• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟

2012-06-09 | AdemBol | پۈتۈكلەر| 7 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ لىتىيلىق باتارىيسى ھەممىسى توك قاچىلىغىلى بولىدىغان لىتىي ئىئونلۇق باتارىيلەردۇر.لىتىي ئىئونلۇق باتارىيلەرنىڭ سىغىمى چوڭ، خىزمەت ئىلىكتىر بىسىمى يۇقىرى،ئۆمرى ئۇزۇن،ئېغىرلىقى يىنىك،ئەستە تۇتىۋىلىش ئېففىكتى بولماسلىق،ئىغىر مېتال تەركىبى بولماسلىق،خىزمەت تىمپۇراتۇرا شەرتى كەڭرى بولوش قاتارلىق نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن كەڭ ئىشلىتىلمەكتە.لىتىي ئىئونلۇق باتارىيلەردە لىتىي ئىئونى خىمىيلىك بىركمىلەرگە قىستۇرۇپ قۇتۇپ ماتېريالى قىلىنغان بولوپ لىتىي ئىئونى ئېلېكترود سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق مۇسبەت ۋە مەنپىي قۇتۇپ ئارىسىداقايىتلانما ھەرىكەت قىلىپ زەرەتلەش ۋە زەرەت قويوپ بىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.مۇسبەت-مەنپىي قۇتۇپ ئارىسىدا كۆپ تۆشۈكللۈك پەردە بار بولوپ لىتىي ئىئونىنى ئۆتكۈزۈش،قىسقا تۇتىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار.بەزىدە بىز لىتىي ئىئونلۇق باتارىيەنىڭ سەمىرىپ قالغانلىقىنى بايقايمىز،بۇنى ئاساسلىقى باتارىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسسىقلىق قويوپ بىرىش،بىسىم ئارتىپ كىتىش قاتارلىق ھادىسىلەر تاشقى قاپتا شەكىل ئۆزگەرتىش تەسىرىدىن بولغان.باتارىيەنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىشى ئارتۇقچە زەرەتلەش(توكنى زىيادە كۆپ قاچىلاش)،خىزمەت مۇھىت تېمپىراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق ئامىل كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

زىيادە توك قاچىلىغاندا ئارتۇقچە لىتىي ئىئونلىرى مۇسبەت قۇتۇپتىن ئايرىلىپ چىقىپ مەنپىي قۇتۇپقا كۆچۈپ كىرىپ ،مۇسبەت مەنپىي قۇتۇپنىڭ ئېسسسقلىق تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مۇسبەت قۇتۇپتىكى ماتېرياللاردىن پارچىلانغاندىكى چىققان ئوكسىگېن گازى ئېلېكترولىد سۇيۇقلۇقىنى ئوكسىدلاپ پارچىلاپ گاز ۋە ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ،مەنپىي قۇتۇپقا چۆكۆۋالغان لىتىي ئىئونى ئېلىكترود سۇيۇقلۇقى بىلەن رىئاكسىيلىشىپ ئېسسىقلىق قوتوپ بىرىدۇ.شۇنداق قىلىپ باتارىيىينىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ۋە گاز توپلىشىپ تاشقى قىپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ،ھەتتا پارتلاشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.زىيادە توك قاچىلاشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا مەخسۇس ئىشلەنگەن ئۆلچەملىك توكلاتقۇ  ئىشلىتىش كىرەك.چۈنكى لاياقەتلىك مەھسۇلاتنىڭ زىيادە توك قاچىلاشنىڭ ئالدىنى ئىقتىدارى بار.ئەگەر مۇنداقلا  قىلىپ ئادەتتىكى ئەرزان توكلاتقۇلارنى ئىشلەتكەندە چوقوم توك قاچىلاش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش كىرەك.

مۇناسىۋەتلىك خىمىيىلىك ئىئونلۇق رىئاكسىيلەر:

  • مۇسبەت قۇتۇپ رىئاكسىيسى:زەرەت قويوپ بەرگەندە لىتىي ئىئونى يۆتكىلىپ  كىرىدۇ،توك قاچىلىغاندا لىتىي ئىئونى قويوپ بىرىلىدۇ.
  • توك قاچىلىغاندا:          LiFePO4 → Li1-xFePO4 + xLi+ + xe
  • زەرەت قويوپ بەرگەندە:Li1-xFePO4 + xLi+ + xe → LiFePO4
  •  مەنپىي قۇتۇپ رېئاكسىيسى:زەرەت قويوپ بەرگەندا لىتىي ئىئونى چىقىپ كىتىدۇ،توك قاچىلىغاندا لىتىي ئىئونى يۆتكىلىپ كىرىدۇ

             توك قاچىلىغاندا:  xLi+ + xe− + 6C → LixC6

           زەرەت قويوپ بەرگەندە:LixC6 → xLi+ + xe− + 6C

يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا باتارىيەدىكى ئېلېكترولىد سۇيۇقلىقى ئاسان پارچىلىنىپ گاز ۋە ئىسسىقلىق قويوپ بىرىدۇ.شۇڭا باتارىينى ئۇزاق مۇددەت ئاپتاپقا قاقلاش ،پاردا قىززىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك.يانفۇننى قىززىق ھىس قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەسلىك، سالقىن جايدا سوۋۇتۇش كىرەك.

پارتلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن لىتىي ئىئونلۇق باتارىيلەردە ئادەتتە ئۈچ خىل قوغدىغۇچى تەركىپ بولىدۇ.

1.ۋىكىليوچاتىل بىرلىكى:تىمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا توك تەمىنلەشتىن ئاپتۇماتىك توختايدۇ.

2.ئىسسىقلىققا سەزگۈرلىكى ياخشى پەردىلەرنى ئىشلىتىش.تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا پەردە مىكرو تۆشۈكچىلىرىدىن لىتىي ئىئونىنى ئۆتكۈزمەيدۇ،ئىچكى قىسىمدىكى خىمىيىلىك رېئاكسىيەلەرمۇ توختايدۇ.

3.بىخەتەرلىك جۈمىكى:باتارىينىڭ ئىچكى بىسىمى ئارتىپ كەتكەندە گاز تۆشۆكى ئارقىلىق گاز قويوپ بىرىدۇ.شۇڭا ئومومەن ئىيىتقاندا ئۆلچەملىك مەھسۇلاتلارنى نورمال  ئىشلەتكەندە سۈپەت كاپالىتىگە ئىگە.


يازما ئادېرسىلىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن كېيىنكى: iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • [Gulan] ئامىركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(تۈزىتىلگەن تولۇقى)
  • Yanni ئورۇندىغان مۇڭلۇق كۈيى With an Orchid
  • 【Gulan】مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە تاشلاندۇق مەسىلىلەر
  • ئۇيغۇرچە wikipedia نىڭ يىڭى ئامبىرى پۈتتى
  • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
  • GoogleAdsense ئېلانى توختاپ كەتكەنلەر
  • iOS نىڭ 5.1 نەشىر تۈرمىدىن قېچىشى ئالدىمىزدا
  • iPhoneتور قۇلۇب يېشىش دەرسلىك توپلىمى
  • مەڭگۈ نەخ مەيداندا ئاڭلىغىلى بولمايدىغان مۇزىكا
  • «ئالما»چىلارغا سوۋغات__ دەھشەت خاتىرە
  • iPod Touch4g8Gنىڭ 99% يىڭىسى سېتىلىدۇ
  • [ئالدىراڭ]Nokia E5-00 ئەرزان سېتىلىدۇ
  • 99%يىڭى Sony لەپتوپى ئەرزان سېتىلىدۇ
  • iphone ئارقىلىق كومپيۇتېرنى يىراقتىن كونتىروللاش
  • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى
  • ئۆزۈمنىڭ 32Gلىق iPhone4 نى ساتىمەن
  • 北京 دا ۋاكالىتەن ئىش بىجىرىپ بېرىمەن
  • iPhone 5 ھەققىدە پەرەزلەر
  • دىققەت! ئۈسكىنە نەشرىنى 5.0.1 غا كۆتۈرۋىلىڭ
  • iPhone4 نىڭ باھاسى iPhone4 S تىن يۇقىرى
  • يىپيىڭى iPhone4,16G (ئاق) ئەرزان سېتىلىدۇ
  • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى

7 دانە باھا

  1. Nezeri
    2012/06/12 سائەت 08:21:19 /

    رەھمەت . ئادەمبول ئەپەندىنىڭ نازىر يازمىسىغىمۇ رەھمەت

  2. گىك
    2012/06/11 سائەت 21:16:26 /

    يۇقارقى بىلىملەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىلانىڭىزنى بىر نەچچە قىتىم چىكىۋەتتىم ..

  3. AdemBol
    2012/06/11 سائەت 15:43:28 /

    ئەستە تۇتىۋىلىش ئېففىكتى بولسا باتارىيەنى مەلۇم خىل مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندا كۆنۈپ قىلىش ھادىسىسى. بۇ ئاساسلىقى ئىچكى ئىېلىكترولىد قىسمىدا كرىستال شەكىللىنىۋالغانلىقىدىن بولغان بولۇپ ،باتارىيەنىڭ قايتا زەرەتلىنىشى ۋە زەرەت قويوپ بىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لىتىي ئىئونلۇق باتارىيلەردە بۇ خىل ئىفففىكىت بولمىغانلىقتىن سىز توكنى لىق قاچىلىماي تۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز ياكى داۋاملىق توك قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز مەخسۇس ئۆلچەملىق توكلاتقۇنى ئىشلەتسىڭىز باتارىينىڭ باتارىينى بۇزغۇچى ئاساسى سەۋەپ يەنىلا تىمپىرىتۇرا. شىۇڭا ئارتۇقچە باتارىيە بولسا ياخشىسى توڭلاتقۇدا ساقلىسىڭىز ئۆمرىنى ئۇزاراتقان بولىسىز.

  4. Nezeri
    2012/06/11 سائەت 09:25:28 /

    پايدىسى باركى زىيىنى يوق

  5. Nezeri
    2012/06/11 سائەت 09:25:10 /

    بەزى مىتاللاردا بۇرۇنقى بىر ھالىتىنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بولىدۇ. يەنى مەلۇم تىمپىراتۇرىغا قايتقاندا مىتال ئۆزلىكىدىن ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر ھالەتكە ئاپتوماتىك قايتىدۇ.

  6. گىك
    2012/06/10 سائەت 21:27:59 /

    ئەستە تۇتىۋىلىش ئېففىكتى بولماسلىق
    بۇ گەپنى قانداق چۈشىنىمىز؟

  7. ئىبراھىم
    2012/06/10 سائەت 00:05:30 /

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى ئەپەندىم. سىلى ئۇزۇندىن بىرى بىلوگنى يېڭلىماي مەنمۇ يوقلىماس بوپ قاپتىمەن.
    ئايفۇننى ئاخشخمى توكقا چېتىپ قويساق تاڭئاتقىچە بەك توشۇپ كەتسە زىيىنى بولامۇ؟

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. بۆرە:
      ULYنى ئۇيغۇر ئەرەپ يىزىقىغا ئايلاندۇرى…
    2. شەمشەر:
      ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .ئۇستازلار. بىزنى ي…
    3. o8u3px:
      你的博客也很不错哦~会经常关注!…
    4. ئەلگە نەپ:
      رەھمەت سىزگە چۈشۈرۋالدىم ۋاقىت…
    5. شەمشەر:
      ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇمئۇستازلار ياخشىمۇ سى…
    6. دىياانەت:
      ئالامەت ھە!!!! ئدلتىپاتىڭىزدا باش سۇرى…
  • خەتكۈچلەر

    خالاستان بىلوگ ئۇيغۇر appstore itunes IT symbian GoogleAdsense epub iPhone iphone4 iphone4s ipad JailBreak shsh ipad2 مۇڭ icloud cydia steve jobs RSS قۇلۇپ ios5 Mac OS X Siri يۇنىكود ئۆلچىمى google ios pxl iPod ipad 3 ھەقسىز مەھسۇلات ئەقلىفون uyghur gulan apple iOS 6
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club