• باش بەت قىلىش
  • ساقلاش
  • بۈگۈن

哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ

  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
    • ئۇلىنىش
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
مۇڭ apple ios5 ipad iPhone iphone4s iPod itunes uyghur

iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت

2011-05-09 | 1987 | ئالما دېتالى| 31 دانە ئىنكاس | ئىنكاس يوللاش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…

بۈگۈن ئۆزۈم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان  ھەقسىز  iPhone لۇغىتىنى تونۇشتۇراي…

بۇ لۇغەتنىڭ ئىسمى

《欧路词典》

بۇ لۇغەت itunes دا ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ، سىز مەيلى تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ ياكى قاچۇرماڭ بۇ ھەقسىز دېتالنىڭ خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىقتىدارىدىن پايدىلىنالايسىز…

خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن پايدىلانغان ۋاقتىمىزدا ياكى بىزنىڭ خەنزۇچە ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان تاغىلىرىمىز ئىشلەتسە ئىنتايىن قولايلىق دەپ ئويلايمەن.

چۈنكى سىز خالىغان خەنزۇچە خەتنى iPhone نىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن قوليازما بويىچە خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈش كۇنۇپكا تاختىسىدىن(بەك كالامپاي تەرجىمە قىلىپ قويدۇم手写输入 ) پايدىلىنىپ يېزىپ كىرگۈزسىڭىز ۋە بۇ لۇغەتدىن پايدىلىنىپ ئىزدىسىڭىز، بۇخەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىن ئوقۇلىشى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى، ئەرەبچە تەرجىمىسى،ياپونچە تەرجىمىسى، روسچە تەرجىمىسى… ئىشقىلىپ نىمىگە تەرجىمە قىلىمەن دېسىڭىز چىقىش مۇمكىن.يەنە كېلىپ بۇنىڭ ھەممىسى توردىن ئۈزۈك ھالەتدە بولىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بولسا، بۇلۇغەتنىڭ سىزنىڭ بۇ لۇغەتدىن ئىزدىگەن سۆزلۈكلەرنى تەكرارلاش ئىقتىدارى سىزنى خېلى ماختالغان ئېلىكتىر ئەسۋابلىرىدىن بىھاجەت قىلىپ قويىشى مۇمكىن…

لۇغەتنى itunes دىن چۈشۈرۈش ئادرېسى

http://itunes.apple.com/cn/app/id367278030?mt=8

سىز بۇ لۇغەتنى چۈشۈرگەن بىلەنلا ھەممە تىلغا تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ.

سىز بۇ لۇغەتنى itunes دىن چۈشۈرۈپ iPhone  گە ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئورگان تور بېكىتى تەمىنلىگەن eudic ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ itunes دىكى ئۆزىڭىزنىڭ iPhone دىكى  شۇ لۇغەتنىڭ ھۆججەت يۈكلەش رايونىغا قاچىلايسىزلا بولىدۇ. ئورگان تور بېتى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممسىىنى ھەقسىز تارقاتقان ئىكەن.

ئورگان تور بېكىتىدىن «ئانا تىلىم خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت» قىستۇرما ھۆججىتنى چۈشۈرۈش ئادرېسى

http://www.godic.net/extra_eudb/Anatilim_Chinese_Uyghur.eudic

باشقا تىللارنىڭ ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى

http://www.francochinois.com/Product/dictionary_resource.aspx

ئىزاھات: 欧路词典نىڭ يېشىۋىتىلگەن نەشرىنى itools ئارقىلىق قاچىلاپ، ئاندىن يۇقارقى لۇغەت بولىقىنى چۈشۈرۈپ، لۇغەتنىڭ قاچىلاش مۇندەرىجىسىنى iTools ئارقىلىق ئېچىپ، لۇغەت ئامبىرىنى documents دىگەن مۇندەرىجە ئىچىگە قويۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. باشقا لۇغەت ئامبارلىرىمۇ شۇنداق.


يازما ئادېرسىiPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت
بارلىق ھوقۇق: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى كېيىنكى: iPhoneغا 3Dبەت ئۆرۈش ئۈنۈمى قوشۇش

تۆۋەندىكىلەرمۇ سىز قىزىقىدىغان يازمىلار بولۇشى مۈمكىن

  • «مۇڭ»__ساتار كۈيى–تاغ سۇلىرى
  • Symbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش
  • XJTV2 ناۋا پروگراممىسى 5- سان سەرخىل تاللانمىلىرى
  • (Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار13
  • 5-ئەۋلاد iPhone كىلەر ئاينىڭ 4 ئېلان قىلىنىدۇ
  • XJTV پروگرامما ئىشلەش نەخ مەيدانى
  • 5.1 تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىن تەكرارلىنىدىغان激活خاتالىقىنى ئوڭشاش
  • Cydia ئىشلىتىش دەرسلىكى
  • iPhoneغا 3Dبەت ئۆرۈش ئۈنۈمى قوشۇش
  • «لىرىك مۇزىكا» رومانتىك 2
  • iPhone نىڭ SIM كارتىسىغا ماس PIN نومۇرى
  • قېپى ئېچىلمىغانiPodTouch3G,32Gنى 1400يۈەن
  • يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت
  • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
  • ئالما داھىيسى Steve Jobs نىڭ ھاياتى
  • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
  • تۈرمىدىن قاچۇرۇش (JailBreak) نىڭ 100 خىل پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قاچمامسىز؟
  • ئەڭ سۈپەتسىز، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان 25 پارول
  • خالاستان بىلوگى داۋاملىق يىڭىلىنىدۇ
  • 4.3.5 نى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش دەرسلىكى
  • iPhone4 تىن بىر چۈۋۋەتتۇقيا مانا
  • كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق ( multi-touch)

31 دانە باھا

  1. كاپىتان
    2012/06/11 سائەت 14:51:05 /

    ھازىر ھەممىنى تەرجىمە قىلالايسىز

  2. بىلال
    2011/12/13 سائەت 01:20:00 /

    مەن خەنزۇچە تىل بۇلىقىنى چۇ شرەلمىدم.

  3. بىلال
    2011/12/13 سائەت 01:18:11 /

    مەن خەنزۇچە تىل بۇلىقىنى ھېچ ئۇچراتمىدىم.

  4. يارۇق
    2011/07/10 سائەت 11:45:14 /

    ئايپەدتە ئىشلىمەمدۇ؟

  5. ahatjan
    2011/06/21 سائەت 20:19:28 /

    مةنمذ قاچئلئيالئدئم ، شذنداق ياخشئكةن، بئز ظإچإن تةر ظاققذزغان ظذستازلارغا كأپ رةهمةت.

  6. Nezeri
    2011/06/14 سائەت 12:59:15 /

    ../1124.html

  7. DiLL
    2011/06/14 سائەت 06:33:10 /

    bu logatni bakla kaqiligum bar idi likin kingytilmanami [app] formatida ikan buni kandak kaqilaxni bilalmidim ,yardam kilcingz

  8. Nezeri
    2011/05/25 سائەت 18:13:25 /

    قەدەم مۇبارەك

  9. dill
    2011/05/25 سائەت 16:45:41 /

    man p pakatlakikaqilaxni bilmidim yardam kilgan bolcingz

  10. Nezeri
    2011/05/18 سائەت 06:44:28 /

    بۇ تاق يۆنىلىشلىك لۇغەتكەن. ھازىرچە ئۇيغۇرچە ئىزدەشكە بولمىغۇدەك.
    ../299.html
    دا ئۇيغۇرچە خەنزۇچە بولىدۇ.

  11. ئۈمىد
    2011/05/18 سائەت 01:00:26 /

    بۇ لۇغەتتە ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلالمامدۇ نىمە؟ مەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزسەم تەرجىمە قىلالمىدىغۇ؟

  12. murkabir
    2011/05/13 سائەت 12:29:45 /

    سىزگە پايدىسى تەگسە، بۇ بىزنىڭ مەقسىتىمىز…. :lol:

  13. yanghin
    2011/05/13 سائەت 12:01:01 /

    ha hazir taptim

  14. yanghin
    2011/05/13 سائەت 11:57:46 /

    salam man loghatning siz degan soz luk ambiriridin uighur qa sozluk ambirini tapalmidimghu
    itunes da siz degandak anatilim ning hojjitini taxlap baksam bolmidi amdi kandak kiliman

  15. Nezeri
    2011/05/12 سائەت 14:59:08 /

    سىزدىكىسى قۇلۇبسىز. خاتىرجەم نەشىر كۆتۈرۈپ ئىشلىتىۋەرسىڭىز بولىدۇ.

  16. Nezeri
    2011/05/12 سائەت 14:58:25 /

    لۇغەتمۇ؟ قانداق دېتال لازىم؟

  17. قۇتلۇق بەگ
    2011/05/12 سائەت 14:40:09 /

    مۇشۇنداق تېمىنى كۆرسەم ئىچىم سىرىلىپ كېتىدۇ.ئالما تېلفۇننى ئېلىپ قۇيۇپ ئىشلتەلمىدىم دېدە.خەپ،ئاز قالدى قۇمۇلغا تېگىپمۇ قالا.
    نەزەرى دوستۇم ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە كومپىيۇتېرغا قاچىلايدىغان دىتال بولسا ۋاچچىتە ئەۋەتىۋاتامسىز.

  18. ئەركە
    2011/05/12 سائەت 13:29:40 /

    مەن itunes تىن چۈشۈرۈپ iTools ئارقىلىق iTouch 4 كە قاچىلاپ ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم، بولىدىكەن…
    ئاۋۇ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنىمۇ iTools ئارقىلىق Documents نىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپلا قويسام نورمال ئىشلىدىغۇ… بەك پەچەتكەن جۇمۇ….
    نەزەرجان دىگەندەك itunes بىلەن قىلاي دىسەم، ئىچىدىكى بەزى بىر نەرسىلەر يويۇلۇپ كىتىش ئېھتىماللىقى زور . شۇڭا iTools ئارقىلىق قىلدىم… ئوڭۇشلۇق بولدى… :razz:

  19. ئەركە
    2011/05/12 سائەت 13:02:38 /

    تۈرمىدىن قاچقانلارغا قاچىلاش ئۇسۇلى يوقما…؟

  20. murkabir
    2011/05/11 سائەت 12:40:58 /

    :mrgreen:

    ئاتالغۇلار تەرجىمىسىنى ياخشى قىلالماي،باشقىلار تازا چۈشىنەلمىگەندەك قىلىدۇ…سىز بىر تۈزىتىپ قويسىڭىز بولغۇدەك…

  21. murkabir
    2011/05/11 سائەت 12:36:53 /

    ئۇنداقتا سىز بۇ لۇغەتنى ئايفوننىڭ ئىچىدىن ئېچىپ 设置نى تاللاپ 下载扩充词库دىن سىزقوشماقچى بولغان لۇغەتنى قاچىلاڭ…تېلفۇن چوقۇم توردا بولىشى كېرەك…

  22. جۇغلان
    2011/05/11 سائەت 12:06:06 /

    مەن چۇشۇردۈم، لېكىن سىزدىگەن 应用程序 دىگەن تىزىملىك ئىچىدە ئۇ بىرنەرسە كۆرۈنمىدى…بۇ نىمە بولغىنى؟!

  23. Nezeri
    2011/05/11 سائەت 10:28:35 /

    بۇ لۇغەتنى مەن ئەمەس بەلكى بىلوگىمىزنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى مۇركەبىر ئىنىمىز تونۇشتۇردى. مۇركەبىر گە رەھمەت.
    ماقالە ئاستىدىكى ئاپتور دىگەن ئېستونغا قارالغاي :grin:
    لىكىن تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە ھەممىمىز بىلگىنىمىزچە جاۋاب بىرىمىز.

  24. ئابدۇرېشىت
    2011/05/10 سائەت 22:01:47 /

    سەرقۇتقا رەخمەت. مەنمۇ يانفۇننىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تىل بۇلىقىنى چۈشۈرىۋالدىم ھەم نورمال ئىشلەتتىم. بۇ لۇغەتنى تونۇشتۇرغان نەزەرىگىمۇ رەخمەت. لۇغەتتىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندىم… ھازىرچە خەنزۇچە كىرگۈزۈپ قانائەتلىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتىم. ئەمما ئۇيغۇرچە كىرگۈزگەندىن كېيىنكى ئۈنۈمى تازا ياخشى ئەمەس!

  25. murkabir
    2011/05/10 سائەت 19:11:50 /

    ئۇ يەردىن مەن ئۇيغۇرچە لۇغەت ھۆججىتىنى تېپىپ بولالماي مۇشۇنداق چۈشۈندۈرگەنتىم…

  26. murkabir
    2011/05/10 سائەت 18:55:09 /

    ئاۋۋال سەل غۇۋا چۈشەندۈرۈلگەندىن ئۆزرە سورايمەن….
    مەن تونۇشتۇرغان ئۇسۇل تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلار كۆزدە تۇتۇلغان.شۇڭا چوقۇم itunes نى ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.
    بۇ رەسىمنى كۆرسىڭىز لا بىلەلەيسىز…
    http://fmn.rrfmn.com/fmn047/20110510/1845/p_large_eBHz_5ab30008f7835c3f.jpg

  27. murkabir
    2011/05/10 سائەت 18:52:08 /

    http://fmn.rrfmn.com/fmn047/20110510/1845/p_large_eBHz_5ab30008f7835c3f.jpg

  28. murkabir
    2011/05/10 سائەت 18:34:12 /

    ئاۋۋال سەل غۇۋا چۈشەندۈرۈلگەندىن ئۆزرە سورايمەن….
    مېنىڭ ئۈستىدە تونۇشتۇرۈغىنىم تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ھالەتنى كۆزدە تۇتۇلغان.شۇڭا itunes نى ئىشلىتىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ…
    itunes نى ئېچىپ سول تەرىپىدىكى تىزىملىكتىن ئۆزىڭىزنىڭ ئايفونىنى تاللاپ ،ئاندىن كۆرۈنگەن بەتنىڭ ئۈستىدىكى 应用程序 نى تااللاپ ئاچسىڭىز ۋە ئاستى تەرەپكە چۈشسىڭىز ، سىز ئايفونغا قاچىلىغان ئىچىگە ھۆججەت يۈكلەش ئىقتىدارى بار بولغان دېتاللار نىڭ ھەممىسى كۆرىنىدۇ…( ئوڭ تەرەپتىكى تارتىلما تاياقچىدىن ئەڭ ئاستىغا چۈشۈرىسىز. ) بۇ رەسىمدىكىدەك
    http://fmn.rrfmn.com/fmn047/20110510/1845/p_large_eBHz_5ab30008f7835c3f.jpg
    ئەڭ ئاسىتىغا چۈشسىڭىز،سول تەرەپتە应用程序 ئوڭ تەرەپتە文档 دەپ رامكا بار.سىز بۇ دېتالنى سول تەرەپتىن تاللاپ ئوڭ تەرەپتىكى 文档 رامكىغا تاشلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

  29. سەرقۇت
    2011/05/10 سائەت 18:26:44 /

    ئەسلى لۇغەتنىڭ ئۆزىنىڭ «تەڭشەش» تىزىملىكىدىكى «لۇغەت ئامبىرىنى قوشۇش» ئىقتىدارىدىن پايدىلانسا خالىغان تىل ئامبىرىنى توردىن ئۆزى چۈشۈرۈپ ئۆزى قوشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن تورغا ئۇلىنىشى كېرەك.

  30. atlan
    2011/05/10 سائەت 15:27:37 /

    man mu xundak kilgan lekin bolmidi tapsili rak quxanqa bargan bolsingiz

  31. ئابدۇرېشىت
    2011/05/10 سائەت 13:46:52 /

    خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت قىستۇرما ھۆججىتىنى چۈشۈردۈم. «شۇ لۇغەتنىڭ ھۆججەت يۈكلەش رايونى» دەپتىكەنسىز. مەن بۇنى شۇ لۇغەت قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى غول مۇندەرىجىگە ۋە باشقا مۇندەرىجىلەرگە قويۇپ باقتىم. بۇ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تىل بۇلىقىنى ھېچ ئۇچراتمىدىم. دۆتلىكىمنى كەچۈرۈڭ.

ئىنكاس يوللاش

ۋاز كېچىش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 




  • ئالاقىلىشىڭ

  • يېڭى يازمىلار

    • 5.1.1 غا كۆتۈرۈش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى
    • Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ
    • ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى
    • WWDC2012 دىن خەۋەر:سىرى خەنچە قوللىدى
    • iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى
    • لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟
    • 电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن
    • GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن
    • iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0
    • Absinthe 2.0 بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا تارقىتىلىدۇ
  • ئاۋات يازمىلار

    • iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • iOS4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(39)
    • بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز(31)
    • IOS4.3.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى(31)
    • iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت(31)
    • iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى(31)
    • iPhoneئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش دەرسلىكى(29)
    • «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى(29)
    • تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)(24)
  • يېڭى ئىنكاسلار

    1. ئىبرەت:
      ئايفۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات ئايفونسى …
    2. ئاشىق:
      مەن 3-شەرىتتىكى سىز تەييار ئېلتىماس قى…
    3. 0vam4k:
      不错,很给力!…
    4. 8fvd87:
      很好了,学习了…
    5. 62vaj9:
      楼主,永远支持你!…
    6. كاۋاپچى007:
      مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئى…
  • خەتكۈچلەر

    يۇنىكود ئۆلچىمى iPhone itunes iOS 6 apple ipad ios5 Mac OS X قۇلۇپ epub خالاستان بىلوگ shsh google uyghur RSS ئۇيغۇر appstore Siri GoogleAdsense iphone4s IT iphone4 icloud iPod pxl symbian gulan ipad 3 مەھسۇلات ھەقسىز JailBreak ipad2 steve jobs ios cydia مۇڭ ئەقلىفون
  • ئارخىپ

    • 2012-يىل ئىيۇن
    • 2012-يىل ماي
    • 2012-يىل ئاپرېل
    • 2012-يىل مارت
    • 2012-يىل فېۋرال
    • 2012-يىل يانۋار
    • 2011-يىل دېكابىر
    • 2011-يىل نويابىر
    • 2011-يىل ئۆكتەبىر
    • 2011-يىل سېنتەبىر
    • 2011-يىل ئاۋغۇست
    • 2011-يىل ئىيۇل
    • 2011-يىل ئىيۇن
    • 2011-يىل ماي
    • 2011-يىل ئاپرېل
    • 2011-يىل مارت
    • 2011-يىل فېۋرال
    • 2011-يىل يانۋار

باش بەتگە قايتىش
  • GoogleAdsense
  • wikipedia
  • ئۆزۈم ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
  • كىرگۈزگۈچ
  • باھا ئۇچۇرى
  • ئەقىللىق زىيارەتچىمىز نۆۋەتتە: 哈拉斯坦博客Halastan Blogخالاستان بىلوگ ئۇسلۇبتا: ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكار&&russian-club