• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار8

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 0 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

سالام، ھۆر شىتات
كانزاس ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇللار كۆپ، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇشىغا قارىماي قۇللۇقنى بىكار قىلىش تەرەپتارى بولغانىكەن. ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ يولدىكى تاختىلاردىن ھۆر شىتات دېگەن ئىسىمنى كۆپ چېلىقتۇردۇم. ماڭا ”ھۆر شىتات“  دېگەن سۆز تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈندى ۋە ”ھەرنىمە بولسا ھۆرلۈك ئەنئەنىسى بار كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىپتىمەن“ دەپ ھاياجانلاندىم.  مېنى ئالغىلى چىققان موڭغۇل بالىمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ھۆر پىكىرلىك دەپ تەرىپلىدى.  مەن بۇرۇن موڭغۇل بالىلارغا دەرس بەرگەن بولغاچ چىرايى بىزنىڭ قازاق قارداشلارغاراق ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ مىللەت بالىلىرىنى خېلى ئوبدان چۈشىنەتتىم. يول بويى قىزغىن مۇڭداشتۇق. ئۇ مېنىڭ تىلشۇناسلىقتا ئوقۇغىلى كەلگىنىمنى ئاڭلاپ « بۇ كەسپتە بۇ يەدە ئاساسەن چەئەللىكلەر ئوقۇيدۇ، ئامېرىكىلىقلار بۇنداق ئابىستىراكىت كەسپلەردە ئاز» دەپ تونۇشتۇردى. مەن كۆڭلۈمدە ئانچە قايىل بولمۇدۇم، چۈنكى تىلشۇناسلىق ساھەسىدە ئامېرىكا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى، بۇ مەكتەپنىڭ تىلشۇناسلىق پىرافېسسورلىرىمۇ ئامېرىكىلىقلار ئېدى. ئۇ بالا دادىسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرىستىتىدە موڭغۇل تىلى پروفېسسورى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ئۆزى موڭغۇلچە ئۇقمايدىكەن، مەن ئۇنىڭ موڭغۇلچە ئۇقمايمەن دېگەن سۆزنى شۇنچە تەبىئى دېگىنىدىن ھەيران قالدىم. بۇ ماڭا چىڭغىزخاننىڭ 800 يىل بۇرۇنقى ئات بىلەن ياراتقان سەلتەنىتى ۋە شۇ سەلتەنەتنىڭ تىرىك ۋارىسلىرى بولغان بۈگۈنكى موڭغۇل ياشلىرى ئەجداد بىلەن ئەۋلاتنى باغلايدىغان خاسىيەتلىك رىشتە__ ئانا تىلدىن ئۈنسىز خوشلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى. مەن بۇرۇن دەرس ئۆتكەن موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ جىددىيلەشسە موڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئېدىم. گەرچە ئۇلاردا بىزدىكىدەك مەجبۇرى قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلمىغان، ئانا تىلدا ئوقۇش مەمۇرىي ۋە ئىختىسادىي ۋاستىلەر بىلەن تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان، رىغبەتلەندۈرىلىۋاتقان بولسىمۇ موڭغۇلچىنىڭ يىگىلىشى ئېغىر مەسىلە ئېدى. موڭغۇل ئۇكىمىز بۇ مەكتەبتە 1200دىن ئارتۇق خەنزۇ ئوقۇغۇچى بارلىقىنى سۆلەپ بەرگەندە ھەيران قالدىم. 27مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى  ئىچىدە مۇنچە كۆپ خەنسۇنىڭ بولۇشى جۇڭگونىڭ كەلگۈسە ئۈچۈن بىر ئۈمىد ئېدى.

لاۋرېنس دېگەن بۇ شەھەر بىر ئۇنۋېرىستىت شەھرى بولۇپ 88مىڭ ئاھالە ياشايدىكەن، سانائەت ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ دېھقانچىلىق ئاساس ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى كانزاس شىتاتىدىكى قۇللۇققا قارشى بايراقدار ئاموس ئادامس لاۋرېنس دېگەن كىشىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ مەزكۇر كىشى بۇ شەھەرنى قۇرغۇچىلاردىنكەن. شەھەرنىڭ تۆرت پەسىل ئېنىق، ھەممە يەر يېشىللىق بىلەن تولغان، ھاۋاسىدىن گۈپۈلدەپ تۈرلۈك كۆكات ۋە ياۋا گۈللەرنىڭ ھېدىلا پۇرايدىكەن. كىچىكىمدىن يېزامدا قۇشلار ناۋاسى بىلەن ئويغۇنۇپ كۆنگەن مەندەك سەھرا بالىسىغا بۇ يەردىكى ھەر خىل قۇشلارنىڭ يېقىملىق چورقىراشلىرى بىلەن ئويغۇنۇش غەمسىز بالىلىغىمنى ئەسلەتتى. بۇ يەردە كانزاس ئۇنۋېرىستىتى ۋە يەنە بىر ئنىستىتۇت بار ئىكەن. شەھەر ھاياتى مۇشۇ ئىككى مەكتەپنى مەركەز قىلىپ ئايلانسا كېرەك. كوچىلاردا پىيادە كېتىۋاتقان ئادەمنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتتى، خۇددى بۇ يەردە يوللار ماشىنىلار ئۈچۈن ياسالغاندەكلا. ئەگەر پىيادىلەر يولدىن ئۆتمەكچى بولسا ماشىنىلىق كىشى مۇتلەق ھالدا پىيادە ئادەمگە يول بېرەتتى. مەن بۇنى تۈركىيەدىمۇ بايقىغان ئۇ يەردىمۇ ماشىنىلار خېلى يىراقتىن توختاپ پىيادىلەرگە يول بېرەتتى. قارىغاندا ماشىنا بايلىق ۋە ئەمەلنىڭ بەلگىسى ئەمەس پەقەت بىر قاتناش قورالى دەپ قارىلىدىغان يەرلەردە مۇشۇنداق بولسا كېرەك، بولۇپمۇ كىشىلەر بايلىق ۋە ئەمەل دەرىجىسى بويىچە روشەن تەبىقىلەرگە بۆلۈنمىگەن ئەللەردە.

