ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
ئاياللارنىڭ چىرايىنى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىشىنىڭ سىرى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

ئاياللارنىڭ چىرايىنى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىشىنىڭ سىرى

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 2284   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 12-05-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 

ئاياللارنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان تەلىپى كىيىم تاللىغانغا ئوخشايدۇ، بەدەن ئالاھىدىلىكى ۋە يېشىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئاياللارنىڭ ياشلىق ۋاقتىدىكى بىلەن ياشانغان ۋاقتىدىكى ئۇزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى پەقەتلا ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى ھەركەت مىقدارى ۋە ماددا ئالمىشىش مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ،
18 ياش، بۇ مەزگىلدە كالتىسىنىڭ سۈمۈرلۈشى ۋە ھەركەت مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك.
ئوزۇقلۇق مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق ئېيتىدۇ، كالتىسى ۋە تۈمۈر بولسا ياشلىق مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئېلىمىنىتلار،
ياشلىق مەزگىلدە بولسا كالتىسىغا بولغا ئېھتىياج باشقا مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بۇلىدۇ، چۈنكى بۇ مەزگىلدە سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنىڭ ئساسلىق شەكىللىنىدىغان پەيتى، كالتىسىينىڭ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى بولسا سۈت ۋە پۇرچاق.
تۈمۈ ربولسا ياشلىق مەزگىلدىكى ئۈسۈپ يىتىلىشتە كەم بولسا بولمايدۇ، بۇ مەزگىلدە بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇق مىقدارى ۋە مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشى ئەڭ يۇقىرى بۇلىدىغان مەزگىل، تۈمۈر بولسا ھىمىگلوبىن ۋە قىزىل قان ئېلمىنتى بىرلەشكەندە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا،
ئۇنىڭدىن باشقا، قىزلا ر ھەيىز مەزگىلدە كۆپ مىقداردا تۈمۈر ماددىسىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا قىزلا ربۇنداق ۋاقىتتا تۈمۈر ماددىسىغا تېخىمۇ مۇھتاج بۇلىدۇ، تۈمۈر ماددىسى بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ،
25 ياش، يىتىلىش مەزگىلى، بۇ ۋاقىتتا ۋىيتامىن C نىڭ سۈمۈرلۈشىگە ئالاھىدە دېققە قىلىش كېرەك
بۇ مەزگىلدە كۈچ - قۇۋەت ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىل بۇلۇپ، بەدەن كۈچى ئەڭ خورايدىغان مەزگىل، كىشىلەر بۇنداق ۋاقىتتا ئالدىراش ئۆگۈنىدۇ ياكى ئىشلەيدۇ، بۇ مەزگىلدە ھاياتى كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقى ئ.ۈچۈن تاماكا چىكىش ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئىشلار سالامەتلىككە زىيان يىتكۈزىشى مۇمكىن.
بۇ ۋاقىتتا سالامەتلىكىڭىزنىڭ ياخشى بۇلىشى ئۈچۈن، تاماقتىنلا دېققەت قىلىشتىن باشقا يەنە ، ۋىيامىن C نىڭ سۈمۈرلۈشىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك،
ئادەتتە كۆكتاتلار ئارىسىدىكى ۋىيتامىن C مىقدارى يۇقىرى بولغانلىرى، مايمۇن شاپتۇل، تاتلىق لازا، قىچا، كۈلى بېھىسى، گۈل كاپۇستا قاتارلىقلار.
35 ياش، يۇپۇرماق كىسلاتا تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىش.
بۇ ياشتىكى قىزلار ، ئاساسەن تۇغۇت مەزگىلى بۇلۇپ، ھامىلدار ئاياللارغا نىسپەتەن ئېيىتقاندا، يۇپۇرماق كىسلاتانىڭ سۈمۈرلىشى بولسا بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەھەتتە ئوخشاشلا مۇھىم، چۈنكى يۇپۇرماق كىسلاتا ئامىنو كىسلاتانىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە ھۈجەيرىلەرنىڭ بۈلۈنىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ھامىلدار ئاياللاردا يۇپۇرماق كىسلاتا كەمچىل بولسا ھامىلىنىڭ نېرۋا سېستىمىسى تۇلۇق يىتىلمەي غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىش ئالامەتلىرى بار.
45 ياش، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە قەدەم تاشلىغانلىق، بۇ ۋاقىتتا ۋىيتامىن B ۋە ئاقسىلنىڭ سۈمۈرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك،
