باش بەت / ساقلايمەن

ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-11 17:24 | ئاپتور: ھۈسەيىن تاش | مەنبە: تەڭرىتاغ | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

سەن تەتىل مەزگىللىرىڭدە سىرتتىكى ئولتۇرۇشلىرىڭدىن تەڭ كېچىلەردە كېلەتتىڭ. بۇرۇنلاردا توي-تۆكۈنلەرگە بېرىپ قالسا، داستىخىنىنى قوشۇپ قويۇپلا، ئۆيگە بالدۇرلا قاچىدىغان پەرىخە كۆزۈمگە باشقىچىلا كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى. پەرىخە زادىلا ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىۋاتاتتى. مەن بەزىدە بالىلار بىلەن سېنى خېلى ۋاقىتقىچە ساقلايمەن. ئاخىر بولماي بالىلار ئۇخلاپ قالىدۇ. پەرۋەر سېنىڭ ھېلىقى ئاق مەرۋايىت مارجىنىڭنى قەيەردىن تېىۋالدىكىن تاڭ، دائىم ئۇنى تەسۋى قىلىپ سىيرىپ، ئانامدىن ئۆگىنىۋالغان «كەلىمەتەيبە» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغىنىچە ئۇخلاپ قالىدۇ. بىراق، مەن مەكتىپىمىزنىڭ مۇدىرى ماڭا تېلېۋىزور كۆرۈشنى مەجبۇر قىلغاندەك تېتىقسىز ئېلانلارغا قاراپ چىداپ ئولتۇرىمەن. تاماكا چېكىۋېرىپ ئۆي ئىچىمۇ ئىسقا تولۇپ كېتىدۇ. بەزىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇزاققىچە بالىلارغا قاراپ كېتىمەن. يوتقانلىرى ئېچىلىپ قالغان بولسا يېپىپ قويىمەن. مەن سېنى ساقلاپ، تاماكىنى ئۈزمەي چېكىپ، تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرغان ھالىتىمنى ھازىر ئويلىسام، مەن شۇ چاغدا ئەجەب بىر بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قاپتىكەنمەن دەپ ئۆزۈمگە ئىچ ئاغرىتىپمۇ قالىمەن. ھەتتا پەرىخەنى بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىپ بېشىمغا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق تېرىۋالدىممۇ نېمە دەپمۇ قالىمەن. ئادەم بەزىدە باشقىلارغا پۇرسەت بېرىمەن دەپ ۋاقىتنى بەك ئارقىغا سوزۇۋەتسە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تېپىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. مەن سېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ كەچلەردە ئەرلىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان بىچارە ئاياللارمۇ باردۇ دەپ ئويلايتتىم. سەن ئاشۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قالساڭ قانداق قىلاتتىڭ، پەرىخە؟ مەن بەزىدە سېنى ساقلاپ، ئاخىر بولماي قېيىداپ ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالىمەن. سەن دائىم قېشىمدا بولۇپ، بۇرۇندىنلا كەچ قايتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن بولساڭغۇ مەيلى ئىدى، ئامالسىز توغرا چۈشىنەتتىم. بىراق، تەتىل قىلىپ قايتىپ كېلىپ، ئاخشاملىرى ئۆيگە كەچ كەلسەڭ، مەن پەرىخە ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ نېمە دەپ ئەنسىرىمەمدىمەن؟ سەن كەچ قالغان كۈنلىرىڭدە گەپنى ناھايىتى چىرايلىق ياپتىلايسەن.
— ھەي، ھازىرغىچە ئۇخلىماپسىزغۇ؟— دەيسەن بىر خىل مۇلايىملىق بىلەن كۆيۈنگەن قىياپەتتە. ئېھتىمال بۇ سېنىڭ گۇناھىڭنى يۇيۇشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاسىتەڭ بولسا كېرەك. شۇنىڭ بىلەن مەن پەرىخە ئۆزىنىڭ كەچ قالغانلىقىنى بىلىپتۇ، ئۆزىنى سورايدىكەن دەپ ئويلاپ، ساڭا دېمىسەم بولمىدى دېگەن گەپلىرىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن. ئاچچىقىم ئاستا-ئاستا پەسكويغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئىدارەڭدىكىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ تولىمۇ كەچ قايتىپ كەلگىنىڭ ئېسىڭدە بولسا كېرەك. مەن تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇراتتىم. (بۇ سەن تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگىلى ئون نەچچە كۈن بولغان مەزگىلغۇ دەيمەن) سەن ئۆيگە كىرىپلا:
— تېخىچە ئوخلىماپسىزغۇ؟— دېدىڭ، مېنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان سېنى ساقلاپ ئولتۇرغىنىمنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويغاندەك.
— كارىۋاتتا يالغۇز يېتىشقا كۆنەلمەيدىكەنمەن.
مېنىڭ بۇ گېپىم قېيىدىغاندەك بولسىمۇ، ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ راست گەپ بولغاچقىمىكىن، سەن ئۆزۈڭنىڭ ئېرى بار ئايال ئىكەنلىكىڭنى، بۇ ئەرنىڭ روھىدا، تېنىدە مۇھەببەت، سۆيۈش، سېغىنىشتەك ئارزۇ-ئىستەكنىڭ بارلىقىنى تۇيۇقسىزلا ئېسىڭگە ئالغاندەك، ھېس قىلىپ يەتكەندەك يېنىما كېلىپ، بوينۇمغا قولۇقنى ئالدىڭ-دە، سۆيۈپ تۇرۇپ:
— كەچۈرۈڭ، مەن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم،— دېدىڭ.
— مەن قېرىپ كۈچ-ماغدۇرۇمدىن قالغىنىم يوق. مانا ئەمدى تېخى قىرانلىق ۋاقتىمغا قەدەم قويۇۋاتىمەن. بەزىدە ئادەملەرنىڭ ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جەھەتتىن كەتكۈزۈپ قويىدىغان سەۋەنلىكلىرىدىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەپ قويىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ.
— بولدى، گەپ قىلماڭ.
سەن شۇنداق دېدىڭ-دە، مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدىڭ. مەن پەرىخەنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى يەنىلا يېنىپ تۇرىدىكەن دەپ ئويلىدىم. مەن سېنى سۆيۈۋىتىپ سېنىڭدىن قىزىل ھاراقنىڭ سۇس پۇرىقى كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم. مەن خۇددى بىر نەرسىدىن چۆچۈگەندەك دەرھال سەندىن ئۆزۈمنى تارتىپ:
— ئەمدى سىز قىلمىغان مۇشۇ ئىش قالدىمۇ؟— دېدىم.
— نېمە بولدى، سىزگە؟
— نېمە بولغانلىقىنى سەزمەيۋاتامسىز، ھاراق ئىچىپسىزغۇ؟
— ياق، ھاراق ئىچمىدىم. ئۈژمە شەربىتى دەمدۇ، قىزىلگۈل شەربىتى دەمدۇ، شۇنىڭدىن ئازراق ئىچكەن.
— ئۈجمە، قىزىلگۈل دېگەنلەرنىڭمۇ ھاراق تۈرلىرى بارغۇ؟
— مەن ماركىسىغا دىققەت قىلماپتىمەن.
— توۋا، پەرىخە، سىز مۇشۇ كۈنلەردە نېمە بولۇپ قېلىۋاتىسىز، مەن بۈگۈن-ئەتە سىزنى تونۇيالماي قالماي يەنە.
— تونۇيسىز، ئىچكىرىسىدىن، ئۈرۈمچىدىن مېھمانلار كەپتىكەن، ئاجۈجاڭ شۇلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ بىرەرنى ئىچىپ قويۇڭ دەپ، بەك زورلاپ تۇرۇۋالدى. پەقەت ئامال قىلالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىشىمغا ئاجۈجاڭ كۆپ كۈچ چىقاردى ئەمەسمۇ! شۇڭلاشقا...

— ئۇ سولامچىنىڭ، خەقنىڭ خوتۇنىنى ھاراققا زورلايدىغانغا نېمە ھەققى بار ئىكەن؟
— سىز ئېغىزىڭىزنى بۇزسىڭىز، پەقەت ياراشمايدىكەن.
— ئاچچىقى كەلگەندە توشقانمۇ ئادەم چىشلەيدۇ. خەق ئۇنىڭغا ئىدارىدە خىزمىتىنى قىلىپ بەرگەندىكىن بولدى. يەنە نېمىدەپ خەقنىڭ خوتۇنىنى چېتىۋالىدۇ. خەقنى بەك كۈتۈۋالغۇسى، خۇشامەت قىلىۋالغۇسى، ياخشى كۆرۈنگۈسى كېلىپ كەتسە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ بەرسە، بۇنداق «ئالىيجاناب روھ» مېھمانلارغا تازا خۇش ياقىدۇ ئەمەسمۇ؟
— مېنىمۇ، ئۇلارنىمۇ بىر يولىلا مېھمان قىلىپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققان گەپ.
— سىزمۇ ئۇنىڭ پاختىكىگە ئايلىنىپ قالماڭ، يەنە.
— توۋا دەڭە.
— ھەر ھالدا دىققەت قىلغانغا يەتمەيدۇ. بەزى ئادەملەر سىز بىلەن مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك سەمىمىي ئەمەس. ئۇنداقلارغا چىشىڭىزنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ قويسىڭىز، سىزنىڭ نىيىتىڭىزنى خاتا چۈشىنىپ، ماڭا مەيلى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، شىللىڭىزگە مىنىمەن دەيدۇ. قاپاق تۈرسىڭىز ماڭا كۆرەڭلىدى، سىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ پېيىڭىزنى قىرقىيمەن دەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى، ئۇنداقلار بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ، نورمال ئۆتكەن ياخشى. بۈگۈن شەربەت سۈيى ئىچۈرسە، ئەتىسى قىزىلنى ئىچۈرسە، ئۆگۈنى ئاقنى ئىچۈرسە. ئاخىرىدا ئىچۈرىدىغان يەنە باشقىسى چىقسا... ئۇنداق ئادەمنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ. سىزنى ئاياشنى بىلمىگەن ئادەم سىزنى سېتىۋېتىشكىمۇ يارايدۇ. مەن باشقا گەپلەرنى دەپ يۈرمەي، سەل ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالارسىز.
— قانداق قىلىشنى ئۆزۈم بىلىمەن. ئوقۇشنى سالامەت پۈتتۈرۈۋالاي قېنى. خاپا بولماڭ. بولدى، ئۇخلاپ قالايلى.
نېمىلا بولسۇن شۇ كۈنى بىز تولىمۇ راھەت ئۇخلىدۇق، يەنىلا سەن ئەقىللىق كەلدىڭ. مەن سېنىڭ ئۆز باشلىقىڭنىڭ دامىغا چۈشۈپ قېلىشىڭدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتىم. مەن بۇنداق ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلىغان ھەم كۆپ كۆرگەنمەن. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۇقىرىدىن شەھىرىمىزگە «ئىككى ئاساسەن»نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆمىكىدىكىلەر كەلگەندە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ياش، چىرايلىق خانىم-قىزلىرىنى ئۇلارغا ئۈلپەت بولۇشقا چاقىرىپ بەرگەنلىكىدەك ئىشلارنى شەھىرىمىزدىكىلەرنىڭ قايسىبىرى بىلمەيدۇ. شۇ چاغدا بىرقانچەيلەننىڭ ئائىلىسىدە جېدەل-ماجىرا چىقتى. مەكتىپىمىزدىكى ئىبراھىم مۇئەللىمنىڭ ئايالىمۇ ئۈلپەتچىلىككە بېرىپ قويۇپ، بالا تېرىلدى. ئۇلار ئىككى بالىسىنى يېتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتى. ئايالى ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىدىكەن. ئىدارىنىڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرىنى مېھمانلار بىلەن تانسا ئويناشقا، ھاراق ئىچىشكە، ئۈلپەتلىشىشكە ئېلىپ بارسا بولمامدىكەن؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرىنىڭ بىرەر يېرىنىڭ ئۇپراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، خەقنىڭ خوتۇنىنى ئىشلىتىپ تۇرماقچىمىكىنە؟ بۇ بىر ئۆتنە ئوينايدىغان ئىش ئەمەسقۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق يۇقىرىنىمۇ، خەقنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئالداپ ياشايدىغان قىزىلكۆز، روھى چىرىپ، ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە بىر-ئىككى ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشى ھېچقانچە ئىش بولمىسا كېرەك. بىز ياشاش جەريانىدا نېمىلەرنى يوقىتىپ قويۇۋاتىمىز، بەك كۆپ. بەك كۆپ! ھاياتتا ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغىنىدىن، يوقىتىپ قويىدىغىنى كۆپ بولىدۇ، پەرىخە. ئۇلۇغ ئۆلىما جالالىدىن رومى «ئېرىشكىنىگىلا قانائەت قىلىش، مەنىۋى ئۆلۈم. زامان بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ بىرلىكتە قەدەم تاشلاش — ھاياتلىق» دەيدۇ. بىراق، ئېرىشىش — ۋاسىتە تاللىماسلىق دېگەنلىك بولمىسا كېرەك. بىز مەدەنىيەتلىك زاماندا يەنىلا روھى ئەخلەت-چاۋا بىلەن تولۇپ كەتكەن، بەتبۇي پۇراق چىقىرىدىغان ئادەملەر بىلەن بىرگە ياشايدىكەنمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇلاردا بىز بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ ياشىغۇدەك روھىي كۈچ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ يوق. ئۇلار نۇرغۇنلىغان ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ياپىدۇ. ئۇلار قارشى قۇتۇپنىڭ ئادەملىرى. ئۇلار بىز بىلەن بىرلىكتە قەدەم تاشلاپ ماڭسا نەپسىنىڭ يېتىشمەي، ئۆپكىسىنىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. سەن بىلەن بىز ئۇلارنىڭ ئۆپكىسىنى كۆرەلمىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆپكىسى ئاللىقاچان سېسىشقا باشلىغان! ئېھتىمال كۆرۈپ تۇرساقمۇ گەپ قىلالمايدىغاندىمىز. ئۇلار ئۆزىگە قالغان ئىنسانچىلىقتىن ئىبارەت ئازغىنە ھارام پۇرسەتتىن پايدىلىنىۋالسا بولدى. ئۇلارنىڭ جىسمىلا ئادەمگە ئوخشايدۇ. خۇدا ئۇلارنى بىزنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ ياراتقان بولسىمۇ، بەزىدە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە سېلىشى بىلەن ئىش مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ بىزمۇ قېيىپ كېتىمىز. ئۇلارنىڭ چىدىماسلىقلىرىنى، ئىچى يامانلىقلىرىنى،ھىيلىگەرلىكىنى، رەھىمسىزلىكىنى، نومۇسسىزلىقىنى، ئاسىيلىقىنى، تەمەخورلۇقىنى بىز بىلىپ-بىلمەي تۈرلۈك ئادەتلىرىمىزگە سىڭدۈرۈۋالىمىز. ئۇلارغا ھەۋەس قىلىپ، دورىماقچى بولىمىز. شۇلاردەك قىلالمىغانلىقىمىزدىن ئۆكۈنىمىز. ئۇلار بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز ئەمەس، بەلكى ئىبرەت ئۈلگىمىز بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى. ئۇلار پانىي ئالەمدىكى ئىبلىسلار بولسا كېرەك. بەزىدە سېنىڭ بىر ئېغىز لىللا گېپىڭ ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ، ھەرە كۆنىكىدەك قىلىۋېتىدىغان نەشتەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار لىللا گەپ قىلغۇچىلارنى كۆزىدىن يوقاتمىغۇچە جىم ياتمايدۇ، ئۆرتىنىدۇ، ئازابلىنىدۇ. ئۇلارنى دوراش ئۆزىمىزنى ئىپلاسلىق يولىغا باشلىغانلىقىمىزدىن باشقا ئىش ئەمەس! بىز بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان رەزىل قىلمىشلىرىغا قاراپ، ھەممە نەرسە، ھەممە پۇرسەت شۇلار ئۈچۈنلا يارالغاندەك، بىزگە ھېچنەرسە قالمىغاندەك ئويلىۋالىمىز-دە، ئۆزىمىزچە بۇ دۇنيادا بىزنىڭ نېسىۋىمىز يوقتەك، ھەممە نەرسە بۇلاڭ-تالاڭدا قالغاندەك جىددىيلىشىپ كېتىمىز. ئىزتىراپلىق ئىچىدە قىسىلىمىز، نېمىگىدۇر ئالدىرايمىز. نېمىگىدۇر ئېغىر ئۇھسىنىمىز. بەزىدە بىزنىڭمۇ ئۇلار ماڭغان يولدا ماڭغۇمىز كېلىدۇ. بىزنىڭ روھىمىز ھەقىقەتەن ئاجىز. بىزنىڭ دۇنيانى، ئادەملەرنى، ھاياتنى، ياشاشنى، ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىز يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئۆزىمىزنىڭ تاشقى ھالىتىگە، ئۆزىمىزمۇ سەزمەي باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ قالغان كىچىككىنە نەتىجىمىزگە، ئازراق ئېھتىياجىمىزغا تايىنىپلا بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز تەسىرىمىزگە كىرگۈزۈۋالىدىغاندەك ئويلىۋالىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز. مانا بۇ ئازراقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساق ھەممىدىن ۋاز كېچىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىمىزدەك روھىي پاجىئە! روھى ئۆلگەن ئادەم — يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشايدۇ. يىلتىزسىز دەرەخ بۈگۈن كۆزۈڭگە ياپيېشىل كۆرۈنگىنى بىلەن بىر قېتىملىق جۇدۇن ياكى بىر قېتىملىق پىژغىرىم ئاپتاپتا بىراقلا يوپۇرماق تاشلاپ، قىز مەزگىللىرى تالادا قالغان قەلەندەردەك شۈمشىيىپ قالىدۇ. سەن يىلتىزى قۇرۇپ كەتكەن دەرەخنى ھەرقانچە پەرۋىش قىلساڭمۇ، ئۇنىڭ قايتىدىن كۆكلەپ چىققانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟ گەرچە پانىي ئالەمدىكى بارلىق جانلىق ھامان زەئىپلىشىپ، چىرىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق ھۈجەيرىسىدىن ئايرىلىپ جىسمى جانسىز ماددىغا ئايلانسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق دەقىقىلىرىدە بىر خىل ساغلام ياشاشنى ئىستەيدۇ. تېرەكمۇ ئۆزىنىڭ تېرەكلىك خۇسۇسىيىتى بويىچە ئۆسۈشنى خالايدۇ. ئۇ ساپ كۈن نۇرى، مۇنبەت تۇپراق، ئەلۋەك سۇغا تەشنا! كىشىلىك ھاياتمۇ ئەنە شۇنداق پاكىزلىققا تەشنا! ئۇ ئەنە شۇنداق پاكىزلىق ئارقىلىق ئۆز ھاياتىنى مەنىگە تولدۇرۇپ، بىر خىل روھىي ئازادىلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئادەمدىكى روھىي ئازادىلىك بىز ئۈچۈن پانىي ئالەمدىكى ئەڭ زور بەخت! ئەڭ زور خۇشاللىق! ئۆزىنى روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتۈرەلمىگەن بەندىلەرنىڭ جېنىغا ۋاي! بۇنداق بەندىلەر گەرچە كۆز ئالدىمىزدا تىرىك ياشاۋاتقاندەك قىلىۋاتسىمۇ روھىي گۇمرانلىق ئۇنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ توختىماي قىينايدۇ. راست، پەرىخە، مەن بۇنداق باش-ئاخىرى يوق ئالا-تاغىل گەپلەرنى قىلىۋەرگەن بىلەن مەن روھى گۇمران بولغۇچىلار دەپ ئاتىۋالغانلار ئېھتىمال مېنى روھى گۇمران بولغان دەپ قارايدىغان ئىشلارمۇ بار، تېخى. بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ قارشى تەرىپىمىزدىكىلەر توغرىسىدا نۇرغۇن پەتىۋالارنى توقۇپ، تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئۇلارغا ئۆزىمىزنى تونۇتۇپ قويماقچى بولۇپ، ئاخىر ھېچبىر مەسىلىنى ھەل قىلالماي ئاللانىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىۋېرىمىز. دۇنيا شۇنداق بىمەنە. ئادەملەر شۇنداق تېتىقسىز! بىز ھاياتتا باشقىلارغا مەلۇم بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغاندەك، مەلۇم بىر ھەقىقەتنى تونۇتۇپ قويماقچى بولغاندەك، تەڭرىدىن قالساقلا ئۆزىمىزنى ئۇلۇغ ئويلىۋالىمىز. ئۆزىنى ئۇلۇغلاش گۇناھ ئەمەس. بەلكى ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتنىڭ بۈيۈك پەللىسى. ئەپسۇس، بۇ خىل ئۇلۇغلاش مەمەدانلىق، شەخسىيەتچىلىك ۋە نۇرغۇن بولمىغۇر ئادەتلەردىن خالىي بولمىسا، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئادەم باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ھېچنەرسىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيمىز. ئاخىرىدا ئۆلۈمنىڭلا بىردىنبىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىمىز. تارىختا ئۆتكەن كۈرمىڭ-كۈرمىڭ ئۇلۇغلارمۇ ئىنسانلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، ئىنسانغا خاس ھايات كەچۈرۈش ھەققىدە ئىزدەنگەن، ئاجايىپ ئۇلۇغ تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ تەقدىرىمۇ ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلەنگەن! لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇنداق ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسەللىسىنى، ياشاشنىڭ مەنىسىنى تاپقان. بۇرۇنقى ئۇلۇغلىرىمىز «ئۆلۈم بىر شەربەتتۇركى، ئۇنى ھېچكىم ئىچمەي قالمايدۇ. ئۆلۈم بىر ئېغىر يۈكتۇركى، ھېچكىم ئۇنىڭ ئاستىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» دەپ توغرا ئېيتقان. شۇنداق، بىز ھېچنەرسە قىلالمايمىز. بىراق، بىر-بىرىمىز بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشالايمىز. بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرەلەيمىز. بىزدە قۇدرەتلىك كۈچ بار. بىراق، ئۇنى قانداق قوزغىتىشنى، تەڭشەشنى بىلەلمەيمىز. پەرىخە، مەن بەزىدە ئۆزۈمنى ئىگىسى لازىم قىلماي ئەسكى تاملىققا تاشلاپ قويغان جۇل-جۇل چاپانغا ئوخشىتىپمۇ قالغان. بۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىم سەۋەبلىك كېلىپ چىققان روھىي پاجىئە ئەمەس، تەنھالىق تۇيغۇسى تېخىمۇ ئەمەس! بەلكى باش-ئاخىرى يوق ياشاش! ئېھتىمال ھەممىمىز ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغان جۇل-جۇل چاپاندۇرمىز. پەقەت بىزنىڭ ئۆزىمىزنى شاھانە تون كىيىۋالغاندەك ھېس قىلىۋېلىپ، روھىي بىرلىكىمىزنىڭ، مۇكەممەللىكىمىزنىڭ ئاللىقاچان تىتىلىپ، پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ۋە بىچارىلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلمىغانلا يېرىمىز بار. بىز خۇددى بىرسى بىزنى بىر يەرگە ئېلىپ كېتىدىغاندەك، ھازىرغىچە ئۇنى ساقلاۋاتقاندەك، ئاشۇلا بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىدىغاندەك ئويلىۋالىمىز. ھېچكىم بىزنىڭ قىممىتىمىزنى چۈشەنمىگەندەك تۇيغۇغا كېلىۋالىمىز. بىز ھەقىقەتەن ئاجىزمىز، بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان روھىي تىرەككە موھتاجمىز، بىزنىڭ ئۇلۇغلىقىمىز زادى نەدە؟ روھىي تىرەكلىرىمىزچۇ؟ مەن ئويلىدىم، نېمىنى ئويلىدىم؟ زادى نېمىنى ئويلىدىم؟ بىلمەيمەن!

پانىي ئالەمدە بىزنىڭ ئىگىمىز يوق. سەن «مەن ساڭا ئىگە» دېگەنلەرنىڭ سۆزىگە ھەرگىز ئىشەنمە! چۈنكى، پانىي ئالەمدە ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئىگىسى بولالمايدۇ. ئەر-خوتۇنچىلىقتىمۇ ھېچكىم ھېچكىمگە ئىگە بولالمايدۇ. چۈنكى، بىز ھامان تاشلىنىپ قالىمىز. ئادەمنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ روھىدا، ئۇنىڭ قەلب قەسىرىدە، ئۇنىڭ ئېتىقاد ۋە پەزىلىتىدە! بىزنىڭ ئىگىمىز ئاشۇ يەردە بالقىپ يۈرىدۇ. بىراق، سەن ئۇنى بايقىيالمىساڭ كىشىلىك تۇرمۇشۇڭ ئۆز مەنىسىنى يوقىتىدۇ. ئەسقاتمايدىغان ساختا نەرسىلەرنى ئىگەم ئىكەن دەپ يۈرۈپ، كېيىن پۇشايمانغا قالىسەن! سەن قەلب قەسىرىڭنى ئوبدانراق ئاختۇرۇپ باقساڭلا ھەممىنى بىلىپ قالىسەن. پەرىخە، مېنىڭ سۆزلىرىم بەك تاققا-تۇققا، تاغدىن-باغدىن بولۇپ قالدى. مېنىڭچە، بۇ، ئادەم ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارنى قېلىپقا سالىمەن دەپ قىينىلىپ، قېلىپقا سالالمىغاندەكلا بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بۇ جەھەتتە ساڭا مەلۇم بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش نىيىتىممۇ يوق. مېنىڭ قولۇمدىنمۇ كەلمەيدۇ. كىم دۇنيانى، ئادەملەرنى قانچىلىك چۈشەنسە شۇ بويىچە ياشايدۇ. مەن ئىنسانچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى ئىشلارنىڭ قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىغا بەك ئىشىنىمەن. مەن بۇنى سەن بىلەن نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدىم. شۇڭلاشقا، سەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىمگە بەك ھەسرەت چېكىپ كەتمىدىم، ئاغرىنىپ يۈرمىدىم. دۇنيا تارىخىدا نۇرغۇن-نۇرغۇن ئەھدىنامىلەر، شەرتنامىلەر ئۇلۇغ ھەم بۈيۈك ئەربابلارنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق تۈزۈلۈپ ۋە ئىمزالىنىپ ۋاقتى كەلگەندە يەنە شۇلارنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق يىرتىپ تاشلىنىپ، ئۆتمەس قىلىنغانىكەن. ئۇلارنىڭ ئاللىقانداقتۇر ھەقىقەت يولىدا مېڭىشتەك ئىنسانىي بۇرچى، ئەركىنلىك غايىسى، باراۋەرلىك نىشانى، تىنچلىقپەرۋەرلىك ئىدىيىسى قەغەز يۈزىدىلا قاپتىكەن. مەن بەزىدە ئۆزۈمگە: «ئاھ خۇدا، سېنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن (ئۇلۇغ) دەپ ئاتالغان ئەربابلىرىڭ ئەنە شۇنداق قەسەمخور، يالغانچى، رەھىمسىز، بەتنىيەت، بىتايىن بولۇپ كەتكەن يەردە، مېنىڭ پەرىخە ئىسىملىك ئاددىي بىر بەندەڭ بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىشىم قانچىلىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ؟ يەتتە، سەككىز ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن مەسچىتنىڭ ئىمامى سېنى شىپى كەلتۈرۈپ ئوقۇغان نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشى، خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن >قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن< دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ بېرىلگەن قىزىل تاشلىق قەغەزنىڭ ئاق قەغەزگە ئالمىشىشى، ياشاشتا مەلۇم بىر تەرتىپنىڭ ۋە قانۇنىيەتنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرەمدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويىمەن. راست، ئۆتكەندە بىرسى ماڭا:
— ئاداش، نىكاھتىن ئاجرىشىش قەغىزىنى ساقلاپ قويۇڭلار،— دەيدۇ. مەن ئەجەبلىنىپ:
— ئاچچىقىمدا يىرتىپ تاشلىۋېتىپتىمەن،— دېدىم.
— بۇ ئىشىڭلا بولماپتۇ، ئاق قەغەز بولمىسا، قىزىل قەغەز بەرمەيدىكەن.
مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم. ئۇ بۇرادەر مېنىڭ كۈلكەمنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي، سەمىمىيلىك بىلەن:
— نېمىگە كۈلىسىلە ئاداش، راست دەيمەن. ئۆتكەندە مەن ئىككىنچى خوتۇننى ئالغاندا، ئاجراشقانلىق قەغەزنى تاپالماي خوتۇن ئالالماي قالغىلى تاسلا قالدىم، دېمەيسىلە،— دېدى.
— توي خېتى بەرمىسە پەيشەنبە كۈنى ئاخشىمىدا مەھەللىمىزنىڭ مەزىنىنى چاقىرىپ، نىكاھ ئوقۇتۇپلا ئۆيۈمگە ئەكىرىۋالىمەن.
ئۇ مېنىڭ چاقچىقىمنى چۈشەنمەي يەنە:
— ئۇنداق قىلساڭلا قانۇنسىزلىق بولمامدۇ؟ ھۆكۈمەت ئاڭلاپ قالسا تۈرمىگە كىرىسىلە، تۈرمىگە. نېمە دەيدۇ، بۇ ئاداش!— دېدى.
— ياخشى كۆڭلۈڭلىگە رەھمەت، ئاداش. مېنىڭ ھازىرچە توي قىلغۇم يوق،— دېدىم ئۇنىڭغا. پەرىخە، مەن بۇ يەردە سېنىڭ بىلەن ئەپلىشىپ قالارمەنمىكىن دېگەن تەمە بىلەن بۇ سۆزنى دېمەكچى ئەمەسمەن. مېنىڭ باشقا بىر ئىشقا ھەيران قالغىنىم، بۇ ئىشنى دېيىشكە مەجبۇر قىلدى. مەن بىر ئىشقا ھەيران قالدىم. بىز نۇرغۇن تەرتىپ-قائىدىلەرگە ئاساسەن نۇرغۇن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتسەك، كېيىن ئاجرىشىش قەغىزى بولسىلا يەنە باشقا بىرسى بىلەن توي قىلالايدىكەنمىز. دېمەك، بۇلار جەمئىيەتتە مەلۇم بىر تەرتىپنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، ئاجرىشىپ كەتسەك بۇ تەرتىپلەر يەنە بۇزۇلىدۇ. ھەتتا قانۇنىي، دىنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەيمۇ توي قىلىپ ئاجرىشىپ كېتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بىز نۇرغۇن تەرتىپلەرنى ئورنىتىپ، ئاخىرىدا ئەسكى يوتقاننىڭ مېزىنى ئاتقاندەك ئېتىپ، تىتىپ-تىتىپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىدىكەنمىز. ئارقىسىدىنلا چىدىماي، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە يەنە تەرتىپكە موھتاج بولۇپ، باشقا بىر تەرتىپنى ئورنىتىدىكەنمىز. ئۇنى يەنە بۇزىدىكەنمىز. بىزنىڭ ئەسلىدىنلا تۇتامىمىز يوق ئىكەن. بىردەم ئۇنى، بىردەم بۇنى قىلىپ باقىدىكەنمىز. نىشانسىز ئېتىلغان ئوقتەك نەگە تېگىشىمىزنى بىلمەيدىكەنمىز. ئوقمۇ ھامان بىر يەرگە تېگىدۇ. ئويلاپ باقمىغان ناتونۇش جايغا چۈشىدۇ. بىزمۇ بارار جايىمىزغا بارىدىكەنمىز. ھېچقانداق تەرتىپمۇ كار قىلمايدىكەن. ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدىلەرنىڭ، تەرتىپ-قائىدىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ، يەنە ئورنىتىلىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھەممە ئادەم ئېھتىمال ئۆز ئىچىدە بىلىدىغاندۇ. ئېھتىياجلىق بولغاندا دۈشمىنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئېھتىياجىڭ قانغاندا ئەھدە بۇزۇلىۋېرىدۇ. بۇ شۇنداق جاھان ئىكەن. ھەرقانداق ئەھدىنامە كىشىلەرنى ئويلىغان نەرسىگە يەتكۈزگەندىن كېيىن ياكى ھېچقانداق بىر كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلالمىغاندا ئۇنىڭ كېرىكى بولمايدۇ. ئۇ ھېچنەرسە ئەمەس. شۇڭلاشقا، پەرىخە، سەن ئەھدە-قەسەملەردىن ھەقىقەت ئىزدەيمەن دەپ ئاۋارە بولما. سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت. سەن بۇ خىل ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس. سەن ئاللىقانداقتۇر تەرتىپلەرگە ئىشەنمە، سېنىڭ روھىي تەرتىپىڭ، روھىي تەڭپۇڭلۇقۇڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەرتىپتۇر. ھەقىقەتمۇ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدا ھەم روھىي دۇنيايىڭدا مەۋجۇت. ھەقىقەتنىڭ ئۆزىمۇ سەن. ھەقىقەت بىر چەكسىزلىك. ۋاقتى كەلگەندە قىسقىراپ ھېچنەرسىسى قالماسلىقىمۇ، بەزىدە چەكسىزلىككە سوزۇلۇشىمۇ مۇمكىن. سەن قايسىلا يولنى ماڭغىن يەنىلا ئۆزۈڭنى ياشايسەن! شۇڭلاشقا، سەن ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسى، ئۆزۈڭنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە مېنىڭ سۆزلىرىمگە ھەرگىز ئىشەنمە! چۈنكى، ئۆزۈڭنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئۆتمىگەن تەجرىبە، يىغىلغان ھاسىلات ۋە دۇنيا قاراش سېنى خاتا يولغا باشلاپ قويىدۇ. سەن ئۇ چاغدا يەنىلا باشقىلاردىن رەنجىشتەك سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، ۋاقىت جەھەتتىن ئۇتتۇرىۋېتىسەن. سەن دۇنياغا، تۇرمۇشقا، ئادەملەرگە قانداق باھا بېرىشنى بىلىدىغان ئۆزۈڭنىڭ پەيلاسوپى. سەن ئۆزۈڭنىڭ سىياسىيونى. چۈنكى، سەن تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى ئۆزۈڭنىڭ چارە-تەدبىرلىرىڭ ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى، تەڭشەشنى خالايسەن! سەن ئۆزۈڭنىڭ كەشپىياتچىسى. چۈنكى سەن ھامان ئۆزۈڭنى خۇشال قىلىدىغان، ھاياتىڭغا مەنە بېغىشلايدىغان يەنە بىر ئۆزۈڭنى بەرپا قىلىشنى ئىزدەيسەن! بىراق، سەن مېنىڭ دۇنيايىم، مېنىڭ قىممەت قارىشىم بويىچە مېنىڭ دېگەنلىرىمنى چۈشەنگەن بولساڭ بۇنىڭغا ئىشەن! سەن ئىزدەپ ئاۋارە بولۇۋاتقان ئۆزۈڭنى تېپىپ قالساڭ ئەجەب ئەمەس. زۇلمەتكە مەھكۇم بولغان روھىڭدا غۇۋا بولسىمۇ ئۈمىد نۇرى چاقناپ، روھىڭ يەڭگىللەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. بىراق، بۇ مۇمكىنمۇ؟ شۇنداق، پەرىخە، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى سېنىڭ پسىخىك تەڭپۇڭلۇقۇڭ بۇزۇلۇشقا باشلىدى. بىراق، بىز بۇنى «ئاينىپ كەتتى، ۋاپاسىزلىق قىلدى» دەپ چۈشىنىۋالىمىز. ئەھدىنامە تۈزۈش، تەرتىپ ئورنىتىش دېگەنلەر كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەسلىدىنلا ۋاپاسىزلىقنىڭ، تەرتىپسىزلىكنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا بۇنى تەكىتلەپ يۈرۈشنىڭ قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بولاتتى. تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرىدىكى ئىشلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سېنىڭ تۈنۈگۈنكى ھېسسىياتىڭ، قىزغىنلىقىڭ بىلەن بۈگۈنكى ھېسسىياتىڭ، قىزغىنلىقىڭ، كەيپىياتىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئادەمدىكى ئۆزگىرىشچان كەيپىيات ھامان بىزنى تۈرلۈك نەرسىلىرىمىزنى يېڭىلاپ تۇرۇشىمىزغا زورلاپ تۇرىدۇ. ئەتە يۈز بېرىدىغان ئىشقا سەن بىرنەرسە دېيەلمەيسەن. شۇڭلاشقا، سەن كۆز ئالدىڭدا تۇرغان ئادىمىڭدىن بىر خىل مۇكەممەللىكنى، ئۆزگەرمەس ئىرادە ھەم قانۇنىيەتلىك نەرسىلەرنى تەمە قىلىپ يۈرمە. (ئېھتىمال بۇلارنى چۈشەنگەچكە باشقا يول تاللىغانسەن) ئادەم خۇشال بولغاندا دۇنيادىكى ھەممە نەرسە گۈزەل، ئادەملەر شۇنداق مېھرىبان ھەم سۆيۈملۈك كۆرۈنىدۇ. رەنجىپ قالغان ۋاقتىڭدا دۇنيا ئۆرۈلۈپ، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئەسكى تاملىققا، ئادەملەر ئەسكى تاملىقتا توپىغا مىلىنىپ، غېرىب ھالەتتە ياشاۋاتقان قۇرت-قوڭغۇزغا ئوخشاپ قالىدۇ. سەندە ئادەملەردىن بىزار بولۇش، قېيىداش، ھەتتا يىرگىنىش ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ. نۆۋىتى كەلسە سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاشۇنداق ئىككى خىل ھالىتىڭنى تەڭشىيەلەمسەن؟ ئادەم بەزىدە ياشىرىپ تۇرغان يوپۇرماققا ئوخشىسا، بەزىدە سارغىيىپ قالغان يوپۇرماققا ئوخشايدۇ. بىراق، سەن كىشىلەرگە ياشىرىپ تۇرغان يوپۇرماقتەك كۆرۈنگىنىڭ بىلەن سېنىڭ روھىي دۇنيايىڭدىكى غېرىبلىق تۇيغۇسى سەندە ئۆزۈڭنى سارغايغان يوپۇرماققا ئوخشىتىپ تۇرۇۋالىدىغان تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ. سەن بۇنى ئاجىزلىق دەپ قاراپ باشقىلارغا چاندۇرمايسەن. كىشىلەرگە كەچ كۈزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى ئۈششۈكتە زورلاپ ئېچىلغان تۆت چىشلىق كېۋەز غوزىسىدەك سوغۇق ھىجىيىپ قويىسەن. ھىجىيىشىڭ سېنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى مەۋجۇتلۇقۇڭنى ئىسپاتلاپ تۇرغاندەك قىلغىنى بىلەن، سەن ئۆزۈڭنىڭ ئازابىڭنى ئۆزۈڭ بىلىپ تۇرىسەن. «ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن» دېگەن شۇ!


ئاجرىشىش خىتاپنامىسى باشقا تېمىلار
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(1)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(2)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(3)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(4)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(5)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(6)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(7)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(8)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(9)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(10)
ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(11)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(12)ئاجرىشىش خىتاپنامىسى(13)