ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
ئاياللار ئەڭ ئېھتىياجلىق «ئۈچ خىل كۆكتات گۆھىرى»-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

ئاياللار ئەڭ ئېھتىياجلىق «ئۈچ خىل كۆكتات گۆھىرى»

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1990   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 07-06-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

يېقىندا ئامېرىكا فوكىس تورى ساغلاملىق قانىلى ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ كۆكتاتنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلدى, شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوزۇقلۇق قىممىتى مول دەپ قارىلىدىغان ,ئەمما سالامەتلىككە ئانچە پايدىسى بولمىغان ئۈچ خىل كۆكتاتنى تۇنۇشتۇردى.

1.پالەك: پالەك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن K, ۋىتامىن C, كالىي, كىسانتوفىل ۋە كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى نۇرغۇن رېئاكتىۋ بار بولۇپ, يۈرەكنى كۈچەيتىش ,مۇسكۇللارنىڭ رولىنى جارى قىلىدۇرۇشقا ياردەم بېرىش بىلەن تەڭ , مول تالا تەركىبى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ياخشىلاپ, ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ ياش ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر ئېلېمېنتى ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى ياخشى ياردەمچىسى.
2.كاپۇستا: كاپۇستا تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك ماددىسى ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ بىلەن ياللۇغلىنىشقا قارشى مۇناسىۋەتلىك سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ, راك كېسىلى ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ بەدەندىكى ئېنزىم سېستىمىسىنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ, نېيتىراللاشتۇرغۇچى توكسىننىڭ DNA سىى زىيانغا ئۇچرىتىشى, راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3.كەترەن: كەترەننىڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ تەركىبىدە مول ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنىڭ بولغانلىقىدا.ھەر 100گرام گۈللۈك پۆپۈكتە 3.5-4.5 گرامغىچە ئاقسىل بولۇپ ,چىچەك سەينىڭ ئۈچ ھەسسىگە ,شوخلىنىڭ تۆت ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە ھەر خىل ۋىتامىنلار بولۇپ, بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىنC بىلەن ۋىتامىن A تېرىنى ئاقارتىپ گۈزەللەشتۈردىغان ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىدۇ, ئۇ قارا داغ, سەپكۈننىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. تۇرۇپ,تەرخەمەك ھەمدە پىدىگەنمۇ ياخشى كۆكتاتلار ھېسابلىنىدۇ, ئەمما ئادەتتە ئۇلارنىڭ رولى مۇبالىغە قىلىۋېتىلىدۇ. تۇرۇپتا ۋىتامىنC ئىنتايىن مول. تەرخەمەكنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇپ, ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار, ئەمما ئوزۇقلۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا بەك مۇھىممۇ ئەمەس. پىدىگەننىڭ تەمى يامان ئەمەس شۇڭا گۆشسىز تاماقلاردا گۆشنىڭ رولىنى ئوينىيالايدۇ,لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدە مول تالادىن سىرت, باشقا كۆپ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يوق .

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم