
چاچنىڭ ئۇچى يېرىلىپ كەتسە، يۇيۇشتىن بۇرۇن سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا بەش مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ بەرسە، چاچ ئۇچىنىڭ يېرىلىش ئەھۋالىدا مەلۇم ياخشىلىنىش بولغاندىن سىرت چاچنى سىلىق ھەم پارقىراق قىلىدۇ.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، يېڭى قايناق سۇ ℃20-℃25 قىچە سوۋۇتۇلغاندا، ئۇنىڭدىكى گازنىڭ مىقتارى قايناشنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا 2/1 ھەسسە كېمىيىدۇ. سۇنىڭ ماسسىسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىچكى تارتىش كۈچى ۋە سۇ يۈزىنىڭ كېڭىيىش كۈچى ئارتىپ بارىدۇ. بۇ خىل سۇ بىلەن ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىدىكى سۇ ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ سۈمۈرۈشچانلىققا ئىگە. شۇڭا بۇ خىل سۇ ‹‹ئاكتىپ سۇ›› دېيىلىدۇ. تېرىنىڭ يىرىك بولۇشى ۋە چاچنىڭ خۇنۇكلۈكى ئاساسەن تېرە ۋە چاچتىكى سۇنىڭ كەملىكىدىن يەنى ھۈجەيرىلەرنىڭ سۇسىزلانغانلىقىدىن بولىدۇ. شۇڭا تېرە ۋە چاچ ھۈجەيرىلىرىگە يېتەرلىك سۇ يەتكۈزۈپ بېرىش گۈزەللىكنى ساقلاشتىكى ھالقىلىق مەسىلە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرىدە مېۋە-چېۋە ئارقىلىق تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى. بۇنىڭدا ئاساسەن، ئادەم ھۈجەيرىسىگە يېقىن كېلىدىغان ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدىكى سۇ ئارقىلىق يۈز تېرىسى ھۈجەيرىسىى ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. ھالبۇكى، فىزىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ بىلەن ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدىكى سۇ ئوخشاش بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىگە ناھايىتى تېز سىڭىپ كىرىدۇ. شۇنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىقى پەقەت قايناق سۇ℃20-℃25 قىچە سوۋۇتۇلغاندىلا ئاندىن ئەڭ ياخشى ھالەتكە كېلىدۇ. ئەگەر قايناقسۇ تۆت سائەتتىن ئارتۇق قويۇپ قويۇلسا، ئۇنىڭ ئاكتىپلىقى %70 ئازىيىپ كەتكەندىن تاشقىرى، ‹‹ئاكتىپ سۇ›› ‹‹ئۆلۈك سۇ››غا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىلمۇخىل باكتېرىيىلەر ئىككىنچى قېتىملىق بۇلغىنىشنى پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكنى ساقلاش رولىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا گۈزەللىكنى سۆيگۈچىلەر ئېسىل گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللىغان ۋاقىتتا سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.