ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
دانىخورەك ئىزىنى تېز يوقىتىشنىڭ 5 خىل چارىسى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

دانىخورەك ئىزىنى تېز يوقىتىشنىڭ 5 خىل چارىسى

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 2003   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 07-06-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 دانىخورەك ئىزى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىش, نۇرغۇنلار دانىخورەكنىڭ ئىزىدىن ئازابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشى دانىخورەكنىڭ ئىزىنى يوقىتىشنىڭ بىرمۇنچە ئۇسۇلىنى سىناپ باققان بولسىمۇ, ھېچقانداق ئۈنۈمىنى كۆرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. 

تۆۋەندە دانىخورەكنىڭ ئىزىنى يوقىتىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز:
1.ئالما ئارقىلىق دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش. ئەگەر سىزنىڭ تېرىڭىزدە دانىخورەك ياكى دانىخورەكنىڭ ئىزى بولسا, ئاۋۋال بىر ئالما ياپراقچىسىنى قايناق سۇغا سېلىپ بىر قانچە مىنۇت تۇرغۇزۇپ, ئالما ياپراقچىسى يۇمشغاندىن كېيىن ئۇنى ئېلىپ, سوۋۇپ ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە دانىخورەكنىڭ ئىزىغا چاپلاپ, 20 مىنۇت تۇرغۇزىسىز. ئالما ياپراقچىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن,سۇدا يۇيىۋىتىسىز. بۇ ئۇسۇل دانىخورەكنىڭ ئىزى ئەمدى پەيدا بولۇۋاتقان مەزگىلگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇنى ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ.
 2.قىزىل ھاراق ئارقىلىق دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش. قىزىل ھاراق ئاياللارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھۆسن تۈزەش بويۇمى. ھاراقنى ئاز مىقداردىكى ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن, يۈز چاپلىقى قەغىزىنى ئۇنىڭغا چىلاپ ئېلىپ يۈزگە چاپلايسىز, تەخمىنەن 15~20 مىنۇتتىن كىيىن ئېلىۋېتىپ, يۈزنى سۇدا يۇيۇۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. بۇنداق قىلىش دانىخورەكنىڭ ئىزىنى يوقىتىپلا قالماي, تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ, تېرىنىڭ قېرىشنغا قارشى تۇرىدۇ. 
 

3.ياغسىزلاندۇرۇلغان قېتىقتا دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش. قېتىقنىڭ تەركىبىدە ئاكتىپ ئانئورگانىك ماددا, مىكرو ئېلېمېنت سىنك ۋە ۋىتامىن A , ۋىتامىن E نىڭ تۇغۇندى ماددىلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ, دانىخورەكنىڭ ئىششىقىنى يېنىكلىتىش ۋە يارىنىڭ ساقىيىشىغا پايدىلىق. پەقەت ئىچىپ ئېشىپ قالغان كالا سۈتىنى دانىخورەكنىڭ ئىزىغا سۈركەپ, ئىككىنچى كۈنى يۇيۇۋەتسىڭزلا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل پەقەت قارا رەڭلىك دانىخورەكنىڭ ئىزىغا پايدىلىق بولۇش بىلەن بىللە, قىزىل رەڭلىك دانىخورەكنىڭ ئىزىنىمۇ ئۈنۈملۈك يوقىتالايدۇ, بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى, قېتىق تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار زىيادە كۆپ بولۇپ, ئاسانلا ياغ زەررىچىسى ئۆسۈپ قالىدۇ, شۇڭا ياغسىز قېتىقنى ئىشلىتىش كېرەك.
4.غولپىيازنىڭ ئېقى بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش. غولپىيازنىڭ تۈۋىدىكى ئېقىنى سوقۇپ, ئاندىن يۈز تېرىسىدىكى دانىخورەكنىڭ ئىزىغا چاپلاپ بىر قانچە مىنۇتتىن كىيىن ئېلىۋېتىپ, يۈزنى پاكىز يۇيۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. غولپىياز ئېقى ئاچچىق بولغانلىقتىن, تېرىنى غىدىقلايدۇ, شۇڭا ئۇنى بەك ئۇزاق چاپلىماسلىق كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بىر قانچە مىنۇتتىلا دانىخورەكنىڭ ئىزىنى ناھايىتى ياخشى يوقىتىش ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە تېرىنى ئاقارتىپ, داغنى سۇسلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. بۇنى ھەپتىدە بىر قېتىم قىلسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئەستايىدل داۋاملاشتۇرغاندا,ئۈنۈمى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
5.زەنجىۋىل ياپراقچىسى بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش. زەنجىۋىل ياپراقچىسىنىڭ قىزلارنىڭ يۈزىدىكى داغلار ۋە دانىخورەكنىڭ ئىزىنى يوقىتىشتا ناھايىتى زور پايدىسى بار. زەنجىۋىلنى نېپىز يالپاقلاپ, يۈزدىكى دانىخورەكنىڭ ئىزى بەكرەك ئېنىق ئورۇنغا سۈركىسە, تېرىدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش, مىكروب ئۆلتۈرۈشىكە ياردەم بېرىپ, دانىخورەكنىڭ ئىزىنى سۇسلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. زەنجىۋىل ياپرىقىنى يۈزگە داۋاملىق سۈركەپ بەرسە, دانىخورەكنىڭ ئىزى تىزلا يوقايدۇ. 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم