• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز

2011-03-18 | Nezeri | تەرمىلەرگىچە| 31 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

يىقىندىن بىرى خالاستان بلوگىwww. نىڭ چېكىلىش قىتىمى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىپ كۈندىلىك IP سانى 2500 ئەتراپىدا بولۇپ ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ ئالدى بولۇپ قاپتۇ.alexaقىممىتىمۇ كۈنىگە 1 مىليۇندىن ئالغا سۈرۈلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە تورداشلار ھەر نىمە دەپ باقتى.
تۆۋەندە بىر قىسىم بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈش خاراكتىرىدە يېزىلغان بلوگنىڭ چىكىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش خام خىياللىرىنى ئاڭلاپ باقىلى، خالاستان بلوگىمۇ شۇنداق قىلغانمۇ يوق؟؟
داڭلىقلار دەيدۇكى:
بلوگنىمۇ تەشۋىق قىلىپ يۈرەمدۇ؟؟ ئەخمەق! ئۆزىمىزنىڭ مالىماتاڭ سۈرىتىدىن بىر نەچچىنى چىقىرىپلا قويساق چېكىلىش سانىنىڭ ئاشمىغىنىنى مەن بىر كۆرەي!!!!!

ئىشچىلار دەيدۇ:
ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى ئايايلى! سەل كونىراق مائۇستىن بىر نەچچىنى تېپىپ خالىغانچە چىكىپ ئوينىساقلا بولدىغۇ؟

دىھقانلار دەيدۇلەركى:
چەتئەلدىكى بىر بولكا دۇكىنى بولكا ياساش جەريانىنى پۈتۈنلەي سۈرەتكە ئېلىپ توردا قويۇپتىكەن، شۇ ھامانلا نەچچە يۈزمىڭ ئەخمەق شۇنى كۆرۈپتۇ. مەنمۇ بۇغداي تېرىش جەريانىنى رەسىمگە تارتىپ قويسام كۆرەرمۇ؟

ئېلان سودىگىرى ئەجەپلىنىپ كىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
ماقالىگە راۋرۇس قاتۇرۇپ ھەيۋات ماۋزۇدىن بىرنى قويساقلا ئىش پۈتتى. مەسىلەن:«مەن ئاخشام 赵薇نى يۇيۇپ قويدۇم»… دىگەندەك. ئەلۋەتتە ئۇنداق ساراڭلار بەك ئاز قالدى ، لىكىن يەنە 10 نىڭ ئىچىدىن بىرەرسى چىقىپ قالىدۇ……

ھورۇن يۇقارقىلارغا تېخى بىپەرۋا:
ھوي، ئىشنىڭ ئوڭىنى قىلىپ، ھازىر راۋرۇس يۈز تىپىپ قىززىغان داڭلىقتىن بىرنى تىپىپ راسا تىللايمىز. دىققەت قىلمىسا تاكى دىققەت قىلغۇچە تىللايمىز، قانچە ئاچچىق گەپلەر بىلەن تىللىساق شۇنچە ياخشى. بىر تەرەپتىن بلوگىمىزغا ئېقىم توپلايمىز يەنە بىر تەرەپتىن داڭىق چىقىرىمىز، ئۇلارغا ئۆچلەر بىلەن ئاغىنە بولىۋالساقمۇ ئەرزىيدۇ.

ئالدامچى مۇنداق جۆيلۈيدۇ:
مەن بەتتىكى بارلىق مەزمۇنلارنى يوشۇرۇن قىلىپ قويىمەن. باشقىلار ئاچسا ھىچنىمە يوق، شۇنىڭ بىلەن توختىماي بەت يىڭىلايدۇ . مۇشۇنداق قىلىپ مىنىڭ بلوگىمنىڭ ئىقىم مىقدارى ئاشمامدۇ؟؟؟؟؟

ئوغرى يۇقارقىلارنى پۈتۈنلەي كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بىشىنى بىر قاشلاپ مۇنداق دەيدۇ:
ئالدى بىلەن داڭلىق بىرسنىڭ ماقالىسىنى كۆچۈرۈپ ئەكىلەپ پەقەت ئىسمىنىلا ئۆرگەرتىپ بلوگىمغا چاپلايمەن، ئاندىن كىيىن ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىمەن. بىر نىمە دىسە ياخشى، دىمەي قالسا بارلىق ماقالىلىرىنىڭ ھەممىنى كۆچۈرۈپ بولۇپ ئادەم توپلاپ ئۇنى كۆچۈرمىكەشلىك قىلدى دەپ بىر ئەرز قىلىمەن . قارا چىقمىغان داڭىق، ئاشمىغان ئىقىمنى مەن بىر كۆرەي………

خوش، يۇقۇردا جىددىيلەشكەن نىرۋىلىرىمىز ئۈچۈن ئازراق يىنىكلەش بەردۇق.
بلوگنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ كۆرۈرمەنگە قانچىلىك بەدىئىي زوق ۋە يىڭىچە بىلىم بىرەلىشىدە.

خەتكۈچلەر: خالاستان بىلوگ
يازما ئادېرسىبلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: iTunesھىساب نۇمۇرىنى ھەقسىز ئېلتىماس قىلىڭ كېيىنكى: ئالمىڭىزغا يۇمشاق دېتالنى بۇنداق قاچىلىسىڭىز بولمايتتى

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iPhone نىڭ تور قۇلۇبىنى يېشىش دەرسلىكى
  • [Gulan] ئامېركىدا مەشرەپ
  • «ئايفونىڭىز بارمۇ» دىن چاتمىلار–iPhone نىمە دەيدۇ
  • XJTV پروگرامما ئىشلەش نەخ مەيدانى
  • iOS 5.0.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار6
  • كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhoneدا ھەقسىز تورغا چېقىش
  • 4.3.5نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ۋە يىتەكلەش دەرسىلىكى
  • AppStoreدىن چۈشۈپ بولالمىغان ئەپنى ئۆچۈرۈش
  • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز
  • تەرجىمانلار، مائاشىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئالغايسىزلەر
  • قارلۇق – ئالما ھەمكارلىقى تاراتقۇلاردا
  • iOS5 تىن كۆپچىلىككە سالام!
  • 北京 دا ۋاكالىتەن ئىش بىجىرىپ بېرىمەن
  • [مۇڭ] شادلىق قەسىدىىسى–يۈرەك قەسىدىسى
  • نۇرقۇت قۇرغۇچىسىنىڭ ئىتالىيەدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا تەبرىك!
  • [ئۆلمەس مۇڭ] دىل كۈيى (نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن)
  • WWDC 2011 تىكى يىڭىلىقلار ھەققىدە
  • iPhone4S تە تارتىلغان سۈرەتلەر
  • [كۈي] بالىلىق تەئەججۈپلىرىSOUVENIRS D’ENFANCE
  • jailbreak-تۈرمىدىن قېچىش دەرسلىك توپلىمى
  • ئۇيغۇرچە wikipedia نىڭ يىڭى ئامبىرى پۈتتى

31 دانە باھا

  1. Nezeri
    2011/04/04 18:15:15 /

    توغرا تاپتىڭىز…….
    تەكلىماكان ئاكام كونا بۇ ساھەگە، بىز بىلوگچىلىقتا قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيمىز…….

  2. ئۆزخان
    2011/04/04 16:59:41 /

    ماۋۇ توزاققا كىرمىگەن ئادەم قالمىغان چاغۋا!، مەنمۇ كىرگەن بولىۋالاي.
    لىكىن خالاستان تەكلىماكان ئەپەندىمگە شاگرىتقا كىرگەندەكلا كۆرنىۋاتىدۇ ماڭا!

  3. ئىزتىل
    2011/03/30 01:59:46 /

    ئالامەت ، بۇگۈن خالاستان باشقىچىلا قىزىپ كېتىپتىغۇ ؟

  4. torbajin
    2011/03/25 19:22:43 /

    بۇ بىلوگ مەزمۇنى ياخشى بولغاچ ئادەمنى تەبىيلا ئۆزىگە قىزىقتۇرىدۇ.

  5. Nezeri
    2011/03/23 18:06:25 /

    خا خا :lol: :lol: :lol:
    ئۆزلىرى بۇ يولدا كونا، ھۈنەر ئۈگەتمىگەندىن كىيىن ئۆزىمىز مۇشۇنداق يول تاپقاچ تۇردۇققۇ. خا خا

  6. ي. م. ئىلقۇت
    2011/03/23 18:03:16 /

    ھاھاھا، ماۋۇ نەزەرباي قالتىس بولۇپ كېتىپتۇ دېسە….
    نېمە دەپ يېقىندا بىلىكتە ھە دېسە خالاستان بلوگى دەپ داۋراڭ سالىدىكىن دەپتىمەن. :roll: :lol:

  7. Nezeri
    2011/03/22 10:08:12 /

    شۇنداق. ھازىر پۇتلىرىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ كىچىككىنە باسمالارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

  8. PolatAlemdar
    2011/03/22 02:10:57 /

    نەۋرۇز مۇبارەك ئاغىنەم.
    كومپيۇتېرنىڭ نىمىلىكىنى كۆرمەي تۇرۇپ cpu نىڭ پۇتىنى ساناپ شۇنىڭ بىلەن
    cpuنىڭ پۇتىنى تۇلا سۇندۇرۋېتىپ ئىنژىنىرلىرىمىز پۇتى يوق cpu ئىشلەپ قۇياپ
    ئولتادى مىنا.

  9. مەرھابا نورۇز!(نورۇزلۇق سالام) « كۆرەش تورخاتىرىسى
    2011/03/21 14:30:27 /

    [...] بىزنى بۇنداق يازمىدىن بەھرىلەندۈرگەن قېرىندىشىمىز نەزەرىگە [...]

  10. نەزەرى
    2011/03/21 11:33:02 /

    شۇنداق. بۇ سانلىق مەلۇمات ھىچنىمىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى زىيارەتچىنىڭ قايتا كىلىشچانلىقى

  11. ئالىم
    2011/03/21 11:17:52 /

    مەنمۇ ئىشەنمەيلا قالدىم…بۇنداق ئېقىم بولغانلىقىغا….

  12. نەزەرى
    2011/03/21 09:21:58 /

    كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن دوستۇم! سىزنىڭ قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! كۈن-تۈن تەڭلەشكەن بۇ كۈندە بارلىق دوستلارنىڭ «نورۇز بايرىمى»غا شادلىق تىلەيمەن.

  13. نەزەرى
    2011/03/21 09:20:35 /

    رەھمەت، :mrgreen: :mrgreen:
    مىنىڭ ئۇلىم سەل پۇختا شۇڭا خا خا :smile:

  14. sehraliq
    2011/03/21 01:26:44 /

    نەزەرباي نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك!

  15. korash
    2011/03/20 22:58:53 /

    cpu نىڭ قانچە پۇتى بارلىقىنى مەنمەن دىگەن نوچىلار ئۇقمايدۇ تېخى.
    دىمەك سىلى ئوبدانلا پىشقەدەملەردىن. كەمتەرلىك قىلمىسىلا. :idea: :!:

  16. نەزەرى
    2011/03/20 16:49:01 /

    خا خا
    مەنغۇ تورغا يىڭى كەلداخون چاغلايمەن ئۆزۈمنى. ھەممە بالىلار QQ ئوينىسا مەن كومپيۇتېرنىڭ نىمىلىكىنى كۆرمەي تۇرۇپ cpu مۇنچە پۇتى بار دەپ يۈرىيتتىم.

  17. korash
    2011/03/20 16:34:23 /

    بىزمۇسىلىدك 4 5 يىل چاپساق چوقۇم سۇ كىلىدۇ ھاھاھا :mrgreen:

  18. نەزەرى
    2011/03/20 15:40:21 /

    شۇنداق. ئەڭ ئاخىرقى بىر قۇردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى كىنايە :lol: :lol: :lol:

  19. نۇرلۇق
    2011/03/20 11:38:51 /

    ۋاھ، كارامەت ئېسىل ئۇسۇللاركەن بۇ :lol: ، لېكىن بۇ يازمىدا ئېغىر مەسخىرە، كىنايە بارمۇ قانداق :mrgreen: ، مەن بۇنى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تېما دەپ چۈشەندىم.

  20. نەزەرى
    2011/03/20 09:04:27 /

    قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولدىلا ئۆزلىرى :grin: :lol: :lol:

  21. korash
    2011/03/20 02:10:39 /

    يارايلا نەزەرباي.ھەممەيلەننى تەڭ ئەخمەق قىلىپ مۇشۇ قۇرۇق گەپكە پالاقشىتىپ ئەكىلەلىگەندىكىن.
    ئەسلى بىرتىللاپ داڭ چىقىراي دىگەن بوپتۇ خەر ھاھاھاھا… :lol:

  22. Omar14
    2011/03/20 01:16:07 /

    قىزىپ كىتىپتىغۇ…

  23. نەزەرى
    2011/03/19 20:53:43 /

    كۆپ رەھمەت. سىز بىزگە ئۇستاز سۈپەتسىز. ھەرۋاقىت تەلىمىڭىزگە موھتاجمەن.

  24. Bakhtiyar
    2011/03/19 19:30:21 /

    بۇرادەر، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى بېسىشىنى ئۈمد قىلىمەن. :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  25. نەزەرى
    2011/03/19 18:41:44 /

    خا خا :grin: :grin:
    مۇشۇ يازما ئارقىلىق سىزدەك ئۇستاملارنى بۇ يەرگە كەلتۈرەلىگەن ئىكەن نەزەربايمۇ يامانكەن جۇمۇ :smile: :smile:

  26. نەزەرى
    2011/03/19 18:40:47 /

    دەسلەپكى 5 كۈندە كۈنىگە مىليونلۇق سۈرەت بىلەن ئاشقان. ھازىر سۈرەت ئاستىلاپ كەتتى. Google يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ، :grin:
    ئەمىليەتتىمۇ ئۇنداق ئېشىش تەدرىجىي ئاستىلايدىغان گەپ. قاراپ باقمامدۇق

  27. سەھرالىق
    2011/03/18 23:34:55 /

    مەن تېخى نىمە مەخپى تېخنىكا باركىن دەپتىمەن، نەزەرباي سۇنى لېيىتىپ بىلىق تۇتۇپتۇ ،-دە…خەپ :twisted:

  28. پرېستان
    2011/03/18 18:31:30 /

    كۈنىگە بىر مىلىيوندىن ئالدىغا سۈرۈلگىلى تۇرسا 4 لا كۈندە google نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈدەك ئەمىسە. :mrgreen:

  29. تامبال
    2011/03/18 18:14:35 /

    تورداشلاردىن سورايدىغان مۇنداق بىر سۇئال چىقىپ قالدى ، ئايفون تىلفونۇم 2-ئەۋلات ،نەشىرى 3.1.3 ئىدى ،GPRS ئىقىم تۈگەپ كىتىپ تېلفونۇم ئەتىسلا بىرمۇنچە قەرىزگە بوغىۋەتتى ، نەخ گەپنى قىلسام ئەگەر سىلەردە مۇشۇ GPRSنى ئەتكىلى بولىدىغان ياكى كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدىغان سىستىمىلار بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار ،لىكىن ھەرگىز GPRSمۇلازىمىتىنى مۇلازىمەت زالىغا بىرىپ ئىتىۋىتىڭ دىمەڭلار ھە !! ،مەن شۇ مۇشۇنداق بىر سىستىمىغا ئىھتىياجلىق بوپ قالدىم ، توردىنمۇ جىق ئىزدىدىم ،لىكىن كوپىنچە چىققىنى تۆۋەن نەشىرنىڭكىكەن ، ئەگەر بىلسەڭلا ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلە!!!!!!!

  30. نەزەرى
    2011/03/18 15:58:59 /

    ئۇمۇ بولىدىغان ئىش. لىكىن بىلىكتىكىلەر بىر نەرسە چىقمايدىغان تور بەتكە بىر كىرىدۇ ئىككى كىرمەيدۇ….. :grin:

  31. ئۇيغۇربەگ
    2011/03/18 14:52:23 /

    سىزدەك بىلىكدە دەبدەبىلىك ئىمزا قوللانسىچۇ؟ :wink:

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. دىياانەت:
      ئالامەت ھە!!!! ئدلتىپاتىڭىزدا باش سۇرى…
    2. دىياانەت:
      رەھمەت سىزگە ،…
    3. گىك:
      ماۋۇ ئالمىچاق سىستېما نەشىرىنى يېڭىلاۋ…
    4. گىك:
      يۇقارقى بىلىملەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىلا…
    5. كاپىتان:
      ھازىر ھەممىنى تەرجىمە قىلالايسىز…
    6. گىك:
      پۇل تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ ئىسمىنى قانداق ئۆ…
  • خەتكۈچلەر

    ھەقسىز iPhone ئەقلىفون itunes ios ipad2 iphone4 IT ipad يۇنىكود ئۆلچىمى iOS 6 ئۇيغۇر JailBreak مەھسۇلات خالاستان بىلوگ shsh icloud gulan google symbian GoogleAdsense uyghur RSS apple epub steve jobs ios5 cydia pxl iphone4s Siri قۇلۇپ ipad 3 appstore مۇڭ iPod Mac OS X
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club