ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
ئاياللارنى تېخىمۇ زىلۋا قىلىدىغان ئالتە خىل يېمەكلىك-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

ئاياللارنى تېخىمۇ زىلۋا قىلىدىغان ئالتە خىل يېمەكلىك

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 2148   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 07-06-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 ئالتە خىل يېمەكلىك ئاياللارنى زىلۋالاشتۇرىدۇ.

 1. كەرەپشە: 
مەنپى كالورىيەلىك بۇ كوكتات بەدەننى زىلۋالاشتۇىدۇ. كەرەپشە تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى مول بولغاچقا,ئۇ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى يۇقىرى تالالىق مەنپىي كالورىيەلىك ئورۇقلىتىش يېمەكلىكى ھىسابلىنىدۇ, كەرەپشىنى ھەزىم قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىسسىقلىق مىقدارى كەرەپشە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئىسسىقلىق مىقدارىدىن كۆپ, ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول سېللۇلوزا بەدەن ئىچىدىكى ماي ۋە ئەخلەتلەرنى چىقىرىۋېتىشكە ياردەم بېرىپ, ئۈچەينى تازىلاپ ئورۇقلىتىدۇ. كەرەپشىنىڭ يەنە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش, سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار, ئۇبەدىنىدىكى نەملىك بىر قەدەر چوڭ, سۇلۇق ئىششىقلىق سېمىز ئاياللارغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
2. تەرخەمەك:
 تەرخەمەك ماينى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر, تەرخەمەكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ, تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى, سېللۇلوزا قاندىكى خولېستېرىننى ئازايتىشقا ياردەم بېرىپ, ئۈچەيدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ, قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەرخەمەك تەركىبىدىكى تارترونىك كىسلاتاسى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ياغقا ئۆزگىرىشىنى تىزگىنلەيدۇ.
3. بۆلجۈرگەن:
 بۆلجۈرگەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئورۇقلىتىشتىكى ئاددىي يېمەكلىك . بۆلجۈرگەن ئورۇقلىتىشتىكى بىرىنچى مېۋە دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە, بۆلجۈرگەن تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە پولىفېنول ماددىلىرى ناھايىتى مول بولۇپ, ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشكە ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىش, ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا, يەنە تۆمۈرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق.
4. قىزىل پەمىل چاي :
 ئاشقازاننى ئىللىتىش, ماينى سېرىشتىكى ياخشى ئىچىملىك. قىزىل پەمىل چېيىنىڭ ئاشقازان ۋە بالىياتقۇنى ئىللىتىش, مېتابولىزمنى كۈچەيتىش , قوبۇل قىلىنغان ئارتۇقچە مايلارنى پارچىلاشقا ياردەم بېرىش, ماينى سېرىش رولى بار. گۆش يېيىشكە ئامراق ئاياللارنىڭ دائىم چاي دەملەپ ئىچىشى بىر قەدەر ئىلمىي بولۇپ, چاي بىلەن ئاددىي يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ يىسىمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ قېنىدىكى ماي تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئاياللار دائىم قىزىل پەمىل چېيىنى ئىچىپ بەرسە ئورۇقلاشقا تېخىمۇ پايدىسى بۇلىدۇ.
 5. لامىنارىيە:
 بۇ ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى زەھەرنى تازىلاش, ئاياللارنى ئورۇقلىتىشتىكى چولپان يېمەكلىك. لامىنارىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىلىق تەرىپى شۇكى- ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يېلىم ماددىسى ۋە فۇكوئىدىن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ياخشىلاپ, تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ, بەدەندىكى ماي ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.
 6. ئەتىرگۈل چېيى:
 مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئىچىملىك. دائىم ئەتىرگۈل چېيىنى ئىچىپ بەرگەندە, قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ, ئۇنىڭ يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە مىتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار, بۇلار ئورۇقلاش ۋە بەدەن گۈزەللەشتۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق. 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم