• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
خالاستان بىلوگ مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار11

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 1 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى
مەكتەپكە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا مەسجىدنىڭ نەدىلىكىنى بىلىۋالغان بولساممۇ ئىككى جۈمەنى قازا قىلىۋەتتىم. بۇ يەردىكى ئىش بېجىرىدىغانلارغا ئۆزەمنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مۇسۇلمانلىقىمنى ئېيتماي جۈمە كۆرۈشەيلى دېسە ماقۇل دەلىۋېرىپتىمەن. كېيىن بۇ ئىشلارنى ماڭا يارىدەملىشىپ چېپىشىپ بېرىۋاتقان جەرى خانىمغا ئېيتقانىمدا ئۇ تولىمۇ ئەپسۇسلاندى ۋە مەندىن كەچۈرۈم سورىدى. جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى ئوچۇق چۈشەندۈرمىگىنىم ئۇنى تەئەججۈپلەندۈردى. مەن ئوچۇق ئېيتالمايتتىم، چۈنكى جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى بىر باشقۇرغۇچى مەمۇرىي خادىمدىن ئەمەس خىزمەتدېشىمدىنمۇ يوشۇرۇپ ئىككى يىلغا يېقىن يۇرتىمىزدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلىگەن تۇرسام، قانداقمۇ تۇيۇقسىز بۇ جۈرئەتكە كېلەلەيتتىم؟ ئېىنسان ھەر قانداق مۇھىتقا كۆنۈپ كېتىدىكەن، مەن ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى، ھەقىيقىي ئويلىغانلىرىنى، تەكلىپ- تەۋسىيەلىرىنى ئۈن-تىسىز ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان ۋە ئۇنتۇشقا كۆندۈرۈلىۋاتقان بىر تۈركۈمنىڭ ئەزاسى تۇرسام، قانداق قىلىپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقمدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق رىياللىقىمنى ئامېرىكىغا كېلىپ ئەمدى ئىككى ھەپتە بولغاندا دېيىشكە كۆنەلەيمەن؟… شۇنداق ئېسىمدە تۇرۇرپتۇ، 1990-يىلى ئۈچ كىتاب ( ئۇيغۇرلار، ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى) تەنقىد قىلىنغاندا بىزنىڭ بىر قانچە ئوقۇتقۇچىمىزدىن  مەلۇم مەكتەپ مۇدىرى « تەنقىد ماقالىسى يازدىڭلارمۇ؟» دەپ سورىغانىدى. ئوقۇتقۇچىلار « ئاخشاملىققا ئۈچلا كىتابنى ئالدىمىزغا قويۇپ قايتا بىر ئوقۇپ ئاندىن يازايلى دەۋاتىمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشكەنىدى. بۇنىڭغا رەھبەرمۇ كۈلۈپلا قويغاندەك ئېسىمدە. ئون يىلدىن كېيىن ھىچ كىم باشلىقىغا ھېلىقى ئۈچ كىتاب ھەققىدە ئەمەس يۇقارقى گەپكە ئوخشايدىغان ھەرقانداق سۆزنى دېيىشكە ئەمەس ئويلاشتىنمۇ يۈرىكى ئاغىدىغان بولۇپتۇ. يەنە شۇ ناھىيىمىزدە بىر ئۇقۇتقۇچى «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» غا مۇشتىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى تەكشۈرۈپتۇ. ھەتتا مېنىڭ تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان، ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بىر ساۋاقدىشىم  موللا دادىسىدىن « چەك چىگرا » ئاجرىتىپتۇ. مەن مۇشۇ «تەرەققىيات»لارنىڭ شاھىدى تۇرسام، يەنە قانداق قىلىپ ئامېرىكىدا تۇيۇقسىز قاپ يۈرەكلىك قىلالايمەن؟، مەن ھەتتا لەنجۇدا تۇرۇپمۇ بالامنىڭ نوپۇسىدىكى دىنى ئىتىقادى دېگەن ئورۇننىڭ  ئۆزەمنىڭكىگە ئوخشاشلا ئاق قالدۇرۇلىشىغا قاراپ تۇرغان تۇرسام قايسى جۈرئەت بىلەن ئامېرىكىدا ئۆزەمنى تەرەپباللا مۇسۇلمان دەپ جاكارلىيالايمەن؟ مەندەك ئادەمگە ئەركىنلىك مەڭگۈ نىسىپ بولمىسا كېرەك، چۈنكى مېنىڭ بۇ يەردىكى ئەكىنلىككە كۆنۈشۈم، ئەركىنلىكتىن بەھىرلىنىپ ياشىشىم، ھەتتا تېخىمۇ يۈكسەك ئەركىنلىككە ئىنتىلىشىم، كېيىنكى ھاياتىمنى پىشكەللىكلەر بىلەن تولدۇرىدۇ. چۈنكى تەھدىتكە، قورقۇنچتا ۋە سۈكۈتكە مەھكۇم بولغان بىر ئادەم قانداقمۇ ئەركىنلىككە كۆنەلىسۇن؟ برۇتانت راسسىل ”ئەگەر بىر ئادەم، بىر توپ ياكى بىر مىللەت غايەت زور قورقۇنچتا ياشىسا، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيىلىقنى چىقىش قىلىپ ھەركەت قىلغان ياكى ئويلىغانلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ“ دېگەنىكەن. شۇڭا جەرى خانىمنىڭ  ھەيرانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. مەن جەرى خانىمغا ئىتىقادىمنى يوشۇرۇشۇمنىڭ سەۋەبىنى تەپسىلى  چۈشەندۈرمىدىم، ۋە گەپنى ئەڭ بىخەتەر تېما بالامغا يۆتكىدىم.

مەكتىپىمىزدىكى مەسچىت 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا تەسىس قىلىنغانىكەن. ئەسلى ئۇ بىر كاتولىك چىركاۋى بولۇپ ئىتىقادچىلىرى ئۈزۈلگەنلىك سەۋەبىدىن مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلۇپتۇ. سىرتىدىن قارىسا ئادەتتە ياۋرۇپاچە ئۇسلۇپتا سېلىنغان چوڭراق بىنادىن قىلچىلىك پەرقلەنمەيدىغان بۇ بىنا كانزاس ئۇنۋېرىستىتىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنى پائالىيەت مەكىزى ئىكەن. مەسجىدكە كىرىشىمگە تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ پۇرىغان خۇشبۇي تونۇش ئەترە پۇرىقى قەلبىمنى ئىللىتتى، مەسجىدتە ئوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى چىراي بالا قۇرئان ۋە باشقا كىتابلارنى ئوقۇپ ئولتۇرىشتاتتى. مەندىن كېيىن كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئولتۇرغانلارغا سالام بەردى، قارىغاندا سالامغا كۆنمىگەن مەنلا ئوخشايمەن. مەسچىتكە خۇتبە باشلانغىچە قاراپ تۇرسام ئىككى يۈزدىن ئارتۇق مۇسۇلمان كەلدى. ھازىر يازلىق دەرس ۋاقتى بولغاچقا ئادەتتە ئادەم ئازراق بولىدىكەن، مۇشۇ بويىچە بولغاندا ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولىدىغان كۈزلۈك، ئەتىيازلىق مەۋسۇملاردا نامازخانلار تېخىمۇ جىق بولسا كېرەك. نامازخانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەب ۋە  جەنۇبىي ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىدەك قىلاتتى. ئارىدا سېرىق چاچ، تىپىك ياۋرۇپالىققا ئوخشايدىغان كىشىلەرمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. خۇتبە باشلاندى، ئىمام ئىنگىلىز تىلىدا راۋان خۇتبە قىلاتتى، مەزمۇنى ئىنساننىڭ قەدرى، ھوقۇقى ۋە بىباھالىقى ھەققىدە كېتىۋاتاتتى. ئارىدا پەيغەمبەرىمىزنىڭ بىر يەھۇدىغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنلىكى، سەۋەبى سورالغاندا ئىنسالىقنىڭ دەخلىسىز ئۇلۇقلىقى تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى. مەنمۇ شۇنداق بىر ھەدىسنى ئاڭلىغان پەيغەمبىرمىز ھەتتا مەسجىدكە سىيىپ قويغان بىر كاپىرغىمۇ مېرىۋانلىق قىلىپ چىرايلىق سۆھبەت بىلەن قايىل قىلغانىكەن. ئىچىمدە ئويلۇدۇم، توغرا بىز شۇنداق مېھرىۋان، ئادىل، سەمىيمىي بولۇشىمىز كېرەك، ئەمما نىمىشكە بولالمايۋاتىمىز؟ مەنچە جەمئىيەتتە سەمىمىيلىك مەلۇم خىل ۋاستە بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلىمىسە، كىشىلەر سەمىمي بولالمايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىدا مېنى ئەكىلىپ قويغان موڭغۇل ئوقۇغۇچى يالغان سۆزلەشتىن تولىمۇ ھەزەر ئەيلىدى، چۈنكى بۇ يەردە بىر قېتىم ساختىلىق قىلسىڭىز خاتىرلىنىپ قالىدىكەن. مەسىلەن سىز بانكىدىن قەرز ئېلىپ قايتتۇرماي يوقاپ كەتسىڭىز سىز ئامېرىكىدىكى ھىچ بىر بانكىدىن ئىككىنچى قېتىم قەرز ئالالمايدىكەنسىز، سىز بىر خىزمەت ئورنىدا ساختىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسىڭىز سىز مەڭگۈ شۇ ساختىلىقىڭىزنىڭ كۆلەڭگىىسەدە ياشاپ بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلەيدىكەنسىز، ناۋادا سىز بىر نۆۋەت ئىرىقچىلىق قىلسىڭىز سىز مەڭگۈ شۇ قىلمىشىڭىشنىڭ زىيىنىدىن قۇتۇلالمايدىكەنسىز. ئامېرىكىدا خىزمەت ئىزدىسىڭىز بۇرۇنقى خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلىش سەۋەبىنى سورايدىكەن، سەۋەب ئالدامچىلىقتىن بولسا چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزنىمۇ ئاڭلىماي رەت قىلىدىكەن. دېمەك بىر جەمئىيەت كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەيدىغان مىخانىزىمنى تۇرغۇزماي تۇرۇپ يالغۇز ۋەز ، نەسىھەت بىلەن كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى قېلىپقا چۈشىرىمەن دېسە ئامال يوقنىڭ ئورنىدا ئوخشايدۇ. ئىنساننى پەزىلەتلىك ئىنسان قىلىدىغىنى ئۈلگىلىك ئىنساننىڭ كۆرسەتمىسى ياكى مەلۇم گورۇھنىڭ قوزغىغان ئاممىۋىي ھەركىتى ئەمەس، شۇ ئىنساننىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىجتىمائى قۇرۇلما. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەرلىرى دەل مۇشۇ خىل قۇرۇلمىنى بەرپا قىلاللىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىدە مەلۇم ئىلاھىي دەستۇرلار تەرغىپ قىلىنمىغان، مەلۇم پەيغەمبەرنىڭ تەۋسىيەلىرى تەبلىغ قىلىنمىغان ھالدىمۇ كىشىلەر سەمىميلىك، ھۆرمەت، باراۋەرلىك، ھۆرلۈك، ۋە مىھرىۋانلىق قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسان تۈركۈملىرىگە ئورتاق قىممەتلەرگە مۇشەررەپ بولۇپ كەلمەكتە. مەن ئاڭلاۋاتقان تەبلىغ دائىم تەكىتلىنىدىغان پاكىستاندا 2000-يىللاردا بىر ئادەمنىڭ جېنى 300 دوللار بەدىلىگە سېتىلغانىكەن.
ئىمام تەبلىغنى ئىنساننىڭ خەلىپە قىلىپ يارىتىلغانلىقى،بىلىش ئىقتىدارىغا ساھىپ بولغان ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن پەرشتىلەرنىڭ سەجدىسىگە مۇشەررەپ بولغانلىقى بىلەن باشلاپ، مۇسۇلمان مىللەتلىرىدە ئىنسانلارنىڭ بايلىق ۋە مەرتىبە پەرقلىرى بويىچە تەبىقىلىشىۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە ئىنساننىڭ نىگىزلىك ھەقلىرىنىڭ قۇغۇداقسىز، ئىتىبارسىز قالدۇرىلىۋاتقانلىقى بىلەن كونكىرىتلاشتۇردى، ئاخرىدا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى، زۇلۇمنى ۋە زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقرىۋاتقان ئامىلنىڭ دەل بىر بۆلۈك ئىنسان تۈركۈمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە ئەۋزەللىك تەمەسى بىلەن باشقا بىر بۆلۈك ئىنساننى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قويۇشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن خۇتبىنى خۇلاسىلىدى. ئىمامنىڭ خۇتبە جەريانىدا ئىنساندىكى مەغۇرۇرلۇقنىڭ ئىنساننى بىخەستىلىككە گۇناھقا باشلايدىغانلىقىنى،  مۇئامىلىدە كېبىر كۆرسىتىپ ئازار بەرمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

خۇتبىدىن كېيىن خۇددى ۋەتەندىكىدەك بەزىلەر كېتىشكە ئالدىرىدى، يەنە بەزىلرىمىز پىشىنغا تۇردۇق. پىشىننى ئوقۇپ بولاي دەپ تۇرۇشۇمغا مەسجىدنىڭ ئىچى پاراڭ بىلەن قايناپ كەتتى. قۇلىقىمغا مەن بىلىدىغان، بىلمەيدىغان نۇرغۇن تىللار ئاڭلىنىپ پىششننى ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم. قارىغاندا ئادەتتە ئالدىراشلىقتىن ئۇچرىشالمايدىغان مۇسۇلمان بالىلار جۈمەگە كەلگەن پۇرسەتتە ئۇچرۇشۇپ، ئانا تىللىرىدا مۇڭدۇشۇپ مۇساپىرلىق ئازابىغا مەلھەم ئىزدەشسە كېرەك. بىراق مەنچۇ؟ بايا خۇتبە جەريانىدا ئىمامنىڭ چىرايىغا قاراپ  تۈركمىكىن دەپ گۇمان قىلغانىدىم. ئۇنىڭ مۇھەممەد دېگەن بىرسىنىڭ ئىسمىنى مىسال ئېلىپ « مەمەت» تەلەپپۇز قىلغاندا گۇمانىم تېخىمۇ كۈچەيگەنىدى. ئىمام پىشىننى ئوقوپ بولۇشىغا ساقلاپ تۇردۇم، لېكىن ئىمامنى ساقلاپ تۇرغان كىشىلەر ئۆچۈرەتتە ئېدى. ئۆز-ئارا يول قويۇش، ئۆچۈرەت ئادەتكە ئايلانغان  ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بۇ يوسۇنغىمۇ كۆنگەن بولسا كېرەك. ئاخىرى مېنىڭ نۆۋىتىممۇ كەلدى، ئىمامغا « ئەسسالامۇ ئەكەيكۇم،» دەپ سالام بەرگەندىن كېيىن، « تۈركمۇ سىنىز؟» دەپ سورۇدۇم ئۇتتۇرلا ئۇيغۇرچە تۈزلۈك بىلەن. ئىمام بىردىنلا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ « سىزدە تۈركمۇ سىنىز؟ » دەپ قايتتۇرۇپ سورىدى، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق، دەماللىققا خۇشاللىقتىن ئاغزىم گەپكە كەلمەي تۇرۇپلا قالدىم، ئىمام سۇئال سورايتتى، مەن بولسام ھاياجاندىن ئانا تىلىمدەكلا راۋان بىلىدىغان باغىردىشىمنىڭ تىلىدا تۈزۈك ئەپلەپ سۆزلىيەلمەي قىينىلاتتىم.

 

ئىمامنىڭ ئىسمى ئابدۇلباقى ئىكەن، مەن بۇ ئىسىمنى تۈركىيەدە خېلى كۆپ ئاڭلىغان. تۈرك قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمى بىزنىڭىكىگە خىېلى ئوخشايدۇ، ئەمما  يەنە بەزىلىرنىڭ ئىسمى بىزدە يوق ساپ تۈركچە ياكى بىزدە كۆپ قوللۇنۇلمايدىغان ئەرەبچە ئىسىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. مەسىلەن ئۇلاردىمۇ « مەمەت » دېگەن ئىسىم جىق، ئۇلار بەزىدە بۇ ئىسىمنى « مەھمەت» مۇ تەلەپپۇز قىلىدۇ، ئۇلاردا « مەھمەتجىك» دېگەن ئىسىم ئادەتتە ئەسكەرلەرنىڭ يەنە بىرخىل ئاتىلىشى. تۈركلەردىكى « ئايشىگۈل» دېگەن ئىسىم بىزنىڭكىگە شۇنداق ئوخشايدۇ. قىزىقارلىق يېرى ئۇلار بىزدىكى « ئاي» «گۈل» دېگەنلەرنى پامىلە ئورنىدا قوللۇنىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرىنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ  پەمىلىسى گۈل، تۈركىيەدىكى بىر ئۇيغۇرزىيالىنىڭ  ئوغلىنىڭ ئىسمى ئايقۇت.

ئىمام مۇشۇ مەكتەپنىڭ خېمىيە ئىنجىنىرلىقى كەسپىنىڭ پروفىسورى ئىكەن. تۈركىيەدە دوكتۇر ئىماملارنى كۆرگەن، مانا كۆز ئالدىمدا پروفسسور ئىمام، بېشىدا سەللىسى يوق، پەقەت بىز بۇرۇن كېيىدىغان بىر شاپاق دوپپا، ئۇچىسىدا ئاق يەكتەك. بۇ كىشى ماڭا مەكتەپتىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى شەنبە كۈنلىرى يىمەكتە بىللە بولىدىغانلىقىنى، خالىسام كېلشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىمام بىلەن خوشلۇشۇپ مەن بىلەن بىر بىنادا (مېنڭ بۇ يەردە بىنا دېگىنىم بىز ۋەتەندە كۆرگەن بىنا ئەمەس، ھەممىمىز بىر ئىشىكتىن، ياكى بىر قانچىمىز بىر ئىشىكتىن كىرمەيمىز. بىنايىمىز ئۇزۇنىغا سېلىنغان، پېشايۋانلىق ئىمارەت، ھەممىزنىڭ ئىكى بىۋاستە تالاغاقارايدۇ)  تۇرىدىغان، لېكىن ئىنگىلىزچە سالاملىشىپلا قويىدىغان خوشنامغا ئۇچراپ قالدىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىدى
-سېنى  جۇڭگۇلۇق دەۋاتاتتى مۇسۇلمانكەنسەنغۇ؟
– ھەئە، مەن ئۇيغۇر، بىزنىڭ شىنجاڭ دېگەن يەردە ئون مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمان ياشايدۇ.
-شىنجاڭ دېگەن قەيەر؟
-تىبەتنىڭ خوشنىسى. ( چۈنكى دۇنيادا تىبەتنى بىلىدىغان ئادەم جىق، مۇشۇنداق دېمىسەڭ ئۇلار جۇڭگونىڭ غەرىبىي شىمال تەرىپىنىڭ قەيەرگە توغرا كېلىدىغاننلىقىنى چۈشەندۈرمەك تەس.)
– ماشائاللاھ! بۇنچە جىق ئادەم يېڭىدىن مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟
– ياق بىز 1250 يىللار بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇشقا باشلىغان، يۇرتىمىزدا مىڭ يىل بۇرۇن ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن. بىز دۇنيادا ئەرەب ۋە پارىسلاردىن قالسا ئىسلامنى ئۈچىنچى بولۇپ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن مىللەت. دۇنيادا مۇبارەك قۇرئانى كەرىم پارىس تىلدىن كېيىنلا ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچىغا تەرىجىمە قىلىنغان. ئۇيغۇرلار ئىسلامنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشىدا موھىم رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن مۇسۇلمان بولغان تىبەت، خەنزۇ ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ھازىر مۇسۇلمان موڭغۇل، مۇسۇلمان تىبەت، خۇيزۇ(مۇسۇلمان مىللەت). باۋئەن، دوڭشىياڭ قاتارلىق ناملار بىلەن ئىچكىرى جوڭگۇ ئۆلكىلىرىدە ياشايدۇ.  ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەربابلار ئىسلام قۇرۇلتىيى، بەيتۇل ھەرەم جامەسى قاتارلىق ئىسلام ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ.
-ئېيتقانلىرىڭ ماڭا بەكمۇ يېڭىلىق تۇيۇلدى، مەن مەككىلىك ئەمما بەيتۇل ھەرەمدە مۇدەررىسلىك قىلغان ئۇيغۇردىن بىخەۋەركەنمەن. ئەمما مەن تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن شۇنداق ئالىملارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان.
– شۇ تۈركىستان دېگەن بىزنىڭ يۇرتنىڭ چەتئەلدىكى نامى، مەملىكىتىمىزدە بۇ ئىسىم چەكلىنىدۇ، سىياسىي مەنىسى كۈچلۈك، شۇڭا مەنمۇ قوللانمايمەن. جۇڭگۇدا يۇرتىمىزنىڭ خەنزۇچە ئېتى شىنجاڭ، يېڭى چىگرا مەنىسىدە.
-ئۇيغۇرچە ئېتىچۇ؟
-ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى.
-ئۇنداقتا سىلەرنىڭمۇ ئامېرىكىدىكى شىتاتلاردەك بايرىقىڭلار، يەرلىك قانۇنىڭلار، ئۆز ئۆزۈڭلارنى ئىدارەلەش، مەركەزدىن ئايرىلىش ھوقۇقۇڭلار باركەندە؟
– ياق، مەن بۇنداق سىياسى تۈزۈم دېگەن نەرسىلەر ھەققىدە پاراڭلىشىنى خالىمايمەن. مەن تىلشۇناسلىقتا ئوقۇيمەن ئەگەر خالىساڭ ساڭا ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ كۆرسىتىپ قوياي.
شۇنداق پاراڭلىشىپ ئۆيىمىز بار كوچىغىمۇ كېلىپ قاپتۇق، مەن ئۇنى ئۆيۈمگە باشلاپ بەرقى تورىنى كۆرسىتىپ قويدۇم. ئۇ بەرقى دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ خوش بولۇپ كەتتى.

سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام

مەن تۈرك خاتىپتىن مۇشۇ مەكتەپتىكى مەسجىدتە بۇرۇن ئىماملىق قىلغان سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر دوكتۇر ھەققىدە سورۇماقچى ئېدىم، قارىسام مېنىڭ كەينىمدە ئۆچۈرەت كۈتۈپ تۇرغانلار ساقلاپ كەتكىدەك شۇڭا تونۇشقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتىم.
ئاڭلىشىمچە بۇ مەكتەپتە تۇرسۇنجان ئىسىملىك سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر ئىمام بولغانىكەن. ئۇ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مائارىپ فاكۇلتىتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەندۇق. بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى 1940-يىللىرىنىڭ ئاخرىدا خوتەندىن سەئۇدىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ بۇ كىشى شۇ يەردە تۇغۇلغانىكەن. ماڭا گېپىنى قىلىپ بەرگۈچى ھازىرقى كادىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىشىدە يۈرگەچكە تۇرسۇنجانغا ئانچە ياقمىغانمىش. تۇرسۇنجان ئائىلىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئوغلىنى مۇشۇ يەرگە مەكتەپكە بېرىپتۇ، قىزىنى « بۇ يەر قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدىكەن » دەپ سەئۇدىغا تۇغقانلىرى قېشىغا قايتتۇرىۋتىپتۇ. سۆھبەتدىشىم ئۇنى نادانلىقتا ئەيپلىدى، مەن ئىپادە بىلدۈرمىدىم، لېكىن ئۇيغۇر قىزلىرىغا تولىمۇ ئوخشايدىغان سەئۇدىلىق قىزلارنىڭ كانزاس ئۇنۋېرىستىتىدا خېلى بارلىقى خىيالىمدىن كەچتى. ئەجەبا تۇرسۇنجان ئۇلارنى كۆرمىگەنمىدۇ؟ ئۆزى مائارىپشۇناسلىقتا ئوقۇسۇنۇ قىزىنى ئۆزىدەك مائارىپشۇناستىن ئايرىپ سەئۇدىدىكى تۇققانلىرىغا تاپشۇرسۇن…سۆھبەتدىشىمنىڭ ئېيتىشىچە تۇرسۇنجان ئۇيغۇرچىنى يامان ئەمەس سۆزلەيدىكەن ئەمما ئۇقۇپ يېزىشقا ئاجىزمىش. ئۇ ئۆزىدە دادىسى ۋەتەندىن ئېلىپ چىققان كونا ئىملادىكى كىتابلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇيغۇرچىنى ئوبدان بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. مەن بۇنىڭغا بەكمۇ قىزىقتىم، چۈنكى بۇ مېنىڭ كەسپىم، بەلكىم بىز يۇقاپ كەتتى دەپ قاراۋاتقان بىر قىسىم موھىم قوليازمىلار چەتئەللەردىكى ئاشۇنداق مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. تۇرسۇنجاننىڭ مېنى قىزىقتۇرغان يەنە بىرئىشى ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئەرەبلەر بىلەن مەنبەداش دەپ قارىغانلىقى بولدى. ئۇ بىر قېتىملىق مۇھاكىمە سورۇنىدا ئىختىيارى پىكىر بايان قىلىپ ئۆزىنىڭ خوتەنلىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەبلەرنى قېرىنداش خەلق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ قولىدا يازما مەنبە بارمىش. نېمىلا بولمىسۇن شۇنچە چوڭ سورۇندا مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر دېگىنىدىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە بىر نەرسە ئويلاشقا تىرىشقىنىدىن مەمنۇن بولدۇم. ئامېرىكىلىق مەلۇم ئۇيغۇرشۇناس خانىم ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا « قىزىقارلىق پىكىركەن » دەپ قويۇپتۇ. تىل دېگەن ئاجايىپ نەرسە، مەن ئامېرىكىغا كەلمەستە ئىنگىلىزچىدىكى « قىزىقارلىق ئىكەن» دېگەن ئىبارىنىڭ ئانچە قىزىقى يوق گەپلەرگىمۇ دېيىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ھەيران قالغانتىم، مەزكۇر خانىمنىڭ بۇ سۆزىدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ ئىبارىسىگە مەسخىرىنىڭ يوشۇرۇنغالىقىنى بايقىدىم. ئەمدى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىزىقارلىقكەن دېيىشلىرىگە ئالدىنىپ ئۇلارغا تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلغان قاراشلىرىمنى ئەزۋەيلىمەيمەن. ئېكىسجانمۇ بەلكىم بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنى ھېس قىلغاندۇ، ئەگەر پاكىتى بولغان بولسا رەددىيە بەرگەن بولاتتى.

تۇرسۇنجان بىلەن بىر مەۋسۇمدىن كېيىن ئۇچراشتىم. ماڭا دەپ بېرىشىچە ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەرەبلەرنى ياقتۇرمايدىكەن. بۇنىڭغا مۇشۇ كۈنگىچە نەچچە ئەۋلاد پاسپورتى يوق ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى ۋە كىچىكىدە بىرقىسىم ئەرەب خوشنىلىرىنىڭ ”كەلگۈندى“ دەپ كەمسىتكەنلىكى سەۋەب بولۇپتۇ. زوردۇن سابىر ئەپەندىم 89-يىلدىكى بىر زىيارەت خاتىرىسىدە ئەرەبىستاندا 59 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى يازغانىكەن. تۇرسۇنجاندىن بۇ ھەقتە سورۇدۇم. ئۇ ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جىقلىقىنى ئەمما ئەرەبلەرنىڭ كەمسىتىشىدىن، بوزەك قىلىشىدىن قورقۇپ بىر مەھەللە بولۇپ ياشىيالمىغىنىنى سۆزلەپ بەردى. شۇ سەۋەپتىن ئەرەبىستاندىكى 60-يىللارنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېينكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئانا تىلنى بىلىدىغانلار ئاز ئىكەن. مەن ئۇنىڭ ”ئۇيغۇرلار ئەرەبلەر بىلەن قانداش“ دېگەنلىرىنى يۈزىگە سالمىدىم. مۇستەبىت تۈزۈمدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ دائىم شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىق ماڭا سىر ئەمەس ئېدى.  مەن ئۆزەممۇ دائىم تۇرسۇنجان دېگەن گەپلەرگە مەنىداش سۆزلەرنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ۋە ئاڭلاپ سۈكۈتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەم بولغاچقا ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويۇشنى خالىمىدىم. شۇ قېتىمقى ئىلمىي لېكسىيەدە ئەرەب تەتقىقاتچى ۋە سەئۇدىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى تۇرسۇنجاننىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ تۇراتتى. بروتانت راسسىلنىڭ گېپى بويىچە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنسانىيلىقنى چىقىش قىلىپ سۆزلىگەن دېگىلى بولمايتتى، چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلەرنى نەچچە مىڭ كېلومېتىر يىراقتىكى مۇستەبىتتىن ۋە شۇ مۇستەبىت تۈزۈمدىن نەپلەنىۋاتقان كىشىلەردىن قورقۇپ سۆزلىگەن ئېدى.  تۇرسۇنجاننىڭ  بارلىق غېمى چەتئەلدە ئوقۇشقا ھەممە جەھەتتىن قۇربى يېتىدىغان تۇرۇپ پاسپورتى بولمىغانلىق سەۋەپتىن چىقالمايۋاتقان ئېنىلىرىدە قالغاندەك تۇرىدۇ. ئارىدا بىر قېتىم بىللە كىيىم ئالغىلى باردۇق. بىر قانچە پوپايكا تاللىسام  مېنى سەل چوڭراق  نومۇرلۇقنى ئېلىشقا دەۋەت قىلدى. سەۋەبى كىچىكلىرى قىسقاراپ كەتسە ئۇزاق كىيەلمەيدىكەنمەن. بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ مەسئۇلىيەچانلىقىدىن سۆيۈندۈم، يەنە بىر تۇرۇپ ۋەتەنسىز ئۇيغۇرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن قىينچىلىقلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. چۈنكى مۇنداق سۆزنى ئۇزاق يوقسۇللۇقنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرلا تىلغا ئالاتتى. كېيىن جۈمەلەردە تولا ئۇچراشتۇق، ھەر كۆرسەم ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سوغۇق غېرىپلىقنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ كېتىدىغاندا تېلىپۇنمۇ قىلماي كېتىپ قالغىنىغا مەيۈسلەندىم.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار11
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار10 كېيىنكى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار12

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار20
  • ئالما داھىيسى Steve Jobs نىڭ ھاياتى
  • iPhone4S چەتئەلدە 10-ئاينىڭ 14-كۈنى سېتىلىدۇ
  • iOS5نىڭ توك ئىسراپ قىلىش مەسىلىسى تۈزىلىدۇ
  • ipad2 جوڭگودا ئامىركىدىن بىر ھەسسە قىممەت
  • iphone ئۈچۈن ھەقسىز سىن بىرتەرەپ قىلىش دېتالى
  • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)
  • Halastan Blog نىڭ ئۇلىنىش ئىلتىماسى(نەزەرى)
  • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
  • 3GفورماتلىقiPad جوڭگوغا كىرگىلى بىر ھەپتە بولدى
  • GoogleيىقىنداMotorola Mobilityنى سېتىۋالماقچى
  • [Gulan]ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ
  • خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتكە بېغىشلاپ
  • iPadكە Windowsشارائىتىدا توك قاچىلاش
  • [Gulan] ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە ئاشقۇنلۇقلار
  • يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت
  • بىز بىرلەشتۇق!
  • 25-چىسلاipad2 شىياڭگاڭدا سېتىلىدۇ
  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى
  • [ئىسكىرىپكىدا مۇڭ]Moving_داڭلىق يىنىك مۇزىكا
  • ئالمىچىلار چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بىلىم_SHSHنى زاپاسلاش
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار14

1 دانە باھا

  1. RY
    2011/05/17 00:31:04 /

    man oylaiman bzibolsak hammimiz brlalanig bandisi adao pakati kki hihila ayrildu lalaha ixian gvqilar wa xixianmigvqilar

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق
    • مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى
    • Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش
    • Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش
    • Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى
    • قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز
    • تۈرمىدىن قاچۇرۇش (JailBreak) نىڭ 100 خىل پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قاچمامسىز؟
    • ئەپلەرنى iTunes ئارقىلىق كومپيۇتېردا يىڭىلاش
    • 3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش
    • i ئۈسكىنىدىكى ئەپلەرنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(30)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. شاھيار:
      مىنڭ 5.0.1نەشرتىى................…
    2. salim:
      800 somga bolsa bulamdu bak towan sori…
    3. ھەۋەسكار:
      cydia نى ېىشلىتەلمدىم سىلەر چۇشۇ…
    4. باتۇش:
      ياخشى ئەپكەن بۇ . سىناب باقاي،…
    5. قۇتبەگ:
      بۇ پەقەت كۆز ئالدىكىدىن كىچىپ كەلگۈسىگ…
    6. شاھيار:
      مىنڭ تى سىز دىگەندەك ئۇسۇل بۇيىنچە ئۇي…
  • خەتكۈچلەر

    IT cydia RSS خالاستان بىلوگ ئۇيغۇر يۇنىكود ئۆلچىمى gulan steve jobs Mac OS X iPod ھەقسىز ئەقلىفون ipad2 ios GoogleAdsense icloud shsh مۇڭ iPhone uyghur مەھسۇلات pxl iphone4 ipad symbian ios5 قۇلۇپ itunes iphone4s google ipad 3 apple epub appstore
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • ئۇلىنىش
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club