ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
يىگىتلەر ئاسانلا ۋاز كېچىدىغان قىزلار-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

يىگىتلەر ئاسانلا ۋاز كېچىدىغان قىزلار

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1159   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەت       يوللانغان ۋاقىت : 29-12-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

يىگىتلەر ئاسانلا ۋاز كېچىدىغان قىزلار

 شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:

قىسمەن قىزلار يىگىتلەرنىڭ شېرىن-شېكەر سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار، ئۇلار يىگىتلىرىنىڭ ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، شۇ سۆزلىرىگە مەست بولۇپ يۈرۈشنى خالايدۇ، ئەمما قىزلار ئەقىلىنى تېپىپ، يىگىتلىرىنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنداقتا، يىگىتلەر قانداق قىزلاردىن ئاسانلا ۋاز كېچىدۇ؟
 
ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر قىزلار. ھازىرقى زاماندا پۇل بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر قىزلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ تۆۋەن، سەۋىيەسىمۇ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، شۇڭا يىگىتلەر بۇ خىل قىزلاردىن پايدىلىنىۋېلىپ، كېيىن تاشلىۋېتىدۇ.
 
كىچىكىدىن مېھرى-مۇھەببەتكە تويۇنمىغان قىزلار. بۇ خىل قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى جىمغۇر، جاھىل ئەمما ناھايىتى ئاجىز، قورقۇنچاق كېلىدۇ، باشقىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەچكە، باشقىلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى خالىمايدۇ.
 
ھېسسىيات جەھەتتە ئېغىر ئازابقا دۇچار بولغان قىزلار. بۇخىل قىزلارنىڭ يىگىتلەرگە بولغان ئىشەنچىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، قارىماققا يىگىتلەرگە ھۆرمەت قىلغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇلارنى چىن كۆڭلىدىن ياقتۇرمايدۇ، ئۇلار مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگەچكە، بۇنى بىر ئويۇن دەپ بىلىدۇ.
 
ئۆچ ئېلىش ئىدىيىسى كۈچلۈك قىزلار. بۇنداق قىزلارنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ، قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرسە بارلىقىنى ئاتا قىلىدۇ، ئەكسىچە نەپرەتلەنسە، چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ، بار ئاماللار بىلەن ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
 
ئۆزىگە ئىشىنەلمەيدىغان قىزلار. بۇ خىل قىزلار كەلگۈسىگە زور ئىشەنچ باغلىمايدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئوي-پىكرى بويىچە ياشاش يولىغا كىرىۋېلىپ، ئۆزىنى ئۇپرىتىشنى خالىمايدۇ، قىزلار چوقۇم ئۆزىدىن ھالقىپ، تەقدىرىنى ئۆزى كونترول قىلىشى كېرەك. 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم