
قىشتا بەزەن ئاياللارنىڭ پۇت-قوللىرى ئاسان مۇزلايدۇ.ئەمىليەتتە قىشتا پۇت-قولنىڭ مۇزلىشى ھاۋانىڭ سوۋۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكىمۇ بولمايدۇ.
قىشتا ئاياللارنىڭ قول-پۇتىنىڭ مۇزلىشىدىكى سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:
.1چېنىقماسلىق ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە بەزى ئاياللار سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا بەدەندىكى قان ئايلىنىش ئاستا بولۇپ قالغاچقا قول-پۇل ئاسان مۇزلايدۇ.
2.تارئىشتان كىيىش. بەدەنگە چاپلىشىشپ تۇرىدىغان ئىشتان ياكى پايپاقلارنىمۇ كىيىۋېلىشمۇ قول-پۇتتنىڭ ئاسان مۇزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.يېلىڭ كېيىنىش. قىشتا ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، بەزى ئاياللار گۈزۈللىك قوغلىشىپ، يىلىڭ كىيىنىپ سىرتقا چىقىدۇ، بۇمۇ قول-پۇتى مۇزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قول-پۇتى ئاسان مۇزلايدىغان ئاياللار بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشى، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىسسىق سۇدا چىلاپ يۇيۇپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىپ، غىدىقلايدىغان، ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.