• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى

2011-08-21 | Nezeri | APPLE| 39 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

ئالدىنقى قېتىم 91 دىن يىراق تۇرۇش تەشەببۇسى../1054.html چىققاندىن كىيىن نۇرغۇنلىرىمىز iTunes دا يۇمشاق دىتال قاچىلاپ سېنىدۇق.  بەزى يىڭى ئۈگەنگۈچى تورداشلار يەنىلا ئاڭقىرالمىغاننىڭ ئىنكاسىنى قىلدى.

شۇڭا بۈگۈن نەزەرى تېخىمۇ قولاي، يىنىك، يېشىل بولغان ئالما (ipod,ipad,iphone) مەھسۇلاتلىرىغا يۇمشاق دېتال قاچىلاش، ھۆججەت ساقلاش، ۋە مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش دېتالى  iTools نى تونۇشتۇرىدۇ.

بۇ دىتالنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەر 91 نىڭ رەزىلللىكىگە ئىنكاس سۈپىتىدە ياساپ چىققان بولۇپ نۆۋەتتە ئەڭ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشىۋاتىدۇ. ئىشلىتىلىش قېتىمى شىددەت بىلەن ئىشىۋاتىدۇ. شۇنداقلا نۇرغۇن مەشغۇلاتچىلارنىڭ كونا مەشغۇلات تەرتىپىگە ئۇيغۇن، كۆرۈنۈشى ئىخچام، ئاددى بولغاچ مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئىشلىتىمەن.ئىجرا قىلىپلا iTunes نىڭ ئىچىدكى بارلىق قولايسىز مەشغۇلاتلارنى  ئاددىي، ئېدىتلىق يوسۇندا قىلالايسىز.  بۇ يۇمشاق دىتال ناھايتى كىچىك، قولاي بولۇپ بىرەر بوشلۇققا ياكى ساقلىغۇچقا ئىلىۋىلىپ قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ناھايتى باب.بولۇپمۇ باش بەتتىكى ئۈسكىنە ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئىقتىدار بۆلىكى بارلىق ئالما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بەكمۇ قولايكەن.

لىكىن شەرت شۇكى، ئالدى بىلەن http://www.apple.com.cn/itunes/ دىن iTunesنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى قاچىلايسىز.iTunes نىڭ ئۆزى لازىم بولمايدۇ،بىراق بىللە قاچىلىنىدىغان قوزغاتقۇچلار iTools نىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنىڭ ئاساسى. يۇمشاق دېتال قاچىلاش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كىرەك.تۈرمىدىن قاچىمىغان ئۈسكىنىگە پەقەتلا iTunes ئارقىلىق يۇمشاق دېتال قاچىلاشقا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە  ھۆججەت باشقۇرۇش، بارماق دىسكا قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بولۇپ بارلىق ئالمىچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىشىنىمەن.

 1.يۇمشاق دېتال قاچلاش ئۈچۈن سول تەرەپ يۇقىردىكى 程序库 چۈشۈرگەن IPA نى تارتىپلا ئەكىرىپ ئاندىن 安装 نى بېسىپ قاچىلاشقا بولىدۇ. ئىچىدىكى بۇرۇن قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللارغا تەسىرى بولمايدۇ.

DEB فورماتىدىكى دېتاللارنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى CYdia安装目录 نىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ ئاندىن ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىپ قاچىلاشقا بولىدۇ.

2.ناخشا-مۇزىكا،سۈرەت-سىنلارنىمۇ تارتىپلا ئەكىرىپ كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.

3.ئىكراننىڭ تەگلىك رەسىمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن

چۈشۈرۈش ئادىرسhttp://itools.hk/cms/?page_id=12داۋامى بار

 


يازما ئادېرسىiTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: «قوشۇمچە»بىلىك كۇلۇبىغا مۇنداق تېزىملىتىسىز كېيىنكى: apple داھىيىسى Steve Jobs بۈگۈن ئستىپا بەردى

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iphone،ipod،ipad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەنزۇچە لۇغەت
  • [Gulan]ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟
  • iPad 3G+WiFi 32Gدىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ
  • Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش
  • [ئېسىل مۇڭ] گۈلى رەنا [خالمۇرات]
  • GoogleيىقىنداMotorola Mobilityنى سېتىۋالماقچى
  • iPhone ھەرقايسى ئەۋلادنىڭ قاتتىق دىتال سەپلىمە پەرقى
  • ھەي-ھەي مۇبارەك!نوروز مۇبارەك!ئايەم مۇبارەك!
  • [مۇڭ] كىشىلەرنىڭ چۈشى
  • UKIJ خەت نۇسخىلىرى 3.0 سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى
  • Maryfi ئارقىلىق كومپيۇتېردىلا ھەقسىز wifi نوقتىسى قۇرۇش
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار1
  • قۇدرەتجان بىلەن سۆھبەت
  • Halastan بىلوگ قۇرغۇچىسى نەزەرى بىلەن ئالاقە قىلدىغانلار سەمىگە
  • Symbian يانفونلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش安管佳
  • Google دىن 3 يىڭىلىق
  • Declan Galbraith نىڭ ئىجراسىدا ئىككى مۇڭ
  • «ئايفونىڭىز بارمۇ» دىن چاتمىلار–iPhone نىمە دەيدۇ
  • Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار21
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار7
  • iPhoneدا يۈتۈپ كەتكەن 个人热点نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

39 دانە باھا

  1. Nezeri
    2011/11/08 سائەت 12:51:30 /

    ئاۋۋال 51ipa.com غا چىقىپ goodreaderنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. ئاندىن itoolsدا goodreaderنىڭ مۇندرىجىسىنى ئېچىڭ، pdf نى goodreader ئېچىدىكى documents دېگەن مۇندەرىجىگە تاشلىسىڭىزلا goodreader دىن پايدىلىنىپ كۆرەلەيسىز.
    ئۇ نەرسە بەك كۆپ ھۆججەتنى قوللايدۇ.

  2. گۈلچى
    2011/11/08 سائەت 03:52:38 /

    بۇ دىتال ئارقىلىق پ د ف شەكلىدىكى ئىلكىتاب قاچىلىدىم . ئەمما ئايفۇن ئىچىدىن ئىزدەپ تاپالمىدىم-يا قاچىلىغان نەرسەمنى .ibooks ئىچىدىمۇ يوق

  3. [خوش خەۋەر] پەچەت ياردەمچى iTools يىڭىلاندى | 哈拉斯坦博客 Halastan Blog خالاستان بىلوگ
    2011/10/29 سائەت 23:10:03 /

    [...] [...]

  4. جاھانكەزدى
    2011/10/10 سائەت 03:19:37 /

    ئىنكاس:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى، مېنىڭ ئايفونۇم 2- ئەۋلاد ئايفون ئىدى. سىستېمىسى IOS4.2.1 بولۇپ، تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان. مەن بۈگۈن مۇشۇ قۇرال ئارقىلىق IPA شەكىلدىكى ئەپلارنى قاچىلىغان ئىدىم. بىراق قاچىلانغا ئەپلەرنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپلا ئۈچىۋالىدۇ. مەن قاچىلىغان ئەپلەر نىڭ چۈشەندۈرىشىگە قارىسام بۇ ئەپلەرنىڭ ھەممىسى IOS 3.0 دىن يۇقىرى نەشىرىدە ئىشلەيدۇ دېيىلگەن ئىكەن. بۇ مەسىلىنى قانداق قىلغاندا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟
    بىر ياردەم قىلغان بولىسىڭىز.

  5. Nezeri
    2011/09/02 سائەت 14:08:21 /

    تۈزۈت قىلماڭ

  6. tilmish
    2011/08/29 سائەت 23:48:35 /

    rahmat sizge

  7. Nezeri
    2011/08/27 سائەت 08:11:28 /

    سىزنىڭ يۇقارقى باش ئاغرىقلىرىڭىزنى تۈگىتىدىغان دېتال مۇشۇ iTools. كىيىن نەرسە قاچىلىسا بۇرۇنقىسىنى ئۆچۈرۋەتمەيدۇ. كەچۈرۈڭ، نەچچە كۈندىن بىرى سىرىتلاردا ئالدىراش بولۇپ قىلىپ ئىنكاسلارنى تەستىقلاپ چىقىرىپ قويدۇم بىراق جاۋابقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم. ئەسلى باشقا ھەۋەسكارلارمۇ جاۋاب بىرەلەيتتى.

  8. tilmish
    2011/08/24 سائەت 22:27:54 /

    不知道怎么原因没法输入维吾尔语,只能写汉字了。我的汉语也不是那么好,希望版主谅解。
    这个Itools 能单独安装一些程序吗?也就是Ipa程序。我现在用Itune遇到的最大痛苦是,不同的电脑上同步的时候该死的Itune 把我另从另外一个电脑上同步的资料全抹掉,很不方便啊。因为经常去别的城市,找到喜欢的Ibook 书后想装在touch 里面,但有害怕之前的程序,书都抹掉而不敢安装新的程序和书。
    第二个问题是这个能装Ipa程序吗?谢谢

  9. iphone ۋە ipad لەردە كەم بولسا بولمايدىغان دېتال - Ajrim Blog
    2011/08/24 سائەت 13:57:32 /

    [...] بۇ دېتالنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرلىشىنى خالاستان بلوگىدىن كۆرۈڭ:../1124.html [...]

  10. ئابدۇرېشىت ئېلى
    2011/08/22 سائەت 19:52:46 /

    مايور ئەپەندىم، بۇ باش قېتىمچىلىقىڭىزنى ../2495.html مۇشۇ دەرسلىكتىن پايدىلىنىپ ھەل قىلالايسىز.

  11. Nezeri
    2011/08/22 سائەت 10:23:57 /

    ماۋۇ يەردە بىر دەرسلىك باركەن. ئۇزۇن بولغاچ مەن تەرجىمىگە يىتىشىپ بولالمىغۇدەكمەن.
    سىز كۆرۈپ باقسىڭىز http://bangpai.taobao.com/group/thread/14220526-256253387.htm

  12. دىل
    2011/08/22 سائەت 02:45:24 /

    بۇ دىتال بەك ياخشىكەن ،ئىزچل تۇردە ياقتۇرۇپ ئشلىتىۋاتىمەن.

  13. ئابدۇرېشىت ئېلى
    2011/08/22 سائەت 00:36:03 /

    مەن نەزەرباي مۇشۇ دېتالنى تەۋسىيە قىلغاندىن باشلاپ ئىزچىل مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن… بۇ دېتالنىڭ ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىدىكەنمىز. بۇ دېتال بىلەن بىر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش dep فورماتىدىكى دېتاللارنى قاچىلىغىلى بولمايدىكەن. مۇشۇ مەسىلە ھەل بولۇپ كەتسىغۇ قالتىس بولاتتىكەن.

  14. TAXIDRIVER
    2011/08/21 سائەت 23:41:42 /

    ھەي….قاچانغىچە ئالمايىگەنلەرگە قاراپ شۆلگەي ئېقىتىپ يۈرەرمىز. دىققەت قىلىڭلار ھەي باللا ئېچىم چۈشۈپ قالىدۇ.

  15. مايور
    2011/08/21 سائەت 21:20:09 /

    91 چوماقچىسىنى ئىشلەتمەڭلار دېگەن تەشەببۇسىنى ئايفونغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تور بەت ۋە مۇنبەر ، بلوگلاردا كۆرگەن بولساممۇ ، <> لىق قىلىپ ، يەنە شۇ 91 چوماقچىسىنى ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمەن ، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە تەجرىبىسى بولمىسا 91 چوماقچىسىنى ئىشلەتمەڭلار ، دەپ جار سالمايتتى ، مەن گەپ ئاڭلىمىغانلىقىتىن چاتاق ئاخىرى يۈز بەردى . ئۈلۈشكۈن يانفونغا بىر تال ئەپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن (يەنە شۇ 91 چوماقچى بىلەن قاچىلىمامدىم) ، ئايفون قايتا قوزغلىپ ، بىخەتەر ھالەتكە ( it safe mode) تە تۇرۇۋالدى ، ئايفوننى قايتا قوزغاتسام قەتئى نورمال ھالەتتە قوزغىلالمىدى ،ئاق ئالما بەلگىسى چىقىپ نەچچە سائەت قىتىپلا تۇرىۋالدى ، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ زادى ئەسلىگە كەلمىگەندىن كېيىن ، يەنە شۇ 91 دېگەن چوماقچى دەللال بىلەن ئېچىپ ، 白苹果修复工具 نى بېسىپ ، ئوتتۇردىكى ئىككىنچى تۈر ئارقىلىق ئۈچىن تەرەپ قوزغلىش تۈرلىرىنى پۇتۈنلەي يۇيىۋىتىپتىمەن ، :sad: ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئايفونمۇ ھېسابتا قايتا نورمال قوزغالدى ، ئارقىدىنلا مەسىلە يەنە كۆرۈلدى ، يەنى cydia دىن قاچىلىغان deb فورماتىدىكى بارلىق ئەپلەرنىڭ قوزغىلىش ھۆججىتىنى تولۇق يۇيىۋىتىپتۇ ، 设置 نىڭ ئىچىدە كۆرۈنىدىغان deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سىنبەلگىسى يوق ، لېكىن 91 دېگەن چوماقچى بىلەن كومپىيۇتېردا قارىسام deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ ھەممىسى تۇرىدۇ ، لېكىن 设置نىڭ ئىچىدە يوق ، شۇنىڭ بىلەن بىر توردىشىمىزنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئايفوننىڭ ئۆزىدە cydia دا ، ئەپ بولىقى (软件包) غا كىرىپ قارىسام ، ئىلگىرى ئايفونغا قاچىلىغان deb فورماتىدكى ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تېزىملىكى باركەن ، يەنى ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇلغان ، cydia دا تۇرۇپ ، شۇ ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى 1 سائەتتە دېگۈدەك قايتا قاچىلاپ چىقتىم ، كېيىن ئاندىن 设置 نىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىسام deb فورماتىدكى ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىسى يەنە كۆرۈنمىدى (لېكىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ نورماللىشىپتۇ ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاق ئالما ھالەتتىن يېڭى ئوڭشالغاندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچمۇ نورمال ئىشلىمىگەن ) ، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ 设置 نىڭ ئىچىدىكى deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىسىنى قەتئى ئەسىلىگە كەلتۈرۈەلمىدىم ، يەنە شۇ پىتى تۇرىدۇ ، بولسا بۇنىڭ ھەل قىلىش لايھىسىنى ئوتتۇرغا قويساڭلار ئايفونۇمنى قۇتقۇزىۋالسام ، (ئاچچىقىمدا بىراقلا 4.3.5 غا بىراقلا كۆتۈرۋەتمەكچىمۇ بولدۇم ، لېكىن 4.3.5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بولمىغاچقا بۇ نېيتىمدىنمۇ ياندىم ) .
    تەسىيە قىلىدىغىنىم : ئايفوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 91چوماقچىسى (91助手) قەتئى ئىشلەتمەسلىكىڭلارنى تەشەببۇس قىلىمەن .
    نەزەرباي ۋە باشقا بۇرادەرلەر ، ماڭا ھەل قىلىش لايھىسىنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار .

  16. نامسىز
    2011/07/20 سائەت 23:37:50 /

    :cool: :mrgreen: :mrgreen:

  17. iPhone ھۆججەت باشقۇرۇش دېتاللىرىدىن ساۋات | خالاستان بىلوگىHalastan Blog哈拉斯坦博客
    2011/07/08 سائەت 21:49:39 /

    [...] 2. iTools . جوڭگولۇقلار ياسىغان يۇمشاق دېتال. ئىشلىتىش يۈزى ئاددى، ئىقتىدارى كۆپ، ئەمما تولا نەشىر يىڭىلاپ باش ئاغرىتىدىغان دېتال. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرسى [...]

  18. Nezeri
    2011/06/17 سائەت 23:17:26 /

    应用程序 دىگەننىڭ ئىچىدە 本地 دەيدىغان بىر تاللاش بار. شۇنى بىسىۋەتكەندىن كىين سىز 导入 دېگەن يەردىن ھۆججەتنى تاللاپلا 安装 دېگەن خەتتىن قاچىلاڭ.

  19. DiLL
    2011/06/16 سائەت 18:49:53 /

    rahmat ciga ahiri biliwaldim.

  20. دىل
    2011/06/15 سائەت 12:14:26 /

    بۇدىتالنىغۇ مەن چۇشۇرۋالغان ئىدىم بىراق بۇنۇڭدىن پايدىلىنىپ بىرەر دىتالمۇ قاچىليالىمىدىم ،قايسى ئورۇندىن قاچلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم .پەقەت ناخشا ،كىىنو دىگەندەك نەرسىلەرنى قاچلاپتىمەن .بۇ دىتالنىڭ يۇمتال قاچىلايدىغان بىرەر يىرىنى بايقىمىدىمغۇ ؟

  21. iOS ئۈچۈن ئەڭ ياخشى RSS ئوقۇغۇچىسى MobileRSS | خالاستان بىلوگى|Halastan Blog|哈拉斯坦博客
    2011/05/27 سائەت 14:39:59 /

    [...] 2. itools ئارقىلىق بۇ دېتالنى قاچىلاڭ،../1124.html [...]

  22. Nezeri
    2011/05/12 سائەت 22:42:29 /

    يېشىۋىتىلگەن ۋە يېشىۋىتىلمىگەن دېتاللارنىڭ ھەممىنى قاچىلاشقا بولىدۇ.

  23. Bigham
    2011/05/12 سائەت 21:54:21 /

    بۇ يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ئالمىغا يىشىۋېتىلگەن يۇمشاق دىتاللارنىمۇ قاچىلاشقا بولامدۇ؟

  24. تەنھا7373
    2011/04/22 سائەت 18:07:06 /

    مەنمۇ چۇشۇرۇپ باكاي

  25. Nezeri
    2011/04/20 سائەت 08:50:01 /

    ئەمگىكىمىزنىڭ ھاردۇقى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق چىن سۆزلىرى ئارقىلىق چىقىدۇ. سىزگىمۇ رەھمەت!

  26. تەنھاشاھ
    2011/04/19 سائەت 23:41:35 /

    ئىنىم راست گەپنى قىلسام ،مانا بۇگۈن 3يىل بولغان iphoneغا ئۆزۈم قول سېلىپ ناخشا ،ئېلىكترونلۇق كىتاپ كۆچۈرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم.ئەجرىڭىزگە رەھمەت .سىلەر بىلەن ھاياتىمىز گۈزەل ،ئۈمۈدىمىز ئىشەنچكە تولغاندۇر.

  27. iPhone ۋە كومپيۇتېر ئۈچۈن 百度百科ئامبىرى | Halastan Blog
    2011/04/19 سائەت 20:34:09 /

    [...] جەريانى: ../1124.html دا [...]

  28. Nezeri
    2011/04/15 سائەت 21:41:48 /

    تورسىز شارائىتتا بولمايدۇ. مەن ھازىر ئاساسەن Symbian ئەقلىفوندا يول باشلاتقۇزىۋاتىمەن.

  29. ئەركە
    2011/04/15 سائەت 21:34:41 /

    ha, mundaq deng, siz ishletkiningiz 凯立德 iken emise,,, bu hil GPS mashinamda bar, telfun nushisimu barkentuq… lekin yishiwetilgen nushisini tapalmighantim man buning…

    undaqta yenila shu tor bolmisa bolmaydikende..

  30. Nezeri
    2011/04/15 سائەت 19:15:47 /

    ipodتا GPSيوق. شۇڭا ئورۇن بەلگىلەشتە WIFI تارقاتقۇچى پونكىتنىڭ ئورنىغا ئاساسلىنىدۇ، ئۇمۇ بولمىسا Bluetouch ئارقىلىق سىرىتقى ئۈسكىنىنىڭ GPS كە ئۇلىنىپ تاپىدۇ. ئۇمۇ بولمىسا ئورۇن بەلگىلىيەلمەيدۇ. شۇڭا مەن GPS ياكى Wifi ئىشلىتەلمىگەن ئەھۋالدا يول باشلىغۇچ ئەمەس بەلكى خەرىتە ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىمەن. سىز چۈشۈرگەن دىتالمۇ شۇنداق. مىنىڭ ئىشلەتكىنىم 凯迪拉 مۇ دىگەندەك دېتال(ئۈسكىنە يىنىمدا يوق. ئىسمى ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ)

  31. ئەركە
    2011/04/15 سائەت 12:24:34 /

    nazari burader, anglisam iPod ta GPS yoqkenghu? siz Bilik toridiki mushu temingizda torsizmu ishleydighan yol bashlash ambirining gepini qipsiz… nawada bu usul iPod timu ishleydighan ish bolsa mandaq bizgimu tewsiye qilmamsiz? men AutoNavi ning yeshiwetilgen nushisini qachilighantim, tor bolmisa ishlimeydiken u.. sighimi 2G dek kilidu bolmisa… bolsa mushu heqte meslihet bergen bolsingiz…? (uyghurche herp chiqqili unimidi(

  32. Omar14
    2011/04/13 سائەت 20:20:43 /

    بۇنى دىسىغۇ 手机同步 دەپ بىر دېتالمۇ باركەن … خېلى قولايكەن ….

  33. Nezeri
    2011/04/13 سائەت 16:30:26 /

    مەن دەرىجە بىكىتمىگەن. قىنى سىناپ پىكىر بولسا بىرەرسىز.

  34. Nezeri
    2011/04/13 سائەت 16:29:59 /

    ئالدىرمىسا ، ئۇ كۈنلەرمۇ كىلىپ قالىدۇ.
    دەرسنى ئوبدان ئۈگىنىلى!!! چەتئەلدە بۇنداق نەرسىلەر بەك ئەرزان. ئەرزاننى ئىشلىتىمىز………..

  35. raxit1973
    2011/04/13 سائەت 15:47:37 /

    زىيارەت قىلغۇچنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەندە چۈشۈرگىلى بولىدىكەن… ھەپىلىشىپ يۈرۈم چۈشۈردۇم ئاخىرى.

  36. raxit1973
    2011/04/13 سائەت 15:44:26 /

    چۈشمىدىيا بۇ؟!

  37. ئابدۇرېشىت
    2011/04/13 سائەت 15:28:24 /

    ۋاھ! قالتىس ساۋابلىق ئىشتىن بىرنى قىپسىز، مەنمۇ مۇشۇنداق بىر دېتال بولسا دەپ يۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى ئىدىم. دەرھال چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي.

  38. ئۇيغۇربەگ
    2011/04/13 سائەت 14:55:00 /

    ئايفون يوق، ئامال يوق!

  39. iPhoneدا ھەرقانداق ھۆججەتنى قويالايسىز | Halastan Blog
    2011/04/13 سائەت 14:14:39 /

    [...] iPhoneدا ھەرقانداق ھۆججەتنى قويالا تۇلۇق تېكىستى [...]

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبرەت:
      ئايفۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات ئايفونسى …
    2. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    3. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    4. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    5. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    6. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    ipad2 steve jobs cydia ئۇيغۇر ھەقسىز يۇنىكود ئۆلچىمى uyghur مەھسۇلات iPod iphone4s shsh IT icloud symbian epub مۇڭ ios5 iphone4 RSS apple gulan iOS 6 Siri pxl ipad 3 Mac OS X appstore ios خالاستان بىلوگ itunes JailBreak GoogleAdsense ipad قۇلۇپ ئەقلىفون google iPhone
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club