• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

[مۇڭ] كىشىلەرنىڭ چۈشى

2011-07-13 | Nezeri | بىر مۇڭ| 1 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

ئۈلۈشكەن كەچ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىردان كىشى قايتىپ كەپتۇدەك. كۆڭلۈم شۇنداق خۇشال، ھىسلىرىم ئەركىن، كۆرگەن كىتابلىرىم شۇنداق ئۈنۈملۈك. ھاياجانلاماي تۇرالمىدىم، ئەلۋەتتە. ئەزەلدىن ھاياجانلىنىشقا ئامراق مەن بۇ قىتىممۇ شۇنداق خۇشخۇي، يىنىك بولۇپ كەتتىمكى، ھىجرەت يولىنى تالللىمىغان بولسام ھازىرلا ئۇچۇپ كەتكىم كەلدى، لىكىن شۇ جاپانىڭ كەينىدىكى ئاسايىشلىق تۇرمۇشۇمنى خىيال قىلىپ يەنە ئۆزۈمنى بېسىپ كىتابىمنى كۆردۈم….

ئەپسۇس، ئادەم چۈش كۆرۈدىكەن، ئويغانمىسا بولىدىكەن، ئويغىنىپ كىتىدىغان شىرىن چۈشنى كۆرمەيلا قويسا بولغۇدەك…چۈشنىڭ ئىچىدىكى چۈشتە ياشاۋەرسە مۇۋاپىقكەن. مىنىڭ خەنچە تور نامىممۇ 梦中的梦中…. ئۇلاپلا يۈز بەرگەن ئىككى ئىش مىنى چۈشتىن ئويغۇتۇپ رىئاللىققا قايتۇرۇپ كەلدى.

تۈنۈگۈن ۋوگىزالغا شىنجاڭغا قايتىقان بىر ئۇستازنى ئۇزۇتۇپ چىققان. ياناشىمدا مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنىگە ئۈرۈمچىگە ئۈلگۈرىدىغان پويىز بىلىتى تاپالماي تازا غەش بولۇپ ھايانكەشلەرنى ساقلاپ تۇراتتىم. ئەتراپىمدا قاغىدەك ئادەم، ھەممىسى بىلەت ئىزدەۋاتقان «بىچارە» لەر. كادىر سۈپەتلەر، ياشانغان بۇۋاي-مومايلار، ياش يىگىتلەر، نازىنىن قىزلار… ھەرخىل ئادەملەر باركى بار. بىچارە دېمەسلىككە ھەددىم يوق،  يىمەي-ئىچمەي پۇل يىغىپ ئاخىردا يۇرت-ماكانىغا بىر قايتاي دېسە بىلەتنىمۇ جايلاپ ئالالماي، ھايانكەشلەرگە كامىدا 300سوم، يۇقىرىسى بىرەر مىڭ سومچە پايدا بېرىپ ئاندىن قىستاڭ پويىزغا چىقىش «شاراپىتىگە» ئىرىشىدىكەن. بۇ يەردە ئوغرى يانجۇقچىغا پۇلنى ئالدۇرۇپ يىغلاۋاتقانلار، ئاللا كىملەردىن رەنجىپ نىشانسىز غەزەنلىنىۋاتقانلار، ھايانكەشلەرگە نەچچە ئون سوم ئۈچۈن بويۇن قىسىۋاتقانلار، غالىپلارچە گىدىيىپ تۇرغانلار…ھەممىسى باركەن. خۇددى ھەممىسى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، بەزىلىرى مۇشۇ شىرىن چۈشىدىن ئويغىنىپ كەتمەسلىكنى تىلىسە، يەنە بەزىلىرى گۈزەل تاڭ قوياشىنىڭ تىزراق كىلىپ بۇ قاباھەتتىن تىزراق ئويىغىنىشقا ئۇرۇنۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىرىدىكەن…

مەنمۇ 310 سوملۇق بىلەتنى 500 سومغا ئالالماي ئاچچىق بىلەن قاتاردا تۇردۇم. ئۆزۈمنىڭ كىتابنى كۆرۈپ تۇرسام قاياقلاردىن ناھايتى قىرى بىر تىلەمچى موماي كىلىپ قولىنى تەڭلەپ تۇرىدۇ. ئەتراپىمغا قارىسام ھەممىنىڭ كۆزى مەن 老外دە. نەخ دېدىم ئىچىمدە. بايا تېخى ھىلىقى ئاكاش «ئۇكام بالىلار ئۈستىگە خەت يېزىپ يۇغلىغان تەڭگە پۇللاركەن، ئالدىراپ بىر يەرگە سالماپتۇق. رەنجىمەي ئۇچۇرغان ئاجىزلارغا بىرىۋىتەرلا…» دەپ بىر كىچىك بولاقچىدا ئىككى سىقىمچە تەڭگە پۇل بەرگەن. مەن قولۇمنى يانجۇققا بىرلا سېلىپ بىر سىقىم ئالدىمدە ھىلىقى مومايغا ئۇزاتتىم. ئۇياق قولۇمدىن ئېلىپ ئالدىمدىلا ساناشقا باشلىدى. مەن ئالدى كەينىمگە قارىسام ھەممە خەق ماڭا قاراۋىتىپتۇ. ئادەمدە يۈز بولمىسا ھايۋانچىلىك بولالمايدىكەن دېدىممەن… ھىلىقى قىرى مەن بەرگەن پۇلنى تولۇق ساناپ بولۇپ مىنىڭ قولۇمغا قايتۇرۇپ بىرىۋاتىدۇ…قارىسام سىنىتلىق تەڭگىلەر كۆپكەن، پەمىمچە 1سوم نىڭ ئالدى كەينىدە ئىدى. ئەتراپىمدىكىلەر بىر تاماشىنى پەملىدىمۇ مەسخىرەلىك قاراشلار ماڭا تىكىلگەندەك تۇيغۇ بولدى. نىمە ئەلەم، نىمە نۇمۇس ھە. سەندەك قىرىغا پۇل بېرىپ بۇ يەردە تاماششا قويغۇچە تاشلىۋەتسەمچۇ بۇ پۇلنى دەپلا بىر ئېتىپ پۈتۈن زالغا چېچىۋەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىرىمۇ يۈرۈپ كەتتى. ماڭا قاراۋاتقانلارمۇ نەزەرىنى بۇراپ گەپ-سۆز قىلمىدى. ھەممە شۇنداق تېنىچ، يىقىمسىز. خۇددى تېخىمۇ زەئىپ چۈشلەرنى كۆرۈۋاتقاندەك.. پەقەت بىر نەچچە كىچىك بالا يۈگۈرشۈپ زالدىن تەڭگە پۇل تىرىشىۋاتاتتى…

ماقالە بېشىدا تىلغان ئىلىنغان قەدىردان سەنەۋەر تۇرسۇننىڭ تۆۋەندىكى ناخشىسىنى بەك ئەزىزلەيدىغان:

بەلكىم تاشلار بىر كۈنى ،
سەن ياقتۇرغان كىشلەر سىېنى.
لېكىن كۆڭلۈم سەن بۇنى ،
زىنھار ،زىنھار ئېغىر ئالمىغىن .
بەلكىم بولۇر قاراڭغۇ ،
سەن بارغۇچە ئۆيۈڭگە .
ئۆز قولۇڭ بىلەن چىراق ياقماق ئارزۇيۇڭ،
ئايلىنار كۆپۈككە.
لېكىن كۆڭلۈم سەن بۇنى ،
زىنھار ،زىنھار ئېغىر ئالمىغىن .
سەن چالغاندا ئېسىل كۈي ،
ئوراپ ئالسا قۇشلار سېنى .
ئەتراپىڭدا ئادەملەر ،
تەسىرلەنمەي تۇرار قارىشىپ .
لېكىن كۆڭلۈم سەن بۇنى ،
زىنھار ،زىنھار ئېغىر ئالمىغىن .

ئالاھەزەل، مۇشۇ مىنۇتقىچە مەنمۇ چۈشتە ئىكەنمەن. چۈشتىن كىيىن شىرىن خىياللار ئىلكىدە كىتاب كۆرۈۋىتىپ، قەدىرداننىڭ يۇقارقى ناخشىدىن ئۇدۇم ئالغان مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ چۈشتىن ئويغاندىم.

جۆيلۈشنى قويۇپ بۇ ھەپتىلىك «ھەپتىدە بىر مۇڭ» سەھىپىسى ئۈچۈن ئۆزۈم كىتاب كۆرۈپ ئاڭلاشقا ئەڭ ئامراق مۇزىكانى سوۋغا قىلاي. بۇ مۇزىكا دۇنياغا داڭلىق گىتتار ئۇستىسى 尼古拉·德·安吉利斯(Nicolas·De·Angelas) نىڭ «كىشىلەرنىڭ چۈشى» ناملىق پىلاستىنكىسىغا كىرگۈزۈلگەن. نامى Anna in the Mirror-《镜中的安娜》.

Close[SWF] - 人们的梦,梦中的安娜

尼古拉·德·安吉利斯(Nicolas·De·Angelas) بولسا فىرانسىيەلىك داڭلىق پىئانىنو ئۇستىسى 理查德.克莱德曼 بىلەن تەڭداش بولۇپ ئوخشاشلا DELPHINE دە پىلاستىنكا چىقىرىپ دۇنياغا تونۇلغان. Nicolasنىڭ مۇزىكىلىرى رىتىمىنىڭ يىنىك، لەرزانلىقى بىلەن ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەڭ كۆپ ئورۇندالغان گىتتار مۇزىكىلىرى ھىسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر گىتتار ئۆگۈنۈش قوللانمىسىدا Nicolas نىڭ بىرەر مۇزىكىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

رىئاللىق ئۇنچىۋالا ئىللىق ئەمەستەك، يالغۇز، يىگانە، مەنىسىز بىلىندى. چۈشكە ئامراق ئادەم مەڭگۈ شىرىن چۈش كۆرمەسمىش. خوش، نەزەرىمۇ  شىرىن چۈشتىن قايتا ئىزتىراپ بىلەن ئويغىنىپ ئالدىغا قارايدۇ. iPhone نەدىدۇ…

خەتكۈچلەر: مۇڭ
يازما ئادېرسى[مۇڭ] كىشىلەرنىڭ چۈشى
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhoneدا ھەقسىز تورغا چېقىش كېيىنكى: iPhoneنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپلا قاچىلايدىغان دېتاللار

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iPhone نىڭ ئاساسى بەلباغى ھەققىدە ساۋات
  • Halastan Blog نىڭ ئۇلىنىش ئىلتىماسى(نەزەرى)
  • iTunes كۆپ بوشلۇق ئىگەللىۋالغاننىڭ دورىسى
  • ئۆزۈمنىڭ 32Gلىق iPhone4 نى ساتىمەن
  • iPhoneدا يۈتۈپ كەتكەن 个人热点نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
  • PXLنىIPA گە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى
  • iPod Touch,iPad سىستىما بولىقىنى چۈشۈرۈش
  • jailbreak-تۈرمىدىن قېچىش دەرسلىك توپلىمى
  • قارلۇق بىلەن ئالما ھەمكارلىقى ھەققىدە
  • iOS4.3.3 چىقتى. نەشىر كۆتۈرمەڭ!
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار11
  • Halastan Blogنىڭ ئۇسلۇبى تارقىتىلدى
  • Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى
  • ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…
  • ئادارگۈل(ھەپتىدە بىر مۇڭ)
  • i ئۈسكىنىدىكى ئەپلەرنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش
  • iPhone ھەرقايسى ئەۋلادنىڭ قاتتىق دىتال سەپلىمە پەرقى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار2
  • ipad2چوڭ قۇرۇقلۇققا5-ئاينىڭ6-كۈنى كىردى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار21
  • iCloud ھەققىدە چۈشەنچە
  • 5.1.1 غا چىققاچ تۇرۇڭ! تۈرمىدىن قاچىدۇ

1 دانە باھا

  1. ئېلىجان
    2011/11/21 سائەت 15:25:13 /

    توغرادىدىگىز

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبرەت:
      ئايفۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات ئايفونسى …
    2. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    3. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    4. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    5. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    6. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    RSS steve jobs IT iphone4 ipad 3 iPhone gulan uyghur ios5 appstore JailBreak pxl google symbian مەھسۇلات ipad epub iOS 6 iphone4s مۇڭ ئۇيغۇر iPod ھەقسىز ios يۇنىكود ئۆلچىمى قۇلۇپ itunes apple خالاستان بىلوگ cydia shsh ipad2 ئەقلىفون icloud Mac OS X Siri GoogleAdsense
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club