مەيلى چىكاگۇ كوچىلىرى بولسۇن ياكى كانزاس ۋەياكى لاۋرېنس بولسۇن ھەممىسى ئورمان ۋە چىملىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ شەھەر بەرپا قىلىنغاندا يېشىللىق ئادەمگە ئەمەس ئادەم يېشىللىققا ماسلاشقاندەك قىلاتتى. شەھەردىكى بىنالار ئاساسەن بىر قەۋەت ياكى ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ مەن بۇ شەھەردە تېخىچە بەش قەۋەتتىن ئېگىز بىنا كۆرۈپ باقمىدىم، ھەممە يەر كەڭ، يوغان ئازادە، ئادەملار شۇنچە شالاڭ، خاتىرىجەم. خۇددى ۋەتەندىكى چېغىمدا مەن تېلۋېزورلاردا كۆرگەن ئىختىسادىي كرىزىس، چوشقا زۇكۇمى، ئۇرۇش ۋەھىمىسى سەۋەبىدىن  كىشىنى ۋەيران بولغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان ئامېرىكا باشقا بىر سەييارىدىكى دۆلەتتەكلا. نەرسە كېرەكلەرنىڭ باھاسىمۇ شۇنداق ئەرزانىكەن. بىر چامادان كومپىيوتىر ئالدىم 349 دوللارغا، بۇ يەدىكى مەن ئۇچراشقان جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماشنىسى بار ئىكەن، يامان ئەمەس بىر ماشىنا ئاران مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىكەن.(مەن ئەزەلدىن ماشىنىغا قىزىقمايمەن، شۇڭا قايسى ماركىدىكى ماشىنا ئىكەنلىكىنى مىڭ يادلىساممۇ ئېسىمدە قالمايدۇ)، بىر پوتۇلكا 100%ساپ لېمون شەربىتى ئاران بىر يېرىم دوللار.. بىزنىڭ يۇرتلاردىكى شەھەرلەرنى سېمۇنتلاشتۇرۇش، چىملىقلاشتۇرۇش، شەھەردە يەرلىك دەرەخلەرنى يوقۇتۇپ ياتلاشتۇرۇش، تولا دەرەخ ئالماشتۇرۇپ قاقاسلاشتۇرۇش بۇ يەردە يوقتەك ئېدى. بەلكىم باينى دوراش مودىسى سەۋەبىدىنمۇ قانداق بۇ يەردىكى چىملىق ئەڭ چەت ئۇيغۇر يېزىلرىغىچە ئومۇملاشتۇرۇلغانىدى. « ئامېرىكا جاھانگىرلىكى» نىڭ چىىمى پۈتۈن يۇرتىمىزنى قاپلاپ بولغان ئېدى. دېمەك سىز باي بولسىڭىز، تەرەققي بولسىڭىز ھەممە نەرسىڭىز مۇدا بولىدىغان گەپكەن. قىزلار ئۈرۈمچىدە بەس بەستە كېيىپ كەتكەن گاچا ئىشتان، يېڭى يوق ئۇزۇن كۆينەك، يوتىنى ياپالماس يوپكا، خىپ خاپ ئىشتان… كىم بۇلارنى ئامېرىكا كوچىلرىدىن ئاۋال ئۈرۈمچىگە ئاندىن غۇلجا، قەشقەر، كۇچا، خوتەنگە تارالمىدى دېيەلىسۇن. لېكىن بىزنىڭ تەرەققىي ئەللەردىن قوبۇل قىلىۋاتقىنىمىز پەقەت كۈنسىرى ئالمىشىپ تۇرىدىغان مودا قىياپەت، ئالدامچى شەكىل. شۇ قىياپات ۋە شەكىل ئىچىدىكى ئىنساننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىجادچانلىقى، تەرتىپچانلىقى، سەمىميلىكى تېخى بىزگە قوبۇل بولۇشتىن يىراق. تۇنجى كەلگەن كۈنى مېنى ئايرىدورۇمدىن ئەكىلىپ قويغان موڭغۇل ئۇكىمىزغا پۇل تەڭلىسەم ئالمىدى، سەۋەبىنى سورىسام « بۇ مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خالىسانە مۇلازىمىتى، بىزگە ماي پۇلى دېگەندەك چىقىملارنى باشقىلار ئىئانە قىلغان، شۇڭا پۇل ئالسام بولمايدۇ » دېدى. ئۇ كۈنى كېچە سائەت 11دىن ئاشقان بولۇپ ئۇ ئۇكىمىز ماڭا تۇرىدىغان يېرىمنى تېپىپ بېرەلمەي كۆپ مالال بولغان ئېدى. مەن بۇلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ پۇلنى ئېلىشقا ئۈندىسەم « بۇ دېگەن ئامېرىكا بۇ يەردە سەمىمىيلىك مەسىلىسى بار» دەپ مېنى خىجىل قىلدى. ئۇ كۈنى مەزكۇر ئۇكىمىز پۇلنى ئالسا تامامەن بولاتتى، مەن پۈتۈنلەي رازى بولۇپ بەرگەن، بۇ ئۇنىڭ ئىش ھەققى ئەمەس مۇكاپاتى ئېدى. ئەمما ئۇ ئېلىشنى رەت قىلدى، چۈنكى بۇ يەردە ئېقىۋاتقان پىرىنسىپ كىشى كۆرسۇن كۆرمىسۇن كۈچىنى كۆرسىتىۋېرىدىغان سەمىمىيلىك پىرىنىسىپى ئېدى. دىننى مەنبە قىلغان خالىسلىق ئومۇملاشقان جەمئىيەتتىكى ئەسلىي «خۇدا ھەممە ھەممىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن ئەقىدىدىن كەلگەن پىرىنسىپ بۇ دۆلەتتە مەزكۇر دىنغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئېدى.
ئەگەر شۇ ئۇكىمىز ئىچكى موڭغولدا ياكى شىنجاڭدا بولسا شۇنداق دېيەلەيتتىمۇ؟ خالىسلىققا، سەمىمىيلىككە بۇ قەدەر ئەمەل قىلالايتتىمۇ؟ ياق، چۈنكى ئادەم موھىتنىڭ مەھسۇلى، جەمىيەتتە قايسى ئادەت مۇدا بولغان، قايسى پىكىر ئومۇملاشقان بولسا ئاجىز ئىنسان تەبىئى ھالدا شۇنىڭغا ماسلىشىدۇ، ھەم ماسلاشمايمۇ ئامالسىز. بۇ قانداقتۇر قايسى مىللەتتىكى نۇقسان، ئەيىپ ئەمەس جەمئىيەت مىخانىزىمىدىكى ناچار ماتورنىڭ مەسىلىسى، مۇشۇ مىخانىزىمنىڭ تۈرتكىسىدە ياشاۋاتقان ئىنسىان ياكى ئىنسانلار توپى بولغان مىللەت پەقەت يۇقاقى قۇرۇلمىنىڭ تەلىپى بىلەنلا ھەرىكەت قىلىدۇ خالاس. شۇڭا كىشىلىرىمىزنى « بىلىم قۇت بەلگىسىدۇر» دەپ تەربىيەلەيدىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئارىمىزدا مىڭى چىقسىمۇ، «ئىسراپچىلىقنى تۈگىتەيلى»  دەپ ماقالە يازىدىغان ئەختەم ئۆمەردىن يۈزمىڭى چىقسىمۇ ئۇيغۇر بىلىمسىزلىكلىنى ۋە ئىسراپخورلىقىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. چۈنكى بىلىمنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئجتىمائى تۈزۈم، ئىسراپچىلىقنى تۇسايدىغان  ئېنىق تەدبىر ۋە بۇلارنىڭ كەينىدىكى قانۇنىي كاپالەت ۋە مەنىۋىي تۈۋرۈك يوقنىڭ ئورنىدا.
مەن كارىدۇرلاردا، لېفىتتە ئۇچرۇشۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە سالام قىلىپ ئۆتىۋاتقنىنى، ئاياللار-قىزلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئېچىپ بېرىپ ساقلاپ تۇرىۋاتقىنىنى، مەمۇرلارنىڭ ئىنگىلىزچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان چەتئەللىكلەرگە بىر جۈملىنى قايتا قايتا دېگۈزۈپ ئۇلارنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگىچە سەۋرىچانلىق قىلىۋاتقىنىنى، ماشنىسى دوقۇرۇشقانلارنىڭ ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە يول بېرىۋاتقىنىنى، قىزىل چىراقسىز بىرلا «توختاڭ» دېگەن بەلگە بىلەن كىشىلەرنىڭ شۇنچە بىخەتەر قاتناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۈركىيەدە ئاڭلىغان « غەرپلىكلەر مۇسۇلمان بولمىغان بىلەن مۇسۇلمانلىق سۈپەتتە ياشايدىكەن» دېگەن سۆزنىڭ راستلىقىغا چىنپۈتتۈم. مەكتەپتە تاماكا چېكىپ پاراڭ سېلىشىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىر بولسا ئەرەبلەر يەنە بىر بولسا خەنسۇلارئىكەن. قارىغاندا ئامېرىكىلىقلار « مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا سالام قەرزى بار، تاماكا چېكىش مەكروھ » دېگەن ئىسلامىي پىرىنسىپنى ئۆز ھەرىكەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرغان ئېدى.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار8
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار7 كېيىنكى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار9

