۋە مال-دۇنيادىن باشقا ھەممىمىز ئۆزئارا قانائەت ھاسىل قىلالايدىغان تەڭپۇڭلۇق. بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق يوقالسا سەن مېنى ياكى مەن سېنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈپ كېتەيلى، مۇھەببەت تارازىسى قىيسىيىپ قالىدۇ ۋە ھەر ئىككىمىز تاللاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىمىز. ئۇنىڭغا بىر تەرەپنىڭلا ياخشى كۆرۈشىنىڭ، سۆيۈشىنىڭ، پاك-مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ ئېسىل گۆھەر تاشلىرىنى پاتمانلاپ باسساقمۇ تارازىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمىز! بەزىلىرىمىز مۇھەببەت بىلەن نىكاھنى ئايرىۋېتىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھادىسە تارازىنىڭ ئاللىقاچان ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقىنى، مۇھەببەتنىڭ بەربات بولغىنى! بىرقىسىم ئالىملار «دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولمايدۇ، ھەرقانداق ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 ئايلا قوغداپ قالغىلى بولىدۇ» دەپ قارىشىدىكەن. مۇھەببەت راستتىنلا شۇنداق چەكلىك نەرسىمۇ؟ بۇنىڭغا مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. مۇھەببەت چوقۇم ئەر بىلەن ئايالنىڭ روھىي جەھەتتە بىر بىرسىدىن قانائەت ھاسىل قىلىشى، تەسەللى تۇيغۇسىغا ئېرىشىشى ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىختىيار ئىلكىدىكى تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسى. مۇھەببەتتىمۇ ئىككى تەخسلىك تارازا بار. بۇ تەخسىلەر بىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىمىزنى، پاك مۇھەببىتىمىزنى، تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنى سەرلەپ تۇرىدۇ. بۇنداق بولمىغاندا تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. مۇھەببەتنىڭ جايى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ تەڭ قىممەتكە ئىگە قەلب تارازىسىدۇر. مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇسۇلى — بىر خىل تەڭپۇڭ ھالەت. تەڭ قىممەتكە ئىگە بەدەل. ئىككى تەرەپنىڭ تۆلىگەن بەدىلى قانچىكى كۆچەيگەنسېرى تارازىنىڭ تەڭلىك ھالىتى شۇنچىكى خاتاسىز بولىدۇ!- ھاياتتىمۇ، كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئۆزىنىڭ روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى تاپالمىغان ھەرقانداق ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ، ئائىلىدىمۇ ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى تاپالمايدىغان بەختسىز ئادەمدۇر! ئۇلارنىڭ كۈلكىسى، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى، ئېرىشىدىغان تەسەللىسى، كىملەرنىدۇر ياخشى كۆرۈشى، كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئىشقىلىپ، ھەممىسى بىر خىل ئاڭسىز ھالەتتىكى ئۆتكۈنچى كۈلكە، ئۆتكۈنچى سۆيگۈ، ساختا مۇئامىلە ھەم ساختا تۇرمۇش. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىدە، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسىدە ئۆزىنى چۈشىنىدىغان ئالامەتلەر يوق! ئۇلار بىرەر پېشكەللىككە يولۇقسا دۇنيانى، ياشاشنى بىمەنە ھەم ئازابلىق؛ ئادەملەرنى ۋاپاسىز ھەم رەھىمسىز، ئۆزلىرىنى بەختسىز دەپ قارىۋالىدۇ. بىرەر قېتىم خۇشاللىققا ئېرىشىپ قالسا دۇنيانى گۈزەل، ئادەملەرنى سۆيۈملۈك، ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ھېسابلىۋالىدۇ. توۋا، بىز ئادەملەر نېمىدېگەن ئاجىز-ھە! ئەمەلىيەتتە ھاياتتا ۋە تۇرمۇشتا ئازابمۇ، خۇشاللىقمۇ تەڭلا مەۋجۇت. بىز بۇلارنىڭ بىرەرسىنى يوق قىلىۋېتىشكە قادىر ئەمەسمىز. گەپ بىزنىڭ بۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا، قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىزغا باغلىق. ئېھتىمال ئازابقا يولۇققان ۋاقتىمىز ئۆزىمىزنىڭ بىرەر ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىمىزدىندۇر. ئەلۋەتتە بۇنىڭلىق بىلەن باشقىلارنى ھەم ئۆزىمىزنى ئەيىبلىيەلمەيمىز. ئېھتىمال بۇ مەلۇم بىر جەرياننىڭ تاماملانغان ۋاقتىدۇر. سېنىڭ كوچىدا مەلۇم بىر ئادەم بىلەن پاراڭلاشماي، سالاممۇ قىلىشماي، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ ئۆتۈپ كېتىشىڭمۇ ھاياتىڭدىكى مەلۇم بىر جەرياننىڭ تاماملىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئېھتىمال روھى تەڭپۇڭسىز ئادەملەر ئۆزلىرىگە دائىم بەختسىزلىكنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قېلىشى مۇمكىن. ئائىلىدىكى قانائەتسىزلىك — تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ باشلىنىشى. راست، ئىككىمىزنىڭ ئائىلە قۇرغاندىن كېيىنكى مۇھەببەت تارازىمىز قاچاندىن باشلاپ قىيسايدى؟ قاچاندىن باشلاپ ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتتى؟ ئېنىق ئېسىمدە يوق. مۇھەببەت تارازىسى بىر قېتىمدىلا ياكى تۇيۇقسىزلا بىر يانغا قىيسىيىپ قالىدىغان باققالنىڭ ياكى قاسساپنىڭ تارازىسى ئەمەس.


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)