ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
سۆلەتۋاز قىز-ئاياللارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

سۆلەتۋاز قىز-ئاياللارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 817   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 29-12-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

سۆلەتۋاز قىز-ئاياللارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار

 1. شوخ كېلىدۇ. ئۇلار ناز-كەرەشمىسىگە تايىنىپ ئەرلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، لەگلەك ئۇچۇرۇشقا بەكلا ئۇستا، قانداق چاغدا ئۇچۇرۇپ، قانداق چاغدا يىغىشنى ئوبدان بىلىدۇ.

2. ئۆزىگە بەكلا ئىشىنىدۇ. قىز-ئاياللار ئۆزىگە ئىشەنگەندىلا سۆلەتۋازلىق قىلىشقا پېتىنالايدۇ. ئۇلار گۈزەللىكى ۋە قابىلىيىتىگە ئىشىنىدىغان بولغاچقا، كۆزلىگەن نىشانىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ ھەمدە بىر ئاماللارنى قىلىپ شۇ نىشانىغا يېتىدۇ.
3. سالامەتلىكىگە بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار گۈزەللىكنى قوغلىشىش بىلەن بىللە، سالامەتلىكىگىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ساغلام بولغاندىلا گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئۇلار ئائىلە ۋە بالا ئۈچۈن ئۆز گۈزەللىكىنى نابۇت قىلىشنى خالىمايدۇ، گۈزەللىكى ۋە ساغلاملىقىنى ساقلاپ قالغاندىلا، بەختلىك ئائىلىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارمايدۇ.
4. يۇمۇرىستىك كېلىدۇ. ئۇلار كۈلكىسى ۋە يۇمۇرىستىكلىقى بىلەنمۇ ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ، ئەلۋەتتە ھەر قانداق كىشى جۈپتىنىڭ ھەر ۋاقىت چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ مىسكىن يۈرۈشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا سۆلەتۋاز ئاياللار ھەر ۋاقىت خۇشچاقچاق يۈرۈپ، ئەرلەرنى كۈلكىسى بىلەن تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشىدۇ.
 
 
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

 


ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم