• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار12

2011-04-01 | Nezeri | Gulanئەپەندى يازمىسى| 0 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟
ئەسلى مەن بۇ ھەقتە « ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقىمىز نەدە؟» دېگەن تېمىدا ھىكايەتلىك كەچۈرمىشلىرىمنى يازماقچىدىم. بىر ئوقۇرمەن بۇ ھەقتە سورىغانلىقى ئۈچۈن ھازىر يازماي ۋە تەھلىلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمەي بولمىدى. ئامېرىكىقلار باشىقىلارغا باھا بەرگەننى مەنچە يامان كۆرمەيدۇ، بەلكى ئۇلاردا پاكىتسىز، لوگىكىسىز باھا بېرىدىغانلارنىڭ سانى بىزدىكىدىن سەل ئاز. ( غەيۋەت، مەسخىرە، باتناش دېگەنلەر ئىنسانلارغا ئورتاق، ئەلۋەتتە) . ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى سەمىمىيلىك. كىشىلەرنىڭ ئىزگۈ نىيەت ۋەئەھمىيەتلىك  پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىغاندا، كۆرگەندە زوقلىنىش ۋە زوقلانغانلىقىنى ئاجايىپ نەپىس تىللار بىلەن بايان قىلىش ئۇلاردا ئومۇمىي ئادەت، بۇ ئىش بىزدە ئانچە ئومۇملاشمىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش يامان ئىشلارنى، ياكى ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىمىغان ئىشلارنى ئۇچراتقاندا مۇناسىپ باھا بېرىش ئۇلارنىڭ سەمىميلىك پىرىنسىپىنىڭ گەۋدىلىنىشى. ئۇلار ھىچ قاچان ئۆز تۇيغۇلىرىنى يوشۇرۇپ ساختا توغرا چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋالمايدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر كەچمىشىم بار. بۇلتۇر كۈزدە مەن دەل مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنۇش بىلەن بەنت ئېدىم. ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر پروفېسسورلارنىڭ تەۋسىيە خېتىنى كېرەك قىلىدىغان بولغاچ مەن ئوقۇغان ۋە مېنى ئوبدان بىلىدىغان پروفېسسورلارغا ئىلتىماس قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇستاز راھىلە داۋۇتتىن باشقا ھەممىسى « ئۆزەڭ يېزىپ كەل، مەن ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي» دەپ تۇرىۋالدى. مەن بۇنداق قىلىشنىڭ خاتالىقىنى، يالغان سۆزلىسەم ئوقۇش پۇرسىتىمنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقىنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ بولمىدى. ھەتتا بىر ئۇستازىم « كاللاڭلار بەك قىزىپ كېتىپتۇ، مەن بىر قانچە  ئوقۇغۇچىغا تەۋسىيەنامە يېزىپ بەردىم، ئۇلار چەتئەلدىكى ئوقۇشقا مېڭىپمۇ بولدى.» دەپ ئەستايىدىللىقىمدىن رەنجىدى. مەن ئۆزەم يازغان، مەزكۇر ئۇستاز قول قويغان بىر پارچە تەۋسىيەنامىنى يېزىگىلىك ئۇنۋېرىستىتىدا دەرس ئۆتىۋاتقان بىر ئامېرىكىلىق دوستۇمغا كۆرسەتسەم، چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ «بۇلشىت!» دېدى. بىللە تۇرغان يەنە بىر ئامېرىكىلىق بالىمۇ « مۇشۇنداقمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولامدۇ؟» دەپ قايناپ كەتتى. بىر قېتىم مەلۇم پروپېسسورنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە مېنى قارىتىپ قويۇپ باشقا نەچچە پروپېسسورنىڭ غەۋىتىنى يېرىم سائەت قىلدى. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ”ئۇ بىزدىن دائىم مېنىڭ دىنىمغا ھۆرمەت قىلمايسىلەر، مېنىڭ دىنىي بايرام كۈنۈمدە يىغىن ئاچىسىلەر دەپ قاقشايدۇ. مەنمۇ ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا كىرىپ، ئىشقا بارغۇم كەلمىگەن كۈننى دىنىي بايرام دەپ تۇرۇۋالسام بولارمىكەن تاڭ“ دېگىنى بولدى. ھەممە ئادەم مەسىلىگە دىنداشلىقنى، قانداشلىقنى، مەنپەئەتداشلىقنى ئۆلچەم قىلسا ئورتاق پىرىنسىپ نەدە قالىدۇ. مەن يەنە ئۆزەم ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەزى مەدەنىيەت پەرقىگە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ئالدىراپ توغرا خاتا دېمەيدىغانلىقىنى، پەقەت « بىزدە بۇ خۇش كۆرۈلمەيدۇ» دەپ قويىدىغانلىقىنى بايقىدىم. لېكىن ئۇلار سىزدىن «سەنچە شۇنداق قىلسا ئادىللىقمۇ؟ مۇۋاپىقمۇ؟» دەپ سورايدۇ. توغرا، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىگە بولۇپمۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىگە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ھىچكىم ئالدىراپ توغرا خاتا دېمەيدۇ. بۇ ھەقتە مېنى قاتارغا قوشقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىمۇ « ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» « ئەمانىڭ شەھرىگە بارساڭ كۆزۈڭنى قىسىۋال» دەيدىغان ئۇدۇم چۈشەنچە بار. بىزنىڭ مىللەتمۇ يۇقارقى پىرىنسىپقا نەچچە مىڭ يىل ئەمەل قىلىپ نەزەرگە نائىل، تۆرگە مۇشەررەپ بولغانكى، خەقنىڭ ئىشىغا قالايمىقان باھا بېرىپ نەزەردىن چۈشۈپ كەلگەن مىللەت ئەمەس. شۇ نەرسە ئايانكى، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە مىللىيلىك پىرىنسىپى بويىچە بولمايدۇ. دۇنيادا مۇۋاپىقلىق، ئادىللىق، ئەقلىيلىق دېگەن ئورتاق پىرىنسىپلارمۇ بار. بىر خەلق توغرا تونۇغان ئىش، ياكى بىر بۆلۈك كىشى توغرا بىلگەن ئىش باھاسىز، ھۆكۈمسىز رەۋىشتە توغرا چۈشىنىلىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن خەنسۇلار ئادەم بار يوق دېمەي يەل قويىۋېتىدۇ. بۇ خەنسۇلارنىڭ ئادىتى، بۇنى ھەتتا ئىچكىرىدكى بىر پروفېسسور ماڭا تەبىئى ھادىسە دەپ ئاقلىغان. ئەمما خەنسۇلارنىڭ بۇ مىللي ئادىتى مۇۋاپىق بولمىغاچ ئىنكار قىلىنىدۇ. مەن بۇ يەرگە كەلگەندە مېنىڭ گۇيجۇلۇق فورددېشىممۇ ماڭا، تۈكۈرۈش، يەل قويىۋېتىشنىڭ ئامېرىكىدا ئېغىر ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئېنىقكى ئۇ مېنى 96% جوڭگۇلۇق سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغان. بۇندىن باشقا ھەممە ئادەم بىر تەخسىگە چوكا تىقىش، بۇمۇ سەھىيە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغاچقا توغرا دەپ قارالمايدۇ. ئامېرىكىلىقلار بۇنىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش  ئەقلىيلىك ئەمەس، يەنى سەھىيە ئىلىمگە خىلاپ. ئەمدى يۇقارقى تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ ئوغلىنى ئامېرىكىدىكى مەكتەپكە بېرىپ، قىزىنى  ئەرەبىستانغا ئەۋەتىۋېتىشى( ئەسلى قىزىمنى ئوقۇتمايمەن دەپتىكەن، مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازى بولسىمۇ سەل ئىجابىي بولسۇن دەپ تىلغا ئالمىغانتىم)، ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئادىللىق ئەمەس. مەن مۇشۇ خىلدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ « بۇ ئادالەتسىزلىك، نېمىشكە ئوغلىنى ئوقۇتۇپ قىزىنى ئوقۇتمايدۇ، ئەجەبا ئوغلىغا ماس كەلگەن مۇھىت قىزىغا ماس كەلمەمدىكەن؟» دەيىدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر ئاياللار باراۋەرلىك تەرەپتارلىرى ئاڭلىسا گەپلەر ئۇنچە مۆتىدىل دېيىلمەيدۇ. شۇڭا بەزى دوستلىرىمىزنىڭ توغرا چۈشىنىش ئۆلچىمىنى ھەممە يەردە پىرىنسىپسىز تەكىتىلىشى مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

توغرا ھازىر دۇنيادا مەدەنيەتلەر دىيالوگى تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ھەممە نەرسىگە ئۆز بىلىمى ياكى مەدەنىيىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ باھا بېرىش ئانچە ئالقىشلانمايدىغان بولدى. مەملىكىتىمىزدىمۇ « مەدەنىيەتلەر دىيالوگى» ھەققىدە قەرەللىك مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ يىغىنلارغا تۇڭگان ئالىملىرى ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ ۋە تەشكىللەپ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن كۆڭزىچىلىق مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدكى چۈشىنىشنى كۈچەتىش ھەققىدە ئەھمىيەتلىك ئىزدىنىشلەردە بولىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئېچىلمايۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىملارنىڭ ھەدىسىلا ئۆزى چۈشەنمەيىغان، يات  مەدەنىيەتلەرگە فىئودالىزىمنىڭ، قالاقلىقنىڭ، قانۇنسىزلىقنىڭ، ۋە ئىلمىيسىزلىكنىڭ قالپىقىنى كەيدۈرۈشنىڭ پەيدىنپەي ئازىيىشىغا بولغان ئۈمىدىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە رۇشەنكى ھەر قانداق ھادىسىنى كۆپتۈرۈش ئىلمىيي پىرىنسىپنى زەخمىلەندۈرىدۇ. مەدەنىيەتلەر ئارا چۈشىنىش، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنىڭ تەكىتلىنىشى ئىنسانلارنىڭ ھەممىنى ئۆز مەدەنىيىتىگە ئاساسەن  باھالاش، ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت مۇستەبىتىلىكىگە خاتىمە بېرىش بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇن نامۇۋاپىق خاھىشلارنىڭ باش كۆتۈرىشىگىمۇ سەۋەپ بولدى. مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكنى تەكىتلەش « ھەممە نەرسىگە ئورتاق پىرىنسىپتا باھا بەرگىلى بولمايدۇ، ھىچ نەرسە قائىدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا ئەمەس بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز توغرا دەپ قارىغاچقا توغرا» دەيىدىغان مەدەنىيەت شەخسىيەتچىكى ۋە مەدەنىيەت قورۇقچىلىقى  باش كۆتۈردى. مەسىلەن، بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى پروفېسورى ماروڭ ئەپەندى « بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2005-يىللىق مەلۇم سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ « جوڭگۇدىكى مىللەتلەرگە ئاپتونۇمىيە بېرىش كوڭزىچىلىق مەدەنىيىتىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. كۆڭزىچىلىق مەدەنىيىتىدە مىللەت مەدەنىيەت ئۇقۇمى، سىياسىي ئۇقۇم ئەمەس. ئەگەر مىللەت ياۋرۇپا ئەنئەنىسى بويىچە سىياسىي ئۇقۇم دەپ قارالسا ئۇنىڭغا نۇرغۇن سىياسىي ھوقۇقلار بېرىلىشى كېرەك. جوڭگۇ كومپارتىيىسى جوڭگۇدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا غەرب ئەنئەنىسىدىكى مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش دېگەنگە ئوخشاش پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ سەھۋەنلىك ئۆتكۈزدى، مىللىي ئېڭى يوق مىللەتلەرگە مىللي ئاڭنى يېتىلدۈرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى. جوڭگۇدىكى مىللي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مىللەتنى سىياسىي ئۇقۇم دەپ قارايدىغان ياۋرۇپاچە ئەندىزىدىن مىللەتنى ئۆرۈپ ئادىتى پەرقلىق كىشىلەر توپى دەپ قارايدىغان كوڭزىچىلىق ئەنئەنىسىگە قايتىپ كېلىشىمىز كېرەك» دەپ يازدى. ھەتتا يەنە بەزىلەر دېمۇكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق دېگەن ئۇقۇملارنىمۇ ياۋرۇپا مەدەنىيىتىگە خاس نەرسە دەپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دىني زۇلۇم، سىياسىي بېسىم، ۋە كىشىلىك تاجاۋۇزلارنى مىللي ئەنئەنىمىز دەپ يوپۇرىۋاتىدۇ. مەنچە ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىگە ئۆزى بىلگەنچە باھا بېرىشى، ھۆكۈم قىلىشى نامۇۋاپىق، ئەمما ھەممە نەرسىگە توغرا چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ چىن ھىسسىياتىنى يوشۇرۇشى ياكى قۇلاق يوپۇرۇپ بىلمىگەنگە سېلىۋېلىشى خەتەرلىكتۇر. مەنچە يۈكسەك ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدىغان تەجرىبىچىلىك ئەنئەنىسىگە ساھىپ، ھەر ئىشتا پىرىنسىپنى ئاساس قىلىدىغان ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ۋە سەمىميلىككە مۇيەسسەر ئامېرىكلىقلار ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنىپ باش لىڭىشتمايدۇ. ھەقنى ھەق، ناھەقنى ناھەق دەپ باھا بېرىش ئامېرىكىلققىلا ئەمەس  ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن ئورتاق.


يازما ئادېرسى(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار12
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار11 كېيىنكى: (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار13

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • iphoneنى كومپيۇتېر ئۈچۈن كامېرا قىلىش
  • iPhone 5 ھەققىدە پەرەزلەر
  • XJTV2 ناۋا پروگراممىسى 5- سان سەرخىل تاللانمىلىرى
  • iTunes دىكى 3194 خاتالىقىنى ئوڭشاش
  • كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhoneدا ھەقسىز تورغا چېقىش
  • iPhoneنىڭ港行,美版,行货لىرىنىڭ پەرقى
  • iPhone4S كوناiPhoneلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈردى
  • iPhone ھۆججەت باشقۇرۇش دېتاللىرىدىن ساۋات
  • ipad2چوڭ قۇرۇقلۇققا5-ئاينىڭ6-كۈنى كىردى
  • iPad 3G+WiFi 32Gدىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ
  • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
  • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
  • iPhone نىڭ تور قۇلۇبىنى يېشىش دەرسلىكى
  • iPhone4S چەتئەلدە 10-ئاينىڭ 14-كۈنى سېتىلىدۇ
  • iPod Touch4 ئەۋلادنىڭ 8G لىقى
  • يىڭى ئەرمەك SIRI ھەققىدە ئاددى بايان
  • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)
  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى
  • (ئۇقتۇرۇش)卜艾XXناملىق PIN نى تاپشۇرۋىلىڭ
  • iOS 5.0.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار16
  • دىققەت! ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ios5 تە نورمالسىز

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    2. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    3. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    4. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    5. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
    6. كاۋاپچى:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    iphone4 epub iphone4s Mac OS X symbian shsh IT مەھسۇلات يۇنىكود ئۆلچىمى مۇڭ appstore JailBreak ipad 3 ipad خالاستان بىلوگ ئەقلىفون iPhone uyghur ئۇيغۇر ios ھەقسىز iPod Siri steve jobs GoogleAdsense google gulan itunes pxl قۇلۇپ ipad2 ios5 iOS 6 icloud cydia RSS apple
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club