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • 4.3.5نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ۋە يىتەكلەش دەرسىلىكى
  • iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش
  • قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز
  • iPhoneدا نەشىر چۈشۈرۈش دەرسلىكى
  • كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhoneدا ھەقسىز تورغا چېقىش
  • ئالمىچىلار چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بىلىم_SHSHنى زاپاسلاش
  • iPhone سىستىما بولىقى چۈشۈرۈش
  • ئادارگۈل(ھەپتىدە بىر مۇڭ)
  • دىققەت! iOS 4.3چىقتى! نەشىر كۆتۈرمەڭ!
  • iPhone4 نىڭ باھاسى iPhone4 S تىن يۇقىرى
  • Symbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش
  • خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتكە بېغىشلاپ
  • iTunesھىساب نۇمۇرىنى ھەقسىز ئېلتىماس قىلىڭ
  • 3GفورماتلىقiPad جوڭگوغا كىرگىلى بىر ھەپتە بولدى
  • Apple مەھسۇلاتلىرى ئورگان تەرەپ سىستىم بولىقى(ئەڭ تولۇقى)
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار21
  • iPhone4S كوناiPhoneلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈردى
  • 25-چىسلاipad2 شىياڭگاڭدا سېتىلىدۇ
  • ئۇيغۇرچە wikipedia نىڭ يىڭى ئامبىرى پۈتتى
  • يىپيىڭى iPhone4,16G (ئاق) ئەرزان سېتىلىدۇ
  • ئۇيغۇر گېنېرالنىڭ ھوزۇرىدا
  • Declan Galbraith نىڭ ئىجراسىدا ئىككى مۇڭ

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • Pod 2g يىقىندا iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدۇ
    • كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق ( multi-touch)
    • مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى
    • Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش
    • Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش
    • Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى
    • قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز
    • تۈرمىدىن قاچۇرۇش (JailBreak) نىڭ 100 خىل پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قاچمامسىز؟
    • ئەپلەرنى iTunes ئارقىلىق كومپيۇتېردا يىڭىلاش
    • 3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ھەۋەسكار:
      سىز 4س نى 5.1.1 گە كۆتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟…
    2. بىرھون:
      سىز بولسا، Android قا سېستىما قاچىلاش،…
    3. بىرھون:
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلوگىڭىزدا كىچىك …
    4. ئادىل:
      ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ئۇستاز مىنىڭ مۇش…
    5. ئۇزدىل تورى:
      بايام قولۇم بېسلىپ كېېتىپ قالدى، كەچۈر…
    6. ئۇزدىل تورى:
      ئۇزدىل بلو…
  • خەتكۈچلەر

    iphone4 uyghur apple icloud مەھسۇلات Mac OS X قۇلۇپ ipad IT خالاستان بىلوگ ipad 3 ios5 epub iphone4s RSS shsh ipad2 itunes gulan steve jobs ھەقسىز appstore iPod cydia iPhone يۇنىكود ئۆلچىمى pxl GoogleAdsense google ios ئەقلىفون symbian مۇڭ ئۇيغۇر
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club