ئۇزۇقلۇق مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەزگىلدىكى قېرىش ئالامەتلىرى كۆرىنەرلىك ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ۋا قىتتا ۋىيتامىن B نى ككپرەك ئىستىمال قىلغاندا قېرىش ئالامەتلىرىنى ئازايىتقىلى بۇلىدۇ، ھەمدە تېرىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قالالايسىز، سۈت ،قېتىق قاتارلىق مەھسۇلاتلار يەنە يىرىك گۈرۈچ تەركىبىدە ۋىيتامىن B مىقدارى ئىنتايىن مول.
كۆپىنچە ئادەملەر ئوتتۇرا ياش مەزگىلگە كىرىپلا ئاقسىلنىڭ سۈمۈرلىشىنى ئازايتىدۇ، بۇ بىر توغرا بولمىغان ئۇقۇم، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرلۈشى بولسا ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر باسقۇچلىرىدا ئوخشاشلا مۇھىم، مەيلى كىچىك قىز ياكى ئوتتۇرا ياش ئايال بۇلۇڭ ئاقسىنىڭ سۈمۈرلۈشى ئىنتايىن مۇھىم،
ئاقسىل بولسا بەدەننىڭ فونكىسىيەلىك رولىنى ئوينايدۇ، يەنە ھۈجەيرىلەرنىڭ نورماك بۈلۈنىشى ۋە ئۈسۈپ يىتىلىشى، تېرە ساغلاملىقى، قاتارلىق جەھەتتە ئوخشاشلا مۇھىم،
40 ياشقا كىرگەندىن كىيىن، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش نىسپىتى بىر قەدەر تۆۋەن بۇلىدۇ، ئىسسىقلىق مىقدارى تەلىپى ياش ۋاقىتتىكىدىن ئاز بۇلىدۇ، ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇنۇش ئادىتى بولسا ماي مىقدارى تۆۋەن، يۇقىرى تالالىق يىمەلكى ئىستىمال قىلىش، مېۋىنى كۆپرەك يىيشى، ئۆي قۇشلىرى بېلىق قاتارلىقالرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش.
بۇنداق ئۇزۇقلىنىش ئادىتى، بەدەندىكى خولىتسىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن ، قان تۇمۇر قېتۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىنى ئازايتىدۇ، يۈرەك كېسەل ، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىدىن ساقلايدۇ.
55 ياش، كالتىسى ۋە ئۆسۈملۈك ھورمۇنى تۇلۇقلاش.
بۇ مەزگىلدە، بۇ مەزگىلدە كۆپىنچە ئاياللار ھەيىز كىسىلىش مەزگىلىگە ماسلىشالماسلىق ،سۆڭەك شالاڭشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئاياللار كۈنىگە 1000 مىللىگىرام ئەتراپىدا كالتىسىي ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
بۇ مەزگىلدە كىشىلەرنىڭ بەدەىنىدىكى كالتىسىي مىقدارى يىتىشمەيدۇ، ھەيىز كىسىلگەندىن كىيىن سۆڭەك ماددىسىنىڭ يوقىلىشى تېزلىشىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە كالتىسى تۇلۇقلاپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك،
يەنە ھەيىز كىسىلگەن مەزگىلدە ئاياللار ئامال بار ئىسپىرىت ، قەھۋە، ئاچچىق يىمەكلىك قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرىشى كېرەك ، ھەيىز كىسىلىش مەزگىلىدىكى ئاياللار سۈت ، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك، بۇ ۋاقىتتا يەنە ھورمۇنمۇ تۇلۇقلاپ بىرىشى ئاياللار كۆكسى ۋە بالىياتقۇ قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
60 ياش، قېرىلىق مەزگىلى ، بۇ مەزگىلدە ئاقسىل ۋە يېڭى كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
بۇ مەزگىلدە ھەركەت مىقدارى ۋە ماددا ئالمىشىش نىسپىتى تۆۋەن بۇلىدۇ، قېرىلىق مەزگىلىدە ئېھتىياجلىق ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك، بىراق سۈمۈرۈلىدىغان ئاقسىل مىقدارى ياش ۋاقتىدىكىدىن يۇقىرى بۇلۇش كېرەك،
ئادەتتە يىمەكلىكلەردىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بولسا ، ئورۇق گۆش، بېلىق گۆشى، تۆۋەن مايلىق سۈت قاتارلىقلار، بىراق جىگەر ، بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر ، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرلۈش مىقدارىغا دېققەت قىلىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلار ئادەتتە كۈندىلىك يىمەكلىكتە يېڭى سەي - كۆكتاتلار ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە مول بولغان يىمەكلىك تالاسى بار بۇلۇپ، بۇ ياشانغانلارنىڭ قەۋزىيەت قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئازايىتقىلى بۇلىدۇ، ئۆسۈملۈكلەر تەركىببىدە يەنە خېمىۋىيلىك ئېلىمىنىتلار بۇلۇپ، راكقا قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

 


ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم